版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/35157523.html

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    گۇمنام غەزەللىرى
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    (1)

    قايسى گۈلشەن گۈلبۇنى سەرۋى خۇرامانىڭچە بار؟
    قايسى گۈلبۇن ئۆزرە غۇنچە لەلى خەندانىڭچە بار؟

    قايسى گۈلزار ئىچرە بىر گۈل ئاچىلۇر ھۆسنۈڭ كەبى،
    قايسى گۈلبەرگى لەبى لەلى بەدەخشانىڭچە بار؟

    قايسى قاتىل سەن كەبى جەللاد ئولمىشدۇر ئېسىز،
    قايسى جەللادنىڭ قىلىچى نەۋكى مۇژگانىڭچە بار؟

    قايسى باغنىڭ بار نەخلى بىر قەدىڭدەك باردۇر،
    قايسى نەخلى ھاسىلى سىبى زەنەخدانىڭچە بار؟

    قايسى بەزم ئولمىش مۇنەۋۋەر بىر قەدىڭدەك شەمئىدىن،
    قايسى شەمئىنىڭ شولەسى رۇخسارى تابانىڭچە بار؟

    قايسى يەردە تاپىلۇر نىسبەت ساڭا بىر گەنج ھۆسن،
    قايسى گەنجنىڭ ئەژدەرى زۇلفى پەرىشانىڭچە بار؟

    قايسى گۈلشەن بۇلبۇلى سۆزلەركى گۇمنام سەن كەبى،
    قايسى بۇلبۇل نالەسى فەريادۇ ئەفغانىڭچە بار؟

    (2)

    دىلرەبالىغ، مېھرىبانلىق، خۇشزەبانلىغلارمىدۇر.
    دىلنەۋازلىغ، قەدردانلىغ، بەدگۇمانلىغلارمىدۇر.

    سەرۋدەك قەد، گۈل كەبى يۈز،غۇنچەدەك لەبمۇ ئەمەس،
    لۇتف ئېھساندۇر گەداغە خۇنفىشانلىغلارمىدۇر.

    تىرگۈزۈرگە نۇش بەرگەي لەلىدىن ئابىھەيات،
    كىرپىكىدىن نىش ئۇرۇپ، قاشى كەمانلىغلارمىدۇر.

    كەبكدەك رەفتار ئىلە ھەر سارى ئەيلەپ جىلۋەلەر،
    بەندى زۇلفىن باز ئەتىپ ئەنبەر فىشانلىغلارمىدۇر.

    ئەھدىغە ئەيلەپ ۋەفانى دەردۇ ھالىن سورمايىن،
    بىۋەفالىغ بىلە مەھز دىلسىتانلىغلارمىدۇر.

    غەمدە سەرگەردان قىلىپ قان يىغلاتىپ ئىشق ئەھلىنى،
    لەھزەئى دەردىن ئۇلەشمەي شادمانلىغلارمىدۇر.

    ئۆرتەبان ئىشق ئەھلىنى پەرۋانەدەك باشدىن ئاياغ،
    يارۇتۇپ ئېل شامىنى شەمئى جەھانلىغلارمىدۇر.

    دىلكۇشا قاشى بىلە تا قىلمايىن بىر دىلنى شاد
    قان تۆكۈپ غەم تىغىدىن ساھىبقىرانلىغلارمىدۇر.

    بولمادىڭ گۇمنامنىڭ كۆڭلىچە ئەي گۈل لەھزەئى،
    كىم ئەزەلدىن ئىشقىڭ ئىچرە ناتەۋانلىغلارمىدۇر.

    (3)

    خەلق سۇلتانى بۆلەكدۇر، ئىشق شاھى ئۆزگەدۇر.
    بۇ فەلەكدە تۇغماغان جان ئۆزرە ماھى ئۆزگەدۇر.

    ئىشرەتى جەننەت تىلەپ زاھىت چېكەر مىڭ دەردۇ رەنج،
    كۆزلەرى ئازۇردە قىلغان دادخاھى ئۆزگەدۇر.

    كىشۋەرى ئالەمنى شەھلەر ئېل بىلە تەسخىر ئېتەر،
    شەھرى دىل ئالماققا دىلبەرنىڭ سىپاھى ئۆزگەدۇر.

    مېھرىبانلار ئىشۋەسىدۇر مەغز لېكىن يارنىڭ،
    ھەر باقىشدا جىلۋەسى ئۆزگە، نىگاھى ئۆزگەدۇر.

    زۇھد ئېلىدىن روزى مەھشەر ئىستەگەي سەۋمۇ نەماز،
    گۈلشەنى ھۆسنىن تىلەر ئېلنىڭ گۇناھى ئۆزگەدۇر.

    ھۆر-پەرى بولغان بىلە كۆزىدە يوق جەزبى نەزەر،
    بىر نەزەردە قۇل قىلۇر چەشمى سىياھى ئۆزگەدۇر.

    زۇھد ئېلىدىن ئىشق ئېلى ھەرگىزدە كۆز تۇتماس پەناھ،
    بۇ نەزەرباز ئەھلىنىڭ پۇشتى پەناھى ئۆزگەدۇر.

    زىرېھۇ قالقان كېرەك ئىسلام بى دىن ئەھلىغە،
    ئاشىقى جانبازنىڭ ئىستەر سەلاھى ئۆزگەدۇر.

    لەھزە-لەھزە ئارتادۇر دەردۇ ئەلەم گۇمنامغە،
    ھەر نەفەسدە بۇ سىتەمدىن ئۇرغان ئاھى ئۆزگەدۇر.

    (4)

    كۆزىن گۈلگۈن كۆرۈپ ھەر كىمگە ئۆزنى زار ئەتىپ بولماس.
    كۆڭۈل زەخمىغە مەرھەم قويماسە ئەفگار ئەتىپ بولماس.

    ئانىڭ كۆڭلىگە بىر دىلداردىن غەم يەتمەگەن بۆلسە،
    ئەگەر بۆلسە جاھان خۇرشىدى ئۆل، دىلدار ئەتىپ بولماس.

    جەھان باغىدا ھەريان گۈل ئۈنەر فەسلى خەزانى بار،
    يۈرەك زەخمى كەبى جەننەتدە ھەم گۈلزار ئەتىپ بولماس.

    كۆڭۈلدىن دەرد دېسە ھەم دەۋا قىلسا بەغايەت خوپ،
    تىكەن بۆلسە گۈلى يوق كىمسەگە بىمار ئەتىپ بولماس.

    ئەزەل كۈندە ئانىڭكى روھى بىدار ئولماغان بۆلسە،
    نەسىھەت ئىلكى بىلە تەبرەتىپ بىدار ئەتىپ بولماس.

    كۆڭۈل سەھراسىدە ئاۋۋال ئەزىز خار ئولماغان بۆلسە،
    كۆڭۈلدۇر بىر شەھەنشەھ، ئۆل كۆڭۈلنى خار ئەتىپ بولماس.

    كىشى مەجنۇن ئېسە ھەر يۈزگە ئاندىن يەتسە تۈرلۈك ئىش،
    ئىتىدىن ئۆزگەنى بۇ غەم كۈنىدە يار ئەتىپ بولماس.

    مۇسۇلمان ئېمەس نامەردكە سەن كۆز ياشىڭ تۆكسەڭ،
    غېمىڭنىڭ گوۋھەرىن ئۆل كىمسەگە ئىسار ئەتىپ بولماس.

    نەچە بى سەۋر سەن قىلمە تەكەللۇم ئىشقىدىن ھەرگىز،
    كىشىكىم بولھەۋەسدۇر مەھز ئەسرار ئەتىپ بولماس.

    كۆيۈپ ئوت بولدۇم، ئۆچتۈم ھەم كۈل ئۆلدۈم، داغى دۇد ئۆلدۈم،
    كەتىپدۇرمەن، يەتىپدۇرمەن، دۇد ئىلە دىۋار ئەتىپ بولماس.

    تولا قان يىغلاما گۇمنام، پاتقان كۈن كەبى كۆز يۇم،
    جەھاننى تۇتقۇسى قان مىھردەك خۇنبار ئەتىپ بولماس.

    (5)

    ئىستەسەڭ ئىشق ئەھلىنى دەردۇ بەلادا ئىستەگىل.
    زوھد ئېلىن مەسجىددە ۋۇ تەسبىھ رىيادا ئىستەگىل.

    تۈنۈ كۈن ئاشىق خەيالىدۇر ئۆزىن قىلغاي فەنا،
    چۈن ئېرۇر پەرۋانە ئۆل شەمئى بەقادا ئىستەگىل.

    ئىشق بىر ئوتدۇركى ئۆچمەس تۈنۈ كۈن سوزانىدۇر،
    ئۇچقۇنى تۈشمەس ساڭا ئەرزۇ سەمادا ئىستەگىل.

    چىرماشىغلىقدۇر ساڭا، سەندىن ئېمەس ھەرگىز يىراق،
    بەندى غەفلەت كۆزدىن ئال، چەشمى زىيادا ئىستەگىل.

    گەرم رەۋلەر زەررەلەردەك چەرخ ئۇرار مىھر ئالدىدا،
    كىم دېدى دىۋار ئارا زالى سەرادا ئىستەگىل.

    پادىشاھلىق ئىستەسەڭ يار ئالدىدا بولغىل گەدا،
    گۈل ئېسى قەسدىڭ ئېرۇر بادى سەبادا ئىستەگىل.

    كۆم فەنا تۇفراغىغە گۇمنام ئۆزلۈك نەقدىنى،
    گۈلگۈل ئاچىلغۇم دېسەڭ ئەبرى ھەيادا ئىستەگىل.

    (6)

    تۇردۇم نەچە كۈن غۇربەت ئارا ئەمدى كېتەرمەن.
    ھەمدەم يوقىدىن دەردۇ ئەلەم بىلە كېتەرمەن.

    كىرگەن يول ئارا يولنى بىلىپ باشلاغۇچى يوق،
    بولماس ئازىقىپ ئاندا، قەيى سارى كېتەرمەن.

    مەي بولسەۋۇ ساقى نەچە ھەمدەمگە قوشۇلسام،
    يول قانچە يىراق، كۆز يۈمۈپ ئاچقۇنچە يېتەرمەن.

    كىم قىلسە سەفەر يۈك بىلە، خەۋفۇ خەتەرى بار،
    نې مال، ئوزۇقۇ راھىلە، بى خەۋفۇ خەتەرمەن.

    جانا سارىغە يول بىلە مەنزىل يوق ئېكەندۇك،
    ھەر ۋەقت ئۆزۈم يوق بولۇشۇم بىلە يېتەرمەن.

    گەر ئۆرتەسە ھىجرانىڭ ئوتى ئىشرەت ئېرۇر بەس،
    بىر لەھزە كۆڭۈل سوزۇشى كەم بۆلسە نەتەرمەن.

    ھەر ۋەقت ئەگەر غەيرىي غېمىڭ كىرسە كۆڭۈلگە،
    لەلىڭ مەيىنىڭ زىكرى بىلە دەفئ ئېتەرمەن.

    زۇلفۇڭ گىرىھى ئىشرەت كۈنى بوينۇمە بەسدۇر،
    تەسبىھى مەلەك، ھۆر ساچىن تەركىن ئېتەرمەن.

    گۈمنامغە جەننەت گۈلى، دەۋزەخ ئوتى تەڭدۇر،
    ئىشق ئوتى فەنا قىلدى نە بەرقۇ نە شەرارمەن.

    (7)

    قەدەم قويغايمۇ كۆلبەم ئىچرە ئۆل نەقدى رەۋان بىر كۈن.
    كىرەرمۇ مەقدەمىدىن بۇ ئۆلۈك جىسمىمغە جان بىر كۈن.

    چىقىپ جانىم كىرەر دىلبەرنى كۆرگەچ شادمانلىقدىن،
    بەرۇرمۇ جامى لەلىدىن شەرابى ئەرغەۋان بىر كۈن.

    ئوشۇل جامى مۇھەببەتدىن ئاچىلغايمۇ يۈزۈم گۈلگۈل،
    بولۇرمۇ بادە تابىدىن مۇبەددەل زەفىران بىر كۈن.

    يۈرەك باغرىمغە مۇژگان زەخمى بىلە چەشمەلەر ئاچتىڭ،
    قويۇپ مەرھەم يۈزۈڭ گۈلبەرگىدىن توزغايمۇ قان بىر كۈن.

    مەلامەت ئوقىدىن جىسمىمدە ھەدسىز يارەلەردۇركىم،
    بولۇرمۇ ئىشق ئېلىگە يارەلەر باغى جىنان بىر كۈن.

    سېنىڭ فىكرىڭ ساۋۇردى دىلگە جىسمىم كۈللەرىن ئۆرتەپ،
    بولۇرمۇ ئىشق بەزمى ئىچرە يوق بولغان ئايان بىر كۈن.

    قىلۇرمەن ۋەسلىڭ ئىزدەپ جان فىدا مەقبۇل يا مەردۇد،
    بولۇرمۇ ئاشكار ئەي جان بۇ ئەسرارى نىھان بىر كۈن.

    نەچە جانىم فىدا قىلسام ئىتىڭ ئالدىدا قەدرىڭ يوق،
    بىلۇرمۇ ناتەۋانى ھالىنى ئۆل قەدردان بىر كۈن.

    بۆ گۇمنامىڭ فىراق ئەندۇھى تاغى ئاستىدا قالدى،
    تاپارمۇ بۇ ئاغىر يۈكدىن تاپىپ ۋەسلىڭ ئامان بىر كۈن.

    (8)

    كەلۇرمۇ بۇ گەدانى سورغالى ئۆل پادىشاھ بىر كۈن.
    يېتەرمۇ سەلتەنەتكە سورغانىدىن بۇ گەدا بىر كۈن.

    دەۋاسىز دەرد ئىلە قالدىم گىرىفتارى فىراق ئىچرە،
    قىلۇرمۇ تەڭرى خەۋفىدىنبۇ دەردىمغە داۋا بىر كۈن

    سېنىڭ كويۇڭغە كىرگەچ كۆپ جەفا يەتتى رەقىبلەردىن،
    سېنى كۆرسەم رەقىبلەر يۈزى بولغايمۇ قارا بىر كۈن.

    ئەجەب مۈشكۈل ئىكەن بى دەردلەرگە مۇبتەلا بولماق،
    قۇتۇلغايمۇ ئوشۇل بى دەردلەردىن مۇبتەلا بىر كۈن.

    جەفا كويۇڭدا چېكسەم ئېل ۋەفاسىدىن ئېرۇر بېھراق،
    كۆرەرمەنمۇ ۋىسالىڭ ئىشرەتى بىلە ۋەفا بىر كۈن.

    جەھان رەنالارىدىن كۆزلەرىم شەھبازدەك تىكتىم،
    بولۇرمۇ كۆزلەرىم كۈندەك يۈزۈڭدىن پۇر زىيا بىر كۈن.

    بەقاسىز دېدى بىلگەنلەر نە بار ئىككى جەھان ئىچرە،
    فەنا بولغاچ ساڭا بۇ فانى تاپغايمۇ بەقا بىر كۈن.

    ئەگەر نەفس ئىلكىدىن قۇتقارماساڭ نەتكۈمدۇر ئەي قاتىل،
    ئۆلەرمۇ ئۆل زۇمۇررەد كۆزلەرىڭدىن ئەژدەھا بىر كۈن.

    ماڭا بەس قۇللۇقۇڭ، ھاجەت ئېمەس شاھى جەھان بولماق،
    بۇ گۇمنامىڭ بولۇرمۇ لۇتفدىن ھاجەت رەۋا بىر كۈن.

    (9)

    ئوتمۇ ھەم بار، گۈلمۇ ھەم بار يارىنىڭ رۇخسارىدە.
    يامۇ ھەم بار، ئوقمۇ ھەم بار ئۆل كۆزى خۇنخارىدە.

    زەفىران ھەم، مۇشك ھەم، ئەنبەرمۇ ھەم، سۇنبۇلمۇ ھەم،
    جانمۇ ھەم، ئىمانمۇ ھەم ئۆل لەلى شەككەر بارىدە.

    زۇلم ھەم، رەھمەتمۇ ھەم، فۇرقەتمۇ ھەم، ئىشرەتمۇ ھەم،
    زەھر ھەم، شەككەرمۇ ھەم ئۆل ۋەسلى ئىشرەتزارىدە.

    مەن ئېرۇرمەن ئىشقىدە ھەيران تۈمەن ھەسرەت بىلە،
    بىئەدەد بىدەرد ئاسىغلىق زۇلفىنىڭ ھەر تارىدە.

    سەرنەۋىشتىمدۇر مېنىڭ ئوتىدا كۆيمەك سۇبھۇ شام،
    گۈللەرى ئېل ئىلىكىدە جانۇ دىلىمدۇر خارىدە.

    زەفىران يۈز مەندەدۇر، ئېلنىڭ دىماغى تازەدۇر،
    مۇشكۇ ئەنبەر سۇنبۇلىدىن بىخەبەر ھەر سارىدە.

    ئېلگە راھەت، نازۇ نېمەتدۇر ئەزەل قەسسامىدىن،
    كۆيمەكۇ ئۆلمەك ساڭا بولماغاچ گۈلنارىدە.

    گۈلغە پاتتىم، ئوتقە تۈشتۈم، بىلمەدىم نې نەۋئ مەن
    غەرق ئۆلۈپ بولدۇم فەنا ئىككى كۆزۈم خۇنخارىدە.

    مۇلمۇ ھەم، ساغەرمۇ ھەم بار، ھەم نەباتۇ لەلىدە،
    تازە گۈلدەك ماھى بەدرۇ مېھرى پۇر ئەنۋارىدە.

    بۇ مېنىڭ كۆڭلۈم مۇسەلسەل زۇلفىنىڭ تارىغە بەند،
    بەلكى چىرماشتى تېنىمگە ئىشق ئوتى ھەر سارىدە.

    ئەيشى راھەت ئېلگە، دەردىن جانغە ئال گۇمنامكىم،
    مۇتەبەردۇر دەردۇ مېھنەت ئىشقنىڭ بازارىدە.

    (10)

    مەزرەئى لۇتفى ئىلاھىدۇر دىيارى كاشغەر،
    ئىشق ئېلىنىڭ قىبلەگاھىدۇر مەزارى كاشغەر.

    ئىشق ئۈلپەت چەشمەسىدىن دەردۇ مېھنەت جۇش ئېتەر،
    تۇپراغى ھەسرەت بىلەن بىتكەن ھىسارى كاشغەر.

    دىلرەبالەر باغرىنى لەلى بەدەخشان ئەيلەگەي،
    بىر نىگاھى غەمزەسىدىن گۈل ئۇزارى كاشغەر.

    ئابى رۇكنابات، گۈلگەشتى مۇسەللا سەھل ئېرۇر،
    خۇلدىدىن ئەفزۇن تۈمەنمىڭ لالەزارى كاشغەر.

    ئەيش ئېلىگە خارىدىن كەلگەي گۈلى ئىشرەت ئېسى،
    چۇن سۇلايمان دۆلەتىدۇر خارى-زارى كاشغەر.

    ئود، ئەنبەر تۇپراغىدۇر، ئابى كەۋسەردۇر سۈيى،
    دۇردى - مارجان تاشلەرىدۇر كۇھىسارى كاشغەر.

    يا پەرى، يا ھۆرى يا باغى ئېرەم ياد ئەيلەمەس،
    شەھىرىنى ئۇنتار بولۇر ھەر كىم دۇچارى كاشغەر.

    ھوشمەندۇ، دەردمەندۇ، مەردزەندۇ لەب چۇقەند،
    نار خەندان، سىب رەنا ھەرنە بارى كاشغەر.

    كاشغەر شەھرىن بىلىڭ گومنامنىڭ يايلاغىدۇر،
    دىلكۇشا، ئىشرەت پەزا ھەر سەبزەزارى كاشغەر.

    ★★★★★

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    («بۇلاق»نىڭ 1981-يىللىق 3-سانىدىن تورغا تەييارلىغۇچى: كەتمەنباي)
    (بۇ غەزەللەرنى باشقا تور بېكەتكە يوللاشقا بولمايدۇ)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: