版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/35157814.html

    *********************************
    غەزەلىياتى ئىشقى بىدار
    *********************************
     
     
    ساداقەتجان ھاجى
    *********************
     
     
    ئەي بۇلبۇل، ناۋا ئەتكىن
     
    ئەي بۇلبۇل ئىشقىدا گۈلنىڭ ناۋا ئەتكىن.
    ناۋا ئەتمەك بىلەن دىلغا داۋا ئەتكىن.
    چېچىلسۇن خۇشپۇراق ئەتراپقا گۈللەردىن،
    سابا تاڭدا كېلىپ خۇشبۇي ھاۋا ئەتكىن.
    قۇياش سەنمۇ چىقىپ جىلۋەڭ بىلەن كۆككە،
    شۇدەم بۇلبۇل ئۈچۈن نۇرلۇق ساما ئەتكىن.
    قېنى شەبنەم، يۇيۇپ گۈلنىڭ جامالىنى،
    يېشىل ياپراق ئارا قەددىن زىبا ئەتكىن.
    ۋىسال باغىدا ئەي بۇلبۇل ياشا ئويغاق،
    گۈزەل گۈلنى ئۆمۈرلۈك دىلرابا ئەتكىن.
    ئۆزۈڭنى گەر دىسەڭ ئىشقى بىدار ئاشىق،
    ئەشۇ بۇلبۇل كەبى يارغا ۋاپا ئەتكىن.

    (1989- يىل 25- ئاۋغۇست. قەشقەر)
    ★★★★★

     
    ۋىسال كۈيى
     
    گۈل ئېچىلدى غۇنچىسى قات - قات بولۇپ.
    سايرىدى بۇلبۇل دىلى ھەم شات بولۇپ.
    كۆك يۈزى نۇرلاندى زەڭگەررەڭ ئارا،
    قارا رەڭنىڭ قىسمىقى بەربات بولۇپ.
    سۇ ئىچىپ نورۇز بۇلاقتىن سەرۋىلەر
    ئۆستى ياشناپ قامىتى شەمشات بولۇپ.
    جىلۋە قىلدى جامدا ئوترەڭ مەي - شاراب،
    ساقى كۈلدى مەيخانە ئاۋات بولۇپ.
    قۇچتى يار  ۋەسلىن شۇ دەم ئىشقى بىدار،
    قەلبى ھىجران دەردىدىن ئازات بولۇپ.

    (1989- يىل 25- ئاۋغۇست. قەشقەر)
    ★★★★★

     
    قىيان بولدى
     
    كۆزۈڭ ئوتتەك يېنىپ سېھرى ئايان بولدى.
    يۈزۈڭ لالە، بويۇڭ سەرۋى راۋان بولدى.
    چېچىڭ چىرماش بولۇپ نازۇك تېنىڭ ئۆزرە،
    گويا سۇمبۇل ئارا سەرۋى ئامان بولدى.
    ئېتىپ كىرپىك ئوقۇڭنى تەن ئارا جانغا،
    كۆزۈڭ ئوقدان، قېشىڭ گويا كامان بولدى.
    تىلىڭ بۇلبۇل كەبى سايراپ ناۋا ئەتسە،
    لېۋىڭ غۇنچە بولۇپ كىم ئاشىيان بولدى.
    كۆرۈپ ھۆسنۈڭنى ھەم ئويلاپ ۋىسالىڭنى،
    شۇ دەم ئىشقى بىدار ئىشقى قىيان بولدى.

    (1989- يىل 27- ئاۋغۇست. قەشقەر)
    ★★★★★

     
    ئىشقى بىدارمەن
     
    ئەي گۈزەل ئوتۇڭدا يانارمەن.
    تۈنلىرى ئۇخلىماي ياتارمەن.
    ناخشامدىن ئۆرلەيدۇ غەمكىن تۇمانلار،
    ئاھ ئۇرۇپ تولغانغان دۇتارمەن.
    ئىشقىڭنىڭ تاغىدىن پارتلاپ چىققان،
    ئالەمنى ئۆرتىگەن ئوت - نارمەن.
    دەردىمگە دەرمان يوق، قىلمىدىڭ پىسەنت،
    ئۆزۈم ساق، كۆزۈم قان بىمارمەن.
    قانخۇمار  ۋەسلىڭدىن ئۈزمىدىم ئۈمىد،
    ھەر قاچان مەن ئىشقى بىدارمەن.

    (1989- يىل 2- مارت. قەشقەر)
    ★★★★★

     
    كۆزلىرىڭ
     
    كىرپىك بوستانلىرى ئارا كۆزلىرىڭ،
    بېقىپ جىلۋە بىرلە قارا كۆزلىرىڭ،
    چېچىپ مۇھەببەتنىڭ سىرلىق نۇرىنى،
    قىلدى يۈرىكىمنى يارا كۆزلىرىڭ.
    خىيال دەرياسىغا ئەيلىدى غەرق
    بۇزۇپ ئارامىمنى بالا كۆزلىرىڭ.
    ۋەسلىڭگە زار بولۇپ يۈردۈم كوچاڭدا،
    سالدى جېنىمغا كۆپ جاپا كۆزلىرىڭ.
    كىمگە ئېيتاي يۈرەك دەردىمنى يارەي؟
    ئەگەر ئەيلىمىسە ۋاپا كۆزلىرىڭ.
    يورۇتسۇن ئىشقى بىدارنىڭ يولىنى،
    قىلىپ ئۆز بۇرچىنى ئادا كۆزلىرىڭ.

    (1991- يىل 5- ئاۋغۇست. قەشقەر)
    ★★★★★

     
    سەۋەپ
     
    جىمى ياخشى - يامانلارغا ئۆزۈڭ بائىس.
    جىمى نەپسى بالالارغا كۆزۈڭ بائىس.
    جاھاندىن رەنجىمە يەتكۈزمىسە پايدا،
    ھەقىقەت سۇنسا گەر يالغان سۆزۈڭ بائىس.
    قۇياش كۆرسەتمىسە نۇرلۇق جامالىنى،
    بۇنىڭغا رەڭمۇ - رەڭ داپشاق يۈزۈڭ بائىس.
    قۇرۇپ كەتسە لېۋىڭ تەشنالىقىڭ قانماي،
    ئاڭا توڭلاتقۇدا قاتقان مۇزۇڭ بائىس.
    سېنى لايدىن ياراتتى تەڭرى ھىكمەتتە،
    ئەگەر تەڭشەلمىسە تەمىڭ تۇزۇڭ بائىس.

    (1997- يىل 26- فېۋرال. قەشقەر)
    ★★★★★

     
    ئىلتىجا
     
    گۈل ئەيلە مېنى، خار ئەيلىمە يارەب.
    يەتكۈز مۇرادىمغا، زار ئەيلىمە يارەب.
    چۈشۈرمە شەيتاننىڭ دامىغا مېنى،
    نائەھلى يامانغا يار ئەيلىمە يارەب.
    ياشىغۇم كېلىدۇ قىسىلىپ قالماي،
    جاھان قۇچاغىنى تار ئەيلىمە يارەب.
    ئەلنى خۇشال قىلاي شېئىرىم بىلەن،
    ناۋاسى يوق دۇتار ئەيلىمە يارەب.
    سۇغا سال - ئوتقا سال، ئاقارمەن - كۆيەرمەن.
    لىكىن غەپلەتتە بىكار ئەيلىمە يارەب.
    نادانلىق قەپىزىدىن قۇتقازماي تۇرۇپ،
    ئۆمۈر قۇشۇمنى شىكار ئەيلىمە يارەب.
    ئەگەر ئەلگە زۇلۇم ئەيلىسەم زەررە،
    مېنى ئىشقى بىدار ئەيلىمە يارەب.

    (1997- يىل 26- فېۋرال. قەشقەر)
    *************************
    بۇ غەزەللەرنى باشقا توربەتلەرگە كۆچۈرۈپ يوللاشقا بولمايدۇ
    *************************


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: