版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/104726673.html

    مېنىڭ بىر خىيالىم بار


    مارتىن لۇتھەركىڭ


    ------------------------------------------------
    مارتىن لۇتھەر كىڭ(1929-1968)--ئامېرىكا نېگىرلار خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتىنىڭ مەشھۇر داھىيسى؛
    باستىر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان؛
    تىئولوگىيە ئىلمى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن؛
    سىياسىي ھاياتىدا زورلۇق كۈچ ئىشلەتمەي قارشىلىق كۆرسىتىش پرىنسىپىنى تەشەببۇس قىلغان؛
    1954-يىلى رەڭلىك ئىرقلار ھەمكارلىشىپ ئىلگىرىلەش جەمئىيىتىنىڭ پائالىيىتىگە قاتناشقان؛
    1957-يىلى جەنۇب خرىستىئان داھىيلىرى يىغىنىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلانغان؛
    1963-يىلى 250 مىڭ كىشىلىك ۋاشىنگتونغا يۈرۈش نامايىشىغا رەھبەرلىك قىلغان؛
    «مېنىڭ بىر خىيالىم بار» ناملىق بۇ نۇتۇقنى ئۇ شۇ قېتىمقى نامايىشچىلار قوشۇنىغا سۆزلىگەن؛
    پۈتۈن نۇتۇقتا ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنى ۋە ئازادلىق خىتابنامىسى ئاساس قىلىنىپ، ئىرقىي كەمسىتىش سىياسىتىگە قاتتىق زەربە بېرىلگەن؛
    نۇتۇق كۈچلۈك ھېسسىياتقا تولغان بولۇپ، سۆزلىرى گۈزەل، مول چاقىرىق كۈچىگە ئىگە؛
    شۇڭلاشقىمۇ كىشىلەر ئۇنىڭ ناتىقلىق تالانتىغا قايىل بولۇپ ئۇنى «نېگىرلارنىڭ ئاۋازى» دەپ تەرىپلەشكەن؛
    1964-يىلى «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن،
    1968-يىلى نامراتلار ھەربىي يۈرۈشى نامايىشىنى تەشكىللىگەندە، يول ئۈستىدە ئىرقچى ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن.
    ------------------------------------------------


    1963-يىلى. بۈگۈن مەن كۆپچىلىك بىلەن بىللە ئېلىمىز تارىخىدا ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن ئەڭ ئۇلۇغ نامايىش بولۇپ قالغۇسى بۇ يىغىلىشقا خۇشاللىق بىلەن قاتناشتىم.
    100 يىل ئىلگىرى بىر ئۇلۇغ ئامېرىكىلىق-بۈگۈن بىز ئۇنىڭ سايىسى ئاستىدا تۇرماقتىمىز-‹ئازادلىق خىتابنامىسى› گە ئىمزا قويغان. بۇ مۇھىم پەرماننىڭ ئېلان قىلىنىشى ئادالەتسىزلىك يالقۇنىغا قاقلانغان مىليونلىغان قارا قۇللارغا نىسبەتەن خۇددى ئۈمىد نۇرلىرى ئېلىپ كەلگەن غايەت زور ماياكقا، خۇددى ئۇزاق قاراڭغۇ كېچىلەر قامىلىنى ئاياغلاشتۇرغان كۆڭۈللۈك تاڭ سەھەرگە ئوخشايتتى.
    ھالبۇكى،
    100 يىلدىن كېيىن، نېگىرلار يەنىلا ئەركىنلىككە ئېرىشەلمىدى؛
    100 يىلدىن كېيىن، نېگىرلار يەنىلا ئىرقىي ئايرىمىچىلىق ۋە ئىرقىي كەمسىتىش بويۇنتۇرۇقى ئاستىدا شەپقەتسىزلەرچە ئاياغ ئاستى قىلىندى؛
    100 يىلدىن كېيىن، نېگىرلار يەنىلا ماددىي گۈللىنىش جەزىرىسىدىكى نامرات يالغۇز ئارالدا ياشىماقتا؛
    100 يىلدىن كېيىن، نېگىرلار يەنىلا بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردا يىغلاپ يۈرمەكتە؛ يەنىلا ئۆز دۆلىتى، ئۆز يۇرتىدا سەرگەردانلىق ھېس قىلماقتا.
    شۇڭا بىز بۈگۈن بۇ يەرگە كېلىپ، كىشىنى چۆچۈتىدىغان بۇ ئەھۋالنى كىشىلەرگە ئاشكارىلىماقچىمىز.
    مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، بىزنىڭ پايتەختكە كېلىشىمىز بىر چەكنى نەقلەشتۈرۈش ئۈچۈندۇر. جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ قۇرغۇچىلىرى ئاساسىي قانۇن ۋە مۇستەقىللىق خىتابنامىسىنىڭ پارلاق سەھىپىلىرىنى يازغاندا، ھەر بىر ئامېرىكىلىق ۋارىسلىق قىلالايدىغان بىر قەرەللىك چەككە ئىمزا قويغان. بۇ قەرەللىك چەكتىن بارلىق كىشىلەر، ئاق تەنلىكلەر ياكى قارا تەنلىكلەر بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدىغان ياشاش ھوقۇقى، ئەركىنلىك ھوقۇقى ۋە بەخت ئىزدە ھوقۇقىدىن بەھرىمەن قىلىنىدىغانلىقى ۋەدە قىلىنغان. ئەمما بۈگۈن ئامېرىكا ئۆزىنىڭ رەڭلىڭ پۇقرالىرى ئۈچۈن بۇ قەرەللىك چەكنى كەينىگە سۈرمەكتە. ئامېرىكا ئېتراپلىق پېرېۋوتتىن ئىبارەت بۇ مۇقەددەس قەرزنى ئادا قىلماي، بەلكى نېگىرلارغا بىر پارچە قۇرۇق چەكنى، يەنى مەبلەغ يېتىشمەيدۇ دېگەن تامغا بېسىلىپ قايتۇرۇلغان بىر چەكنى بەردى. لېكىن بىز ئادالەت بانكىسىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىغا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز. بىز بۇ دۆلەتنىڭ غايەت زور پۇرسەت ئامبىرىدا مەبلەغ يېتىشمەيدىغانلىقىغا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز. شۇڭا بۇ چەكنى نەقلەشتۈرمەكچىمىز. بۇ چەك بىزگە قىممەتلىك ئەركىنلىك ۋە ئادالەت بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
    بىزنىڭ بۇ مۇقەددەس يەرگە كېلىشتىكى مەقسىتىمىز يەنە ھازىر دەل ئىنتايىن جىددىي پەيت ئىكەنلىكىنى ئامېرىكىنىڭ ئېسىگە سېلىشتىن ئىبارەت. ھازىر بەخىرامان ئىش يۈرگۈزۈش ياكى تەدرىجىي ئىلگىرىلەش يولىنىڭ تىنچلاندۇرۇش دورىسىنى ئىچىش ۋاقتى ئەمەس. ھازىر دېموكراتىيە ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋاقتى، ھازىر زۇلمەت قاقاسلىقى بولغان ئىرقىي ئايرىمىچىلىق گىردابىدىن چىقىپ، مىللىي باراۋەرلىك داغدام يولغا مېڭىش ۋاقتى. ھازىر دۆلىتىمىزنى ئىرقىي ئايرىمىچىلىق قۇملۇقىدىن چىقىرىپ، قېرىنداشلىق مېھرىگە تولغان ئويۇشۇش يولىغا ماڭدۇرۇش ۋاقتى. ھازىر ئاللانىڭ بارلىق پەرزەنتلىرى ئادىللىقتىن ھەقىقىي بەھرىمەن بولۇش ۋاقىتى.
    بۇ پەيتنىڭ تەخىرسىزلىكىگە سەل قاراش دۆلەتنى ھالاكەتلىك ئاقىۋەتكە ئېلىپ بارىدۇ. ئەركىنلىك، باراۋەرلىك ئىچىدىكى يارقىن كۈز كۈنلىرى كەلمىگۈچە، نېگىرلارنىڭ ئاھۇزارىغا لايىقلاشقان تومۇز كۈنلىرى كەتمەيدۇ. 1963-يىلى ئىشنىڭ خاتىمىسى ئەمەس، بەلكى مۇقەددىمىسى.
    ئەگەر دۆلەت يەنىلا خالىغىنىنى قىلسا، نېگىرلارنىڭ ئاچچىقىنى چىقىرىۋېلىش بىلەن كۆڭلى قانائەتلىنىشنى ئۈمىد قىلىدىغان كىشىلەر قاتتىق ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە قالىدۇ. نېگىرلار پۇقرالىق ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشتىن ئىلگىرى، ئامېرىكا خاتىرجەملىككىمۇ ئېرىشەلمەيدۇ، تىنچمۇ بولالمايدۇ. پارلاق ئادالەت كۈنلىرى كەلمىگۈچە قارشىلىق قۇيۇنلىرى دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىنى داۋاملىق زىلزىلىگە سالىدۇ.
    بىراق، ئادالەت سارىيىغا ئۆتىدىغان جاپالىق بوسۇغىدا تۇرغان كىشىلەرگە مەن بەزى گەپلەرنى قىلىشىم كېرەك. بىز قانۇنلۇق ئورنىمىزنى قولغا كەلتۈرۈش جەريانىدا، ھەرگىز خاتا ھەرىكەت تۈپەيلىدىن جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە سەۋەب بولماسلىقىمىز كېرەك. بىز ھەرگىزمۇ قىرتاق ئۆچمەنلىك ھارىقىنى ئىچىش ئارقىلىق ئەركىنلىك تەشنالىقىنى باسماسلىقىمىز لازىم.
    بىز مەڭگۈ ئۆز لايىقىدا، قاتتىق ئىنتىزام ئاستىدا كۈرەش قىلىشىمىز زۆرۈر. بىز مول ئىجادىي قارشىلىقىمىزنى زوراۋانلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇشقا ھەرگىز يول قويالمايمىز. بىز ۋىجدانىي كۈچ ئارقىلىق جىسمانىي كۈچكە تاقابىل تۇرىدىغان ئالىيجاناب مەنزىلگە يۈكسىلىشىمىز كېرەك.
    نېگىرلار جەمئىيىتىنى قاپىلىغان يېڭى مۆجىزە خاراكتېرلىك كۈرەش روھى بىزنىڭ بارلىق ئاق تەنلىكلەرگە بولغان ئىشەنمەسلىكىمىزنى كەلتۈرۈپ چىقارماسلىقى لازىم. چۈنكى نۇرغۇن ئاق تەنلىك قېرىنداشلىرىمىز ئۆز تەقدىرى بىلەن بىزنىڭ تەقدىرىمىزنىڭ زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكى بىزنىڭ ئەركىنلىكىمىز بىلەن ئۆز ئارا ناھايىتى يېقىن باغلانغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن، ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى بۇ يىغىلىشقا كېلىپ قاتناشقانلىقى-بۇنىڭ روشەن پاكىتى.
    بىز يەككە-يېگانە ھەرىكەت قىلالمايمىز. بىز ھەرىكەت قىلغاندا، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا بېسىشقا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. بىز كەينىگە چېكىنەلمەيمىز. بەزىلەر شىجائەتلىك خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتى كىشىلىرىدىن: سىلەر قاچان رازى بولىسىلەر؟ دەپ سورىغان. نېگىرلار يەنىلا ساقچىلارنىڭ تەسۋىرلىگۈسىز زوراۋانلىق تېررورلۇقىنىڭ قۇربانى بولىدىغانلا بولسا، بىز ھەرگىز رازى بولمايمىز. بىز سەپەر ئۈستىدە ھاردۇق يەتكەندە، يول بويىدىكى ماشىنىلىق ساياھەتچىلەر مېھمانخانىسى ياكى شەھەر سارايلىرى ئىشىكىدىن كىرگۈزۈلمەيدىغانلا بولساق، بىز ھەرگىز رازى بولمايمىز. نېگىرلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش دائىرىسى تار نېگىرلار ئولتۇراق رايونىدىن چوڭراق نېگىرلار ئولتۇراق رايونى دائىرىسىدىلا چەكلەنسە، بىز ھەرگىز رازى بولمايمىز. بىزنىڭ بالىلىرىمىزنىڭ يالغۇز ئاق تەنلىكلەرلا تەمىنلىنىدۇ دەيدىغان ۋىۋىسكا تەرىپىدىن خاسلىقى تارتىۋېلىنسا، غۇرۇرىغا زىيان يەتسە، بىز بۇنىڭغا ھەرگىز رازى بولمايمىز. مىسسىسپى شتاتىدىكى نېگىرلار سايلامغا قاتنىشالمىسا، نيۇ-يۇرك شتاتىدىكى نېگىرلار ئۆزلىرىنى سايلامغا مۇناسىۋەتسىز دەپ قارىسا، بىز بۇنىڭغا رازى بولمايمىز. ياق، ياق، تاكى ئادالەت سۇدەك راۋان ئاقمىغۇچە، بىز بۇنىڭغا رازى بولمايمىز.
    مەن ئاراڭلاردىكى بەزى كىشىلەرنىڭ مىڭ بىر جاپا-مۇشەققەتلەر بىلەن بۇ يەرگە كەلگىنىگە دىققەت قىلغىنىم يوق. ئاراڭلاردىكى بەزى كىشىلەر تار زىندانلاردىن ئەمدىلا چىققان. بەزىلەر ئەركىنلىككە تەلپۈنگەنلىكى تۈپەيلىدىن بوران زەربىسىنىڭ زىيانكەشلىكى ۋە ساقچىلارنىڭ غالجىرانە شەپقەتسىزلىكىگە ئۇچرىغان رايونلاردىن كەلگەن. سىلەر ئىسسىق-سوغۇقلارنى باشتىن كەچۈرگەن، ئازاب دېڭىزىدا ئۈزگەن. داۋاملىق تىرىشىڭلار، شۇنىڭغا ئىشنىڭلاركى، گۇناھسىز ئازاب چەككەنلەر ئاخىر قۇتۇلدۇرۇلىدۇ.
    مىسسسپىغاقايتىڭلار؛ ئالاباما شتاتىغا قايتىڭلار؛ جەنۇبىي كارولىناغا قايتىڭلار؛ جورجىيىگە قايتىڭلار؛ لوئىسئاناغا قايتىڭلار (بۇلارئامېرىكىدىكى ئىرقىي كەمسىتىش ئەڭ ئېغىر بولغان بەش شتات)؛ بىزنىڭ شىمالىي شەھەرلىرىمىزدىكى نامراتلار ئۆڭكۈرى ۋە نېگىرلار ئولتۇراق رايونلىرىغا قايتىڭلار. شۇنى بىلىڭلاركى، بۇنداق ئەھۋالنى ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ، بەلكى ئۆزگىرىدۇ. بىز ھەرگىز ئۈمىدسىزلىك گىردابىغا پاتماسلىقىمىز لازىم.
    دوستلار، سىلەرگە شۇنى ئېيتماقچىمەنكى، ئالدىمىزدا قاتمۇقات قىيىنچىلىقلار بولسىمۇ، لېكىن مېنىڭ يەنىلا بىر خىيالىم بار. بۇ خىيال ئامېرىكا خىيالىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان.
    مەن ئويلايمەنكى، كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بۇ دۆلەت قوزغىلىپ، دۆلەت قۇرۇش مەسلىكى بولغان بىز ھەركىم تۇغۇلۇشى بىلەنلا باراۋەر دېگەن بۇ ھەقىقەت ئۆز-ئۆزىدىن چۈشىنىشلىك دەپ قارايمىز دېگەن سۆز (‹ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىق خىتابنامىسى› دىن) نىڭ چىن مەنىسى ئەمەلگە ئاشىدۇ.
    مەن ئويلايمەنكى، كۈنلەرنىڭ بىرىدە، جورجىيە شتاتىدىكى قىزىل تۆپىلىكتە ئىلگىرىكى قۇللارنىڭ ئوغۇللىرى ئىلگىرىكى قۇلدارلارنىڭ ئوغۇللىرى بىلەن قېرىنداشلارچە بىرلىكتە ئولتۇرالايدۇ.
    مەن ئويلايمەنكى، كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ھەتتا مىسسىپدەك ئادالەتسىزلىك ۋە ئىكىسپلاتاتسىيە دولقۇنى كىشىنى قىستايدىغان قاقاس شتاتمۇ ئەركىنلىك ۋە ئادالەت ياشنىغان يېشىل شتاتقا ئۆزگىرىدۇ.
    مەن ئويلايمەنكى، كۈنلەرنىڭ بىرىدە، مېنىڭ تۆت قىزىم تېرىسىنىڭ رەڭگى ئەمەس، پەزىلىتىنىڭ ياخشى-ناچارلىقى باھالاش ئۆلچىمى قىلىنىدىغان دۆلەتتە ياشايدۇ.
    بۈگۈن مېنىڭ بىر خىيالىم بار.
    مەن ئويلايمەنكى، كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئالاباما شتاتى ئۆزگىرىدۇ. گەرچە بۇ شتاتنىڭ باشلىقى ھازىر قوشماشتات پەرمانىغا نىسبەتەن باشقىچە پىكىردە ئىكەنلىكى ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلىدىغانلىقى ئۈستىدە ئاغزى بېسىقماي سۆزلەۋاتقان بولسىمۇ، ئۇ يەردە نېگىر بالىلار ئاق تەنلىك بالىلار بىلەن ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللاردەك قول تۇتۇشۇپ بىللە يۈرەلەيدۇ.
    بۈگۈن مېنىڭ يەنە بىر خىيالىم بار.
    مەن ئويلايمەنكى، كۈنلەرنىڭ بىرىدە، چوڭقۇر خەندەكلەر ئېتىلىپ، ئېگىز تاغلار، ئەگرى يوللار تۈزلىنىپ، ئاللانىڭ نۇرى زاھىر بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادىكى خەلق ئىناق ئۆتىدۇ.
    بۇ مېنىڭ ئۈمىدىم، بۇ مېنىڭ جەنۇبقا ئەكېتىدىغان ئېتىقادىم. مۇشۇ ئېتىقاد بولسىلا، بىز ئۈمىدسىزلىك ئىچىدىن ئۈمىد تاشلىرىنى قازالايمىز. بۇ ئېتىقاد بولسا، بىز بۇ دۆلەتتىكى قۇلاق يارغۇدەك تالاش-تارتىش سادالىرىنى قېرىنداشلىق ھېسسىياتىغا تولغان جاراڭلىق سىمفونىيىگە ئايلاندۇرالايمىز. بۇ ئېتىقاد بولغاندا، بىز بىرلىكتە خىزمەت قىلىپ، بىرلىكتە دۇئا-تىلاۋەت قىلىپ، بىرلىكتە كۈرەش قىلىپ، بىرلىكتە زىنداندا يېتىپ، بىرلىكتە ئەركىنلكنى قوغدىيالايمىز. چۈنكى بىزگە مەلۇمكى، بىز ئاخىر بىر كۈنى ئەركىنلىككە ئېرىشىمىز. شۇ كۈنگە بارغاندا، ئاللانىڭ بارلىق پەرزەنتلىرى مۇنۇ ناخشىنى يىئېڭى مەنىدە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئېيتالايدۇ:

    ۋەتىنىم، ئىھ گۈزەل ئەركىنلىك ئېلى،
    كۈيلەيمەن تائەبەد ناخشامدا سېنى.
    سەن ئەجداد سىياسى پارلىغان ماكان،
    دەسلەپكى كۆچمەنلەر غۇرۇرى-پەخرى.
    ياڭرىسۇن تاغۇتاش ھەر بىر توپاڭدىن،
    ئەركىنلىك-ھۆرلۈكنىڭ سۈرەن-شاۋقۇنى.

    ئەگەر ئامېرىكا بىر ئۇلۇغ دۆلەت بولماقچى بولىدىكەن، بۇنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇشى لازىم. شۇڭا ئەركىنلىك ساداسىنى نيۇ-ھامپشىر شتاتىنىڭ ئېگىز چوققىلىرىدا ياڭرىتايلى!
    ئەركىنلىك ساداسىنى نيۇ-يۇرك شتاتىنىڭ ئېگىز ۋە تىك تاغلىرىدا ياڭرىتايلى!
    ئەركىنلىك ساداسىنى پېنسىلۋانىيە شتاتىنىڭ ئالېگنى چوققىلىرىدا ياڭرىتايلى!
    ئەركىنلىك ساداسىنى كىلورادو شتاتىنىڭ قارلىق تاغلىرىدا ياڭرىتايلى!
    ئەركىنلىك ساداسىنى كالىفورنىيە شتاتىنىڭ گۈزەل چوققىلىرىدا ياڭرىتايلى!
    ياق، شۇنىڭ بىلەنلا قالماستىن، ئەركىنلىك ساداسىنى جورجىيە شتاتىنىڭ تاشلىق تاغلىرىدىمۇ ياڭرىتايلى!
    ئەركىنلىك ساداسىنى تېننېسى شتاتىنىڭ تاغلىرىدا ياڭرىتايلى! ئەركىنلىك ساداسىنى مىسسىسپى شتاتىنىڭ تاغ چوققىلىرى ۋە تۆپىلىكلىرىدە ياڭرىتايلى!
    ئەركىنلىك ساداسىنى ھەر بىر تاغ ئۈستىدە ياڭرىتايلى!
    بىز ئەركىنلىك ساداسىنى ياڭراتقىنىمىزدا، بىز ئەركىنلىك ساداسىنى ھەر بىر يېزا-كەنتتە، ھەر بىر شتات مەركەزلىرى ۋە بازارلىرىدا ياڭراتقىنىمىزدا، بىز بۇ كۈننىڭ كېلىش سۈرئىتىنى تېزلىتەلەيمىز. ئۇ چاغدا، ئاللانىڭ بارلىق پەرزەنتلىرى، قارا تەنلىكلەر ۋە ئاق تەنلىكلەر، يەھۇدىي مۇرىتلىرى ۋە غەيرىي يەھۇدىي مۇرىتلىرى، خرىستىئان مۇرىتلىرى ۋە كاتولىك مۇرىتلىرى بولسۇن، قەدىمكى نېگىرلارنىڭ مۇنۇ ئىلاھىي ناخشىسىنى قول تۇتۇشۇپ ئېيتىشىدۇ :ئەركىنلىككە چىقتۇق بىز ئاخىر! ئەركىنلىككە چىقتۇق بىز ئاخىر! ھىممىتىگە رەھمەت خۇدانىڭ، ئەركىنلىككە چىقتۇق بىز ئاخىر!.

    *************************************************
    http://www.uyghurqamus.com/read.php?tid=411
    *************************************************


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: