版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/ketmenbay-logs/200637123.html

    كەلسە نورۇز


    ساداقەتجان ھاجى


    كەلسە نورۇز، كەلسە ئالەمگە گۈزەل بىر دىلرابا؛
    كەلسە ئىشقىمنى بىدار ئەيلەپ مۇھەببەتلىك سابا؛

    كەلسە نورۇز، ئېرىسە مۇز، ئاقسا سۇلار مەۋج ئۇرۇپ،
    كەلسە ئىلھام، كەلسە روھىمدا ياساپ تاشقىن زىيا؛

    كەلسە نورۇز، چاقنىسا نۇر، چاقنىسا ۋەسلى باھار،
    بالقىسا ئاي، بالقىسا كۈن، بالقىسا نۇرلۇق ساما؛

    كەلسە نورۇز، كەلسە شىرىن چۈشلىرىم، خىياللىرىم،
    كەلسە ۋىجدانىم بۈيۈك ئارمانغا ئەيلەپ جانپىدا؛

    كەلسە نورۇز، يەردە تۇلپار بەيگىلەردىن تاپسا قۇت،
    كۆكتە شۇڭقار شەمشىرىگە شان-شەرەپ بەرسە قىيا؛

    كەلسە نورۇز، كۆرسە كۈللى كائىنات ھەق قۇدرىتىن،
    ھەقتائالا سەنئىتىگە بولسا كۆزلەر مەھلىيا!

    كەلسە نورۇز، ياغسا يامغۇر، ياغسا رەھمەت، ياغسا نۇر،
    يانسا دىلدا چىن غۇرۇر، سۆيگۈ-مۇھەببەت، رەببەنا!

    كەلسە نورۇز، كەلسە قۇشلار، كۈيلىسە زەۋقى بىلەن،
    ساھىبى ئالەمگە ئەيلەپ قەلبىدىن ھەمدۇ-سانا!

    كەلسە نورۇز، كەلسە ھۆرلەر، ئەل ئىماندىن كۆكلىسە،
    ھەقتائالا ئەيلىسە ئۇيغۇرغا نورۇزنى راۋا!

    كەلسە نورۇز، كۈلسە بوستان، كۈلسە ئاسمان، كۈلسە يەر،
    كۈلسە كۆڭلۈم ياڭرىتىپ نورۇزدا ئوتلۇق كۈي-ناۋا؛

    چاچسا گۈللەر خۇشپۇراق قوزغاپ دىلىمدا ئىشتىياق،
    بۇلدۇقلىسا نورۇزبۇلاق دەردىمگە ئەيلەپ بىر داۋا؛

    چىن يۈرەكتىن چىن سالام، نورۇزغا بولسۇن ئىھتىرام،
    كەلسە كۆك كوزىدا شەربەت، كەل ئىچەيلى دىلرابا!


    ★★★★★
    (2003-يىل 3-ئايدا قەشقەردە يېزىلدى. 2012-يىلى 3-ئايدا تولۇقلاپ يېزىلدى.)
    ★★★★★

    分享到:
    引用地址: