版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/ketmenbay-logs/270294081.html

    جان مۇقام

    ساداقەتجان ھاجى

    ئاللا-ئاللا ۋاي مۇقام،
    كۆكتە يۇلتۇز، ئاي مۇقام.
    تەڭرىتاغدۇر، تارىمدۇر
    سەن تۇغۇلغان جاي مۇقام.

    ئاللا-ئاللا ئاي مۇقام،
    ھېكمەتلەرگە باي مۇقام.
    ئىچەر سەندىن قەلبىمىز
    مۇھەببەتلىك چاي مۇقام.

    ئاللا-ئاللا يار مۇقام،
    سەندە بىر روھ بار مۇقام.
    ئاشۇ روھتىن روھىمىز
    كۈچ-قۇۋۋەت تاپار مۇقام.

    بەزمىدە بۇلبۇل مۇقام.
    بەيگىدە تۇلپار مۇقام.
    باغدىكى گۈل-گۈل مۇقام،
    تاغدىكى شۇڭقار مۇقام.

    سۇ مۇقام، قۇرغاق مۇقام.
    چۆلدىكى توغراق مۇقام.
    ئورمىدا ئورغاق مۇقام.
    كۈن-تۈنۈم ئويغاق مۇقام.

    ئاللا-ئاللا جان مۇقام.
    جانغا ھەم جانان مۇقام.
    جاندىن ئۇزاق ياشايسەن،
    نەچچە مىڭ زامان مۇقام!
    ★★★★★
    2006-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى. قەشقەر
    ★★★★★

    分享到:
    引用地址: