版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/ketmenbay-logs/233540448.html

    جەننەت شېئىرمۇ؟


    ساداقەتجان ھاجى


    مەن «قۇرئان كەرىم»نى ئوقۇدۇم،
    ئوقۇدۇم شائىر ھەققىدىكى بىر ئايەتنى.
    مەندەك شائىرنىڭ تىلىنى كېسىدىغان ئايەت؛
    مەندەك شائىرنىڭ كۆزىنى ئويىدىغان ئايەت؛
    مەندەك شائىرنىڭ...
    قورقتۇم كۆزۈمگە كۆرۈنگەندەك بولۇپ قىيامەت؟
    ئاللاھ ماڭا كۆرسەتتى قىيامەتنى...
    مەن قەلەمنى تاشلىدىم.
    ئوت قويدۇم بەزى شېئىرلىرىمغا،
    ئوت قويدۇم ئۆزۈمگە!
    ئوت قويدۇم ...

    قېرىغاندا قاق بولغاندا،
    ئىككى پۇتى گۆرگە ساڭگىلىغاندا،
    ئۆزىدىن خۇرسەن بولغۇچى كىم؟
    باياۋاننى «جەننەت» دەپ جەننەتتىن كېچىپ،
    لاي سۇنى، زەي سۇنى «كەۋسەر» دەپ ئىچىپ
    ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى،
    ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچى،
    ھەممىگە ھۆكۈم قىلغۇچى،
    ئاللاھقا تەۋبە قىلماي شۇ بىر دەقىقىدىمۇ،
    ئۆزىدىن خۇرسەن بولغۇچى كىم؟

    كۆز-يامغۇر ياغىدىغان ئاسمانمۇ؟
    يۈرەك-قان بۇلدۇقلايدىغان بۇلاقمۇ؟
    ئىنسانغا پەرىشتە بولماق ئاسانمۇ؟
    ئۆزىدىن خۇرسەن بولغۇچى شائىر كىم؟

    ئاسمان-زىمىن كۆيمىسە ئاھ دىگەن نالەڭدىن؟
    ئۆلۈم ئۆرتەنمىسە قات-قات قان بۇلدۇقلىغان لالەڭدىن؟
    بىر تامچە ياش تېشىپ چىقمىسا دېڭىزدىنمۇ چوڭ پىيالەڭدىن؟
    يەنە ئۆزىدىن خۇرسەن بولغۇچى شائىر كىم؟

    شېئىرلىرىم كۆيدى، كۆيمىدى كۈلى...
    مەن يەنىلا گۇمراھنىڭ بۇلبۇلى گۈلى؟
    خۇرسەن بولالمايمەن ئۆزۈمدىن پەقەت،
    مۇھەببەتكە مەپتۇن بولماس ھەقىقەت.
    شۇڭا جەننەتتەك كۆرۈنسە باياۋان كۆزۈمگە،
    «جەننەت شېئىرمۇ؟» دەپ سۇئال قويىمەن ئۆزۈمگە...

    سۇبھاناللا!
    ئەلھەمدۇلىللا!
    ئاللاھۇ ئەكبەر!
    ئاللاھنى دىلىدا زىكىر قىلغۇچى،
    ھەقىقەت يولىدا پىكىر قىلغۇچى،
    بەندىلەرمۇ يىغلار ئىدى ئاھ ئۇرۇپ،
    لېكىن ياش چىقماس ئىدى كۆزىدىن،
    ... كەتكەچ ... قۇرۇپ ...
    ئېيتقىنا ئەي سۇ بولغان يۈرەك!
    شائىرغا نىمە كىرەك؟
    ★★★★★
    (2008-يىل 2-ئاينىڭ 9-كۈنى)
    ★★★★★

    分享到:

    历史上的今天:

    引用地址: