版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/230606293.html

    ئىلتىجا


    ساداقەتجان ھاجى


    گۈل ئەيلە مېنى، خار ئەيلىمە يارەب.
    يەتكۈز مۇرادىمغا، زار ئەيلىمە يارەب.

    چۈشۈرمە شەيتاننىڭ دامىغا مېنى،
    نائەھلى يامانغا يار ئەيلىمە يارەب.

    ياشىغۇم كېلىدۇ قىسىلىپ قالماي،
    جاھان قۇچاغىنى تار ئەيلىمە يارەب.

    ئەلنى خۇشال قىلاي شېئىرىم بىلەن،
    ناۋاسى يوق دۇتار ئەيلىمە يارەب.

    سۇغا سال-ئوتقا سال، ئاقارمەن-كۆيەرمەن.
    لىكىن غەپلەتتە بىكار ئەيلىمە يارەب.

    نادانلىق قەپىزىدىن قۇتقازماي تۇرۇپ،
    ئۆمۈر قۇشۇمنى شىكار ئەيلىمە يارەب.

    ئەگەر ئەلگە زۇلۇم ئەيلىسەم زەررە،
    مېنى ئىشقى بىدار ئەيلىمە يارەب.
    ★★★★★
    (1997-يىل 26-فېۋرال.
    «قۇمۇل گېزىتى» 1997-يىل 8-نويابىر)
    ★★★★★


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: