版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/229601409.html

    كەچمىش ۋە تەشۋىش


    ساداقەتجان ھاجى


    ئۇنتۇشقا بولمايدۇ كەچمىش دىگەننى.
    يوقاتما قەلبىڭدىن تەشۋىش دىگەننى.

    كەچمىشنى ئۇنتۇساڭ كۈلپەت باسىدۇ.
    تەشۋىش قىپ تۇرمىساڭ غەپلەت باسىدۇ.

    كەچمىشنى ئەسلىسەڭ ئىبرەت ئالىسەن.
    ئىبرەتتىن يېڭى بىر رىغبەت ئالىسەن.

    تىرىكسەن، دۇنيانىڭ غېمىنى يەپ تۇر.
    بىغەملىك ئىنسانغا ئەڭ ئېغىر دەرتتۇر.

    ساۋاق ئال كەچمىشتىن، ئەقلىڭنى ئاۋۇت.
    قىلمىسۇن بىغەملىك بەختىڭنى نابۇت.

    ئەجداتلار ئىشىدا كۆپ ساۋاق باردۇر.
    ئالتۇن جام باردۇر ھەم خام تاۋاق باردۇر.

    ئويلاپ باق ئەجدادلار باسقان قەدەمنى.
    شان-شەرەپ، ئار-نومۇس، شاتلىق-ئەلەمنى.

    ئويلاپ باق، تارىمغا كۆمۈلگەن نېمە؟
    باسقان بۇ زىمىننى قاچان ۋەھىمە؟

    ئويلاپ باق، ئەمەسمۇ قۇمنىڭ ئۆزى زەر؟
    ھىكمەتلىك تارىخقا تاشلىساڭ نەزەر.

    ئويلىساڭ كۆپ ئىشنى بىلىپ قالىسەن.
    تېخىمۇ كۆپ تەشۋىش قىلىپ قالىسەن.

    كۈنسېرى ئۆزگىرىپ بارماقتا زامان.
    ئۆزگەرمەي تۇرغىلى بولمايدۇ ھامان.

    يېڭى بىر نەزەردە دۇنيانى كۈزەت.
    زامانغا ئەگىشىپ ئۆزۈڭنى تۈزەت.

    سەندىمۇ خېلى كۆپ ناچار ھەۋەس بار.
    ھىلىمۇ ئاغزىڭدا سېسىق نەپەس بار.

    ئادەمنى ئايرىيسەن لىگەنگە قاراپ.
    ئىماننى ئايرىيسەن يىگەنگە قاراپ.

    نەزمىدىن بىزارسەن، بەزمىگە ئامراق.
    بەزمەڭگە قوشۇلغان ئەزمىگە ئامراق.

    ھاياتنى غەنىيمەت بىلگىنىڭ بىلەن،
    ئوخشىماس قىلغىنىڭ دىگىنىڭ بىلەن.

    يېتەرلىك ئەمەستۇر ئىبرەت ئېلىشىڭ.
    ئىبرەتتىن توغرا بىر رىغبەت ئېلىشىڭ.

    قەلبىڭدە كەم ئىكەن تەشۋىش تۇيغۇسى.
    روھىڭنى چىرماپتۇ غەپلەت ئۇيقۇسى.

    تىڭشىغان زاماننىڭ ساداسىنى سەن.
    پاكلىغىن قەلبىڭنىڭ ھاۋاسىنى سەن.

    ئەتىلا كۆرىسەن يېڭى ئەسىرنى،
    ياسىغىن شۇنىڭغا لايىق قەسىرنى.

    ئەۋلاتلار خۇش بولسۇن قىلغان ئىشىڭدىن.
    گۈللەر توزۇمىسۇن تۇپراق بېشىڭدىن.

    خىسلىتىڭ ئايلىنىپ كەتسۇن چىراققا.
    نۇرلارنى تاراتسۇن يىراق-يىراققا.

    2000-يىل 1-سىنتەبىر
    ★★★★★
    «قەشقەر گېزىتى» 2000-يىل 19-سىنتەبىر
    ★★★★★


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: