版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/ketmenbay-logs/233947761.html

    تەقەززالىق

    ---تاھىر تالىپ بەكتۇرنىڭ غەزىلىگە تەخمىس


    كۆرەش ھۈسەيىن


    باھارغا زار بۇ كۆڭلۈمگە ئۇدۇملاشتى تەقەززالىق.
    ۋىسال ئىزدەپ گويا تۇلپار بولۇپ چاپتى تەقەززالىق.
    ئۈمىد دەرياسىدا دولقۇن ئۇرۇپ ئاقتى تەقەززالىق.
    ئەجەپ كۈتتۈم باھارىمنى، تولۇپ تاشتى تەقەززالىق.
    چېكى باردۇركى تاقەتنىڭ، بۇزۇپ ئاشتى تەقەززالىق.

    باھار دەپ چاك-چاك باغرىم، ناۋا ئەتتى تۈمەن بۇلبۇل،
    پىغان-پەريادىدىن پۈتتى تۈمەن ناخشا، تۈمەن مەرغۇل،
    شۇ مەرغۇل ئەۋجىدە يۇلغۇن كەبى چوغلاندى مىڭلاپ گۈل،
    باھار كۈتمەك لەزىز-شېرىن، باھار قۇچماق بەسى مۈشكۈل،
    ئۇدەم كەلكۈن، بۇ دەم يالقۇن بولۇپ باستى تەقەززالىق.

    تەقەززالىق ئارا پەرھاد بولۇپ بېستۇن يوناپ چىقتىم،
    نە بېستۇن، بەلكى «شىرىن» دەپ بۇ جانىمنى چاناپ چىقتىم،
    شىرىن ۋەسلىگە يەتمەكلىك ئۈچۈن قىشتىن قاناپ چىقتىم،
    تالاي كۈن ئۇخلىماي كۆكتىن، تامام يۇلتۇز ساناپ چىقتىم،
    ھىلال ئاينىڭ بېلىگە نەق مېنى ئاستى تەقەززالىق.

    قاناتلاندى ئۈمىد شۇڭقارلىرى سۆيگۈ-مۇھەببەتتىن،
    قۇۋەتلەندى ۋۇجۇد ھېكمەت زىياسى، مېھرى شەربەتتىن،
    بۈگۈن سۇنماس كۆڭۈل جامى مۇشەققەت بىرلە غۇربەتتىن،
    چىدامنىڭ يەڭگىنى يەڭگەن، زېمىن ئويغاندى غەپلەتتىن،
    گىياھلار توڭ يېرىپ چىقسا، ئەتىر چاچتى تەقەززالىق.

    قۇيۇچ شەمشەر كەبى چاقنار نۇرانە يىلتىزىم-ئەسلىم،
    ئىشەنچىم بار، كېلەر بىر كۈن مېنىڭ يارىم - باھار پەسلىم،
    ئەقىدە-ئېتىقاد ئۆڭمەس، چېچەكلەيدۇ چوقۇم ۋەسلىم،
    ۋىسال گويا كۆرۈنگەن تاغ (پۈتۈن ھىجران ئاڭا تەسلىم)،
    خۇمارلىق دىل كۆزى بىرلە دىدارلاشتى تەقەززالىق.

    كۈلەر قار لەيلىسى مۇزدا، شىۋىرغان سولدۇرۇپ بولماس،
    بورانلىق دەشت-باياۋاندا قىزىل يۇلغۇن گۈلى سۇلماس،
    باھارسىز گۈل-چېچەك ياپراقلىرى شەبنەم بىلەن تولماس،
    ئامالسىزدۇر جۇدۇن ئەمدى، باھارنى قايتۇرۇپ بولماس،
    ئۇچۇر دەپ قوشنا باغلاردا چېچەك ئاچتى تەقەززالىق.

    يانار ئىقبالىمىز كۈندەك، سەپەردە سەركە، دۇلدۇل بار،
    زەپەردە گۈل قىلار جىلۋە، شۇ گۇلنىڭ يارى بۇلبۇل بار،
    نە بۇلبۇل، بەلكى بىر باغۋەن، بۈيۈك پەرۋىشچى بىر قول بار،
    «كۆڭۈل ئۆزدىن يوغان» دەيمىز، كۆڭۈلگە ھەر تامان يول بار،
    ئاشۇ يولدا باھار بىرلە قۇچاقلاشتى تەقەززالىق.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    بۇ تەخمىس شائىر تاھىر تالىپ بەكتۇرنىڭ «تەقەززالىق» ناملىق غەزەلىگە يېزىلغان. مەن ئاپتورغا ۋاكالىتەن يوللاپ قويدۇم)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

    分享到:

    引用地址: