版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/ketmenbay-logs/234515262.html

    مۇھافازاكار، ئىسلاھاتچىلىق ۋە لېبىرالىزىم


    يۈنۈس زۇننۇن


    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    كەتمەنباينىڭ بايانى:
    يۈنۈس زۇننۇننىڭ بۇ قىسقا ماقالەسى «قۇتادغۇ بىلىك مۇنبىرى»دە ئىلان قىلىنغان ئابدۇۋەلى ئايۇپ گۈلەننىڭ «ئىسلاھاتچىلىق ۋە مۇھاپىزىكارلىق مەسىلىسى» ناملىق ماقالىسىدىكى ئاساسىي ئۇقۇملارغا قارىتا چۈشەنچىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش مەقسىتىدە مەزكۇر ماقالىنىڭ ئىنكاس قەۋىتىگە يېزىلغان. پايدىلىنىش قىممىتى بولغانلىقى ئۈچۈن ماۋزۇ قويۇپ ئايرىم ماقالە قىلىپ بلوگىمغا چىقىرىپ قويدۇم)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم
    ئاتالغۇلار ھەققىدە مەن شەخسىي كۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقسام.
    «حفظ» سۆزى ئەسلى بار بولغان ياكى مەلۇم جەرياندىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن ھەرقانداق بىر نەرسىنى شۇ بولغىنى ۋە مەيدانغا كەلگىنى بويىچە ساقلاپقېلىشنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن بۇ سۆز قۇرئاندا خېلە كۆپ يەردە ئۆتىدىغان بولۇپ سۈرەھەجىرنىڭ 17-ئايىتى ، سەففات سۈرىسىنىڭ 7-ئايىتى ۋە  فۇسسىلەت سۈرىسىنىڭ 12-ئايىتىدە  ئاسمانلاردىن زېمىنغا ئەڭ يېقىن ئاسماننى شەيتانلاردىن ساقلاپ قېلىشىغا/قوغداپ قېلىشىغا بۇ كەلىمە ئىشلىتىلىدۇ.  نۇر سۈرىسىنىڭ 30، 31-ئايەتلىرىدە مۇئمىن ئەركەكلەرنىڭ ۋە مۇئمىنەلەرنىڭ ئەۋرەتلىرىنى زىنادىن ساقلاپ قېلىشىغا ھەم بۇكەلىمە ئىشلىتىلىدۇ. بۇ كەلىمە يەنە بەقەرە سۈرىسى 238-ئايىتى ئەنئام سۈرىسى 96-ئايىتى، مۇئمىنۇن سۈرىسى 9-ئايىتى مەئارىجسۈرىسى 34-ئايىتىدە تىلغا ئېلىنىدىغان بولۇپ مۇئمىنلەرنىڭ ئۇلارغا پەرز قىلىپ بەلگىلىگەن نامازلارنى بەلگىلەنگەن ۋاقتىلىرىدا قاچۇرماي ئوقۇشىغا نامازلىرىنى مۇھاپىزەت قىلغۇچىلار دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ.
    مۇھافازاكار كەلىمىسىنىڭ بېشى ئەرەپچە ئاخىرى پارسچىدىن بىرىككەن ئىسىم بولۇپ بېشىدىكى ئەرەپچىسى قوغداش، ساقلاش مەنىسىدىكى« حفظ » كەلىمىسىنىڭ «مفاعلة»  بابىداكەلگەن بولۇپ «محافظة » مۇھافەزە (تىلىمىزدىكى مۇھاپىزەت) بولسا ئەسلى پېئىلىنىڭ ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق كىشىلەر تەرىپىدىن ئورۇندالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ سۆزىنىڭ كەينىدىكى كار بولسا پارسچە ئارقا قوشۇلغۇچى بولۇپ ئۇيغۇرچە ئىش، ئەمگەك، قىلغۇچى، ئەتكۈچى، دېگەندەك مەنىلەرنى بېرىدۇ. تۈركچىدىكىمۇ ھافازاكار كەلىمىسى ئەسلى ساقلاپ قالغۇچى، قوغداپ قالغۇچى دېگەندەك مەنىلەرنى بېرىدىغان بولۇپ ئىستىمالدا تۇتۇجۇ(مۇتەئەسسىپ)، دىندار دېگەندەك مەنىلەرنى بېرىدۇ.
    يەنى بۇ سۆزنى باشتىكى ئايەتتە ئىشلىتىلگەن مەنىسى ۋە كېلىپ چىقىشى بىلەن چۈشەنسەك بۇ سۆز تىلىمىزدا كونسېرۋاتىپ سۆزىنى جايىدا ئىپادىلەپ بېرىشتىن سىرت يۇقارقى ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بەزى مەسىلىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەلىرىمىزنى ھەم ئەڭ ياخشى يورۇتۇپ بېرەلەيدۇ دەپ ئويلايمەن. چۈنكى بۇ يەردە بىزنىڭ مۇھاپىزەت قىلماقچى بولغىنىمىز بىزنىڭ ئۇيغۇر بولۇپ ياشاش جەريانىدا ئۆزىمىزدە شەكىللەندۈرگەن ۋە ئۆز زامانىدا بىزنىڭ مەۋجۇدلۇقىمىزنى ساقلاپ قالالايدىغان بارلىق ئۇنسۇرلاردۇر.
    ئەمدى ئىسلاھات كەلىمىسىگە كەلسەك، ئۇيغۇرچىدە ئىسلاھات كەلمىسىنى لېبىرالىزىمنىڭ ئورنىغا دەسستىشنى مەن ماقۇل كۆرمەيمەن. چۈنكى بۇ ئىككى كەلىمە ئوتتۇرىسىدا زور پەرق بار.
    ئىسلاھات  كەلىمىسى ئەرەپچە تۈزەتمەك، توغرىلىماق، ئەسلى يارىتىلغان ياكى بەلگىلەنگىنى بويىچە مۇئامىلە قىلماق دېگەندەك مەنىلەرنى بېرىدىغان «صلح» كەلىمىسنىڭ افعال بابىنىڭ كۆپلىكىدە (افعالات-اصلاحات) كەلگەن بولۇپ ئەسلى پېئىلنىڭ قىلىنغانلىقىنى،بىر ھالدىن يەنە بىر ھالغا يۆتكەلگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. «صلح »كەلىمىسى قۇرئاندا نۇرغۇن ئايەتلەردە ئوخشاشمىغان بابلاردا ئۆتكەن بولۇپ بەقەرە سۈرىسنىڭ 220-ئايىتىدە يېتىملارنى تۈزەشتە، نىسا سۈرىسىنىڭ113-ئايىتىدە كىشىلەرنىڭ ئارىسىنى تۈزەش يەنى كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا توغرا، تولۇق،مۇۋاپىق، مۇناسىپ ئىشلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولۇشقا، ھۇد سۈرىسىنىڭ 88-ئايىتىدە شۇئەيپ ئەلەيھىسسەلامنىڭ قەۋمىنى تۈزەشكە بۇيرۇلغىنىغا ئەئراف سۈرىسىنىڭ56 ۋە 85-ئايەتلىرىدە ئاللاھنىڭ كىتاب نازىل قىلىپ، پەيغەمبەر ئەۋەتىپ زېمىننى تۈزىگەندىن كېيىن ئۇنىڭدا قايتىدىن بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىقىغا بۇ كەلىمەئىشلىتىلگەن.
    تىلىمىزدىكى ئىسلاھات كەلىمىسىنىڭ ئىشلىتىلىشى يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە  «صلح» كەلىمىسىنىڭ ئوخشاش بولمىغان بابلاردا ئىشلىتىلگەن مەنىلىرىدىن ھەم كۆپ پەرقلىق ئەمەس.  يەنى ئىسلاھات كەلىمىسى ئەسلى بار بولغان بىر نەرسە ياكى بىر تۈزۈم،  قانۇننىڭ مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى بۇزۇلغاندىن كېيىن ئۇنى شۇ ئەسلىدىكى ھالىغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان تۈزەش ۋە توغرىلاشتۇر. بۇ يەردە تۈزەش ۋە توغرىلاش ئۈچۈن پايدىلىنىدىغان سېستىما ئۇنىڭدا ئەسلىدە بار بولغىنىدۇر يەنى ئەسلى بار بولغىنى ئاللاھنىڭ ياراتقىنى (سۈرە رۇم 30-ئايەتكە قاراڭ) ۋە ئاللاھنىڭ ياراتقىنى ئەسلى بار بولغان ۋە ئەڭ ياخشى بولغىنىدۇر(سۈرە تىن 4-ئايەتكە قاراڭ). يەنى بۇ يەردە تۈزەش ۋە توغرىلاش ئەسلىدىكى مودېلنى پايدىلىنىش سېستىمىسى قىلىپ تۇرۇپ ئېلىپبېرىلىدۇ.
    لېبىرالىزىم بولسا ئادەمنى تېز قايمۇقتۇرۇپ قويىدىغان مۇرەككەپ بىر ئۇقۇم بولۇپ ھازىرغىچە مەيلى سىياسەتنەزىريىسى ياكى پەلسەپە ۋە ياكى مېدىئا ئىلمىدە بولسۇن ھەر قايسىسى ئۆزىنىڭ بىلگىنىچە ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان بىر ئۇقۇمدۇر. شۇ سەۋەپتىن بۇ سۆزگە ئۇيغۇرچىدىلا ئەمەس بەلكى ئەسلى يىلتىزى لاتىنچىغا تۇققانچىلىقى بولمىغان ھەرقانداق بىر تىلدا مۇۋاپىق تەرجىمىسى چىقمايدۇ. شۇڭا بۇ سۆزنى ئۇيغۇرچىغا شۇ سۆزنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە ئېلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.
    ئەمدى ماقالىدا دېيىلمەكچى بولغان مېغىزلىق مەسىلىنىڭ بىرسىگە بولغان قارىشىم مۇنداق:
    بىز ئۇيغۇرلار مۇھافازاكار بولىشىمىز كېرەكمۇ ياكى ئىسلاھاتچى (مەن بۇ يەردە ئىسلاھات كەلىمىسىنى يۇقىردا چۈشەندۈرگىنىم بويىچە ئىشلىتىمەن) بولىشىمىز كېرەكمۇ دېگەن مەسىلىدە بىز ھەم مۇھافازاكار ھەم ئىسلاھاتچى بولىشىمىز كېرەك. بىزنىڭ قانداق كىرزىسلارغا دۇچ كېلىۋاتقىنىمىز ئارىمىزدا ياشاۋاتقان مىللەتداشلارنىڭ كۆپچىلىكىگە سىر ئەمەس. بىزبۇ خىل ئەھۋالدا بىزنىڭ مەۋجۇدلىقىمىزنى داۋام قىلدۇرۇرىشىمىزغا پايدىلىق بولغان ساقلىيالىغانلىكى پۈتۈن مەنبەلىرىمىزنى ساقلىشىمىز كېرەك.  بىز يەنە بۇ خىل ئەھۋالدا بىزنىڭ مەۋجۇدلىقىمىزنى داۋام قىلدۇرالىشىمىز ئۈچۈن توسالغۇ بولىۋاتقان ۋە نورمال ھاياتىمىزدا بىزنى ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىۋاتقان، بىزنىڭ مۇھافازاكار بولىشىمىزغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان ئۇنسۇرلارنى ئىسلاھ قىلىشمىز كېرەك. ئۇنى ئاشۇ بىز ساقلىماقچى بولغان بىزنى مەۋجۇد قىلىدىغان ئۇنسۇرلارغا كۆرە ئىسلاھ قىلىشىمىز كېرەك. بۇ بىزنىڭ قولىمىزدا، ئىلكىمىزدە بولغان بىر ئىش. ئىلاھىي مەنتىق بويىچە ئېيتقاندا خاتا بولغان ناھايىتى كىچىككىنە بىر ئىشنى تۈزەشمۇ ھەم ئىسلاھاتتۇر. شۇ مەنىدىن، پۈتۈن پەيغەمبەرلەر ئىسلاھاتچىلاردۇر. ئاللاھدىن قۇرقۇپ ياشىغان دىن ئالىملىرى ئىسلاھاتچىلاردۇر. ھارامدىن ساقلىنىپ، ھالال رىزىق بىلەن ياشاپ، ئائىلىسىنى قامداپ، ئاتا-ئانىسىنى رازى قىلىپ، پەرزەنتلىرىنى ياخشى تەربىيلەپ، ئاللاھقا كۈچىنىڭ يېتىشىچە بەدىلىچىلىك قىلىۋاتقان پۈتۈن دىنىي قېرىنداشلىرىمىز ھەم ئىسلاھاتچىدۇر.
    يۇقىرىقى ماقالىدە ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدىيە بىلەن بىز ئۆزىمىزدە بار بولغان ئىمكانلاردىن مۇھافازاكار بولالىساق ئەلۋەتتە بىز يەنە شۇ ئىمكانلىرىمىز بىلەن ئسىلاھاتچى بولالايمىز. پايدىلانغان ئىمكاندىن ئىمكانلار تۇغۇلىدۇ. مېڭىلغان يول ئېچىلىپ بارىدۇ. قېقىلىپ تۇرغان ئىشىك ھامان بىر كۈنى ئېچىلىدۇ. بىز پەقەت ئىسلاھاتنى قانداقتۇر بۇلاڭغا-تالاڭغا، ئىس-تۈتەك، قىيا-چىياغا، يوشۇرۇن قەستلەشلەرگە تولغان بىر سىياسىي ئۆزگىرىش ئۇقۇمىدىن چىقىرىپ ئۇنى ئاللاھنىڭ بىزگە ئۆگەتكىنى بويىچە چۈشەنسەك، پەيغەمبەرنىڭ بىزگە ئەمەلىي ھاياتىدا كۆرسەتكىنى بويىچە قۇبۇل قىلساق، ئىنشائاللاھ، بىز ئۆزئەھۋالىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ئۆزگەرتىشىنى قولغا كەلتۈرگەن بىر ئەۋلاد بولالايمىز.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://www.qutad.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=4848
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

    分享到:

    引用地址: