版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/ketmenbay-logs/234501673.html

    تۈرك باھارىمۇ ياكى قەھرىتان؟


    ئىستانبۇل تاكسىم مەيدانى نامايىشىنى چۈشىنىش


    تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى (0.06.2013) ماقالىسى:
    ئىستانبۇل تاكسىم ساياھەت باغچىسى ۋەقەلىرىنى توغرا چۈشىنىش
    ئىستانبۇلنىڭ مەركىزى تاكسىم مەيدانىدىكى ساياھەت باغچىسىدا رايوننى ۋە پۈتكۈل دۇنيانى غەم-قايغۇغا تاشلىغان ۋەقەلەر مەيدانغا كەلدى. ساياھەت باغچىسىدىكى 10 دانە دەرەخنىڭ پىيادىلەر يولىغا ئۆزگەرتىلىشى مەقسىتىدە قومۇرۇپ تاشلىنىشىغا ئېتىراز بىلدۈرگەن گۇرۇپپىلار بىلەن بۇ گۇرۇپپىلارغا مۇداخىلە قىلغان دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى. ۋەقەلەردە 10 غا يېقىن ئوقۇغۇچى يارىلاندى، نامايىشچىلارنىڭ زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە كۆپ ساندىكى ساقچىلار يارىلاندى. رايوندىكى بىنالار، ئاپتوموبىللار ۋە ئەتراپ ۋەيران قىلىندى. ۋەقەلەر كېيىنچە تۈركىيىنىڭ باشقا بىر قىسىم شەھەرلىرىگىچە كېڭەيدى. بولۇپمۇ ئەنقەرە ۋە ئىزمىرگە ئوخشىغان چوڭ شەھەرلەردە نامايىشچى گۇرۇپپىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشلار يۈز بەردى.
    بۇ ئېچىنىشلىق ۋەقەلەر پەقەت تۈركىيە خەلقىنىڭلا ئەمەس دۇنيانىڭ نۇرغۇنلىغان دۆلەتلىرىنىڭمۇ نارازىلىقىنى قوزغىدى. دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل رەھبەرلەر ۋە ھەرقايسى جۆئەمئىيەتلەرنىڭ لىدەرلىرى تەرەپلەرنى سوغۇققان بولۇشقا چاقىرىپ قىلىپ، چەكتىن ئېشىپ كەتمەسلىك توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇردى.
    باش مىنىستىر ئەردوغان، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئارىسىدا تەڭپۇڭسىز كۈچ ئىشلەتكەنلەرگە قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، نامايىشچىلارنىڭ ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكەتلىرىگە خاتىمە بېرىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتلاردا بولسا، ئىنسانلارنىڭ نامايىش قىلىش ھەق-ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىنىشى لازىملىقى تەكىتلەندى، ھەمدە قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقماسلىقىنىڭ لازىملىقىنى ئەسكەرتىلدى.
    ::::::::::::
    ئالدى بىلەن بۇ ئۆزگىرىشلەرنى توغرا چۈشىنىشكە توغرا كېلىدۇ. بولۇپمۇ بىر قىسىم خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغىنىدەك، ئەرەب باھارىغا قىياس قىلىنىپ، تۈرك باھارىغا ئوخشىتىشنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە خاتا ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا توغرا كېلىدۇ.
    بۇ ۋەقەلەرنىڭ ھەقىقىي مەنزىرىسى مۇنداق: ئەسلىدە ناھايىتى كىچىك، ئادەتتە قۇلاي ھەل قىلغىلى بولىدىغان بىر مەسىلە، كونترولدىن چىقىرىلىپ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىلدى ۋە دۆلەتكە ئېغىر زىيانلارنى سالىدىغان دەرىجىگە يەتكۈزۈلدى.
    بۇنداق ئېغىر ئاقىۋەتنىڭ كېلىپ چىقىشىدا قىسمەن ئاممىۋى ۋەقەلەرنىڭ تەبىئىتىدىكى ئاممىللار ۋە ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك پوزىتىسىيەلىرى مۇھىم رول ئوينىدى.
    ئۇنداقتا بۇ ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ۋە مەنبەسى نېمە؟
    نامايىشچىلارنىڭ ساياھەت باغچىسىدىكى دەرەخلەرنىڭ قومۇرۇپ تاشلىنىشىغا قارشى تۇرۇش ۋە مۇھىتنى ئاسراش مەسىلىسىمۇ؟ ئاممىۋى تەشكىلاتلار شەھەرگە ساھىب چىقىش ئېڭىنىڭ ئىپادىسىمۇ؟ ۋەياكى مۇھىت ئاسراشنى باھانە قىلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە، ئىستانبۇل شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە، جۈملىدىن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى ھۆكۈمىتىگە قارشى سىياسىي ۋەياكى ئىدېئولوگىيىلىك بىر ئىسيان كۆتۈرۈش تەشەببۇسىمۇ؟ ئەلۋەتتە بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابى تەرەپلەرگە كۆرە ئۆزگىرىدۇ، نامايىشچىلار، پەقەت مۇھىت ئاسراش نىشان قىلىنغان پۇقراۋى بىر ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى، ساقچىلارنىڭ تەڭپۇڭسىز كۈچ ئىشلەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرسە، ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى بىلەن بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر، ۋەقەنىڭ نىشانىدىن ھالقىپ كېتىپ، سىياسىي كرىزىس ۋە مۇقىمسىزلىق يارىتىش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
    ::::::::::::
    تۈركىيىدىكى ۋەقەلەرگە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۈز بېرىدىغان ۋە بېرىۋاتقان ئاممىۋى ۋەقەلەرگە ئوخشاش قاراش كېرەك. 2011-يىلى ئەنگلىيەدە يۈز بەرگەن ۋە كۈنلەرچە داۋاملاشقان ئاممىۋى ۋەقەلەردە، بىر ساقچىنىڭ بىر قارا تەنلىك ئەنگلىيەلىكنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىشى نەتىجىسىدە دەسلەپتە لوندوندا باشلىنىپ، كېيىنچە دۆلەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغىچە كېڭىيىپ كەتكەن توقۇنۇشلار ئوتتۇرىغا چىققانىدى.
    كۈنلەرچە داۋاملاشقان ۋەقەلەردە ناھايىتى ئېغىر ماددىي ۋە ئىجتىمائىي زىيان كۆرۈلگەنىدى. بۇنداق ۋەقەلەر فرانسىيىدىمۇ پات-پات ئوتتۇرىغا چىقىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن پىرېزىدېنتلىق سايلاملىرىدا دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشلار يۈز بەرگەنىدى. كۈنلەردە داۋاملاشقان ۋەقەلەر جەريانىدا پارىژ ئاتەش ماكانىغا ئايلىنىپ كەتكەنىدى. ناھايەت ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ئالدىنقى يىللاردا پارتلىغان ۋە ئايلارچە داۋاملاشقان « ۋالل سترەئەت نى ئىشغال قىل» ۋەقەلىرى جەريانىدا ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا قاتتىق توقۇنۇشلار يۈز بەرگەنىدى.
    تېخىمۇ كۆپ مىساللارنى كەلتۈرۈشكە بولىدىغان بۇنداق ۋەقەلەرنى، ئادەمنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدىغان بولۇشىغا قارىماي يەر شارىلاشقان دۇنيادا تېخىمۇ دىنامىكىلىق ھالغا ئايلانغان جەمئىيەتلەرنىڭ سەلبىي ئىنكاسلىرى دېيىشكە بولىدۇ.
    بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تۈركىيىدىكى ۋەقەلەرنى تۇنىس، مىسىر، لىۋىيە ۋە سۈرىيىدىكى ۋەقەلەرگە ئوخشىتىش، يا ئاڭسىزلىق يا بىلىمسىزلىك ياكى يامان نىيەتلىك ئانالىزلار سەۋەبىدىن ئوتتۇرىغا چىقماقتا. ئەنگىلىيە، فرانسىيە ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى ئاممىۋى ۋەقەلەرنى ئەرەب باھارىغا ئوخشىتىش قانچىلىك دەرىجىدە ئورۇنسىز بولسا، تۈركىيىدىكى ۋەقەلەرنى ئوخشىتىشمۇ شۇنچىلىك دەرىجىدە ئورۇنسىز ۋە خاتادۇر. بۇنداق خاتالىقلار، تۈركىيە بىلەن ئەرەب ئەللىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشىمىئاسلىقلارنى بىلمەسلىك تۈپەيلى ئوتتۇرىغا چىقماقتا. تۈركىيىنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، سىياسىتى، ئىسانى ۋە جەمئىيىتى توغرۇلۇق پات-پات خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن ئورۇن ئالغان خاتا مەلۇماتلار ئىستانبۇل ۋەقەلىرىدىمۇ ئوتتۇرىغا چىقماقتا.
    تۈركىيىنىڭ، بۇنداق ئاممىۋى ۋەقەلەر جەھەتتىن، مەسىلەن تۇنىس ۋەياكى سۈرىيىگە ھېچ ئوخشىمايدىغانلىقىنى بىلىش ئىنتايىن زۆرۈر ۋە شەرت. چۈنكى تۈركىيە، ئەرەب باھارىنى باشتىن كەچۈرگەن ۋە كەچۈرۈۋاتقان دۆلەتلەردىن پەرقلىق ھالدا ناھايىتى يۇقىرى سەۋىيىدىكى غەرب دۆلىتىدۇر؛ دېموكراتىك تەجرىبىسى بىر قىسىم ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭكىدىنمۇ كۆپتۇر ھەمدە تارىخىي ناھايىتى ئۇزۇن. جۈملىدىن تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىق مۇساپىسىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان قۇدرەتلىك بىر دۆلەتتۇر.
    بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تۈركىيە قانۇن ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدىغان ھەمدە ئەركىن بازار ئىقتىسادىي سىستېمىسى كۈچكە ئىگە بىر دۆلەت. تۈركىيىدە كۆپ پارتىيەلىك سىستېمىسىغا ئاساسەن سىستېمىلىق ھالدا سايلاملار ئېلىپ بېرىلماقتا. ئەڭ مۇھىمى ھۆكۈمەتلەر بىلەن لىدەرلەر دېموكراتىك سايلاملار ئارقىلىق بەلگىلەپ چىقىلماقتا. بۇ ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن تۈركىيىدىكى ئاممىۋى ۋەقەلەرنى، ئەرەب باھارى دۆلەتلىرىدىكى ۋەقەلەرگە ئەمەس، ئەنگلىيەدىكى ۋەقەلەرگە ئوخشىتىش مۇمكىن.
    ئەگەر ئوخشىتىش خاتا مەلۇماتلار تۈپەيلى ئەمەس، ئەكسىچە غەرەزلىك ئانالىزلار تۈپەيلى ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بولسا، ئۇنداقتا بۇ تېخىمۇ خەۋپلىكتۇر. چۈنكى تۈركىيىنىڭ ئاممىسى مەسىلىسىنى ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى قالايمىقانچىلىقلارغا ئوخشىتىش، نە تۈركىيە نە خەلقئارا جەمئىيەتكە نىسبەتەن ھېچقانداق بىر پايدىسى يوق. رايونىدا ئىقتىسادىي تەرەققىياتى مۇقىم كۈچلۈك بىر دۆلەت بولغان تۈركىيىنىڭ ھەم شەرق ئەللىرى ھەمدە غەرب ئەللىرىگە نىسبەتەن قانچىلىق دەرىجىدە مۇھىم بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى ھەرگىزمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىۋەتمەسلىك كېرەك. رايونلۇق ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك مۇقىملىقنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئويناۋاتقان تۈركىيىنىڭ بۇ باسقۇچنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشى پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://www.trtuyghurche.com/trtworld/luy/newsDetail.aspx?HaberKodu=9c15e48e-5fee-46c8-b22f-8b0bf7e1ddb9
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    تۈرك باھارىمۇ ياكى باھاردىن ۋاز كېچىشمۇ؟

    2013-يىل 5-ئاينىڭ 27-كۈنى ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ تاكسىم مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلغان ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق نامايىشىنىڭ چوڭىيىپ كېتىشى ئەرەب مەتبۇئاتلىرىدا ھەر خىل ئىنكاسلارنىڭ چىقىشىغا سەۋەب بولدى.
    ئەرەب مەتبۇئاتلىرىنىڭ بەزىسى بۇ نامايىشنى «تۈرك باھارى» دەپ تەسۋىرلىسە، بەزى مەتبۇئاتلار ئۇنى «باھاردىن ۋاز كېچىش» نامايىشى دەپ تەسۋىرلىمەكتە. يەنە باشقا مەتبۇئاتلاردا ھەر خىل تەھلىللەر ۋە كۆز قاراشلار ئېلان قىلىنىپ تۇرماقتا. قىسقىسى، ئەرەب دۇنياسى تۈركىيەدە بولۇۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن تەقىب قىلىپ تۇرماقتا.
    لوندوندا چىقىدىغان «ئوتتۇرا شەرق» گېزىتىنىڭ 2013-يىلى 12-ئىيۇل كۈنىدىكى سانىدا، يازغۇچى تارىق ھەمىد تەرىپىدىن «تۈرك باھارىمۇ ياكى باھاردىن ۋاز كېچىشمۇ؟» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
    تۈركىيەنىڭ تەقسىم مەيدانى يۈز بەرگەن 500 كىشىلىك نامايىشنىڭ بۇنچىلىك تېز چوڭىيىپ كېتىشىنى ۋە بۈگۈنگىچە داۋام قىلىشىنى ھېچكىم كۆڭلىگە كەلتۈرۈپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن. 2011-يىلدىن بىرى ئەرەب باھارىنى كۆپ كۆرۈپ ئادەتلىنىپ قالغان.ئەرەپ خەلقى تۈركىيەدە چىققان بۇ نامايىشنىمۇ باھارغا ئوخشىتىپ، «تۈرك باھارى» دېيىشتى. تۇركىيەدە سايلام ئارقىلىق تەخىتكە ئولتۇردىغان تۇرسا بۇ قانداق باھار بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەب تاييىپ ئەردۇغاننىڭ تەبىرى بىلەن ئېيتقاندا، «تۈركىيە ھازىر باھار پەسلىدە بولۇپ، ئۇنى قىش پەسلىگە ئۆزگەرتكۈسى كەلگەنلەر بار» لىقى مەلۇم. تاكسىمدىكى كىچىك بىر باغچىنىڭ 10 تۈپ ئورمانلىرىنى كېسىشكە قارشى قوزغالغان بۇ نامايىش. تۈركىيەنىڭ يېرىمىغا قەدەر يېتىپ بارغانلىقى بۇ ئىشنىڭ ئارقىسىدا چوقۇم باشقا مەقسەت يامان غەرەزنىڭ بارلىقىدىن ئىشارەت بېرىدۇ.
    چۈنكى، ھۆكۈمەتنىڭ مەقسىتى كىشىلەرگە ئورۇننى كېڭەيتىپ بېرىش ۋە ئۇ جايدىكى قىستىلاڭغۇلۇقلارغا خاتىمە بېرىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىكەنلىكى شۇنچىلىك كۆپ تەشۋىق قىلىنىپ تۇرسىمۇ، بۇ كىچىك بىر مەسىلىنىڭ سىياسىي توقۇنۇشقا ئۆزگىرىپ قالغانلىقى گۇمان پەيدا قىلماقتا. دەل بۇ ۋاقىت تۈركىيەدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى دەھرى پارتىيىلەرنىڭ ئەردۇغان پارتىيىسىنى ئەيىبلەپ، ئۇلارنى ئوسمانىيە ئىمپېراتورلۇقىنى تىرىلدۈرمەكچى بولغان سىياسىي كۈچ دەپ كېلىۋاتقان. بىر ۋاقىت بولۇپ، ئەردۇغان ھۆكۈمىتىگە قارشى تۇرغۇچىلار خەلقنى قوزغاش ئۈچۈن باھانە تاپالماي تۇرغان بىر مەزگىل ئىدى. شۇڭا باش مىنىستىر ئەردوغاننىڭ پارتىيىسىدىكىلەر نامايىشچىلارنى ھۆكۈمەتكە قارشى پارتىيىلەرنىڭ ئويۇنىغا ئۇسۇل ئوينىغىلى كەلگەنلەر دەپ ئەيىبلىمەكتە. ئەمما، نەق مەيداندا ھازىر بولغان چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نامايىشقا قاتناشقانلارنىڭ كۆپ سانلىقى سىياسىي ئەربابلار ئەمەس، بەلكى ئاۋام خەلق ئىكەن. بۇ ئەھۋالدا، ئادەمنىڭ بۇنچە كۆپ خەلقنىڭ بىرەر سىياسىي پارتىيىنىڭ غەرىزى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقمىغان بولسا، باشقا نېمە دەردى باردۇ؟ دېگۈسى كېلىدۇ. چۈنكى، باغچىدىكى 10دانە دەرەخلەرنى كېسىپ تاشلاپ ئۇ جاينى تېخىمۇ ياخشى شەكىلدە كېڭەيتىپ. خەلقنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇش جىنايەت ئەمەس. خەلق ئادەتتە مۇنداق كىچىك ئىشلار ئۈچۈن نامايىش قىلىپ مەيدانلارغا توپلانمايدۇ. خەلق پەقەت زۇلۇمغا ۋە ئادالەتسىزلىككە قارشى نامايىش قىلىدۇ. مانا بۇ، پۈتۈن دۇنيادا بولۇپ كېلىۋاتقان نامايىشلارنىڭ ئاساسلىق مۇددىئاسى. ئەمما بىرەر باغچە مەسىلىسى ئۈچۈن خەلقنىڭ بۇنچىلىك غەزەپلىنىپ كەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش قىيىن.
    سەئۇدى ئەرەبىستاندا چىقىدىغان «ئوكاز» گېزىتىنىڭ شۇ كۈنىدىكى سانىدا يەنە يازغۇچى ئەھمەد ئىبنى راشىد ئەل سەئىد، دېگەن كىشىنىڭ قەلىمى بىلەن يېزىلغان بىر ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن:
    تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەب تاييىب ئەردوغاننىڭ پارتىيىسىگە قارشى چىققۇچىلار باش مىنىستىرنى دىكتاتور دەپ ئەيىبلەشتى. ھالبۇكى، تۈركىيەدەك ئەركىن سايلام بىلەن سايلىنىپ چىققان بىر باش مىنىستىرنىڭ ياكى رەئىس جۇمھۇرنىڭ دىكتاتورىلىق قىلىش خاھىشى بولمايدۇ، بولغاندىمۇ ئەمەلگە ئاشمايدۇ. دېموكراتىك دۆلەتلەرنى دىكتاتورىلىق دۆلەتلەرگە قەتئىي ئوخشاتقىلى بولمايدۇ. ئەردوغان 2002 يىلى ھاكىمىيەتكە چىققاندا ۋاقىتتا تۈركىيەنىڭ چەت دۆلەتلەرگە تۆلەيدىغان قەرزى26 مىليارد دوللارغا يەتكەن ئىكەن. شۇ ۋاقىتتىن بىرى بۇ ئادەم تۈركىيە ئۈچۈن ئىشلەپ، تۈركىيەنىڭ پۈتۈن قەرزلىرىنى ئۈزۈپ بولدى ۋە تۈركىيە ئىقتىسادىنى دۇنيادىكى ئەڭ ئىقتىسادى كۈچلۈك دۆلەتلەر قاتارىدىن 17- قاتارغا تىزالىدى. تۈركىيەدە ھەربىر شەخسنىڭ يىللىق كىرىمى 2002-يىلىدا 2700 دوللار ئىدى. بۇ كىرىم 2013-يىلى كىرىشى بىلەن 12 مىڭ دوللارغا چىقتى. تۈركىيەنىڭ زاپاس پۇلى 135 مىلياردقا يەتتى، تۈركىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار 2002-يىلى 70 بولسا، ھازىر 170 كە يەتتى. خۇددى ئەردۇغاننىڭ تەبىرى بويىچە ئېيتقاندا: «ھازىر تۈركىيە دۇنيادىن سۆز قىلمايدۇ، بەلكى دۇنيادا تۈركىيە ھەققىدە سۆز قىلىنماقتا» ئۇنداقتا، تۈرك خەلقى نېمە ئۈچۈن تۇزكۆرلۇق قىلىپ بۇ ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش قىلىدۇ؟ بۇنچىلىك كۆپ ياخشى ئىشلارنى قىلغان، تۈركىيەنى دۇنياغا تونۇتقان بۇنداق بىر باش مىنىستىرغا نېمە ئۈچۈن قارشى چىقىدۇ؟ بۇ سوئالنىڭ جاۋابى ناھايىتى ئېنىق. ئۇ بولسىمۇ، بىر قىسىم. كىشىلەرنىڭ تۈركىيەنىڭ كېلەچىكىدىن ئەندىشە قىلىشى ۋە شەرىئەت دۆلىتىگە ئايلىنىپ قېلىشىدىن قورقۇشى، يەنە بىر تەرەپتىن، قارشى پارتىيىلەرنىڭ ئىغۋاگەرلىكىدىن ئىبارەتتۇر. ئۆتكەن ھەپتىدە تۈركىيە پارلامېنتى ھاراقنىڭ ئېلانلىرىنى چەكلەش ۋە مەسچىتكە 100 مېتىر يېقىن جايدا ھاراق سېتىشنى چەكلەش توغرۇلۇق قانۇن تەكلىپىنى سۇنغان بولۇپ، ئەگەر بۇ قانۇن تەكلىپىنى تۈركىيە رەئىسى ئابدۇللا گۈل ماقۇللىسا، قانۇن ئىجرا قىلىنىدۇ. تۈركىيەنىڭ جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى (jhp) مەزكۇر قانۇننى ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ سۇلتانى 6-مۇراتنىڭ ھاراق-شارابنى مەنئى قىلىش توغرۇلۇق چىقارغان قانۇنىغا ئوخشىتىپ، ئەردوغاننى يېڭى ئوسمان ئىمپېراتورى دەپ تەرىپلەيدۇ. ئەردوغانغا مۇندىن باشقا تۆھمەتلەرمۇ بۈگۈنكى كۈنلەردە كۆپىيىپ كەتكەن. ھەممە خالىغىنىنى دەپ كەلمەكتە. بەلكى ئەردۇغان ئويلاپ قالىدىغاندۇ، بۇنچىلىك دۈشمەنلىك، بۇنچىلىك يامان كۆرۈش ۋە بۇنچىلىك قارشىلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ تۈركىيە ئۈچۈن قىلغان بۇ ئۆچمەس خىزمەتلىرىنىڭ مۇكاپاتىمىدۇ؟ ياكى جازاسىمىدۇ؟
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://bbs.alkuyi.com/thread-37853-1-1.html
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://bbs.izdinix.com/ShowPost.aspx?ThreadID=53838
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

    分享到:

    引用地址: