版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/ketmenbay-logs/234821957.html

    رامىزان ھەققىدە مۇخەممەس


    ئابلىكىم مۇھەممەت ۋارىسى


    خۇش مۇبارەك قەدەملەر، يېتىپ كەلدى رامىزان،
    كۈتۈۋالغاي بىلگەنلەر، يىتىپ كەلدى رامىزان،
    ئەي غەپلەتتە يۈرگەنلەر، يىتىپ كەلدى رامىزان،
    ئەھلى ئىسلام ئۇممەتلەر، يىتىپ كەلدى رامىزان،
    غەنىمەتتۇر بۇ دەملەر، يىتىپ كەلدى رامىزان.

    مۇجەسسەم قىپ ئۈزىگە تالاي-تالاي ھىكمەتنى،
    ھىس قىلسۇن دەپ ئاچلىقتا ئاللاھ بەرگەن نئمەتنى،
    قەدىرلىسۇن ھەر دائىم ھالال ئەمگەك-مېھنەتنى،
    زەبۇنلۇققا كۆنمىسۇن، بىلسۇن قەدىر-قىممەتنى،
    تۇيۇق دىلغا نۇر-زىيا چېچىپ كەلدى رامىزان.

    پورەكلىسۇن گۈل كەبى دوستلۇق، مىھىر-مۇھەببەت،
    تەڭ كۆرۈشكەي بارىنى بىر-بىرىنى قەدىرلەپ،
    ئۆز نەپسىدە يۈرمىسۇن «سەن كەمبەغەل، مەن باي» دەپ،
    (ئاللاھ بىرنى باي قىلار، بىرنى نامرات، بار سەۋەپ،)
    ئاڭ-تەپەككۇر يولىنى ئېچىپ كەلدى رامىزان.

    گۇمراھلىقتا يۈرگەنلەر قايتسۇن دەپ ھەق يولىغا،
    ياشىمىسۇن بىر ئۆمۈر نەپسى-خاھىش قۇلىغا،
    ئەمەل بىلەن خىش قويسۇن ئاخىرەتنىڭ ھۇلىغا،
    سائادەتتە چۈمۈلگەي دەپ ھىدايەت نۇرىغا،
    ھوزۇرىدىن ئاللاھنىڭ يېتىپ كەلدى رامىزان.

    رامىزاننىڭ ئەۋۋىلى بىزلەر ئۈچۈن چوڭ رەھمەت،
    ئوتتۇرىدا تاپارمىز گۇناھلاردىن مەغپىرەت،
    ئېسىلساقلا ئاللاھقا بولۇپ خالىس چىن نىيەت،
    ئاخىرىدا ماڭارمىز جەننەت تامان تۈزۈپ سەپ،
    چاڭقاق دىلغا زەمزەمدەك ئېقىپ كەلدى رامىزان.

    كۆزلەپ ئاللاھ رىزاسى باشلىغاندا سۇھۇرنى،
    ھىس قىلىسەن ئۆزۈڭدە ئىپتخارلىق، غورۇرنى،
    رەت قىلىسەن ھەر قانداق مەئىشەت-دىل بۇزۇرنى،
    ئىنتىزار بوپ كۈتىسەن ئىپتاردا بىر ھۇزۇرنى،
    ئىمانىڭغا كۈچ-قۇۋۋەت ئېلىپ كەلدى رامىزان.

    گۇيا ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇتتىن كۆز قويغاندەك،
    جامائەت بوپ تۇرىمىز تەراۋىھتا سەپمۇ-سەپ،
    ئاڭلاپ ئاللاھ سۆزىنى ئىخلاس بىلەن قەدىرلەپ،
    ئەمەل قىلساق يېزىلار ئەجىر-ساۋاپ ھەسسەلەپ،
    يورۇق تاڭغا قۇياشتەك بېقىپ كەلدى رامىزان.


    ئەي ئىنسانلار، بىلىڭلار ئۇ بىزلەرگە پەرىزدۇر،
    تۇتمىساق گەر ھۈكۈمى ئادا بولماس قەرىزدۇر،
    قەرىز بولساق مەھشەردە ئاھ ھالىمىز تەس بۇلۇر،
    (ئىككى يول بار بىزلەرگە بىرى زۇلمەت، بىرى نۇر،)
    بىزگە سىگنال-قوڭغۇراق چېلىپ كەلدى رامىزان.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (2013-يىلى رامىزاندا يېزىلغان ۋە 7-ئاينىڭ 20-كۈنى «قۇتادغۇبىلىك مۇنبىرى»دە ئىلان قىلىنغان)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://www.qutad.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=5089
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

    分享到:

    引用地址: