版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/ketmenbay-logs/234626173.html

    يۈرەكتە داغى مىللەت


    قۇتلۇق شەۋقى




    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    كەتمەنبايدىن بىر كەلىمە:
    ۋەتەنپەرۋەر زىيالى، ئىنقىلاپچى شائىر، پىداكار نەشرىياتچى ۋە تارىخچى ئالىم قۇتلۇق شەۋقى 1876-يىلى قەشقەر شەھىرىنىڭ قازانچى مەھەللەسىدە مەرىپەتپەرۋەر سودىگەر ئابدۇرەھىمبەگ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ قەشقەر مەدرىسەلىرىدىكى ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن، 1908-يىلىدىن باشلاپ مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەدىكى ئەزھەر دارىلفۇنۇنىدا، تۈركىيەنىڭ ئىستانبولدىكى ئالىي ئوقۇللىرىدا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بۇخارا مەدرىسلىرىدە ئوقۇپ، ئۇزاق مۇددەت ئىلىم تەھسىل قىلىش ئارقىلىق ئۆز دەۋرىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى مۆتىۋەر ئالىملىرىدىن بولۇپ يېتىشكەن. شۇنداقلا تۇرك دۇنياسىدىكى جەدىتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ چوڭقۇر تەسىرى بىلەن يېڭىلىققا، تەرەققىياتقا، ئەركىنلىككە ئىنتىلىدىغان دېموكراتىك ئىدىيەدىكى ئىلغار زىيالىغا ئايلانغان.
    قۇتلۇق شەۋقى 1918-يىلى قەشقەر تارىخىدىكى تۇنجى گېزىت «ئاڭ»نى نەشىر قىلىپ ۋە بۇ گېزىتتە ئىلغار ئىدىيەدىكى كۆپلىگەن شېئىر ۋە ماقالەلەرنى ئېلان قىلىپ، مىللەتنى زۇلۇم-زالالەتكە، جەبىر-جاھالەتكە، قۇللۇق-ئاسارەتكە ۋە مۇستەبىت ھاكىمىيەتكە قارشى كۆرەشكە چاقىرغان. مىللەتكە ھەق-ئادالەتنى، ئىلىم-مەرىپەتنى تونۇتقان. ئابدۇقادىر داموللام قاتارلىق ئىلغار پىكىرلىك ئالىملار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ ۋەتەننىڭ مەنپەئەتى ۋە مىللەتنىڭ ھوقۇقى ئۈچۈن پىداكارلىق بىلەن خىزمەت قىلغان
    قۇتلۇق شەۋقى يەنە ئاتاقلىق تارىخچى ئالىم سۈپىتىدە 1933-يىلىدىن باشلاپ ئۆزىنىڭ باش مۇھەررىرلىكىدە نەشىر قىلىنغان «يېڭى ھايات» گېزىتىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تارىخىغا دائىر نۇرغۇن بىلىملەرنى تونۇشتۇرغاندىن تاشقىرى، قەشقەردە ئېچىلغان پەننىي مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تارىخى ۋە دۇنيا تارىخىدىن دەرس بېرىپ ئەۋلادلارنى تەربىيەلىگەن ئىدى.  قۇتلۇق شەۋقى يېزىپ قالدۇرغان «قەشقەر تارىخى» ناملىق يىرىك ئەسەر ھازىر ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق  مۇزىيدا ساقلانماقتا.
    ۋەتەنپەرۋەر زىيالى، ئىنقىلاپچى شائىر قۇتلۇق شەۋقى 1937-يىلى جاللات شېڭ شىسەينىڭ قەشقەردىكى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ياۋاغ تېرەكلىك تۈرمىسىگە سولانغان ۋە شۇ يىلى 10-ئايدا مەمتىلى ئەپەندى تەۋپىق قاتارلىق نۇرغۇن ۋەتەنپەرۋەر زىيالىلار قاتارىدا پاجىئەلىك ھالدا كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئەمما ئۇنىڭ ئۆلمەس روھى ۋە مىللەت ئۈچۈن قالدۇرغان ئۆچمەس تۆھپىلىرى بىز بىلەن بىللە ياشاپ كەلمەكتە.
    قۇتلۇق شەۋقىنىڭ بىر تۈركۈم شېئىرلىرى 1993-يىلى نەشر قىلىنغان «سامان يولى» ناملىق توپلامغا كىرگۈزۈلگەن. «ئانا تىل»، «بۇ جايدا مەردانلار ياتۇر» قاتارلىق شېئىرلىرى ئەل قەلبىدىكى ناخشىلارغا ئايلانغان.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    يۈرەكتە داغى مىللەت، باشتادۇر ئىقبال سەۋداسى.
    قىيامەت بولغۇچە چىقماس ئۇنىڭ دەردۇ-ئالالاسى.

    ۋەتەننىڭ ئىززىتى، شانى ئۈچۈن جان ئىچرە يالقۇن بار،
    چىقار شامۇ-سەھەر ھەسرەت ئىچىدە ئوتلۇق ئىتىقاسى.

    جاھاندا ھەر كىشىنىڭ بىر غەمى - مەتلۇبى بار ئەرمىش،
    ۋەتەن ئاشىقىنىڭ مىللەت ئىرۇر مەشۇقى-لەيلاسى.

    توسالماس ھىچ بۇ يولدىن ئىشق ئوتىغە مۇپتىلالەرنى،
    بۇ دۇنيا غەملىرى، جاپالىرى ھەم تاغۇ-دەرياسى.

    مۇھەببەت ھەمدە مىللەت تۇيغۇسى گەر دىلغا يەرلەشسە،
    كۇپايە ئاڭا باش ئەگمەك ئۈچۈن ۋىجدان قومانداسى.

    ئەسىر ئەيلەپ كۆڭۈلنى جىلۋەسىگە بىقارار ئەتمىش،
    ۋەتەننىڭ ئىززىتى، ئىقبالى، شانى، رەڭگى زىباسى.

    بەلەند ھىممەت يىگىتنىڭ زىننىتى مىللەتكە خىزمەتتۇر،
    ئەمەستۇر مۆتىبەر ۋىجدان قاشىدا رويى-سىيماسى.

    ئەگەر ئىنسان ئىسەڭ ھىممەت ئىلە يۇرتۇڭغا خىزمەت قىل،
    مۇھەببەت پىشە قىل، كۈلسۇن ۋەتەننىڭ باغۇ-سەھراسى.

    كىشىنىڭ كۆڭلىگە ئوت چۈشسە مىللەت ئىشتىياقىدىن،
    پىغان ئەيلەر ھەمىشە ھىجىر ئىچرە روھى شەيداسى.

    يېتىشمەك ۋەسلىگە شەۋقى يا شەرەپ بىرلە فەنا بولماق،
    ۋەزىپە ئۇشبۇدۇر ھەركىمكى قىلسا ئىشقى دەۋاسى.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (مەنبە: «كەتمەنباينىڭ شېئىر دەپتىرى». ئۆز ۋاقتىدا قايسى كىتاب، ژورنال ياكى گېزىتتىن كۆچۈرۈۋالغانلىقىمنى دەپتىرىمگە ئېنىق يازماپتىمەن)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

    分享到:

    引用地址: