版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/ketmenbay-logs/234742384.html

    مەن نېمىشقا مويەننىڭ ئەسەرلىرىنى ياقتۇرمايمەن




    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى(2013.07.05) ماقالىسى:
      گېرمانىيەلىك خەنزۇشۇناس كۇبىن: «مويەننىڭ ئىدىيەسى يوق، بۇنى مويەننىڭ ئاشكارا سۆز-ھەرىكەتلىرىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، ئارتۇق سۆزلەشنىڭ ھاجىتى يوق» دېگەنىدى. مېنىڭچە، ساپ ئەدەبىيات نۇقتىسىدىن قارىغاندا، مويەن تالانتى بار، روھى يوق يازغۇچى.
      ئادەم ئازابلانغاندا، كۆڭلىگە تەسەللىي تېپىش ئۈچۈن كىتاب ئوقۇيدۇ. بۇنداق چاغدا ئادەم ئۆز دۇنياسىدا تۇرۇپ بىر ئۇلۇغ قەلب بىلەن پاراڭلىشىپ، بۇ دۇنيادا ئۆزىنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى، ئۆزىگە ئوخشاش ئادەملەرنىڭمۇ بارلىقىنى ھېس قىلىشى كېرەك.
      شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى، كۆڭۈلگە تەسەللىي بېرەلەيدىغان ئەسەرلەرنىڭلا روھى بولىدۇ. مېنىڭچە، مويەننىڭ ئەسەرلىرى بۇ دەرىجىگە يەتمىدى، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئەزەلدىن قەلبىمنى لەرزىگە سېلىپ باقمىدى. ئۇ ئادەمنىڭ تەبىئىتىگە چوڭقۇرلاپ كىرمىگەن، ئەسەرلىرىدە تەسرچانلىق كەمچىل. ئەدەبىياتنى چوڭقۇر چۈشىنىدىغان دوستلىرىمدىن، ئازابلانغاندا باشقا شائىر-يازغۇچىلارنىڭ ئەمەس، مويەننىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇيدىغانلار بولسا، روھ ئەدەبىياتنىڭ مۇھىم ئامىلى دېيىلمىسە، مەن خاتالاشقان بولاي.
      مەن خېلى بۇرۇنلا «نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېتىبارسىز قارايدىغان بولۇپ قالغانىدىم. خۇددى سارترې ئېيتقاندەك، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى — شىۋېتسىيەلىك نەچچە قېرىنىڭ ئەدەبىياتقا بەرگەن باھاسىدىن ئىبارەت. شىۋېتسىيەدىن ئالدىنقى قاتاردىكى ئەدىبلەر چىقىپ باقمىغان بولسىمۇ، ئۇلار بۇ مۇكاپاتنى ئۆز دۆلىتىنىڭ ئادەتتىكى ئەدىبلىرىگە تارقىتىپ بەردى. مەسىلەن: 1916-يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى ھېيدېنستامنىڭ نامى چىقمىغان، ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ئىدىيەسى فاشىزىمغا مايىل بولغانىدى، شۇڭا سارترېنىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى كۆزگە ئىلماسلىققا سالاھىيىتى بار، ئەلۋەتتە.
      شۇنداقتىمۇ، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى 100 يىللىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈپ، مەلۇم نوپۇزغا ئىگە بولدى. ئىنسانىيەت ئەخلاق-پەزىلىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەدەبىيات پېشۋالىرى بۇ مۇكاپاتنى قوبۇل قىلغانلىقتىن، بۇ مۇكاپات نوپۇزلۇق مۇكاپات ھېسابلىنىپ كەلدى. بىز بۇ پېشۋالارنىڭ ئەسەرلىرىدىن، شېئىر ئارقىلىق مەقسەتنى ئىپادىلەشتىن باشقا، كانت «ئالىي ئېستېتىكىلىق شەكىل» دەپ ئېيتقان ئەدەبىياتنىڭ «ئىنسانىيەت مەنىۋى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش» تىن ئىبارەت تېخىمۇ يۈكسەك بۇرچى بارلىقىنى چۈشەندۇق. دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى بىر ئەسىرلىك رىۋايەتنى ياراتتى، يەنى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەر بىزنىڭ دۇنيا ۋە ھاياتقا بولغان تونۇشىمىزنى ئۆستۈردى، تۇرمۇش بوشاشتۇرۇۋەتكەن ھېسسىياتىمىزنى كۈچەيتتى، ھەتتا بىزنىڭ جاسارىتىمىز ۋە ھېسداشلىقىمىزنى ئۇرغۇتتى.
      غەربلىكلەر جەمئىيەت تەرتىپى بۇزۇلغاندا، ئۈمىدىنى شەرققە باغلايدۇ؛ تۇرمۇشى شېئىرىي تۈسىنى يوقاتقاندا، يەنە نەزىرىنى شەرققە ئاغدۇرۇپ، باشقىچە مەدەنىيەت ئارقىلىق ئۆزلىرى دۇچ كەلگەن مەسىلە ئۈستىدە ئويلىنىدۇ.

    (پولات ئېزىز تەرجىمىسى)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://uyghur.people.com.cn/156014/15330689.html
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

    分享到:

    引用地址: