版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/ketmenbay-logs/234742487.html

    ئورخان پامۇكنىڭ نەزەرىدە ئىستانبۇل


    تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى (05.07.2013) ماقالىسى:
    ئورخان پامۇكنىڭ نەزەرىدە ئىستانبۇل



    ئورخان پامۇك داڭلىق رومانچىلاردىن بىرى بولۇپ كىتابلىرىدا بايان قىلغان ۋەقەلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزى ياشاپ ئۆتكەن ئىستانبۇلدا بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەردۇر. دېمىسىمۇ داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئەسەرلىرىدە بىرلا ماكانغا مەركەزلىشىدۇ ۋە شۇ شەھەرنىڭ يازغۇچىسى بولۇپ قالىدۇ. جېيمىس جويك دۇبلىنىڭ، چارلېس باۋدېلايېر پارىژنىڭ يازغۇچىسى بولغان بولسا، ئورخان پامۇك ئىستانبۇلنىڭ يازغۇچىسىدۇر. بىراق ئىستانبۇلنىڭ يېگانە يازغۇچىسى بولماستىن، نۇرغۇن يازغۇچىلارنىڭ بىرى، خالاس.
    ئەسەر يېزىشتىن ۋاقىت چىقارغان ۋاقىتلاردا ئىستانبۇلنى كېزىش يازغۇچى ئورخان پامۇك ئەڭ كۆپ ھۇزۇرلىنىدىغان ئەھمىيەتلىك ئىشلاردىن ھېسابلىناتتى. ئۇنىڭ بۇ ساياھىتى ئۇنىڭغا بىۋاسىتە كۆزىتىش ۋە ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان مىسلىسىز گۈزەل ئىستانبۇلنى ئىچكىرىلەپ تونۇش پۇرستىغا ئىگە قىلاتتى. كىتابلىرىدا تىلغا ئېلىنغان تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى دەل ئۇنىڭ ئىستانبۇل ساياھىتى جەريانىدا ئېرىشكەن مەلۇماتلار ۋە كۆزىتىشلەردىن كەلگەن.
    يازغۇچى ئىستانبۇل ساياھىتى جەريانىدا پۈتۈن ئىستانبۇللۇقلارغا ئوخشاش ئالدىدا ئۈسكۈدارمۇ، توپكاپى سارىيىمۇ ياكى گالاتا كۆۋۈركىمۇ، ئۇلارغا ئىكەنلىكىگە قاراپ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئەسلەپ باقىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. چۈنكى ئىستانبۇل ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، ئىستانبۇلنى پىششىق بىلىدىغانلار بولسىمۇ، ئىستانبۇل چوڭلۇقىدىن ئىستانبۇلغا چۆكۈپلا كېتىدۇ. ئورخان پامۇك پەرادا ئولتۇرىدۇ. بۇ رايوندا غەربچە تۇرمۇش شەكلى ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرىدۇ. بىراق بۇ رايونىڭ قارشى تەرىپىدە ئەنئەنىۋى تۇرمۇش شەكلى ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرىدىغان رايون بار. ئورخان پامۇك ئىستانبۇلنىڭ ھەر ئىككى تەرىپى بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ، ئۇ ئەھۋالنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ: «پارىژ ۋە ئېيفېل تۆمۈر مۇنارى ھەققىدە ماۋپاسانت ئېيتقانلىقى رىۋايەت قىلىنغان بىر سۆز بار. پارىژنىڭ ئەڭ گۈزەل مەنزىرىسى ئېيفېل تۆمۈر مۇنارىنىڭ ئۈستىدە. چۈنكى ئۇ يەردىن ئېيفېل تۆمۈر مۇنارى كۆرۈنمەيدۇ. ئەمما ماڭا نىسبەتەن ئەھۋال دەل ئەكسىچە بولۇپ، ئىستانبۇلنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنى كۆرۈپ تۇرىمەن. بۇ ئەھۋال ماڭغا بىر ئۆيدە ئىكەنلىكىمنى، تونۇش بىر ئۆيدە تۇرۇۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ.»
    بۇ شەھەر ئورخان پامۇكنىڭ ئەدەبىي دۇنياسىغا چەكسىز ئوزۇق ئاتا قىلغان شەھەردۇر. تارىخى، ئىنسانلىرى، كوچىلىرى ۋە تەبىئىي مەنزىرىلىرى ئۇنىڭغا چەكسىز ئەدەبىي ئوزۇق ئاتا قىلغان. بىر چەتئەللىك جورنالىست بىلەن ئىستانبۇل ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ئورخان پامۇك مۇنداق دەيدۇ: «مەن دۇنيادا يازغان تېمىنى بارمىقى بىلەن كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان يېگانە تارىخىي رومانچىمەن»دېيىش ئارقىلىق، چەتئەللىك جورنالىستقا بەزىدە ئوسمانلى سارىيىنى، بەزىدە ياۋروپادىكى بەزى قەلەنى، بەزىدە ئەنئەنىۋى تۈسى بولغان ماكان ھەققىدە بىر نەرسە يېزىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ.
    ئورخان پامۇك كۆپىنچە سەنەتچىگە ئوخشاش دۇنيانى تەپسلىي كۆزىتىشكە ماھىر يازغۇچىدۇر. شۇڭلاشقا ئۇ ئۆسۈپ چوڭ بولغان ئىستانبۇلنى ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ. ئىستانبۇلغا تەۋە بارلىق نەرسىلەر ئۇنىڭغا ئىنتايىن تونۇش. ئىستانبۇلغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ ئىنچىكە ۋەقەلىكلەر، يەرلەر ياكى ھېكايىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۇنىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىگە يوشۇرۇنغان. مەسىلەن، بىر چاغلاردا شەھەرنىڭ قاتنىشىنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن بۇلۇڭ ئەينەكلىرىگە ئوخشاش. بۇنى يازغۇچىنىڭ ئۆز ئېغىزدىن ئاڭلايلى: «پەقەتلا كۆرۈپ باقمىغانلارغا چۈشەندۈرۈش ھەقىقەتەن تەس. بىر چاغلاردا تاكسىمدىن دولماباھچەگە چۈشىدىغان يولدا بىر بۇلۇڭ ئەينىكى بار ئىدى. شەھەر تار كوچىلاردىكى رەتسزلىك ۋە ئىنتىزامسىزلىق سەۋەبىدىن قالايمىقان بولۇپ كەتكەن ئىدى. شۇڭلاشقان ھەر قانداق ئادەم بۇ بۇلۇڭ ئەينىكىدىن مەدەت تىلەيتتى. بۇ ئەينەكتىن كوچىنىڭ كۆرۈنمەيدىغان بۇلۇڭلىرىدىن يېقىنلىشىۋاتقان ماشىنىنى، ئاپتوبۇسنى، تىرامۋاينى كۆرگىلى بولاتتى. ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىمدا بۇ ئەينەكلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ سىرى چۈشۈپ كەتكەن ئىدى. ئۇلار يولنى ئەمەس ئاسماننى، قارشىدىكى بىنالارنى كۆرسىئەتتى. بۇ ئەينەكلەرنىڭ قانتاشقا ھېچقانداق پايدىسى يوق ئىدى. بىراق ماڭا ئوخشاش كىچىك بالىلارغا بىر خىل قورقۇش ۋە ئەنسىزلىك تۇيغۇسى بېرەتتى. ياكى ئاسمىنى كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن شەھەرنىڭ چوڭقۇرلۇقىغا، قاراڭغۇ تەرەپلىرىگە، مەۋھۇم يەرلىرىگە ئىشارەت قىلاتتى. ئەمەلىيەتتە ئۇلار ھېچقانداق يېرىنى كۆرسەتمەسلىك ئارقىلىق شەھەرنىڭ سىرلىق تەرەپلىرىنى كۆرسىتەتتى.»
    ئورخان پامۇك بايان قىلغان يۇقىرىدىكى كىچىككىنە ئىشتىن ئىستانبۇلنىڭ بىر مەھەللىسىنىڭ ئارامبەخش ھاۋاسىنى دەرھال ھېس قىلغىلى بولىدۇ. ھەر قانداق ۋاقىتتا ھېس بولىدىغان بۇ ئەھۋال سودا-سېتىق مۇناسىۋەتلىرىگىچە تەسىر كۆرسەتكەن ئىنسانىي ئىللىقلىقنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ: «جىھاڭىر مەھەللىسىدە ئولتۇرغان مەزگىلىمىزدا بۇ يەردە ئاساسەن رۇملار ياشايتتى. لىگور ئىسىملىك بىر دۇكاندار بار ئىدى. بىر نەرسە لازىم بولۇپ قالغاندا مەھەللىدىكىلەر ئۇنى چاقىرىپ سىۋەتلىرىنى ئۇنىڭغا سۇنىشاتتى ۋە يېرىم كېلو ئىرىمچەك، ئالتە تال تۇخۇم ۋە ئىككى بولكا، دېيىشەتتى. ئۇ بۇ نەرسىلەرنى ئېلىپ سىۋەتكە قوياتتى، يۇقىرىدىكىلەرگە ئىشارەت قىلاتتى. ئارقىدىن ئۇ سىزنىڭ قەرزىڭىزنى دەپتىرىگە پۈتۈن قوياتتى.»
    ئورخان پامۇككا ئوخشاش سەنەتچىلەرگە نىسبەتەن ئىنسانلارنىڭ ھەقىقىي دۇنياسى داۋاملىق يۈز بېرىدىغان لېكىن باشقىلار تەرىپىدىن بايقالمىغان ۋەقەلەردىن تەشكىل تاپىدۇ. بۇ ئىشلارنى ھەممە ئادەم قىلىدۇ، ئورتاق روھ پەيدا قىلىدۇ. بىراق مەۋجۇتلۇقى ھېس قىلىنمايدۇ. خۇددى ئۇ تەسۋىرلىگەن مۇنۇ ئاخشام كېچىسىگە ئوخشاش: «ئىستانبۇلدا ياشىغانلارنىڭ ئورتاق بىر روھدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى، شەھەرگە نىسبەتەن ئوخشاش تەرەپلىرى بارلىقىنى، باشقا نەرسىلەردىن ئورتاق بەھرىمەن بولالمىسىمۇ بىراق ئىستانبۇلنىڭ پۇرىقى، ھاۋاسىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى كەچ تەرەپلەردە ئەڭ كۆپ ھېس قىلغىلى بولىدۇ. بۇ ئەھۋالنى ھەممە ئادەم تېلېۋۇزۇردا ئوخشاش خەۋەرنى كۆرگەندە ئوچۇق دېرىزىلەردىن كۆرۈنىدىغان يېمەك ئۈستىلىدىن بىلەلەيمەن. ئىككى تەرىپىدە ئىككى ئۈچ قەۋەتلىك ئۆيلەر تىزىلغان ئارقا كوچىلاردا، شەھەرنىڭ چەت جايلىرىدا ۋە بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىدا.... سالقىن ياز ئاخشاملىرىدا تېلېۋۇزۇرنىڭ ئورنىغا ئاساسەن قويۇلغان يېمەك ئۈستىلى ئەتراپىغا يىغىلغان ئىنسانلارنى كۆرگىنىمىدە ئورتاق روھنى بايقايمەن.»
    ئىستانبۇل روھى ئەڭ كۆپ نامايان بولىدىغان بازارلارمۇ ئورخان پامۇك ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان ۋە تەسۋىرلەشكە مايىل ماكانلار ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭغا ھەيران قالمىساقمۇ بولىدۇ. بۇ ماكانلارغا كېلىپ كېتىدىغانلار ئىنتايىن كۆپ. بۇ يەردە ھەر خىل ئىجتىمائىي قاتلام كىشىلىرىنى ئۇچرىتىش مۇمكىن. بۇ ماكانلار ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، ئىستانبۇلنىڭ ھەقىقىي يۈزىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ بازارنىڭ دەل بۇ ئالاھىدىلىكى ئورخان پامۇكنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، شەھەرنىڭ روھىنىڭ بۇ بازارلاردا قانداق نامايان بولىدىغانلىقىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: «بەشىكتاش بازىرى ئىنسان دېڭىزغا ئوخشايدىغان بولۇپ، نۇرغۇن مال دۇنيانى ئۆز قوينىدا ساقلاپ يېتىش بىلەن بىرگە، ئىنسانلارنىڭ بىر-بىرى تونۇشۇشتا رولى ئىنتايىن چوڭ.
    بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق بولىدۇ، ئەلۋەتتە. بەشىكتاش بازىرىدا ئىنسان دېڭىزىنى، پىللارنى، خالتىلىرىنى مۈرىسىگە ئېسىۋالغانلارنى، مېۋە-چېۋە ياكى نان چىشىۋالغان بىرىنى، تەلمۈرۈپ قاراشقانلارنى، باھادىن، قىستاڭچىلىقتىن، بېلىقلارنىڭ تۈرلىرىدىن، ھاياتتىن، يۈكىدىن قاقشاپ يۈرگەن ئاياللارنى، ئالدىراپ-تېنەپ ماڭغان ئۇششاق بالىلارنى كۆرەلەيسىز. بۇ نۇقتىدىن قارىساق، پۈتۈن مەھەللىلەر بىر-بىرىگە قانداق ئوخشىغان بولسا، ئىستانبۇلنىڭ پۈتۈن بازارلىرىمۇ بىر-بىرىگە شۇنداق ئوخشايدۇ.»
    يازغۇچى ئورخان پامۇك ئۆمرىدە ئىستانبۇلدا ساتقۇچىلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ياشىغانلىقىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ. بىر يازغۇچىغا نسىبەتەن شەھەردە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ئاۋازلار قانداق مۇھىم بولسا، ساتقۇچىلارنىڭمۇ ۋاقىرغان ئاۋازى ئوخشاشلا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. چوڭ شەھەرلەرنىڭ شاۋقۇن-سۈرەنلىرى بارلىقىنى، ئىستانبۇلنىڭ شاۋقۇن-سۈرەنلىرىنىڭ قاتناش، پاراخوتلارنىڭ زىللىرى، دېڭىز ۋە ئاققۇلارنىڭ ئاۋازلىرى، بالىلارنىڭ غەلۋىلىرى، قۇشلارنىڭ سايراشلىرى ۋە ساتقۇچىلارنىڭ ئاۋازلىرى دىققەتنى تارتىپ تۇراتتى. ئۇنىڭغا نىسبەتەن پۈتۈن ساتقۇچىلارنىڭ ئاۋازى ئىچىدە بوزاجىلارنىڭ ئاۋازى باشقىچە ئىدى: «ھاياتىدا پەقەتلا بوزا ئىچىپ باقمىغانلارغا ئۇنى قانداق چۈشەندۈرۈش مۇمكىن؟ بوزا بۇغدايدىن ياسىلىدۇ، ئۇنىڭ تەركىبىدە ئېچىتقۇ بار. قىش كۈنلىرىدە كەچلىك تاماقتىن كېيىن ئىچىلسە كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ، بوزانىڭ قېشىدا لەبلەۋى بولسا تېخىمۇ ياخشى. كۆپ ئىچىلمىسە دىن جەھەتتىن جايىز ھېسابلىنىدىغان بۇ ئىچىملىك بەش يۈز يىل ئىستانبۇلدا كەچلىك تاماقتا ئىستېمال قىلىنىپ كەلگەن. قىش كۈنلىرىدە بوزا ساتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقىرغان ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ. قەھرىتان قىش كۈنلىرىدە بوزا سېتىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان بوزاچى بىزگە ئىسسىق ئۆيلىرىمىزنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.»
    ئىستانبۇللۇقلارنى چۈشىنىشتە پايدىلىنىدىغان ئەڭ مۇھىم مەنبەلەردىن بىرىنى ئورخان پامۇكنىڭ ئەسەرلىرى تەشكىل قىلىدۇ. ئۆزىدىن بۇرۇنقى داڭلىق شائىرلار ۋە يازغۇچىلارغا ئوخشاش ئورخان پامۇكمۇ ئەسەرلىرىدە ئىستانبۇلغا ناھايىتى يۇقىرى باھا بېرىدۇ.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://www.trtuyghurche.com/trtworld/luy/newsDetail.aspx?HaberKodu=ff2880db-a570-41c6-b3ee-70c7fd0e68ce
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

    分享到:

    引用地址: