كەتمەن ساداسى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستۇم! بلوگىمدىن نەپ ئالسىڭىز مەن خۇرسەن بولىمەن
    <<  «شەرقىي تۇر-كىس-تان تارىخى»غا رەددىيە | باش بەت | كۆرەش ھۈسەيىن: تەقەززالىق  >>

    كۆڭلى قارانىڭ بەختىمۇ قارا - [ئىجادىيەتلىرىم]

    _べ Tag:ئەدەبىيات ساداقەتجان، كەتمەنباي   2013年05月17日

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/ketmenbay-logs/233947465.html

    كۆڭلى قارانىڭ بەختىمۇ قارا


    ساداقەتجان ھاجى


    بەختى قارا بولغۇسى كۆڭلى قارا بولسا كىم.
    باسقاي غەپلەت ئۇيقۇسى روھى يارا بولسا كىم.

    نەپسى دىگەن تېگى يوق ھاڭغا ئوخشايدۇ، شۇڭا
    تاپقاي بالا بېشىغا نەپسى بالا بولسا كىم.

    باشقا كەلگەن بالادىن قۇتۇلمىقى قىيىندۇر،
    قەلبى زۇلمەت-قاراڭغۇ، ئەقلى چالا بولسا كىم.

    ئۆمرى ئۆتەر سۆيگۈنىڭ لەززىتىنى سۈرەلمەي،
    مۇھەببەتتە بىپەرۋا ھەم بىۋاپا بولسا كىم.

    گۈزەللىكنى كۆرەلمەس مىڭ كۆز بولغان بىلەنمۇ،
    رازى بولماي جاھاندىن دائىم خاپا بولسا كىم.

    تاپالمايدۇ ئىناۋەت بېشى كۆككە يەتسىمۇ،
    شەخسىيەتچى، ۋىجدانسىز ھەم بىھايا بولسا كىم.

    يەتكۈزەلمەس ئۆمرىدە لاي سۇچىلىك ئەلگە نەپ،
    ئىش قىلغاندا لايغەزەل ھەم بىساپا بولسا كىم.

    ياخشىلارغا يانداشسا ئەل-يۇرت ئالار ئارىغا،
    تۈزەتسىلا ۋاقتىدا يولى خاتا بولسا كىم.

    ئىشقى بىدار تەۋبە قىل، ئىشق يولىدا سەبرى قىل،
    ئىچكەي ۋىسال شارابى ئەھلى ۋاپا بولسا كىم؟
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1998-يىل 23-يانۋار. قەشقەر.
    «شىنجاڭ گېزىتى» 1998-يىل 11-ئاپرىل)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

    分享到:

    历史上的今天:

    كۆرەش ھۈسەيىن: تەقەززالىق 2013年05月17日
    «شەرقىي تۇر-كىس-تان تارىخى»غا رەددىيە 2013年05月17日
    بۇ قانداق جەمئىيەت؟ 2013年05月17日
    «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» ياپونىيەدە 2012年05月17日
    ئۇيغۇرنىڭ كاتتا يازغۇچىسى زىيا سەمەدى 2009年05月17日

    引用地址:
    ketmenbay 发表于19:25:00 | تەھرىرلەش | 分享 0

ئىزدەش

يېڭى ماقالىلەر

  • تەۋبەنامە
  • رامىزان ھەققىدە مۇخەممەس
  • «خەتمە قۇرئان دۇئاسى»نىڭ ئۇيغۇرچەسى
  • «نۇرچىلار»غا ھەم ئىشىنىڭ ھەم ئىشەنمەڭ
  • ئورخان پامۇكنىڭ نەزەرىدە ئىستانبۇل
  • مەن نېمىشقا مويەننى ياقتۇرمايمەن
  • يۈرەكتە داغى مىللەت
  • ۋەتەنپەرۋەر شائىر بىلال ئەزىزى شېئىرلىرى
  • مۇھافازاكار، ئىسلاھاتچىلىق ۋە لېبىرالىزىم
  • تۈرك باھارىمۇ ياكى قەھرىتان؟
全部日志>>

يېڭى ئىنكاس

    • RSS 什么是RSS?
      用IM提醒我内容更新
      订阅到QQ邮箱
      订阅到鲜果阅读器
      订阅到Google阅读器
      订阅到抓虾阅读器
    Copyright © 2002-2013 BlogBus.com, All Rights Reserved. 博客大巴 版权所有