版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/ketmenbay-logs/233358954.html

    ئەسكى بولدۇم


    مۇھەممەتجان راشىدىن


    بۇغدىيىڭنى تېرىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم.
    ئوتۇنۇڭنى يېرىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم.

    ساغاي دېسەڭ سېيىر بولدۇم سېنىڭ ئۈچۈن،
    پۇتلىرىمنى كېرىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم.

    تاتلا دېسەڭ، سىلاپ قويدۇم دۈمبەڭنىمۇ،
    چېيىڭغا نان سېلىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم.

    ئۆزۈمدە يوق ئۇننى ئەلدىن تىلەپ يۈرۈپ،
    ساڭا بۇلماق چېلىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم.

    ساغلىقلىرىڭ تۇغماي قالسا مەندىن كۆردۈڭ،
    ساڭا قوغۇن تېلىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم.

    تۇمۇزلاردا سېنى يەلپۈپ قولۇم تالدى،
    مۇزدەك دوغاپ قېلىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم.

    كىم قويۇپتۇ ماڭا بۇنداق مالايلىقنى؟
    پىتلىرىڭنى بېقىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم.

    كىرلىرىڭنى يۇيۇپ بەرسەم، رەخمىتىڭ يوق،
    كېگىزىڭنى قېقىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم.

    ئېسىت مېنىڭ ساڭا بەرگەن نادان كۆڭلۈم!
    مېنەي دېسەڭ يېتىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم.

    ساداقەتنىڭ سەھنىسىدىن چۈشمەي ھەر كۈن،
    ساڭا ناخشا ئېيتىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم.

    خوپ بولدى دەپ، دۈشمەنلىرىم خوش بولۇشتى،
    ساڭا ياڭاق چېقىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم.

    تۆككەن تەرىم بىكار كەتتى ئەگىزلەردەك،
    ساڭا ئابروي تېپىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

    分享到:
    引用地址: