版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/ketmenbay-logs/233543929.html

    تىلەك

    (ئەھمەد زىيائى غەزىلىگە تەخمىس)


    كۆرەش ھۈسەيىن


    تىلەرمەن «ئايرىما» دەپ مەردلىكىمدىن ھەر زامان، ھەي-ھەي،
    ۋەتەن-ئەل قايغۇسى، غەم، دەردلىكىمدىن ھەر زامان ھەي-ھەي،
    ھالال رىسقىم، نېسىۋەم، ئەكمىكىمدىن ھەر زامان ھەي-ھەي،
    تىلەرمەن «ئايرىما» دەپ ئەمگىكىمدىن ھەر زامان، ھەي، ھەي،
    نىسىپ بولغاي ياشاش دائىم تېنىمدە باركى جان، ھەي-ھەي.

    ئۈمىدىم قۇشلىرى پەرۋاز قىلىپ يۇلتۇز ۋە ئاي ئالسۇن،
    شىجائەت تۈلپىرىم چاپقۇن قىلىپ كۈندىن چىراي ئالسۇن،
    ئەقىدەم يىلتىزى چوڭقۇر، ۋۇجۇد ئارمانغا ئايلانسۇن،
    قانائەت تاغىدىن بۇ ھىممىتىم سۇمرۇغى جاي ئالسۇن،
    بەلەن بۇ ھىممىتىم ئالدىدا پەستۇر ئاسمان ھەي-ھەي.

    كىچىك باشىم ئارا ئالەم كەبى يارنىڭ ئىشق دەردى،
    ئىشقنىڭ دەشتىدىن ۋولقان يېنىپ ئالەمگە ئوت بەردى،
    كى شاھمات تاختىسىدا: «شاھ»،- دېدى ئوتتىن يېنىپ گەردى①
    تەكەببۇر گەر زالالەتتىن ئىبارەت بولمىسا ئەردى،
    بويۇن ئەگمەس ئىدىم ئۇ بولسىمۇ شاھىجاھان، ھەي-ھەي.

    سۆيۈنگەي دىل ئەگەر مەشۇق چىقارسا تۇغى رىغبەتنى،
    باياۋان-چۆلدە نۇسرەتتۇر بۇلاق بەرگەچكە شەربەتنى،
    پاراسەتتە چۈشەن كۆڭلۈم تىنىقتەك ھەر ھەقىقەتنى،
    ھەقىقەتنى سۆيەر باغرىم، سۆكەر ئۇ بىھەقىقەتنى.
    ئەگەر ناھەقچى بولغاندا، كېرەكمەس بەگ ۋە خان، ھەي-ھەي،

    كىشى ئۆمرى گۈلىستاندۇر ھالال مېھنەت ساۋابىدىن،
    غېرىب كۆز ياشىنى سۈرتكەن، قۇتۇلدۇرغان ئازابىدىن،
    جاھان ئەھلى بىلەن بىللە ئېرىشكەن قۇت-مۇرادىدىن،
    غېرىپ كۆڭلۈم ھەمىشە دەرتتە مەزلۈم ئاھى-دادىدىن،
    يېتىملەر زارىغا يەتمەس كىشىلەردىن پىغان، ھەي-ھەي.

    قەسەم كۆيگەي، ھالال لەۋزىمنى نەپسىم ئەيلىسە تارمار،
    ۋەتەن-ئەلسىز كۈلەر بولسام-تىنىق ئالسام بولۇپ ئەغيار،
    زامانداش ئەھلى ئەۋالادىم ئۈچۈن دىل-باغ، ئىپار قاينار،
    ئەگەرچە ئىززەتۇ-نەپسىمنى ھەرگىز ئەتمىگەيمەن خار،
    يېتىم، ئاجىز، غېرىپلەر پۇت توپاسى ئۇشبۇ جان، ھەي-ھەي.

    ئىچىمدە بەرق ئۇرار ئاتەش، كۆزۈمدە ھەممە زاھىردۇر،
    ئۇلۇغلار روھى-دەسمايەم، دىلىم، سۆيمەككە ماھىردۇر،
    مۇشەققەت-مۇرشىدىم، روھىم-كۈرەشتە مەرد باھادىردۇر،
    زىيائى باغرى دەرد بىرلە ئېزىلگەن تۈرپە② شائىردۇر،
    يامانلار قەستىدىن بىچارە بولسىدى ئامان، ھەي-ھەي.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    ئىزاھات:
    ① گەردى-شاھمات ئويۇنىدىكى بىر خىل ئۇرۇق
    ② تۈرپە-ئاجايىپ، بىر خىل، بىر قىسما دىگەن مەنىدە-
    (بۇ تەخمىس ئەھمەد زىيائىنىڭ مىللەتلەر نەشىرىياتى  1983-يىلى نەشىر قىلغان «غەزەل ۋە مۇخەممەسلەر» ناملىق توپلامدىكى شۇ ناملىق غەزىلىگە يېزىلدى)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

    分享到:

    历史上的今天:

    引用地址: