版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/ketmenbay-logs/234212031.html

    ئاسان ئەمەس كۆڭۈلدىن شەربەت ئىچمەك قانغىچە


    ساداقەتجان ھاجى


    ئۆمۈر ئۇزۇن...

    ئۆمۈر دىگەن ئۇزۇندۇر ئۆلۈم يېقىن بولسىمۇ،
    باغرىمىزنى ئەزمىسۇن غەم-قايغۇنىڭ بازغىنى.
    ۋاقىت مەڭگۈ ئارقىغا ئاقماس ئېقىن بولسىمۇ،
    بولار يەنە يېپيېڭى بۇلاقلارنى قازغىنى.

    ياشلىق ئۆتۈپ كەتتى دەپ قېرىلىققا قول بەرسەك،
    بۇ، ياشلىقنى چۈشەنمەي كۆڭلىمىزنىڭ ئازغىنى.
    ئۆلۈمنىلا ئويلىماي ئۆمۈرگىمۇ يول بەرسەك،
    بولار يەنە ھەر كۈنى يېڭى شېئىر يازغىنى.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    1998-يىل 28-يانۋار. قەشقەر
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    كۆڭۈل دىگەن تېپىشماق

    كۆڭۈل دىگەن تېپىشماق، كۆڭۈل دىگەن بىر تىلسىم.
    چۈشەندىم دەپ ئويلىغان چاغدا ئوڭدا قالىمىز.
    كۆڭۈل دىگەن بەك نازۇك، كۆڭۈل دىگەن بىر قىل سىم.
    تۈگىگىچە بىر پەدە مىڭ بىر ئۈزۈپ چالىمىز.

    ئاسان ئەمەس كۆڭۈلدىن شەربەت ئىچمەك قانغىچە،
    چۈنكى سۇنۇپ تۇرىدۇ قەدەمدە بىر پىيالە.
    پۇشايماندا قالىمىز پەيلىمىزدىن يانغىچە،
    دائىم كۆڭۈل ئالدىدا بوپ قالىمىز بىچارە.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    2001-يىل 7-ئىيۇل. قەشقەر 
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    زۇلمەت ئىكەن غېرىپلىق

    زۇلمەت ئىكەن غېرىپلىق، ئېچىل ئىشىك، دەرىزەم،
    دەستە-دەستە نۇرلارنى ئېلىپ كىرسۇن شاماللار.
    باياۋانغا ئايلاندى قەلبىم مېنىڭ قاغجىراپ،
    كەلگىن يارىم، سەندىدۇر بارچە ياخشى ئاماللار.

    تىترەپ تۇرار تەنلىرىم، تەنھالىقىم زىمىستان.
    يانغىن چوغۇم! يالقۇنلۇق گۈلخان بولۇپ بىر دۆۋە.
    روھىم مېنىڭ مۇزلىدى، باغرىڭغا باس ئاۋايلاپ.
    ئالجىپتىمەن يالجىماي، مىڭ پۇشايمان، مىڭ تۆۋە.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    2001-يىل 10-ئىيۇل. قەشقەر
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (بۇ شېئىرلار «تارىم» ژورنىلىنىڭ 1998-يىللىق 7-سانى ۋە 2002-يىل 1-سانىدا ئىلان قىلىنغان)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

    分享到:

    引用地址: