版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/ketmenbay-logs/234214301.html

    ئۇلۇغلانغان رەسىم، ئۇنتۇلغان روھ


    ئابدۇۋەلى ئايۇپ گۈلەن


    ئۇلۇغلانغان رەسىم، زىكىرسىز ئىسىم


    ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە مەمتىلى تەۋپىق تۇغۇلغانلىقىنىڭ يۈزئون يىللىق خاتىرىسىگە


    بۇ يىل ئابدۇخالىق ئۇيغۇر (1901-1932) ۋە مەمتىلى ئەپەندى (1901-1937) تۇغۇلغانلىقىنىڭ يۈزئون يىللىق خاتىرە يىلى. بۇ يىلنىڭ ئۇيغۇردا قانداق خاتىرەلىنىدىغانلىقى ئىزچىل دىققىتىمنى تارتىپ كەلگەنىدى. ۋاھالەنكى، مۇبارەك يۈزئون يىل ئاياقلىشىشقا ساناقلىقلا كۈنلەر قالغان بۇ دەملەردە ھىچ يەردىن ئۈنلۈكرەك بىر سادا چىقمىدى. ئونلاپ دادالارنىڭ نەزىرىسىگە چاقىرىلدىم، ئەمما بۇ ئىككى شەھىدنىڭ يۈز ئون يىللىقى ئۈچۈن ھىچكىم نەزىرگە تەكلىپ قىلمىدى. ئىككى-ئۈچ لېكسىيەگە ئىشتىراك قىلدىم، ئەپسۇسكى بۇ ئىككى پىداكارنىڭ ئۇيغۇرغا ئاتىغان ئىسسىق جانلىرىغا ھىچ يەردە سۈكۈتتە تۇرۇلمىدى، تەزىيە بىلدۈرۈلمىدى. يا ئۇيغۇر ئاۋامنىڭ ئادىتى بويىچە ئۇلارنىڭ روھىغا ئاتاپ نەزىر قىلىنىپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىنمىدى، يا ئۇيغۇر زىيالىلارنىڭ يوسۇنى بويىچە بىرەر مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلمىدى. ئۇيغۇرنىڭ بۈگۈنى ئۈچۈن مېلى ۋە جېنىنى پىدا قىلغان بۇ ئىككى نامدار شەھىدنىڭ نامى تۈمەنلىگەن نامسىز شەھىدلەرنىڭكىدەك تىللاردا زىكىرسىز، دىللاردا پىكىرسىز قالدى.

    ئۇنداقتا شەھىدلەر ئۇنتۇلدىمۇ؟

    توردىن ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە مەمتىلى ئەپەندىگە دائىر يۈزلىگەن ماقالە ۋە باشقا مەلۇماتلارنى تاپتىم، رەسىم دېسەم رەسىم،  شېئىر دېسەم شىېئىر چىقتى. ئوقۇي دېسەممۇ بار، ئاڭلاي دېسەممۇ بار. ئېسىمگە بۇ ئىككى مۇبارەك شەھىدنىڭ شېئىرلىرىنى قۇرمۇقۇر كۆچۈرۈپ چىققان ئەينى چاغلار كەلدى. ئۇ چاغلاردا بۇ ئىككەيلەن بىزدىن يىراق ئېدى. ئەسەرلىرىمۇ بۈگۈنكىدەك بىخەتەر، تولۇق ۋە ئاسان تېپىلمايتى. دېمەك، ھازىر ئۇلار بىزگە بۇرۇنقىدىن جىق يېقىنلىشىپتۇ. ئۇلار كۆز ئالدىمىزدا، يېنىمىزدىلا بار ئىكەن. ئىشخانىلاردىن، مېھمانخانىلاردىن، كىتاپخانىلاردىن، ساتىراچخانىلاردىن، ئاشخانىلاردىن، رېستۇرانلاردىن بۇ ئىككى ئۇلۇغنىڭ رەسىمىنى كۆردۈم، ئۇلار ھەقىقەتەن ئۇنتۇلماپتۇ.

    ئۇنتۇلمىغانىكەن، نېمىشقا خاتىرلەنمەيدۇ؟

    بۇلارنى ئويلىغىنىمدا ئېسىمگە قەشقەردە تاكسىسىغا «ئاللاھ» دېگەن ئەرەبچە خەتنى ساڭگىلىتىۋالغان تاكسىچىلار كەلدى. ماڭا شۇنداق تاكسىچىدىن ئۈچ-تۆرتى «ئاللاھ رازى بولسۇن، تاماكا چەكمىسىڭىز» دېگىنىم ئۈچۈن قوپاللىق قىلغانىدى. «ئاللاھ» دېگەن خەتنى ئېسىۋېلىپ ئاللاھنىڭ بۇيرىغانلىرىغا ئەمەل قىلمىغان تاكسىچى بىلەن، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە مەمتىلى ئەپەندىنىڭ نەزمىلىرىنى چاپلىۋېلىپ ئۇلارنىڭ يۈز ئون يىللىقىنى خاتىرىلەشكە سۇسلۇق قىلغان، خۇپسەنلىك قىلغان تەتقىقاتچىنىڭ،  ئالدامچىلىق قىلغان تاپاۋەتچىنىڭ نېمە پەرقى؟ مەيلى ئېسىلغان رەسىم، شېئىر ياكى ساڭگىلىتىلغان كۆرۈملۈك بولسۇن ھەممىسى بەلگە، شەكىل خالاس. ئۇنداق كىشىلەردە ئۇلۇغلانغىنى، ئۇنتۇلمىغىنى پەقەت رەسىم، يالغۇز ئېقى قەغەز قارسى سىياھ خەت. بۇنداق رەسىم ۋە خەتلەرنىڭ  ئۇلۇغلىنىشىغا بىر مەنپەئەتكە باغلانغان مەقسەد يوشۇرۇنغان. ئۇ بولسىمۇ،  باشقىلارنىڭ نەزەرىدە ئىتىقادلىق كۆرۈنۈپ تاپاۋەتنى كەڭەيتىش، باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە «غۇرۇرلۇق ئىكەن» دېگەن تەسىرنى قالدۇرۇپ نوپۇز قازىنىش، مەنپەئەت ئۈندۈرۈشتۇر. بۇنداق ئۇلۇقلىرىمىزنىڭ رەسىمىنى چاپلاش، لېكىن نامىنى زىكىر قىلماسلىق، شېئىرىنى ئېسىش، بىراق مەنىسى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزمەسلىك ئىقتىسادى قۇرۇلۇش مەركەز قىلىنغان، ئىقتىسادى مەنپەئەت مۇناسىۋەتى بارلىق مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئۇلىغا ئايلانغان جەمئىيەت رىياللىقىنىڭ مەھسۇلى ۋە شۇنداق جەمئىيەتتىكى مودا كەيپىياتتۇر. ئەلۋەتتە،  تۈرلۈك ئىمكانسىزلىقمۇ بار. جەمئىيىتىمىزدە ئومۇملاشقان ھەرقانداق ئىش ۋە ھادىسەنىڭ نەپسى خاھىشىمىزغا، تۇرمۇشىمىزغا ئەپلىك تەرەپىنى ياكى ئارزۇيىمىزغا نەپلىك تەرەپىنىلا موھىم بىلىش بىزنى جوڭگۇچە زامانىۋىي بۇددىزىمغا سۆرەۋاتىدۇ.

    ئۇلار ھىچكىمنىڭ دادىسى ئەمەس ئېدى

    ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بىلەن مەمتىلى ئەپەندى تۇغۇلغان يۈز ئون يىللىق خاتىرە پەيتلىرىنىڭ ئۈن-تىنسىز ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىغا قاراپ ئۆيدە ئاكام بىلەن ئەپسۇسلىنىشتۇق. تۇيۇقسىز ئاكام سوراپ قالدى،
    - ئۇلارنىڭ بالىسى يوق بولغىيمىدى؟
    - ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ بالىسى يوق. مەمتىلى ئەپەندىنىڭ  ئەدىبە ئىسىملىك بىر قىزىنى غۇلجىدا ھايات ئىكەن دەپ ئاڭلىغانىدىم، دېدىم. شۇئان ئېسىمگە ئۆزىنى «مەن ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ جىيەن قىزى» دېگەن بىر ئايال كەلدى. ئۇ ئايال خەنزۇۋان بولۇپ، بىر قۇربان ھېيتتا خەنسۇچە ناخشا كېچىلىكى كۆرۈپ ئولتۇرغىنىغا ئەجەپلەنگىنىمدىن تاڭ قالغانىدى. ئۇنىڭ چۈشەندۈرىشىچە، مىنكاۋخەنچە ناخشا بولمىسا چۈشىنەلمەيدىكەن. ئارىمىزدىكى بۇ سۆھبەتتىن تۇيۇقسىز بۇ ئىككى شەھىدنىڭ خاتىرلەنمەسلىكىدىكى يەنە بىر سەۋەبنى ئاڭقارغاندەك بولدۇم. شۇنداق، ئۇلارنىڭ بالىسى يوق ئېدى. بولغان تەقدىردىمۇ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ شېئىرلىرىنى چۈشەنگىدەك ئۇيغۇرچە سەۋىيىسى يوق، ئاتا بوۋىسىنىڭ مىراسىغا ۋارىسلىق قىلغۇدەك جاسارىتى كەم بولۇشى مۇمكىن ئېدى. شۇنداق، ئۇلار ھىچكىمنىڭ دادىسى ئەمەس ئېدى. شۇڭا ھىچكىم ئۇلارنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلدۇرمىدى. ھىچكىم ئۇلار ئۈچۈن داش قازان ئېسىپ نەزرە قىلمىدى. ھىچكىم ئۇلارنىڭ يۈزئون  يىللىقى ئۈچۈن تېلۋىزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ تەلەپ-تەقدىم پروگراممىسىدا ناخشا تەلەپ قىلمىدى. «بىز» دېگەن ئۇقۇمنىڭ ۋەزنى بارغانچە ئېغىر كېلىۋاتقان، «بىز» دېگەن ئۇقۇم ئاڭلاتقان مەنا بارغانچە سۇسلاشتۇرۇلۇۋاتقان، «بىز» دېگەن ئۇقۇمدا چىڭ تۇرۇش كىشىگە تۈمەن تۈرلۈك پىشكەللىكلەرنى ئارتىپ قويۇۋاتقان، «بىزنىڭ» دېگەندىكى مەسئۇلىيەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقماق بارغانچە تەرس كېلىۋاتقان بۇ كۈنلەردە «مەنلىك» سەۋداسىدا يۈرگەن ئاۋارەلەرنىڭ ئىچىدىكى قايسى بىتەلەينىڭ يادىغا يەتسۇن ئۇ ئىككى شەھىد! يەر، سۇ، توپراق، ھاۋا، مەسجىد، مەقبەرە، مەدەندىن تارتىپ تىل، دىن ئۆرۈپ-ئادەت، غۇرۇر، شەرەپ، نومۇسلارغىچە  ھەممىسى ھۆكۈمەتنىڭ تۇرسا، بۇ ھالدا مەننىڭ-شەخسنىڭ ئۇ ئىككى پىداكاردا نېمە مەسئۇلىيىتى، نېمە ئىشى بار؟ ھۆكۈمەتنىڭ تىل-يېزىق كومىتىتى تۇرسا تىل ھەققىدە ئويلۇنۇپ نېمە قىلىسەن؟ ئىسلام  جەمئىيىتى تۇرسا نېمە قىلىسەن دىن ھەققىدە تەبلىغ ئېيتىپ؟ ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، مەمتىلى ئەپەندىلەر قايسى ھۆكۈمەتنىڭ قايسى ئىدارىسىغا مەنسۇپ؟ شۇنداق، ئۇ ئىككى زات ھىچ قايسى ئىدارەنىڭ پىسىيونىرى، ھىچ قايسى بالىنىڭ ھامىسى ئەمەس ئېدى. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ بالىلىرى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنى خاتىرلىمەسلىكىدىن ئاغرىنغىلى بولمايتتى.

    ئۇلار بۈگۈنگە يېقىن ئېدى

    ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بىلەن مەمتىلى تەۋپىقتىن ئىبارەت بۇ ئىككى قەھرىماننىڭ پات-پات خاتىرىلەنمەسلىكىدىكى يەنە بىر سەۋەپ، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ بۈگۈنكى قىياپەت، قىسمەت ۋە قىسماقلارغا بەكرەك تاقىلىدىغانلىقى، يېقىنلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. تاسادىپى تېلۋىزورلارغا قاراپ قالسام ئۇلۇغ ئەجدادلارنىڭ خاتىرلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالىمەن. مەسىلەن، مەھمۇد كاشغەرى،  يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەلىشىر نەۋايى قاتارلىقلار بىر قانچە يىلدا بىر يادلىنىپ تۇرىدۇ. ھەر خىل ئۇنۋاندىكى نوپۇزلۇق زاتلارنىڭ تېلۋىزور ئىكرانىدا قوۋزىنى تولدۇرۇپ دەۋاتقان ئەجدادلارنىڭ ئىسىملىرى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىرى مېنى ھاياجانلاندۇرىدۇ. ئەمما كۆزۈمنى تېلۋىزور ئىكرانىدىن خەنسۇچە مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات دەرسلىكىنى خەنسۇچە دەرسلىك قىلىدىغان ئۇيغۇرچە مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان جىيەنىمنىڭ چارەسىزلىك، گاڭگىراش چىقىپ تۇرغان كۆزلىرىگە، خەنسۇچە ماتىماتىكا مەسىلەلىرىنىڭ بېرىلىشىنى چۈشىنەلمەي قىينىلىۋاتقان بىچارە ھالىتىگە يۆتكىگىنىمدە ھېلىلا ئويغانغان پەخىرلىنىشنىڭ ئورنىغا كىرىزىس تۇيغۇسى ئالمىشىدۇ. ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ مەھەللەسىدە قۇرغان ھۆرىيەت مەكتىپى، مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئارتۇچنى مەكەز قىلغان مائارىپچىلىق ھەرىكىتى كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ. ئۇلار ئۇيغۇرچە مەكتەپ قۇرماي خەنسۇچە شۆتاڭ قۇرغان بولسا قەتلە قىلىنماستى؟ بەلكى بۈگۈن ئۇلارنى خاتىرلىيەلمەيۋاتقان داڭلىقلارنىڭ ئاغزىدا قوش تىللىق مائارىپقا ئاساس سالغۇچىلار بولۇپ رەسىملىرى مەكتەپلەرگە ئېسىلاتتى. كۆز ئالدىمدىكى ئۇلۇغلارنىڭ ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، مەمتىلى ئەپەندى قاتارلىق يېقىندىكىلەرنى قويۇپ، ھە دىسە قەدىمكىلەرنى مەدھىيەلەشلىرىگە بىر خۇپسەنلىك ئارىلاشقاندەك ھىسسىياتقا كېلىپ قالدىم. مەنچە مۇنداق قەدىمكىگە سېغىنىپ يېقىندىكىگە كۆز يۇمۇش كېسىلىدە رىياللىققا يۈزلىنەلمەسلىك، ئەمەلىي مەسىلەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش، تەھلىل قىلىش ۋە خۇلاسەلەشتىن قېچىش خاھىشى مەۋجۇد. ئىسىملىرى پات-پات كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان قەدىمكى ئۇلۇغلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى بۈگۈنكى كىشىلىرىمىزدىن بىۋاستە ئوقۇپ چۈشىنەلەيدىغانلىرى يوقنىڭ ئورنىدا. ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدە بۈگۈننىڭ دەردى، داد-پەريادى ۋە دىشۋارلىرى كۆرۈلمەيدۇ. شۇڭا قانداقلا تەھلىل قىلسا، زامان نېمىگە تەقەززا بولسا شۇ يوسۇندا چۈشەندۈرسە بولىدۇ. دېمەك ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، مەمتىلى ئەپەندىلەرنىڭ خاتىرلەنمەسلىكى ئۇلارنىڭ يازغانلىرى بۈگۈنكى تىلىمىزغا، ھالىمىزغا ۋە قايغۇمىزغا يېقىن ئېدى. ئۇلارنى خاتىرلەش ئۈچۈن ئۇيغۇرنىڭ بۈگۈنىگە يۈزلىنىش كېرەك. ئاۋامغا بۈگۈن تارىخقا ئوخشاش قاراڭغۇ ئەمەس، شۇڭا ئۇيغۇرنىڭ  مۇئاشلىق ۋە مۇئاشسىز زىيالىلىرىغا بۈگۈن ھەققىدە سۆزلەش، يېزىش، مۇنازىرە قىلىش ئانچە بىخەتەر ئەمەس. شۇڭا ئۇلار ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە مەمتىلى ئەپەندىلەردەك بۈگۈنگە يېقىنلارنى خاتىرلەشنىڭ ئورنىغا ئەسەرلىرىنى ئۆزىدىن باشقا ھىچكىم ئوقۇپ باقمىغان ياكى ئوقۇسىمۇ تولۇق چۈشىنەلمەيدىغان قەدىمكىلەرنى خاتىرلەشنى تاللىۋالغان بولۇشى مۇمكىن.

    قەلەم ۋە قورال ئالغان شائىرلار

    ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە مەمتىلى ئەپەندىلەر بىر دەۋردە ياشىغان، ئۇيغۇر تۇپراقلىرىنىڭ ئوخشىمىغان بۆلىكىدە ئوخشاش نىشان ئۈچۈن قولىغا قەلەم ۋە قورال ئالغان شائىرلار ئېدى. ئۇلار غايەلىرىنى شېئىرلىرىدا يازغان ۋە شۇ غايە ئۈچۈن جان پىدا قىلغان ئېدى. ئۇلارنىڭ شېئىرلىرى كىتاب قۇرلىرىغا سىياھ بىلەن ئەمەس، خەلقنىڭ قەلبىگە قان بىلەن يېزىلغان. بۈگۈنكى كىتاب قىلىپ چىقىرىلغان شېئىرلار خەلقنىڭ ئاغزىدىن توپلانغان ئېدى. ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ «ئاچىل» دېگەن شىئېرى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىكى قۇتۇلۇش ئىنقىلابىنىڭ مارشى بولغان بولسا، مەمتىلى ئەپەندىنىڭ «ئىستىقلال مارشى»  قەشقەر كوچىلىرىنى، ئارتۇچ باغلىرىنى ۋە خوتەن تاغلىرىنى تىترەتكەن ئېدى. ئەگەر شۇ تىترىگەن تاغلارنىڭ لەرزى قەلبلەردە بولسا ئېدى، شەھىدلەرنىڭ روھى ئالدىدا بۇنچە بىچارىلىك ئاشكارىلانمايتتى. ئەگەر شۇ قۇمۇل تاغلىرىدىن، تۇرپان باغلىرىدىن ياڭرىغان «ئاچىل» مارشى ئېچىلماس كۆزلەرنى ئاچالىغان بولسا ئېدى، رىياللىق روھىمىزنى بۈگۈنكى زۇلمەتكە مۇپتىلا قىلمايتتى.
    شەھىدلەرنىڭ رەسىملىرى ئالدىمىزدا، شېئىرلىرى كىتابلىرىمىزدا، لېكىن ئۇلارنى خاتىرلىيەلمىدۇق، ئۈنىمىزنى قويۇپ بېرىپ شىئېرلىرىغا خىتاب قىلالمىدۇق، مارشلىرىغا سەپ تۈزەلمىدۇق. شەھىدلەرنىڭ رەسىمى، كىتابى ئالدىمىزدا، لېكىن شەھىدلىك روھى ئۇنتۇلدى. ئۇلارنىڭ شەھىدلىك روھىغا توپ-توپ بولۇپ دۇئا قىلىش ئۇنتۇلدى، ئۇلارنىڭ پىداكارلىق جاسارىتىنى ئەۋلادلارغا تاراتقۇلاردا يەتكۈزۈش ئۇنتۇلدى، ئۇلارنىڭ مەرىپەت مەشئىلىنى داۋام قىلىش ئۇنتۇلدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ روھىغا يۈزلىنىش رەسىمىنى ئېسىشتىن تەرس كەلدى، «بىز» دەپ ياشاشتىن «مەن» دەپ ياشاش نەپسى خاھىشىمىزغا ئۇيغۇن كەلدى. تارىختىن سۆز ئېچىش رىيالىققا جاۋاپ بېرىشتىن بىخەتەر تۇيۇلدى.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

    分享到:

    引用地址: