版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/ketmenbay-logs/234213011.html

    «تىلدا، ئىشتا ۋە پىكىردە بىرلىك» ئۈچۈن


    ::::::::::::::::
    تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى  (27.05.2013) خەۋىرى:
    تارىختىكى تۈرك - قىرغىز مۇناسىۋەتلىرى ئۇلۇداغ ئۇنۋىرسىتىتىدا مۇھاكىمە قىلىندى
    («تۈرك دۇنياسىدىن خەۋەرلەر» پىروگىراممىسىنىڭ 10-بۆلۈمىدىن بىر خەۋەر)
    ::::::::::::::::
    ئۆتمۈشى 6-ئەسىرگىچە سوزۇلىدىغان تۈرك - قىرغىز مۇناسىۋەتلىرى ئۇلۇداغ ئۇنۋىرسىتىتىدا ئېچىلغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىندى.
    «ئۆتمۈشتىن كەلگۈسىگە نەزەر: قىرغىز - تۈرك مۇناسىۋەتلىرى» تېمىلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى، تۈركىيە ئارخىپلىرى ۋە كۇتۇپخانىلىرىدىكى مەنبەلەرنىڭ تەتقىق قىلىنىشى، ئومۇمىي تۈرك تارىخىنىڭ بۆلۈنۈپ كېتىشىگە خاتىمە بېرىلىشى توغرۇلۇق ئۆزئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش، يېڭى كەشپىياتلارنى تەشۋىق قىلىش مەقسىتىدە ئېچىلدى. بۇرسادا ئېچىلغان يىغىنغا ئالتە دۆلەتتىن بۇ ساھەدىكى مۇتەخەسسىس تارىخشۇناسلار ئىشتىراك قىلدى.
    يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باش كاتىپى پىروفېسسور دوكتور مۇستافا ئىسەن، تۈرك دۇنياسى ئوتتۇرىسىدا ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىنى ھەممە بىردەك ئارزۇ قىلىدىغان «تىلدا، ئىشتا ۋە پىكىردە بىرلىك» نىشانىنىڭ تەدرىجىي ھالدا ئىشقا ئېشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ئالدىمىزدىكى يىل قارشى، تىفلىس ۋە باكۇ تۆمۈريولى لىنىيىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ. پۈتكۈل تۈرك دۇنياسى بىلەن بىرلىكتە دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر بېيجىڭدىن لوندونغىچە دائىمىي تۆمۈريولى لىنىيىسىگە ئېرىشىدۇ. شۇ ۋەجىدىن تۈرك دۇنياسى رەھبەرلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىسىنى قاتناش مەسىلىسى تەشكىل قىلىدۇ» دېدى.
    قىرغىزىستاننىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىسى ئەرمەك ئىبراھىموۋمۇ بۇ يىغىننىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «تۈركىيە - قىرغىزىستان مۇناسىۋەتلىرى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈلۈشى لازىم. ھەقىقىي دوستلۇق، ئۆزئارا ئىشەنچ ۋە سەمىمىيەت ئاساسىدا قىرغىزىستان - تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى كېرەك. بۇنىڭدىن كېيىن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى.
    ئۇلۇداغ ئۇنۋىرسىتىتى مۇدىرى پىروفېسسور دوكتور كامىل دىلەكمۇ، «تارىخىي ۋە مەدەنىي جەھەتتىن نۇرغۇنلىغان ئورتاق مۇناسىۋەتلىرىمىز بار. ماقال-تەمسىللىرىمىز، داستانلىرىمىز ۋە ئورتاق مەدەنىيەتلىرىمىزگە نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، قېرىنداش ئىكەنلىكىمىزنى كۆرۈش ھەقىقەتەنمۇ بىزنى خۇرسەن قىلىدۇ. بىز قېرىنداشمىز، بۇنى ناھايىتى ياخشى بىلىمىز» دېدى.
    قىرغىزىستان تارىخ تەتقىقات ئورگىنىنىڭ باشلىقى پىروفېسسور دوكتور تىنچتىكبەك چوروتېكىن بولسا، قىرغىز - تۈرك مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تارىخىنى قايتىدىن تەتقىق قىلىش ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ئىشلىنىدىغان خىزمەتلەر توغرۇلۇق مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى. چوروتېكىن: «قىرغىزىستان بىلەن تۈركىيە دېموكراتىيە يولىدا باشقا تۈركىي دۆلەتلەرگە ئۈلگە بولماقتا. بىزمۇ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىۋاتىمىز» دېدى. قىرغىز تارىخىي ئۈچۈن مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىلىرىدىن بىرى بولغان قىرغىزلارنىڭ رۇسلارنىڭ ئىشغالىيىتىگە قارشى كۆرىشى ھەققىدە ئەمدىلا تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان تارىخشۇناسلارنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتكەن چوروتېكىن، بۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيەدىكى تارىخىي ۋەسىقەلەردىن پايدىلىنىش ئىستەكلىرىنى بىلدۈردى.
    «تۈرك كېڭىشى»نىڭ باشلىقى خېلىل ئاقىنجى بولسا، 2009-يىلى ناھجىۋاندا ئۇچراشقان تۆت تۈرك دۆلىتىنىڭ رەھبەرىنىڭ ئورتاق پىكرى بويىچە قۇرۇلغان «تۈرك كېڭىشى» توغرۇلۇق توختالغاندا، تۈركلەرنىڭ تارىخىنىڭ قايتىدىن يېزىلىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.
    ھازىرغىچە تارىخنىڭ تۈركلەرگە ياخشى كۆز بىلەن قارىمىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن خېلىل ئاقىنجى، «چۈنكى، تۈركلەرنىڭ تارىخى تۈركلەر تەرىپىدىن يېزىلمىغان. ئومۇمىي تۈرك تارىخى جەھەتتىنمۇ تېخىچە تولۇق بىرەر ئەسەر ۋۇجۇدقا چىقىپ باقمىدى. تارىختىن قالغان يازمىلارغا ئاساسەن تۈرك تارىخى قايتىدىن يېزىلىشى لازىم» دېدى.
    يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان قىرغىزىستان دوستلۇق ۋە مەدەنىيەت جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئايبەگ سارىگۇلوۋ بىلەن نوۋوسىبىرسك ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور خۇدياكوۋ يۇلىيمۇ يىغىننىڭ تۈرك - قىرغىز تارىخى، بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم نەتىجەلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
    بۇ قىتىمقى مۇھاكىمە يىغىنى «قەدىمكى دەۋر قىرغىز - تۈرك مۇناسىۋەتلىرى»، «مۇستەقىللىق دەۋرى قىرغىزىستان - تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى»، «19-، 20-ئەسىر قىرغىز - تۈرك مۇناسىۋەتلىرى: خاندانلىقلار، ئىمپىرىيەلەر ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىگە ئائىت مەنبەلەرنىڭ تەتقىق قىلىنىشى» قاتارلىق تىمىلار بويىچە داۋاملاشتى.
    ::::::::::::::::
    http://www.trtuyghurche.com/trtworld/luy/newsDetail.aspx?HaberKodu=5ae93bcc-89fd-4506-9aa4-c5743b224d92
    ::::::::::::::::

    分享到:

    引用地址: