版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/ketmenbay-logs/234211457.html

    تونۇ

    (شائىر نۇرمۇھەممەد ئېركى غەزىلىگە تەخمىس)


    كۆرەش ھۈسەيىن


    ئەي كۆڭۈل ئەقلىڭدە ئازگال بىرلە ئاسماننى تونۇ،
    پەرق ئېتىپ زىندان بىلەن ئازادە ئايۋاننى تونۇ،
    ئەۋجىدە ئازغان-تىكەن، سىرتىدا رەيھاننى تونۇ،
    شەكلىدىن ياخشى يامان دەپ بەلكى ھايۋاننى تونۇ،
    ئىچكى دۇنياسى بىلەن ئادەمنى، شەيتاننى تونۇ.

    بەزىلەر ئەل دۈشمىنى ئەپتىدە ئەشرەپ، كاتتا زات،
    نەپ ئۈچۈن نەيرەڭ بىلەن راستلايدۇ دەھشەت پىلسىرات،
    قىلغۇچە داد-پەندىياد قىلغىن رەقىپتىن ئېھتىيات،
    تونۇماق تەس، ئەلخۇسۇس ئادەم ئەجەب بىر تىلسىمات،
    قايتا-قايتا ئىمتىھان قىل، تاكى ئىنساننى تونۇ.

    سەپىرى كارۋان ئۈچۈن بولسا يېتەر مەنزىل يورۇق،
    كىم بىخۇتلۇق قىلسا تەييار ھەرقاچان پىنھاندا ئوق،
    باغى ئارمان چۆلدەرەر بولسا كۆلى مېھنەت قۇرۇق،
    دەۋرى بىرلە دەۋرى قىلماقتىن ئوڭاي ئىش بەلكى يوق،
    جەڭ كۈنى مەيداندا تەھقىق پەھلىۋان جاننى تونۇ.

    ئەي، كۈرەش پەيتىنى تۇت ياشاش-قۇياشلىق دەۋرىنىڭ،
    بەستىدە كۈچ، ئەقلىدە نۇر - يالتىراشلىق دەۋرىنىڭ،
    ساھىبى بولغىن سائادەتكە تۇتاشلىق دەۋرىنىڭ،
    بىر كېلەر قەدرىگە يەت، ئەلۋەتتە ياشلىق دەۋرىنىڭ،
    دەۋرى سۈر دەۋرىڭدە سەن، كەلگەندە دەۋراننى تونۇ.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (بۇ تەخمىس شائىر نۇرمۇھەممەد ئېركىنىڭ «تونۇ» ماۋزۇلۇق غەزىلىگە يېزىلغان بولۇپ، ئاپتورغا ۋاكالىتەن يوللاپ قويدۇم)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

    分享到:

    引用地址: