版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/ketmenbay-logs/234213964.html

    مەمتىلى ئەپەندى تەۋپىق شېئىرلىرى


    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    شەھىدلەر ئۆلمەس، ۋەتەن ئۈچۈن، مىللەت ئۈچۈن، ئۈممەت ئۈچۈن تۆكۈلگەن قانلار ئۆڭمەس. «ئىزچىلار»نىڭ ئىزلىرى كۆمۈلمەس!
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مەمتىلى ئەپەندى (تەۋپىق) 1901-يىلى ئاتۇشنىڭ بۇيامەت كەنتىدە تۇغۇلغان. 1937-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى شېڭشىسەي ھاكىمىيىتىنىڭ ژاندارمىلىرى تەرىپىدىن ۋەھشىيلەرچە قەتلى قىلىنغان.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    مەمتىلى ئەپەندى تەۋپىق شېئىرلىرى


    سايرام كۆلى

    سايرام كۆلى ئۆزۈڭ كىچىك، دەردىڭ تولا،
    داۋالغۇيسەن، ساھىللاردىن تاشالمايسەن.
    ئەتراپىڭنى قورشىۋالغاچ ئىگىز تاغلار،
    ئۈمتىلىسەن، داۋانلاردىن ئاشالمايسەن.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    ئوقۇدى، ئاشتى

    ئوقۇدى، ئاشتى باشقىلار بىزدىن ئەي قېرنداشلار،
    كۆرگەچكە ئۇلارنىڭ ئىجتىھادىنى قاينار ۋىجدانلار.

    ھاۋادا لاچىندەك پەرۋاز قىلار باشقا مىللەتلەر،
    قالدۇق بىز ئۇلاردىن بەكمۇ ئارقىدا، ئويلا ئۈممەتلەر.

    ئۆگەتمەس بىزلەرگە ھەق كالامنى بىلگەن ئالىملار،
    ئەخلاقنى پۈچەك پۇلغا ساتقاي بىزنىڭ زالىملار.

    رىشۋە بار يەرگە ئاچ قاشقىر كەبى دەمسىز چاپارلەر،
    باشىدا سەللە، قولىدا تەسۋى، ھەقتىن قاچارلەر.

    ئويلاڭلار! زاكات-ئىسقات كىملەرنىڭ ھەققى،كىملەر ئالۇرلەر؟
    نى-نى خىيانەتلەر ھەيۋەت تون ئىچرە پىنھان قالۇرلەر.

    مۇيەسسەر بولدىلەر باشقا ئەللەرگە ئانچە ھېكمەتلەر،
    ئەمەلىگە قارىتا بەردى ئاللاھ شانۇ-شەۋكەتلەر.

    ئوقۇيمىز، بىلمەيمىز، لىسانۇ ئەرەپ مۈشكۈل تىلى بىزگە،
    يادىكار قالغان يوق بىر نوچكا ھېكمەت ئۇلاردىن بىزگە.

    قەشقەردە يىتىملەر ھاممام ئاستىدا كۈلدە ياتۇرلەر،
    تەربىيەسىز، ھۇشۇق ئويناپ، نەشە تارتۇرلەر.

    مەرھۇمى داموللا ئابدۇلقادىرى ناھەق كەتتىلەر،
    گۇناھى نېمە؟ پەقەت بىزگە ھەقنى ئۆگەتتىلەر.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    بىز - مۇئەللىم
                   
    بىز - مۇئەللىم، يۇرتلاردا مەكتەپ ئاچىمىز،
    خەلقىمىزگە يوپيورۇق نۇرلار چاچىمىز.

    تالاي يىللار زۇلمەتتە تېنەپ خار بولدۇق،
    ئىلىم -ئىرپان يولىغا شۇنچە زار بولدۇق.
    خۇراپاتتا قالدۇرۇپ ئەزدى زالىملار،
    كۆزلىرىمىز قارىغۇ كۆپ ناچار بولدۇق.

    بىزنىڭ ماڭغان يولىمىز سائادەت يولى،
    بىز ۋەتەننىڭ يېڭىدىن ئېچىلغان گۈلى.
    ئوقۇتىمىز ئەۋلادنى يېڭى پەن بىلەن،
    پۇختا بولسۇن مەكتەپنىڭ بېسىلغان ئۇلى.

    يورۇق تاڭغا تەلپۈندى ۋىلايىتىمىز،
    ئىلىم بىلەن تىكلىنەر ئىناۋىتىمىز.
    مەنبە بولدى ئېرپانغا يۇرتىمىز ئاتۇش،
    ئىرپان بىلەن ئېچىلغاي سائادىتىمىز.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    1934-يىلى
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    ئالتۇن ئۆلكە
     
    ئۆلكىمىز ئالتۇن ئۆلكە، ئالتۇن تاغۇ تاشلارى،
    ئالتۇن رەڭدە چاقنايدۇ بۇغداي، قوناق ئاشلىرى.
     
    ئۆلكىمىز ئالتۇن ئۆلكە، بىز پىداكار ياشلىرى،
    قەدىرلەيمىز ئېرپاننى، بىز ئىلىم يولداشلارى.
     
    بۇ ئۆلكىنىڭ پەرزەندى ھەر بىرىدۇر ئارسىلان،
    جەڭگە تەييار ئەرك ئۈچۈن بۇندا سانسىز قەھرىمان.
     
    يۇرتىمىز ئالتۇن ئۆلكە، بىز ئۇنىڭ قۇربانى بىز،
    بەخشەندە بولدى ئاڭا قەلبىمىز-ۋىجدانىمىز.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    جاھالەت
     
    كۆكرەك كېرىپ جەڭ قىلدۇق قاراڭغۇلۇق جاھالەتكە،
    باشلاش ئۈچۈن بۇ ۋەتەننى ئاسايىشلىق-ئادالەتكە،
    شۇ تۈپەيلى قالدۇق مانا تۈرلۈك-تۈمەن ھاقارەتكە،
    ئېرىشمەيلا ھالاك بولدۇق ئارزۇيىمىز سائادەتكە،
    قولدىن كەتتى بۇ تۇپراق، تولدى ئېغىر ئاپەتكە.
     
    جاھالەتنىڭ قارا تەمى، زۇلمىتىنى تېتىدۇق،
    كۆكرەكلەرگە ئوق تەگسە، بۇنى تېخى بىلمىدۇق،
    يىلان چاقسا يۈرەكنى «دۈشمىنىم بۇ» دىمىدۇق،
    ئۆيگە كىرگەن ئاپەتنى يەنجىپ، بىتجىت قىلمىدۇق،
    ئېرىشەلمەي بەختكە قالدۇق بۈگۈن لەنەتكە.
     
    ئۆيدىن چىقىپ قارىساق، ئاسمىنىمىز بىپايان...
    بايلىقىمىز بىھېساب، مىسلى دېڭىز، بىر ئوكيان،
    ئۆزگە بىلەن كارى يوق ئۆز غېمىدە ھەر ئىنسان،
    ئانا تۇپراق-ئانا يەر، ئانا ئاسمان پەرىشان،
    ئاسمان، زېمىن ئايلاندى قورقۇنچلۇق لەھەتكە.
     
    بىر قونالغۇ ئالەم بۇ پەقەت بىرلا كېلىمىز،
    كۆزنى يۇمۇپ تۇرمايلى، ئويغاق تۇرسۇن كۆزىمىز،
    ۋەتەن ئۈچۈن، ئەل ئۈچۈن كېرەك بولسۇن جېنىمىز،
    شۇندا مىللەت ھۆر بولۇر، روناق تاپار ئېلىمىز...
    يۈز كېلەيلى ئەي دوستۇم بۇ ئېزىلگەن مىللەتكە!
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    1934-يىلى
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    ئويغان خەلقىم
     
    ئويغان خەلقىم! يۇرتۇڭنى سەن قۇتۇلدۇر،
    مەكتەپ بىلەن چىراغ ياققىن، نۇر تولدۇر.
     
    پۈتسۇن ئەمدى زۇلمەت، دەۋرى ئىستىبدات،
    شۇم تەقدىردىن، قارا كۈندىن بول ئازاد.
     
    سائادىتىڭ ئۈچۈن تىرىش، ھىممەت قىل،
    پەرزەندلەرنى ئاقارتىشقا خىزمەت قىل.
     
    دەس تۇر، ئەمدى ئاتلان خىزمەت يولىغا،
    ھوما قۇشى قونسۇن ئەۋلاد بېشىغا.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    1934-يىلى، اتۇش
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    ۋەتەن ئۈچۈن
     
    ۋەتەن ئۈچۈن تەرەققىيات ئىستەيمىز،
    ئارزۇيىمىز راۋاجلانسا مائارىپ.
    جاننى پىدا قىلدۇق ئەزىز ئۆلكىگە،
    بىزنىڭ يۈرەك زالىملارغا مۇخالىپ.
     
    بولسا دەيمىز بىزدە ھوقۇق، ئادالەت،
    بولسا بەرباد خۇراپاتلىق، جاھالەت.
    شۇنىڭ ئۈچۈن ياشىسۇن بۇ ئىنقىلاب!
    زاۋال تاپسۇن ناھەقچىلىق، ئىختىلاپ.
     
    پورەكلىسۇن گۈزەل باھار گۈللىرى،
    شوخ سايرىسۇن يۇرتىمىز بۇلبۇللىرى.
    ئىقبال ئۈچۈن بولايلى بىز ئىتتىپاق،
    جىلۋىلەنسۇن مەرىپەتنىڭ نۇرلىرى.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    1935-يىلى، ئاتۇش
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    مۇئەللىم
     
    زۇلمەت قاراڭغۇ تۈنگە ئوت ياققۇچى مۇئەللىم،
    قارغىشتەككۈر دۈشمەنگە ئوق ئاتقۇچى مۇئەللىم.
     
    زۇلۇم بۈگۈن ئىس كەبى تاراپ ئانا تۇپراققا،
    قالدى خەلقىم زۇلمەتتە ئازاب بىلەن پىراقتا.
     
    ھەرجايغا مەن قارىسام ئاچچىق ئەلەم نالە-زار،
    تېپىلمىغان خەلقىمگە بۇ زېمىندا غەمگۇزار.
     
    ئىس-تۈتەكنىڭ ئىچىدە قالدى خەلقىم بىگۇمان،
    ھېچبىر خوۋلۇق بەرمىدى ئۆز يېرىمىز بۇ زامان.
     
    ساۋاتسىزلىق، يۇرتۋازلىق بۇزدى بىزنى-سەپداشنى،
    بىلەلمىدۇق ئادەمدەك بۇ تۇپراقتا ياشاشنى.
     
    ھەرقەدەمدە، ھەر جايدا كېرەك بىزگە مۇئەللىم،
    قۇتۇلايلى زۇلمەتتىن ئېلىپ ئۇندىن زور بىلىم.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    1935-يىلى، قەشقەر
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    ئىزچىلار
     
    بىز ئىزچىلار بىز، قوللىرىمىز گاڭ،
    كۆزىمىز نۇرلۇق، قەلبىمىز ساغلام.
    خەلق يولىدا ئالغا باسىمىز،
    دۈشمەنگە قارشى ساقلاپ ئىنتىقام.

    ئۆگەن تىرىشىپ، ياش ئىزچى بالىلار،
    ۋەتەن غېمىدە قاينار ۋىجدانلار.
     
    ئۇزۇن ۋاقىت بىز زالىم قولىدا،
    ئىشلىيەلمىدۇق خەلق يولىدا.
    قۇللۇق ئورنىدىن ئەمدى دەس تۇردۇق،
    ئالغا ئۆرلەيمىز ئىرپان نۇرىدا.

    ئۆگەن تىرىشىپ ياش ئىزچى بالىلار،
    ۋەتەن غېمىدە قاينار ۋىجدانلار.
     
    ئۆسكەن يۇرتىمىز تاغلىق، شېغىل تاش،
    ۋەتەن غېمىدە پىدادۇر بۇ باش.
    ماڭغان يولىمىز نىجاتلىق يولى،
    قايتما بۇ يولدىن ئىزچى قېرىنداش!

    ئۆگەن، تىرىش ياش ئىزچى بالىلار،
    ۋەتەن غېمىدە قاينار ۋىجدانلار.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    1935-يىل
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    زىنداندا ئىسيان

    (1)
    بۇلبۇللار تۇتقۇن بولدى، يۇرتنى بۇلغىدى قاغا، 
    كىم بولسا ۋەتەنپەرۋەر بىر كۈن ئېسىلۇر دارغا.
    (2)
    بۇ قاراڭغۇ يىللاردا تاپالمىدىم ئادالەت، 
    ئادالەتكە ئىنتىلسەم قولغا ئالدى سىياسەت.
    خەلقىم ئۈچۈن ئىلىم-پەن، تەرەققىيات ئىزدىدىم، 
    نىيىتىم ساپ، دىلىم ئاق، ئۆتكۈزمىدىم جىنايەت!
    (3)
    ئۇرغۇپ تۇرغان ئىسسىق قان جىسمىمدا ئىسيان ئېتەر، 
    كۈندە مۇشتۇمدەك كېسەك خەت يېزىپ تۈگەپ كېتەر.
    (4)
    تاقىتىم تاق بولدى مۇندىكى خەلقنىڭ نىدايىدىن، 
    قۇلاقلىرىم گاس بولدى كىشەنلەر سادايىدىن. 
    گۇناھى نە ئىكەن بۇندا قامالغان نەۋقىرانلارنىڭ؟ 
    ھەققە ئويغۇنى يوقتۇر تېڭىلغان شۇ گۇمانلارنىڭ.
    (5)
    روھىم ئەجەپ قىسىلدى يالغۇزلۇقتا، تۇتقۇندا، 
    سائەتلىرىم ئۆتمەكتە كىشەنلىنىپ زۇلمەتتە. 
    يېشىم ئوتتۇز ئالتە ياش، تاشتىن بەتتەر قاتتى باش، 
    ئادا بولار ئوخشايمەن بۇ خىل قايغۇ-ھەسرەتتە.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «مەمتىلى ئەپەندى شېئىرلىرى» ناملىق كىتاب)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

    分享到:

    引用地址: