قەلەمدە سۇلتان يوق، ئەلەمدە چولپان - [جۇڭگوغا نەزەر]

    _べ Tag:ئەدەبىيات جۇڭگو   2013年03月27日

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/230607595.html

    قەلەمدە سۇلتان يوق، ئەلەمدە چولپان


    ۋاڭ مېڭ


    شىنجاڭ گېزىتى(2013-03-25) ماقالىسى:
    مويەننىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشى ۋە بىزنىڭ مەدەنىيەت پىسخىكىمىز
    ئاپتورى: ۋاڭ مېڭ. ھەزرەتئېلى ئەخەت تەرجىمىسى



       2012-يىلى مو يەن دۇنيا ئەھلى كۆز تىككەن نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ساھىب بولغاندىن كېيىن، تۈرلۈك قاراشلار ئوتتۇرىغا چىقتى. مەن بۇلارنى تۇتقا قىلغان ئاساستا قاراشلىرىمنى بىر نەچچە نۇقتىدىن بايان قىلىمەن:

       بىرىنچى، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى تەسىرى ئەڭ زور دۇنياۋى مۇكاپات بولۇش سۈپىتىدە ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، شىمالىي ياۋروپادىكى دېموكراتىك ئىدېئولوگىيە ئارقا كۆرۈنۈشىگە، ئۆز خىزمىتىگە نىسبەتەن ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغان بىر تۈركۈم پېشقەدەم باھالىغۇچىلارغا، نىسبەتەن كۈچلۈك نوپۇزغا ۋە ئاممىنىڭ ئىشەنچسىگە ئىگە بولۇش بىلەن بىللە، ئۆزىدىكى يېتەرسىزلىك ۋە كەمتۈكلۈك تۈپەيلى شۈبھە ۋە تەنقىد-زەربىگە ئىزچىل دۇچار بولۇپ كەلدى.

       ئىككىنچى، بۇ مۇكاپات غەرب دۇنياسىنىڭ كۈچلۈك ۋە ئۈنۈملۈك مەدەنىيىتىنىڭ بەلگىسى بولۇپ، بۇ مۇكاپاتنى باھالاشقا قاتنىشىۋاتقان ئايرىم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىدىيەسىدە ھەقىقەتەنمۇ بىلەرمەنلىك ئالامەتلىرى بار. ئۇلاردا جۇڭگو ئەدەبىياتىغا قول شىلتىش خاھىشى مەۋجۇت. جۇڭگودىكى ئايرىم زاتلار بۇنىڭدىن ھەم سەرخۇش، ھەم ناخۇش، ھەم تەلمۈرىدۇ، ھەم شۈبھىلىنىدۇ، ھەم شۇ باھانىدە ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىشنى ئويلايدۇ، ھەم چوڭ ئېقىمغا يەم بولۇپ، داغدا قېلىشتىن ئەنسىرەيدۇ. بەزى قەلەم ساھىبىلىرى ھەسەل ھەرىسىدەك ئاتالمىش نوپۇزلۇق باھالىغۇچىلارنى ئەگىپ كېتەلمەي، بۇ مۇكاپاتنىڭ شاپائىتىدە ئۆز قىممىتىگە ۋەزىن ئاتا قىلماقچى بولىدۇ. بىز مو يەننىڭ بۇ مۇكاپاتقا ساھىب بولۇشى ئارقىلىق، دۇنيانىڭ ئاساسىي ئېقىمى بولمىغان قەدىمىي خاس مەدەنىيەتنىڭ ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىگە يۈزلەنگەندىكى تۈرلۈك جەريانلىرىنى ۋە ساۋاقلىرىنى خۇلاسىلەپ، ئۆزىمىزنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ دەڭسىيەلەيدىغان، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەيدىغان، زىددىيەتكە دادىل يۈزلىنىدىغان، ھەمكارلىققا قابىل قول بېرىدىغان، ئۆز ئىشەنچنى، ئىززەت-ھۆرمىتىنى يوقاتمىغان ھالەتنى بەرپا قىلىشىمىز لازىم.

       ئۈچىنچى، بىز ھازىر جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ سىرتقا يۈزلىنىشىنى كۈچەپ تەكىتلەۋاتىمىز. سىرتقا يۈزلەنگەن ئىكەنمىز، كۈچلۈك بولمىغان، ئاساسىي ئېقىم بولمىغان مەدەنىيەتنىڭ كۈچلۈك ۋە ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىگە يۈزلىنىشىگە دۇچ كېلىمىز. گاھىدا سىز ئىدېئولوگىيەدىن سۆز ئېچىشنى خالىمىسىڭىزمۇ، غەربنىڭ ئىدېئولوگىيە سەپسەتىچىلىرى سىزنىڭ ئىدېئولوگىيە مەۋقەيىڭىز بىلەن ھەپىلىشىپ ھارمايدۇ. گاھىدا قارشى تەرەپ ئۆز تەرغىباتلىرىنى ئىدېئولوگىيەگە مۇناسىۋەتسىز ئاددىي قىممەت ۋە ئىلمىي مەشغۇلىيەت دەپ قارىسىمۇ، ئەمما، سىزنىڭ ئىدېئولوگىيە مەۋقەيىڭىزدىكى سەگەكلىكىڭىزنى قوزغاپ، ئوڭايسىز بىر كەيپىياتقا مۇپتىلا قىلىدۇ. بۇ جەھەتتىكى ئاڭلىقلىق ۋە ئىشەنچ چوقۇمكى، سالماقلىق ۋە ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، كۆكسى-قارنىنى كەڭ تۇتۇشتا، ئۆزىنى ھەم ئۆزگىنى بىلىشتە، ھەقىقەتكە ئىنتىلىشتە ئۆز ئىپادىسىنى تېپىشى كېرەك. بىر توقام پۇل خەجلەپ، ھەممە يەردە بېلەتنى بىكارغا بېرىپ، ئۆزىمىزنىڭ قانداقتۇر ياۋروپا، ئامېرىكا سەھنىلىرىدە ئويۇن قويغانلىقىمىزنى پەش قىلىش، بىر ئېغىز گەپتە چىقىشالمىساقلا قارشى تەرەپ بىلەن ئۆزىمىزنى ئەشەددىي رەقىب ساناشمۇ ئەسلا بىھاجەت. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، بىز كەڭ قورساق، ئۆزىدىن ھالقىغان ھالدا يىخېتۈەن ۋە سەككىز دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيەسىگە قاراتقان كەيپىياتىمىز ۋە مەۋقەيىمىزدىن ئازاد بولۇشىمىز كېرەك. ئەلۋەتتە، سەككىز دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيەسىگە ئوخشاش ئۆزىنى چوڭ چاغلاپ، جۇڭگوغا قول شىلتىيدىغان قىلمىشلارمۇ ئادەمنى خۇددى ئۇلار تېخىغىچە ئاشۇ كونا زاماندا بىخۇدلارچە ياشاۋاتقاندەك تۇيغۇغا باشلايدۇ.

       تۆتىنچى، قەلەمدە سۇلتان يوق، ئەلەمدە چولپان. ئەدەبىيات يۈكسەك خاسلىق ۋە ئۇسلۇبتا روياپقا چىقىدىغان تىل سەنئىتى بولۇپ، ئۇنىڭ لەززىتى ۋە تەھلىلى، تارقىلىشى ۋە قوبۇللىنىشىمۇ ئوقۇرمەننىڭ خاسلىقى ۋە ھەۋىسىدىن ئايرىلالمايدۇ. لى بەي، دۇفۇ ۋە تاڭ، سۇڭ دەۋرلىرىدىكى سەككىز چوڭ ئەدىب؛ تولستوي ، بالزاك، پۇشكىن، بايرون، شېللېرلارنىڭ قايسىسى بىرىنچى؟ ئېنىق بىر قاراش بارمۇ؟ ئەدەبىياتنى مۇكاپاتلاش، دەرىجىگە تىزىش ئىنتايىن مۈشكۈل ۋە قارام بىر قىلمىش. ئەمما، ھازىرقى ئۇچۇرلاشقان، كۆپ خىللاشقان ۋە تاۋارلاشقان شارائىتتا بۇرۇختۇم ھالەتتىكى ئەدەبىيات ۋە ئۇنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بولغان يازغۇچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى جەمئىيەتنىڭ تۈرتۈپ تىكلىشىگە ۋە پۈۋلەپ كۆپتۈرۈشىگە خۇشتار ھەم ھېرىسمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە، بىرقىسىم قول-ئىلكىدە بار زەردار ھەم ھوقۇقدار زاتلار مۇكاپاتلاش ئارقىلىق ئەدەبىيات ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، ئەدەبىيات تالانتلىقلىرىنى بايقاشقا، ئاممىغا مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەرلەرنى تونۇتۇشقا ئىنتىلىدۇ. ھەتتا، ماددىي جەھەتتىن يازغۇچىلارنى قوللاش ئارقىلىق ئەدەبىيات، نەشرىيات ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ. بۇ ئالقىشلاشقا ۋە ماختاشقا تېگىشلىك، ئەلۋەتتە.

       بەشىنچى، ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىنىڭ يۈرۈشتۈرۈلۈشى ھەرقانچە ياخشى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇ ھامان ئەدەبىياتشۇناسلىق، تىل سەنئىتى، ئېستېتىكا، پىروزا ياكى شېئىرىيەتكە تەۋە ئەمەس. سۇبيېكتىپ جەھەتتىن ئۇ پەقەت بىر خىل مەدەنىي دوستانىلىق ھەم ساخاۋەت مەۋقەسىدىكى مەدەنىيەت پائالىيىتى ۋە مەدەنىيەت قىلمىشى بولۇپ، ھەرگىزمۇ مەدەنىيەت ئىختىراسىنىڭ ئۆزى ئەمەس. ئوبيېكتىپ جەھەتتىن، ئۇ ئاللىقاچان ئەڭ مۇھىم بىر خىل تارقىتىش ۋاسىتىسى ھەم زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشنىڭ كوزىرى، قوپارغۇسىغا ئايلاندى. ئەلۋەتتە، بۇ يەنە ئاللىقاچان ئۇتۇق قازانغان يازغۇچىلارنىڭ شېرىن چۈشى، شەرەپ ھەم مەنپەئەتتىن ھەمقەدەم بەھرىمەن بولىدىغان خۇشاللىقى، ئۆز ئەسىرى ۋە شۆھرىتىنى بازارغا سالىدىغان شىپالىق مەلھەمگە ئايلاندى.

       ئالتىنچى، تۇرمۇشىمىزدا ئاشۇ زور مۇكاپاتلار ئۇنىڭغا ئېرىشكەن ئەسەر ھەم يازغۇچىدىنمۇ بەكرەك شۆھرەتلىك بىلىنىدۇ. بىر ئېسىل كىتاب نەشردىن چىقتى، سادا يوق، ھەممە بىزۇۋان؛ بۇ كىتاب كاتتا مۇكاپاتتىن بىرىگە ئېرىشتى، سادا شۇنچە ياڭراق، ھەممە خۇشزۇۋان. شۇنداق قىلىپ، بۇنداق كاتتا مۇكاپاتلار تاراتقۇلار ۋە ئاممىنىڭ دىققەت ئوبيېكتىغا ئايلىنىدۇ. ئەمما، يازغۇچى تەنھا ھالدا بۇنداق قۇدرەتتىن مۇستەسنا.

       يەتتىنچى، ياخشى ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ تەسىرلىك يېرى ئۇنىڭ ئۆتكۈر «كۆزى»نىڭ بارلىقىدا. ئادەتتىكى بىر مۇزىكانتنىڭ داڭلىق سەھنىدە ئويۇن قويۇشى بىلەنلا داڭقىنىڭ بىر كېچىدىلا پۇر كېتىشى دەل ئاشۇ كاتتا مۇكاپاتلارنىڭ كىشىنى قايىل قىلىدىغان ھەم ھاياجانلاندۇرىدىغان تەرىپىدۇر. ئەمما، بۇ كاتتا مۇكاپاتلارنىڭمۇ كەتكۈزۈپ قويىدىغان، بىرنى دەپ، مىڭنى خارلايدىغان، كۆزى ئوچۇق كور بولىدىغان ۋاقىتلىرىمۇ بولىدۇ، بۇنىڭدىن ساقلانماق تەس. ھېمىڭۋاي بىلەن گارسىيا ماركۇز دەل ئالدىنقى مىسالىمىزنىڭ جۈملىسىدىندۇر. كېيىنكى مىسالىمىزغىمۇ دۇنيا ئەدەبىياتىدا بىر تالاي مىساللار بار. بىز بۇنىڭغا ئوبيېكتىپ باھا بېرىشىمىز كېرەك. قانداقتۇر ئاللىقانداق كاتتا مۇكاپاتقا چوقۇنۇش بىھاجەت.

       سەككىزىنچى، ئەدەبىيات گۈزەللىكنى قوغلىشىدۇ. يازغۇچى ۋە باھالىغۇچىلار چاكىنىلىقتىن ئەسلا مۇستەسنا بولالمايدۇ. چۈنكى، ئۇلار گۆش ھەم قاندىن پۈتكەن ئاددىي ئىنسان، خالاس. مۇكاپات خىسلەتلىك مەلھەم ياكى ئەۋلىيا ئىنئامى ئەمەس. كىشىلىك ھاياتتىكى ھەرخىل قىلمىشلاردا كەمتۈكلۈك ياكى ئازغۇنلۇق مەۋجۇت، يازغۇچى ھەم باھالىغۇچىلارمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. مەن بۇ مۇكاپاتنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارنىڭ خالىس، ساپ نىيىتىگە ئىشىنىمەن، چۈنكى، كىشىلىك ھاياتتا كىشىلەرنىڭ تۈرلۈك قارارىنىڭ ھاياتلىقتىكى تۈرلۈك ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى ئىنتايىن نورمال ئىش. بۇ تەسىر، ئەلۋەتتە، خەلقئارا ۋەزىيەت، دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتى، كىشىلىك قىممەت قاراش چەكلىمىسى، ئەسلىي تىل ۋە تەرجىمە ئوتتۇرىسىدىكى پەرق قاتارلىق ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشىمۇ ھەم بۇنى چۈشىنىشمۇ مۇمكىن. لېكىن بىز ئەڭ ئاچقۇچلۇق نەرسىنىڭ يەنىلا ئەسەر ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلالمايمىز.

       توققۇزىنچى، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى بىلەن سوتسىيالىستىك دۆلەتلەر ئارىسىدا نۇرغۇن سۈركىلىشلەر بولغان. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچىسى پاستېرناك ۋە سولزىنىتسلارنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا پاسسىپ تەسىر پەيدا قىلغان. ئەمما، شولوخوفنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشى زور خۇشاللىق كەلتۈرگەن. يەنە شۇنىڭغىمۇ دىققەت قىلىشىمىز لازىمكى، نوبېل مۇكاپاتى ئامېرىكا بىلەنمۇ چىقىشالمىغان. مو يەنگە تەسىرى زور بولغان، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى گارسىيا ماركۇز كاسترونىڭ يېقىن دوستى بولغاچقا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى ئۇزاق مۇددەت چەكلىگەچكە، ئامېرىكا يازغۇچىلىرىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. نوبېل مۇكاپاتى يەنە ئارافاتنىڭ دوستى، پورتۇگالىيە كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى، يازغۇچى ساراماگو، ئىتالىيە سولقانات دىراماتورگى دىلوغىمۇ بېرىلگەن. ئەڭ ياخشىسى بىز بۇ مۇكاپاتنى ساددا ھالدىلا دۈشمەن كۈچلەرنىڭ نەيرىڭى دەپ قارىماسلىقىمىز، ھەتتا، شىۋېتسىيە باھالىغۇچىلىرىنى جۇڭگو ئەدەبىياتىنىڭ قازىسى قىلىۋالماسلىقىمىز كېرەك.

       ئونىنچى، مو يەننىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىشى تاسادىپىيلىق ئەمەس. ئۇنىڭ نازۇك بەدىئىي دىتى، چەكسىز تەسەۋۋۇرى، ئۆز خەلقىگە، بولۇپمۇ يېزا تۇرمۇشىغا بولغان تونۇشىنىڭ ئەتراپلىقلىقى، ئۇنىڭ سالماق، قاغجىراق، يۇمۇرىستىك ۋە ھېسداشلىق تۇيغۇسى، ئۆتكۈرلىكى، فونتاندەك ئىجادىيەت قىزغىنلىقى، ئىجادىيەتتىكى ئىزچىللىقى ئۇنى بۈگۈنكى شەرەپلەرگە ئۇلاشتۇردى. بۇنىڭدىن 11 يىل ئاۋۋال، نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى ياپونىيە يازغۇچىسى كېنزابۇرو بېيجىڭدا زىيارەتتە بولغاندا مو يەننىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشەلەيدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچسىنى بىلدۈرگەن.

       ئون بىرىنچى، بەزىلەر مو يەننىڭ ئەسەرلىرىنى ياقتۇرماي، ئەسەردىكى ئايرىم قوپال جايلارنى كۆتۈرۈپ چىقىدۇ. بۇ خاسلىققا مەنسۇپ ئامىل، شۇنداقلا، بۇنىڭدا مەلۇم ئاساسىمۇ بار. كاتتا مۇكاپاتلار ئەسەرنىڭ مۇكەممەللىكىگە ياردەم قىلالمايدۇ، بۇ تەھلىللەر ئىنتايىن نورمال، ھەتتا ئىجادىيەتكە پايدىلىق.

       ئون ئىككىنچى، مو يەننىڭ ئەسەرلىرىنى پادىشاھنىڭ يېڭى كىيىمى دېگەندىن كۆرە، نۇرغۇن يېڭى شەيئىنىڭ «پادىشاھنىڭ يېڭى كىيىمى»دەك كەمتۈكلىرى بار دېگەن تۈزۈك. ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى، مىللىي ئەنئەنە، كۆنۈككەن قىممەت قارىشى، ماختاپ ئۇچۇرۇشلار...نىڭ ھەممىسى كەم-كۈتسىز ئەمەس. تولىستوينىڭ شىكىسپىرنى كەمسۇندۇرۇشىنىڭمۇ، دوستويىۋېىسكىنىڭ تۇرگىنىف ۋە بىلىنىسكىيدىن بىزار بولۇشىنىڭمۇ ئۆزىگە يارىشا ئاساسى بار.

       ئون ئۈچىنچى، ئەدەبىياتنىڭ جەلپكارلىقى ئۇنى چۈشىنىشتە. ئەدەبىيات چەكسىز چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە، تەھلىل ۋە تەرىپلەرگە موھتاج. بىر ئەدەبىي ئەسەرگە نىسبەتەن سىزمۇ ئۆزىڭىزچە چۈشىنىسىز، مەنمۇ ئۆزۈمچە چۈشىنىمەن. باشقىلارنىڭ چۈشىنىشىنىڭ بىزنىڭ چۈشىنىشىمىزگە ئوخشىمىغانلىقىدىن خۇدۈكسىرەش ھاجەتسىز.

       ئون تۆتىنچى، مو يەننىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىنىڭ ئەڭ زور ئەھمىيىتى شۇكى، ئۇ جۇڭگونى مەغرۇر-مەردانە ھالدا تەكەببۇر «نوبېل»غا يۈزلەندۈردى. ھەم «نوبېل»نىمۇ يۈرەكلىك ھالدا ناتونۇش جۇڭگوغا يۈزلەندۈردى. ئاتالمىش نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىدا ئەمدى جۇڭگو ئامىلى پەيدا بولدى، ئوخشاشلا جۇڭگو ئەدەبىياتىدىمۇ نوبېل مۇكاپاتى ئامىلى پەيدا بولدى. مو يەننىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىنىشتۇر. مو يەننىڭ شىۋېتسىيە ئاكادېمىيەسىدە سۆزلىگەن «ھېكايە سۆزلىگۈچى» سەرلەۋھىلىك نۇتۇقى شۇ جايدىكى ئىلىم ئەھلىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى ھەم تولۇق تېكىستى بىلەن «خەلق گېزىتى»نىڭ چەت ئەلچىسىدە ئېلان قىلىندى. ئەدەبىياتقا خاس مۇبالىغە ئارقىلىق ئېيتقاندا، بۇ دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە ئىناقلىقىغا، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا، مەدەنىيەتتە گۈللەپ ياشناپ سىرتقا يۈزلىنىشكە ۋە سىرتتىن قوبۇل قىلىشقا پايدىلىق. ئەگەر بۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگودا ئونلىغان، ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ مۇشۇ خىلدىكى ئەھۋال يۈز بەرسە، جۇڭگومۇ باشقىچە بىر كەلگۈسىگە يۈزلىنىدۇ، دۇنيامۇ ھەم شۇنداق، ئۇنىڭ ئەھمىيىتى كۈنسايىن ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ.

       ئون بەشىنچى، نوبېل مۇكاپاتى تەسىس قىلىنغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە يۈزدىن ئارتۇق يازغۇچى-شائىر بۇ مۇكاپاتقا نائىل بولدى. ئەمەلىيەتتە، ئەدەبىيات ساھەسىگە زور تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان يازغۇچى ۋە ئەسەر چەكلىك بولىدۇ. بەزىلەر نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى زىيادە ئۇلۇغ بىلىۋېلىپ، ئۆز يازغۇچىلىرىنى بىر تىيىنغا ئەرزىمەس ھېسابلايدۇ. بۇ كۈچلۈك مەدەنىيەتكە يۈزلەنگەن 3-دۇنيا ئەللىرى مەدەنىيىتىدىكى ئىنكارچىلىقنىڭ، شۇنداقلا، ئاڭقاۋلىق ۋە ساددىلىقنىڭ ئىپادىسى.

       ئون ئالتىنچى، مۇئەييەن شارائىتتا ئەدەبىيات مەلۇم خىل چەتلىشىش خاھىشىغا ئىگە بولىدۇ. ئۇچۇر ئىلمىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتى، ھەرخىل تاراتقۇ ۋە تورنىڭ زەربىسىدە ئەنئەنىۋى ئەدەبىي ئىجادىيەتتە بۇرۇنقىدەك داغدام يول يوق. مۇشۇنداق شارائىتتا مو يەننىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشى خۇشاللىنارلىق ئىش، شۇنداقلا، شىۋېتسىيە ئاكادېمىيەسىنىڭ ئەدەبىيات ئىشلىرىغا بولغان تەۋرەنمەس پوزىتسىيەسى تەرىپلەشكە ئەرزىيدۇ. مۇشۇنداق شارائىتتا، كۈچىمىزگە كۈچ قوشۇپ، ئەدەبىيات ھەققىدە نېمىشقا كۆپرەك پاراڭلاشمىغۇدەكمىز؟

       ئون يەتتىنچى، شۈبھىسىزكى، بۇ مۇكاپات مويەنگە بېرىلگەن. ئەمما، شەخسنىڭ يېزىقچىلىقى ئۆزىگە خاس تىل ئالاھىدىلىكىگە، سەرگۈزەشتكە ۋە مۇھىتقا ئىگە بولىدۇ. مو يەن مۇكاپاتقا ئېرىشىش بىلەن بىللە، بىز يەنە بىر قاتار جۇڭگو ئەدىبلىرىنىڭ ئىجادىي ئەمگەكلىرىنىمۇ ئويلايمىز. ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ شۇ نەتىجىلىرىنى قەدىرلىمەي بولمايدۇ. نۆۋىتىدە ئۆزىمىزمۇ سەزمىگەن ھالدا كېيىنكى ئەدەبىي ئىجادىيىتىمىزگە ئىشەنچمىز تۇغىلىدۇ.

       ئون سەككىزىنچى، بەزى دۆلەت يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئۇتۇقى ۋە تەسىرى ئادەتتىكىچە بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرى تولىمۇ داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلگەچكە، ئۇلارنىڭ گەپ-سۆزى يوغان ھەم ھالى ئۈستۈن. شۇڭا، مەن ئالدى بىلەن جۇڭگونىڭمۇ ئۆز ئالدىغا نوپۇزلۇق ھەم كۆلەملىك بىر ئەدەبىيات مۇكاپاتى بولۇشىنى، مۇكاپات سوممىسىنى زور دەرىجىدە كۆپەيتىشنى ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. يەنە جۇڭگونىڭ ئۆز ئالدىغا دۇنياۋى ئەدەبىيات مۇكاپاتى تەسىس قىلىشىنى، ھېچبولمىغاندا، خەنزۇ تىللىق ئەسەرلەر ئەدەبىيات مۇكاپاتى تەسىس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    ھەزرەتئېلى ئەخەت تەرجىمىسى
    ★★★★★
    http://uy.ts.cn/homepage/content/2013-03/25/content_269449.htm
    ★★★★★


    历史上的今天:

    ئىلتىجا 2013年03月27日

    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: