版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/231447147.html

    مىسىر ئىخۋانى ۋە ئەردوغان تەجرىبەسى


    (ئاپتورى: ئوتتۇرا شەرق يازغۇچىسى ھامىد ماجىد)
    (ئاپتور بۇ ماقالىسىدە ئەردوغاننىڭ تۈركىيەدىكى ھاكىمىيەت باشقۇرۇش خىزمىتى بىلەن مۇرسىينىڭ مىسىر تەجرىبەسىنى سېلىشتۇرغان)


     
    تۈركىيە غەلبىلىك ئىجرا قىلغان سىياسىي ئىسلامنىڭ تەجرىبەلىرىدىن پايدىلىنىشقا ئۇرۇنىۋاتقان ئىخۋاننىڭ ئىنتايىن كۆپ قىيىنچلىقلارغا دۇچ كەلگەنلىكى ھەممىگە مەلۇم. تېخىمۇ ئوچۇق بىر ئىپادە بىلەن تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەب تاييىب ئەردوغاننىڭ ئۇزۇن ۋە قاتتىق بىر كۈرەشتىن كېيىن قولغا كەلتۈرگەن دېموكراتىيە تەجرىبەسىدىن، ئىخۋاننىڭ مىسىردا ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن پايدىلىنىشى مۇمكىندەك كۆرۈنمەيدۇ. ئەگەر ئىككى دۆلەت ئارىسىدا تېز بىر سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بارساق، بەزى ئوخشاشلىقلار بىلەن بىرگە بەزى پەرىقلىنىشلەرنىمۇ تېزلا چۈشىنىپ كۆرۈپ يېتەلەيمىز. مەسىلەن: ھەر ئىككى دۆلەتتىكى ئىسلامچىلار ئەمەلىي بىر دېموكراتىيە بىلەن دۆلەتنىڭ تىزگىنىنى قولغا ئالدى. ھەر ئىككىسى تېرەن دۆلەتلەرنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا، ئارمىيە ھۆكۈمران بولۇۋاتقان، لىبىرال ئېقىملار ئىقتىساد، بىخەتەرلىك ۋە مىدىيا ساھەسىدە زور ئورۇن ئالغان بىر مەزگىلدە بۇ غەلبىنى قولغا كەلتۈردى.
    مىسىر بىلەن تۈركىيە تەجرىبەسى ئارىسىدىكى پەرىقلەر تارىخى ئېقىمغا كۆز يۈگۈرتكىنىمىزدە تېخىمۇ روشەن ئىپادىلىنىدۇ. دۆلەت سىياسىتىگە مەلۇم بىر مەزگىلدە كىرگەن ئىخۋانغا سېلىشتۇرغاندا، ئەردوغان ۋە سەپداشلىرىنىڭ ئېغىر تەسىرىنى ئالغان بىر مەزگىلنى باشتىن كەچۈرگەنلىكى ئېنىق كۆرۈلىدۇ. ئىسلامچىلار تۈركىيەدە 90-يىللاردىن كېيىن، شەھەرلىك ھۆكۈمەت سايلام يولى ئارقىلىق كىرگەن. 10 يىلدىن كۆپ ۋاقىت ئىچىدە قىلغان خىزمەتلىرى بىلەن ئاساسىي قاتلام خەلقنىڭ قوللىشىغا ئىگە بولۇشتا غەلبە قازانغان. كېيىن ئەردوغاننىڭ تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى بولغان ئىستانبۇلغا شەھەر باشلىقى بولۇشى ۋە شەھەرنى زامانىۋى بىر شەكىلگە تەرەققىي قىلدۇرۇشى، تۈرك خەلقىنىڭ نەزىرىدە ئېتىبارىنىڭ ئېشىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى. ھاكىمىيەت ئاساسىنىڭ تېخىمۇ پۇختا بولۇشى ئۈچۈن ئىسلامچىلار تۈركىيە دۆلەت مەمۇرىيىتىدە ئىلمانىيلار بىلەن رىقابەتلىشىشنى ئازراق كەينىگە كېچىكتۈرگەن ئىدى. ئۇلار ئاۋال خەلقنى ئۆزىنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىرى بىلەن قانائەتلەندۈرۈشكە ۋە ئىسلامچىلارنىڭ ئەسلىدە دۆلەتتە بىر تەھدىت شەكىللەندۈرمەيدىغانلىقنى چۈشەندۈرۈشكە ئورۇندى. يەنى ئۇلار گەپنى قويۇپ ۋەزىيەتكە ماس ھەرىكەتلىرى بىلەن تۈرك جەمئىيىتىنىڭ نەزىرىدە مەقسەت قىلغان غەلبىسىنى قولغا كەلتۈردى.
    تۈرك خەلقلىرى بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىش ئېلىپ بارالايدىغان شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئىنتايىن كۆپ غەلبىلىك پىلانلارغا ئىمزا قويۇپ خەلقنى قايىل قىلشتا غەلىبە قازانغان ئەردوغان ۋە سەپداشلىرى، نورمال خىزمەتتە باشلىقلىقىنى قىلىۋاتقان شەھەرلىك ھۆكۈمەتتە قولغا كەلتۈرگەن تەجرىبەلەرنى خەلققە كۆرسىتىپ ۋە بۇنىڭ سايىسىدا خەلقنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈردى. تۈرك خەلقنىڭ كۆپىنچىسنى ھەيران قالدۇرغان بۇ غەلبىلەر، ئىلمانىيلارنىڭ ئىسلامچىلارنىڭ خەلقنىڭ نەزىرىدىكى ئورنىنى تۆۋەنلىتىشكە ئۇرۇنىۋاتقان، "دۆلەت مەمۇرىيتىنى چۈشەنمەيدىغان ۋە پەقەت مەسجىدلەردە ۋەز-تەبلىغ قىلىشنى بىلىدىغان دەرۋىشلەر" ئوبرازىنى خەلقنىڭ ئېڭىدىن ئاستا-ئاستا يوق قىلىشقا يېتەكلىدى.
    تۈركىيەدىكى ئىسلامچىلار، قولغا كەلتۈرگەن بۇ غەلبىلەرنىڭ سايىسىدا باشتا مىسىردىكى "مۇسۇلمان قېرىنداشلار" دىن باشلاپ ئەرەب دۇنياسىدىكى بارلىق ئىسلامى ھەرىكەتلەرگە ئۆرنەك مودىل شەكىللەندۈردى. ئاقىۋەت، ئىسلام دۇنياسى ئىلھاملاندى، تۈركىيەدە ئېلىپ بېرىلغان ھەر بىر ئىشنىڭ بىر نۇسخىسى ئەرەب زېمىنلىرىدا ئىجرا قىلىنشىقا باشلىدى ۋە داۋام قىلماقتا. " ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتيىسى" ئىسمىنىڭ مىسىردا " ھۆرىيەت ۋە ئادالەت پارتىيسى" بولۇپ شەكىللىنىشى بۇ ئوخشاشلىقنىڭ ئەڭ چوڭ ئۆرنەكلىرىنىڭ بىرى. ھەتتا ماراكەشتە قۇرۇلغان پارتىيەلەردىن بىرىنىڭ ئىسمى تۈركىيەدىكى پارتىيە بىلەن ئوخشاش ئىسىمدا.
    ئەمما پارتىيەلەرنىڭ ئىسىملىرىنى كىلونلاش ئاسان، ئىقتىدار تەجرىبەلەرنى ئەينەن ئېلىش ئاسان ئەمەس. ئەردوغاننىڭ پارتىيسىنىڭ قۇرۇلىشى، تەرەققىي قىلىشى ۋە تەدرىجى بىر شەكىلدە سېستىمىلىشى بىلەن مىسىردىكى ئىخۋان پارتىيسى ئارىسىدا ئىنتايىن زور پەرىقلەر بار. مەلۇم بولغىنىدەك تۈركىيەدىكى پارتىيەنىڭ يۈز يىللىق مەخپىي ھەرىكەت، ئىدىيىۋى قوشۇن يېتىشتۈرۈش، يىگىرمە يىللاپ ئۇدا سايلامغا قاتنىشىش-مەغلۇپ بولۇش، غەلىبە قىلىشلارغا قارىغاندا، مەلۇم بولغىنىدەك ئىخۋانغا قاراشلىق ھۆرىيەت ۋە ئادالەت پارتىيسى مىسىردا ئىنقىلابتىن كېيىنلا قۇرۇلغان ۋە سىياسەت مەيدانىغا ئاساسىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئەمەس، بېشىدىكى ئۇزۇن مەزگىل رادىكال تەشكىلات دەپ چەكلەنگەن قېرىنداشلار تەشكىلاتىدىكى دىنى رەھبەرلەرنىڭ يول-يورۇقلىرى بىلەن كىرگەن. مانا بۇ ئىككى پارتىيە ئارىسىدىكى ئەڭ چوڭ پەرق.
    ئىككى تەجرىبە ئارىسىدىكى يەنە بىر مۇھىم پەرق، ئاق پارتىيە (ئەردوغاننىڭ ئادالەت ۋە قۇرۇش پارتىيسى) نىڭ ھەرىكەت ئىچىدىكى خاتالىقلاردىن ساۋاق ئېلىپ ئۆزىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى بېشىدىن كەچۈرىشى ۋە بۇ سەۋەبتىن قۇرۇلغاندىن باشلاپ زەربە يەپ تەجرىبە يىغىپ كەلگەنلىكىدۇر. (خۇددى جاپا مۇشەققەتنى كۆپ كۆرگەن ئادەم تەجرىبەلىك ۋە پىشىپ يېتىلگەن ئادەم بولۇپ خاتالىق سادىر قىلمىغىنىدەك-ت). تۈركىيەدىكى ئىسلامى ھەرىكەتنىڭ ئالدىنقى رەھبەرلىرىدىن پروفېسسور نەجمىدىن ئەرباقاننىڭ كىشىلىك تارىخى ۋە سىياسى تەجرىبەلىرى ئاق پارتىيەنىڭ چوڭقۇر ئانالىزلىرىدىن ئۆتكەن، ئۇنىڭ سىياسىي پىلانلىرى داۋاملىق يېڭىدىن كۆزدىن كەچۈرۈلمەكتە. بۇلار بولغان ئىكەن ئاق پارتىيە سەزگۈر ۋە ئالاھىدە ئىنچىكە بىر يول تۇتۇپ ماڭماقتا، ئېنىقكى ئىسلامىي ھەرىكەتتىكى ياش بىر كۈچلەر ئەرباقاننىڭ ئوڭ قول ئوقۇغۇچىلىرى بولغان ئابدۇللاھ گۈل ۋە رەجەب تاييىب ئەردوغانغا ئوخشاش ئۇستازى ئەرباقاننىڭ يولىنى داۋاملاشتۇرماقتا، ئەمما بۇ يولنى باسقاندا ئۆزىنىڭ مەلۇمات ۋە تەجرىبەلىرىنى قوشۇپ ماڭماقتا.
    ئەپسۇسكى تۈركىيەدىكى ئىسلامچىلارنىڭ تىرەن ۋە ئىنچىكە ئانالىز ئېلىپ بېرىپ، ئۆزلىرىنى تەكشۈرۈپ چىقىش سۈزگۈچىدىن ئۆتكۈزۈپ ئېرىشكەن بۇ تەجرىبەلىرى، نە مىسىر ئىخۋانلىرىدا ۋە يا نە باشقا ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى ئوخشاش ئارزۇلۇق گۇرۇھلاردا مەۋجۇت!!!!؟  ئىخۋان ۋە ئەگەشكۈچىلىرى ھاكىمىيەت تەجرىبەسىزلىكىدىن سىرت يەنە ھازىرغىچە بەزى شەرق ئەنئەنىلىرىگە قاپسىلىپ قالماقتا. خۇددى ئوتتۇرا ئەسىردىكىدەك رەھبەرلەرگە قارىتا چوڭقۇر ھۆرمەت، ئۇلارنىڭ بۇيرۇقلىرىنىڭ سىرتىغا چىقماسلىق ۋە ئۇلارنىڭ پوزىتسىيەلىرىنى سۇئال سورىماستىن، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزمەستىن قوبۇل قىلىشقا ئوخشاش بەزى ئۇسۇللار مىسىردىكى ھەرىكەتنىڭ ئاستا ۋە ئاجىز بىر شەكىلدە ئىلگىرلىشىگە سەۋەب بولماقتا.
    ئويلىشىشقا تېگىشلىك بولغان ئىككى دۆلەتنىڭ خەلقنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسى، دۆلەتنىڭ ئاساسىي كۈچى، سىياسەت يۈرگۈزگۈچىلەرنىڭ ئۆكتىچىلەرنى قايىل قىلىش كۈچى قاتارلىق جەھەتلەردە ھەم زور پەرق بار. مانا بۇ سەۋەبتىن مىسىردىكى ئىسلامىي ھەرىكەتنىڭ دۆلەتتە غەلبىنى قولغا كەلتۈرىشى ۋە تۈركىيەگە ئوخشاش زامانىۋىي بىر دۆلەت ھالىغا كېلىشى سەل قىيىن توختىماقتا.
     
    (ئاپتورى: ئوتتۇرا شەرق يازغۇچىسى: ھامىد ماجىد)
    (تەرجىمىدە: جان پولات)

    يوللىغۇچى: news0991
    يوللىغان ۋاقىت: 2013-04-12
    ***********
    http://news.okyan.com/news/thinking/2013/0412/1128.html
    ***********


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: