版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/205575973.html

    كۆرەش ھۈسەيىن شېئىرلىرى


    ئىككى شېئىر


    كۆرەش ھۈسەيىن


    نورۇز غەزىلى

    ياشاش دېگەن ئىنسانغا ئېسىل ئەييام ئەمەسمۇ؟
    ئىنساپ،ھايا، مۇھەببەت كاتتا ئىنئام ئەمەسمۇ؟

    ئېسل ئەييام نۇسرىتى ئىنئام بەخش ئەتكەندە،
    دىدارلاشماق،سىرداشماق شىرنە قاينام ئەمەسمۇ؟

    قايناملارداسۆيگۈدىن تۇتۇشقان ھەر پىيالە،
    خاسىيەتتە گوياكى تارىم-تارام ئەمەسمۇ؟

    ۋۇجۇدىدا مىڭ تارىم دولقۇنلىرى تاشقاندا،
    ھوزۇرلانماي،ئۇسسۇغان نەق ئەقلى خام ئەمەسمۇ؟

    يۈرەكلەرنىڭ  ئەركىنى زالىملارچە تەقىپلەپ،
    لەۋ چىشلىگەن ئەخمەقنىڭ ئۆمرى ھارام ئەمەسمۇ؟

    ئاداۋەتتىن يۈز ئۆرۈپ، ساخاۋەتتە نۇر تۆكۈپ،
    ئىناقلىقتا كۈلۈشمەك شادلىق-ئارام ئەمەسمۇ؟

    خاسىيەتلىك نورۇزدا سۈيى تاشسۇن تارىمنىڭ،
    چۈنكى نورۇز ئەل ئۈچۈن كاتتا بايرام ئەمەسمۇ؟

    ▲▲▲▲▲


    كەتمەنبايدىن بىر كەلىمە:

    نورۇز تېخى ئارماندۇر، نورۇز - كۈرەش، كارۋاندۇر!
    نورۇز - دىلدا دولقۇنلاپ تۇرغان سايرام ئەمەسمۇ؟

    ▲▲▲▲▲



    نوروزلۇق گۈل تۇتتۇم شائىرەلەرگە

    ئالتۇن تەكلىماكان لەۋلىرى سالقىن،
    يۇلغۇن ۋە توغراقلار گۈل ئاچقان پۇرسەت.
    قامغاقلار نوتىسى چاقنايدۇ يارقىن،
    قوڭۇر رەڭ دالالار چىرايلىق سۈرەت.

    غىدىقلارئۇپۇقنى سەھەر بوز تورغاي،
    ئەگىيدۇ قىرلاردا نورۇز شامىلى.
    ئەگىزلەر ئەركىچە ياڭرىتار سۇناي،
    قىيغىتار قارلىغاچلار ھېلىدىن-ھېلى.
     
    تۈمەن ① گە سىر ئېيتار زەم-زەم «تامچە»لاپ،
    خوشالدۇر «قۇياشقا يېقىن كىشلەر».
    چاقماق ② نىڭ بويىدا «جىنەستە» چاقناپ،
    خان ئۆي ③ نىڭ باغرىدا تۇلپارلار كىشنەر.

    چىمەنلەر ئىچىدىن شاراپ بۇيىدەك،
    دولقۇنلار چېچەكلەپ «ئۇيغۇر دېڭىزى».
    «قەشقەرلىك ئايال»نىڭ شېرىن خۇيىدەك،
    ناچۇق ④ نىڭ بويىدا گۈلخان ⑤ نىڭ ئىزى.

    رىسالەت ⑥ «ھەسەل چاي» تۇتار يۇلتۇزغا،
    تارىمدا بېلىققا ئايلاندى ھايات ⑦.
    گۈلزار ⑧ نىڭ كۈيلىرى شەبنەم تۇيماستا،
    تەڭرىتاغ باغرىدا ئېيتار مۇناجات.

    نەفىسە ⑨ ئىزىدا يەكەن گۈزىلى ⑩
    تېتىيدۇ يۈرەككە ئايقۇت ⑾ غەزىلى.
    ئۆزگىچەپۇراقلىق «ئەقىدە گۈلى»،
    خۇش ئەتكەي زېمىننى شېئىر جىدىلى.

    نورۇزدا گۈل تۇتتۇم شائىرەلەرگە،
    ئىشەندىم يەتكۈزەر باھار شامىلى.
    يوللىدىم بىر شىڭگىل كۆڭۈل سىلەرگە،
    توزۇماس گۈللەرنىڭ خىلىدىن خىلى.

    ▲▲▲▲▲
          
    ئىزاھات:
    ① ② ③ ④- قەشقەر شەھرىدىكى دەريا-ئېقىنلار ۋە يەر نامى
    ⑤--⑾- شائىرەلىرىمىزنىڭ ئىسمىنىڭ قىسقارتىلمىسى ياكى تەخەللۇسى
    ▲▲▲▲▲
    بۇ ئىككى پارچە شېئىر kalam تەرىپىدىن «يازغۇچىلار مۇنبىرى»گە يوللانغان.
    ★★★★★
    http://bbs.xjzjxh.com/Topic.aspx?BoardID=14&TopicID=11112
    ★★★★★


    «ئەركەكلىك» چۇقانى

    (ھەجۋىي)


    كۆرەش ھۈسەيىن


    چېھرى سۈزۈك ئەركەكمەن، ئىشەن، مەيلى ئىشەنمە،
    تىلى چۈچۈك ئەركەكمەن، ئىشەن، مەيلى ئىشەنمە.
    بوران تۈسلۈك ئەركەكمەن، ئىشەن، مەيلى ئىشەنمە،
    مەيدىسى تۈك ئەركەكمەن، ئىشەن، مەيلى ئىشەنمە،
    پۈتۈنسۈرۈك ئەركەكمەن، ئىشەن، مەيلى ئىشەنمە.

    باغاق كەتمەس، لالمىدەك سورۇن بولسا چىتلايمەن،
    شاراب بىلەن شىركەبى ھەر نوچىنى «ئىت» لايمەن.
    مەيدىسىگە ئۇرغاننى رەسۋا قىلىپ پۇتلايمەن،
    شەرمەندىلىك ئىشتىنى ئېغىدىلا پىتلايمەن،
    تىلى چۈچۈك ئەركەكمەن، ئىشەن، مەيلى ئىشەنمە.

    بىر قارىساڭ يولۋاسمەن، بىر قارىساڭ قاۋانمەن،
    خۇمسىلىقتا ئاشىمەن تەمتىرىمەي داۋانمەن.
    ناجىنىسقا سايىۋەن، پاسىبانمەن خاقانمەن،
    ئادەم سىياق تۇغۇلغان جادۇگەرمەن، ھايۋانمەن،
    قېنى خۇنۈك ئەركەكمەن، ئىشەن، مەيلى ئىشەنمە.

    ئاش بەرگەنگە تاش ئاتماي ئۆتكەن كۈنۈم كۈن ئەمەس،
    تۇزلۇقلارغا سىيمىگەن تۈنۈم ھەرگىز تۈن ئەمەس.
    سۆيگەنلەردىن سويغىنىم تېرە، چاپان-تون ئەمەس،
    بىچارىلەر كۆزىدىن تۆكمىگىنىم خۇن ئەمەس،
    يۈرىكى كۆك ئەركەكمەن، ئىشەن، مەيلى ئىشەنمە.

    يۈزۈمدىكى بىر كۈلكە مىڭ شۇملۇققا ھامىلدار،
    كۆزۈمدىكى سوغ نۇردىن باھاردىمۇ قار ياغار.
    تىنىقىمدىن غەيۋەتنىڭ كوھىقاپى لاغىلدار،
    نەزىرىمدىن جەننەتتەك چىمەنلەرمۇ خارۇ-زار،
    سېسىق كۆپۈك ئەركەكمەن، ئىشەن، مەيلى ئىشەنمە.

    كۆزلىرىمدىن جۇت تاشار، ئۇچقانلارنى كۆرگەندە،
    يۈرىكىمدە ئوت يانار، ئوغلانلارنى كۆرگەندە.
    پۇت-قولۇمدىن جان قاچار پالۋانلارنى كۆرگەندە،
    ۋۇجۇدۇمدا مۇز قاتار مەردانلارنى كۆرگەندە،
    يۇندا، شۆپۈك ئەركەكمەن، ئىشەن، مەيلى ئىشەنمە.

    شېرىن-شەربەت تۆكۈلەر ئېچىلسىلا زۇۋانىم،
    تۈلكىنىمۇ ئالدايمەن، تۈرلۈك-تۈمەن ئامالىم.
    قايىل ئاداش، قېرىنداش، يۇرتلۇقلىرىم-يارانىم،
    قۇرداشلارنىڭ كۈلكىسى ئەزرائىلىم، زاۋالىم،
    ئۆسمىدەك تۈك ئەركەكمەن، ئىشەن، مەيلى ئىشەنمە.

    ئاجايىپ ئىش- تېتىيمەن توسسا ئەگەر مىڭلاپ ماز،
    ئاۋۇتىمەن خېرىدار سېتىپ يۈرۈپ جىڭلاپ ماز.
    قىلالايمەن بولالماي قالغانلارنى ئوڭلاپ ماز،
    ماز بولمىساڭ تۈگەيسەن دەيمەن نامەرد توڭلاپ ماز،
    جاھانغا يۈك ئەركەكمەن، ئىشەن، مەيلى ئىشەنمە.

    ئازغۇنلۇقتا شەيتانمۇ سۇ بېرەلمەس قولۇمغا،
    ھېيلە-مىكرىم ئالدىدا تۈلكە-توشقان يولۇمدا.
    سۈيقەست چايان، بۈرگىسى بىللە ئوڭۇ-سولۇمدا،
    ئوغا زەھەر قاينايدۇ ۋۇجۇدۇمدا-تولۇمدا،
    جۇلا پۆپۈك ئەركەكمەن، ئىشەن، مەيلى ئىشەنمە.

    دېيىلسە ئۇر داداڭنى، باش، پۇتىنى كەسلەيمەن،
    دېسە يانغىن ئاكاڭغا، ئۇكامنىمۇ قەستلەيمەن.
    يۆلىگەنچە قېرىنداش سۆرىلىمەن، پەسلەيمەن،
    ئەجدادىڭ كىم دېگەننى ئۇنۇتمايمەن ئەسلەيمەن،
    مەيدىسى تۈك ئەركەكمەن، ئىشەن، مەيلى ئىشەنمە.

    ئالايغانغا ئال دەيمەن، ئاۋال ھويلا-ئارامنى،
    مۇشتلىغانغا ئال دەيمەن، توخۇ-تۇمان، كالامنى.
    «خەپ توختاپ تۇر» دېگەنگە كۆرسەتمەيمەن قارامنى،
    قاچان؟ نەدە؟ كىم كۆرگەن مەندەك پۇشتى ھارامنى؟
    غالچا-سوكسوك ئەركەكمەن، ئىشەن، مەيلى ئىشەنمە.

    2004-يىل

    ★★★★★
    http://bbs.xjzjxh.com/forum.php?mod=viewthread&tid=716
    ★★★★★


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: