«شەرقىي تۈركىستان» مەھبۇسلىرى سالۋادوردا - [چوك گۈزەل ئەسەرلەر]

    _べ Tag:تارىخ   2012年04月21日

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/207420240.html

    «شەرقىي تۈركىستان» مەھبۇسلىرى سالۋادوردا




    ئوكيان تورى(2012-04-21) خەۋىرى:
    ئامېرىكا ئىككى «شەرقىي تۈركىستان» مەھبۇسىنى سالۋادورغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
    2012-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى نەشىردىن چىققان «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا بەش بۇرجەكلىك بىنا 4-ئاينىڭ 19-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، گۈنتانامو تۈرمىسىگە قامالغان ئىككى «شەرقىي تۈركىستان» مەھبۇسىنىڭ موشۇ ھەپتە قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ھەمدە ئىككىسىنى ئوتتۇرا ئامېرىكدىكى كىچىك دۆلەت سالۋادورغا ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. 2009-يىلى 6 نەپەر «شەرقىي تۈركىستان» مەھبۇسىنى قوبۇل قىلغان پالاۋ دۆلىتىگە ئوخشاش، سالۋادورمۇ جۇڭگو بىلەن دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتمىغان، تەيۋەن بىلەن دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىتتىپاقدىشى. سالۋادور ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارلىرى «شەرقىي تۈركىستان مەھبۇسلىرىنى قوبۇل قىلىشنى ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ئويلاشقان» لىقىنى ئېيتقان.
    ئامېرىكا «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ 2012-يىلى 19-ئاپرېلدىكى ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ ئىككى نەپەر «شەرقىي تۈركىستان» مەھبۇسى ئۇيغۇر بولۇپ، ئافغانىستاندا تېرورلۇقنى مەشىق قىلغان، ئافغانىستان ئۇرىشىدا ئامېرىكا ئارمىيىسى ئۇلارنى پاكىستاندا ئەسىرگە ئالغان، 2002-يىلدىن كېيىن تاكى ھازىرغىچە گۈەنتانامو تۈرمىسىگە قامالغان، ئەمما ئامېرىكا ئۇلارنى ئەيىبلىمىگەن. 2008-يىلى، ئامېرىكا فېدراتسىيىسى سودىيىسى ئۇلارنى قويۇپ بېرىشكە بۇيرۇق چۈشۈرگەن، سەۋەبى ئۇلار ئامېرىكىنىڭ دۈشمىنى ئەمەس ئىكەن. كېيىن، بۇ ئىككى ئۇيغۇر مەھبۇس گۈەنتانامونىڭ ئالاھىدە رايونىغا قامالغان، كۇتۇبخانىغا بېرىپ كىتاب كۆرەلەيدۇ ھەمدە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشالايدۇ. بۇ ئىككى ئۇيغۇر مەھبۇسنىڭ ئاۋدوكاتى 19-ئاپرېل ئاشكارىلىشىچە، بۇ ئىككىسىنىڭ ئىسمى ئەخمەد مۇھەممەد ۋە ئابدۇل رازاق بولۇپ، ئىككىسىلا 30 نەچچە ياش ئىكەن. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 19-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئىككى ئۇيغۇر مەھبۇس ئىسپان تىلى ئۆگىنىۋاتقان بولۇپ، سالۋادورغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىدىن ناھايىتى رازى بولغان. سالۋادور ئوتتۇرا ئامېرىكىنىڭ شىمالىدىكى بىر كىچىك دۆلەت بولۇپ، يەر مەيدانى تەخمىنەن 20 مىڭ كىۋادىرات كىلومېتىر كېلىدۇ، نوپۇسى تەخمىنەن 7 مىليون، ئىزچىل ب د ت دىن تەيۋەن دائىرلىرىنىڭ «ھەققانىي ھوقۇق-مەنپەئەتى» قوغداشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن.
    «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ دېيىشىچە، كىچىك بوش ھۆكۈمىتى ئافغانىستان ئۇرۇشىدا 22 نەپەر «شەرقىي تۈركىستان» ئۇنسۇرىنى گۈەنتانامو تۈرمىسىگە قامىغان، دەسلەپتە ۋاشىڭتون ئۇلارنىڭ ئەل قائىد تەشكىلاتى بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ گۇمان قىلغان، ئەمما كېيىن ئۇلارنىڭ نىشانى ئامېرىكا ئەمەس ئىكەنلىكىنى بايقىغان. 2006-يىلى، تۇنجى تۈركۈمدىكى 5 نەپەر «شەرقىي تۈركىستان» مەھبۇسى ئالبانىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. 2008-يىلى، ئامېرىكا سوتى قالغان 17 نەپەر «شەرقىي تۈركىستان» مەھبۇسىنى قويۇپ بېرىش ھۆكۈمى چىقارغان، ئامېرىكا بۇ كىشىلەرنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئورۇن ئىزدەپ كەلگەن.2009-يىلى بېرمۇدا ۋە پالاۋغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا 4 نەپەر ۋە 6 نەپەر «شەرقىي تۈركىستان» مەھبۇسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. 2010-يىلى، شۋېتسارىيە ئىككى نەپەر «شەرقىي تۈركىستان» مەھبۇسىنى قوبۇل قىلغان. بۇ قېتىم سالۋادور ئىككى نەپىرىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، گۈەنتانامو تۈرمىسىدە يەنە 3 نەپەر «شەرقىي تۈركىستان» مەھبۇسى قالغان بولۇپ، ئۇلار سالۋادورغا بېرىشنى خالىمىغان. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ئامېرىكا ئۇلارنى قوبۇل قىلغان دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش خىراجىتى تەمىنلەيدۇ، نۇرغۇن دۆلەتلەر جۇڭگو بىلەن مۇناسىۋىتىغا تەسىر يېتىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇلارنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان.

    (نەپرەت تەرجىمە قىلدى)
    ★★★★★
    http://news.okyan.com/View.aspx?ID=4831
    ★★★★★


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: