版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/206506648.html

    كاۋاك كاپسۇل - «چاتاق كاپسۇل» ئىكەن


    تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى(2012-04-17) خەۋىرى:
    دۆلىتىمىزدىكى نۇرغۇن ئۆلكە، شەھەرلەر «چاتاق كاپسۇل»لارنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. 13 خىل دورىغا ئىشلىتىلگەن كاۋاك كاپسۇل مەھسۇلاتىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش توختىتىلدى
    2012-يىلى 16-ئاپرېل، ئىككى كىشى جېجياڭ ئۆلكىسى شىنچاڭ ناھىيەسىنىڭ رۇئاۋ بازىرىدىكى «جۇڭگو كاپسۇل يۇرتى» دېگەن خەتلەر يېزىلغان ئېلان تاختىسىنىڭ يېنىدىن ئۆتمەكتە
    جېجياڭ ئۆلكىسى شىنچاڭ ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 16-ئاپرېل چۈش سائەت 12گىچە، ساقچى تەرەپ دورىغا ئىشلىتىلىدىغان زەھەرلىك، زىيانلىق كاۋاك كاپسۇلنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشقا چېتىشلىق 11نەپەر جىنايەت گۇماندارىغا قانۇنغا ئاساسەن جىنايى ئىشلاردىكى مەجبۇرلاش تەدبىرىنى قوللانغان. شىنچاڭ ناھىيەسى بارلىق كاپسۇل كارخانىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىپ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، تەكشۈرۈش ئاياغلاشقاندىن كېيىن شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان كارخانىلار بەلگىلىمە بويىچە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرسە بولىدىكەن.
    15-ئاپرېل چۈشتە، مەركىزىي تېلېۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ «ھەپتىلىك سۈپەت دوكلاتى»دا خەۋەر قىلىنىشچە، شاۋشىن شەھىرىنىڭ شىنچاڭ ناھىيەسىدىكى بىر قىسىم كارخانىلار كاۋاك كاپسۇل ئىشلەپچىقىرىشقا سانائەت يىلىمى ئىشلەتكەن. شىنچاڭ ناھىيە «جوكاڭ» كاپسۇل چەكلىك شىركىتى ۋە شىنچاڭ ناھىيە «خۇاشىڭ» كاپسۇل زاۋۇتى «چاتاق كاپسۇل»نى ئىشلەپچىقىرىشقا چېتىشلىق بولۇپ، ئاساسلىق كاپسۇل ئىشلەپچىقىرىدىغان ببۇ ئىككى كارخانا شىنچاڭ ناھىيەسىنىڭ رۇئاۋ بازىرىغا ماكانلاشقان. «كاپسۇل يۇرتى» دەپ نام ئالغان بۇ بازار مەزكۇر ناھىيەنىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي بازىسى بولۇپ، ھەر يىلى  100 مىليارد دانىدىن ئارتۇق كاپسۇل ئىشلەپچىقىرىپ، دۆلىتىمىزنىڭ كاپسۇللۇق دورا ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ 3/1ىنى ئىگىلىگەن.
    شۇ كۈنى، مەركىزىي تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى يەنە خېبېيدىكى بىر قىسىم كارخانىلارنىڭ ئۆچۈرۈلگەن ھاكتىن پايدىلىنىپ تېرە تاشلاندۇقلىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ ۋە ئۇنى قاينىتىپ سانائەت يىلىمى ھاسىل قىلىپ، شىنچاڭدىكى بىر قىسىم كارخانىلارنىڭ كاپسۇللۇق دورا ئىشلەپچىقىرىشى ئۈچۈن سېتىپ بەرگەنلىكىنى، سانائەت يىلىمى ئىشلىتىلگەن بۇ دورىلارنىڭ دورا كارخانىلىرىغا ئېقىپ كىرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا بىمارلار تەرىپىدىن ئىستېمال قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. تېرە تاشلاندۇقلىرى ئاشلىنىش جەريانىدا خروم تەركىبلىك ئاشلاش ماتېرىيالى كۆپرەك ئىشلىتىلىدىغان بولغاچقا، بۇنىڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان كاپسۇللۇق دورىلارنىڭ خروم تەركىبى زور دەرىجىدە ئېشىپ كېتىدىكەن. خروم بولسا كۈچلۈك زەھەرلىك  ئېغىر مېتال بولۇپ، ئاسانلا ئادەمنىڭ ھۈجەيرىسىگە كىرىۋېلىپ، جىگەر، بۆرەك قاتارلىق ئىچكى ئەزالار ۋە DNAغا زىيان يەتكۈزىدىكەن، ئادەم بەدىنىدە يىغىلىپ قالسا راكنى ھەمدە گېنلارنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
    ★★★★★


    خروم تەركىبى ئېشىپ كەتكەن دورا


    خروم تەركىبى ئېشىپ كەتكەن كاۋاك كاپسۇل ياساشقا چېتىلغان دورا زاۋۇتى




    خروم تەركىبى ئېشىپ كەتكەن دورىلار بەزى دورا دۇكانلىرىدا يەنىلا سېتىلىشنى كۈتمەكتە


    جوكاڭ شىركىتى ئىشلەپچىقارغان كاۋاك كاپسۇل


    بۇ تېرە تاشلاندۇقلىرىدىن سانائەت يىلىمى ئېلىنىدۇ
    ★★★★★

    نۇرغۇن جايلار مەسىلە بار دورا كاپسۇلىنى تەكشۈرۈشنى باشلىدى

    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى(2012-04-17) خەۋىرى:
    ئېلىمىزدىكى نۇرغۇن جايلار مەسىلە بار دورا كاپسۇلىنى تەكشۈرۈشنى باشلىدى.
    ئېلىمىزدىكى نۇرغۇن ئۆلكە، شەھەرلەر 2012-يىلى 15-ئاپرېل تاراتقۇلار ئاشكارىلىغان 13 خىل دورىغا قۇرۇق كاپسۇل ئىشلىتىش ئىشىنى تەكشۈرۈشنى باشلاپ، بۇ خىل دورىلارنى سېتىش ۋە ئىشلىتىشنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى تەلەپ قىلدى. مۇخبىرنىڭ 16-ئاپرېل بېيجىڭ شەھەرلىك دورا نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، بېيجىڭ شەھىرى تاراتقۇلار ئاشكارىلىغان خىروم ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن مەھسۇلاتلارغا قارىتا، كېچىلەپ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇپ، «بېيجىڭ شەھەرلىك دورا نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خىروم ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن كاپسۇللۇق دورىلارنى سېتىش، ئىشلىتىشنى ۋاقتىنچە توختىتىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى جىددىي چىقىرىپ، شۇ كۈندىن تارتىپ بېيجىڭ شەھىرىدىكى داۋالاش ئورگانلىرى، توپ سېتىش كارخانىلىرى ۋە دورىخانىلاردىن تاراتقۇلار ئاشكارىلىغان خىروم ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن 13 خىل مەھسۇلاتنى سېتىش، ئىشلىتىشنى ۋاقتىنچە بىردەك توختىتىش، پۈتۈن شەھەردىكى دورا نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. بېيجىڭ شەھەرلىك دورا نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش ئىدارىسى داۋالاش ئورگانلىرى، دورا پارچە سېتىش كارخانىلىرىنى دورا ئىشلىتىشكە مەسلىھەت بېرىش ۋە دورىگەرلىك مۇلازىمىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كېسەللەرنى بۇ دورىلارنىڭ ئورنىغا ئىشلىتىلىدىغان دورىلارنى ياخشى تاللاشقا يېتەكلەشنى بۇيرۇدى. بېيجىڭ شەھەرلىك سەھىيە ئىدارىسى يەنە 83979811 ئەرز تېلېفونىنى ئېلان قىلدى، شەھەر ئاھالىلىرى خىروم ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن مەھسۇلاتلارنى بايقىسا، بۇ تېلېفون ئارقىلىق ئەرز قىلسا بولىدۇ.
    شاڭخەي شەھەرلىك يېمەكلىك، دورا نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش ئىدارىسى 16-ئاپرېل مۇنداق دېدى: «دورا ئوبوروتىنى ئەمەلىي نازارەت قىلىش سىستېمىسى» بىلەن كېچىلەپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، شاڭخەي شەھىرىدىكى يېمەكلىك، دورا نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش تارماقلىرى بۇ قېتىم تاراتقۇلار ئاشكارىلىغان خىروم ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن 13 خىل دورىنىڭ شاڭخەي بازارلىرىغا كىرمىگەنلىكىنى بايقىدى؛ لېكىن بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، تاراتقۇلار ئاشكارىلىغان باشقا ئالتە خىل دورا شاڭخەي بازارلىرىغا كىرگەن. نۆۋەتتە، نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش تارماقلىرى بارلىق دورا تىجارەت كارخانىلىرى ۋە داۋالاش ئورگانلىرىدىن بۇ خىل دورىلارنى سېتىش ۋە ئىشلىتىشنى ۋاقتىنچە توختىتىپ، مال جاھازىسىدىن چۈشۈرۈپ، ئۆز جايىدا پېچەتلەشنى تەلەپ قىلدى. بۇندىن باشقا، شاڭخەيدىكى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش تارماقلىرى دورا كاپسۇلى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئىككى كارخانىنىڭ خام ئەشيالىرى ۋە مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈردى. نۆۋەتتە، شاڭخەيدىكى يېمەكلىك، دورا نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش تارماقلىرى كاپسۇلغا ئالاقىدار مەھسۇلاتلارنى مەخسۇس نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش ۋە مەھسۇلاتلارنى ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈشنى باشلىدى، لاياقەتسىز مەھسۇلاتلار بايقالغان ھامان قانۇن بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ ھەم جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئېلان قىلىدۇ.
    جېجياڭ ئۆلكىلىك يېمەكلىك، دورا نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش ئىدارىسى تاراتقۇلار ئاشكارىلىغان جېجياڭ ئۆلكىسى شىنچاڭ ناھىيەسىدىكى ئىككى كارخانىنىڭ سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان يار يېلىم بىلەن دورىغا ئىشلىتىدىغان قۇرۇق كاپسۇل ئىشلەپچىقىرىش ۋەقەسى ھەققىدە ئالاقىدار كارخانىلارنى جىددىي تەكشۈردى ھەم ئۆلكە بويىچە كاپسۇل تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى باشلىدى. نۆۋەتتە جېجياڭ ئۆلكىلىك يېمەكلىك، دورا، نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش ئىدارىسى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان بۇ ئىككى كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى، ئىسكىلاتى، مالىيەسنى پېچەتلىدى، مەسىلە بار مەھسۇلاتلار ۋە خام ئەشيالارنى ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈشكە يوللىدى. بۇ ئىككى كارخانىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇپ بەردى.
    جىلىن ئۆلكىلىك پارتكوم، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش تارماقلىرىنى لاياقەتسىز كاپسۇل بىلەن دورا ئىشلەپچىقارغان كارخانىلارنى تەكشۈرۈپ، بۇنىڭغا چېتىشلىق دورىلارنى دەرھال پېچەتلەپ، سېتىشنى ۋاقتىنچە توختىتىش، سېتىلىپ بولغان گۇمانلىق مەھسۇلاتلارنى دەرھال قايتۇرۇپ كېلىشكە بۇيرۇدى. تەۋە جايلاردىكى دورا تىجارەت كارخانىلىرى ۋە داۋالاش ئورگانلىرىدىن گۇمانلىق دورىلارنى سېتىش ۋە ئىشلىتىشنى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن ئۆلكىدىكى دورا ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى چوڭ تەكشۈرۈپ، دورىغا ئىشلىتىلىدىغان قۇرۇق كاپسۇل، يار يېلىم ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتتى، تەكشۈرۈشتە بايقالغان قانۇن، بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلدى.
    دورىغا ئىشلىتىلىدىغان قۇرۇق كاپسۇلدىكى خىروم ئۆلچەمدىن كېتىشكە چېتىشلىق بولغانلىقتىن، چىڭخەي ئۆلكىسى گىلا دەندۇڭ دورىچىلىق چەكلىك شىركىتى ئامباردىكى 160 مىڭ تال قۇرۇق كاپسۇلنى پېچەتلىدى، شىركەتنىڭ كاپسۇل ئىشلەپچىقىرىشىنى ۋاقتىنچە توختاتتى ھەم ئالاقىدار مەھسۇلاتلارنى جىددىي يىغىۋېلىشقا باشلىدى. چىڭخەي ئۆلكىسى گىلا دەندۇڭ دورىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتور ياردەمچىسى قوشۇمچە سېتىش دىرېكتورى تيەن لياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تاراتقۇلار خىروم ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن 13 دورىنىڭ ئىسىملىكىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، چىڭخەيدىكى ئۆلكە، شەھەرلىك يېمەكلىك، دورا نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش تارماقلىرى 15-ئاپرېل شىركىتىمىزنىڭ سەككىز تۈردىكى 160 مىڭ تال قۇرۇق كاپسۇلىنى پېچەتلىدى. شىركىتىمىز كاپسۇل ئىشلەپچىقىرىشنى ۋاقتىنچە توختاتتى ھەم 15-ئاپرېل جايلاردىكى ۋاكالەتچىلىرىگە جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، شىركىتىمىز ئىشلەپچىقارغان بارلىق كاپسۇل مەھسۇلاتلىرىنى دەرھال پېچەتلەش، سېتىشنى ۋاقتىنچە توختىتىش ۋە دەرھال يىغىۋېلىشنى تەلەپ قىلدى.
    ★★★★★
    http://www.uycnr.com/xwzx/lwzg/201204/t20120417_324671.html
    ★★★★★



    كۆ پلىگەن جايلاردا زەھەرلىك كاپسۇلىلىق دورا تەكشۈرۈپ ئېنىقلاندى

    ياڭچېڭ كەچلىك گېزىتى مۇخبىرى خەۋەر قىلىشىچە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ھەپتىلىك سۈپەت تەكشۈرۈش دوكلاتىدا قانۇنسىز سودىگەرلەرنىڭ خروم ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن سانائەت ھايۋانات يېلىمىنى دورا ياساشقا ئىشلەتكەنلىكى ئاشكارىلانغان، شىيۇجېڭ (修正) دورىگەرلىكى، توڭخۇا جىنما (通化金马) دورىگەرلىكى، شۇجوڭ (蜀中) دورىگەرلىكى قاتارلىق 9 دورا زاۋۇتىنىڭ 13 تۈركۈم كاپسۇللۇق دورى مەھسۇلاتى قارا تىزىملىككە كىرگەن. 4-ئاينىڭ 16-كۈنى، گۇاڭجۇ شەھەرلىك يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىش باشقۇرۇش ئىدارىسى دوكلات قىلىشى، خەۋەردە چېتىلىدىغان 13 مەسىلە بار دورا مەھسۇلاتىنىڭ 8 خىلى گۇاڭجۇدا سېتىلغان. مۇخبىرنىڭ ئىگەللىشىچە، بېيجىڭ، شاڭخەي، جېجىياڭ، جىلىن، چىڭخەي قاتارلىق ئۆلكىلەرنىڭ شەھەرلىرىدە زەھەرلىك كاپسۇللۇق دورىلارنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرغان بولۇپ، سېتىش ۋە ئىشلىتىشىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.
    «زەھەرلىك كاپسۇلا» ۋەقەسى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، زەھەرگە چېتىلىپ قالغان 9 دورا كارخانىسىدا، بەزى كارخانىلار ئۆزىنى ئاقلىغان، بەزى كارخانىلار سۈكۈت قىلىغان، ئەمما ھازىرغىچە بىرەر كارخانا ئىستېمالچىلاردىن ئاشكارا كەچۈرۈم سورىمىغان، شۇڭا ئىستىمالچىلار نارازى بولغان. ئالدى بىلەن شيۇجېڭ دورىگەرلىكىنىڭ تور بېتى خاككېر ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، 16-ئاپرېل كەچە چىڭخەي گېلەن دەندوڭ (格拉丹东) دورىگەرلىك چەكلىك شېركىتى ۋە توڭخۇا جىما دورىگەرلىك گۇرۇھىنىڭ تور بېتىشىمۇ خاككېر ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. خاككېرلار تور بېتىگە «مېنىڭ سېسىق ئايىقىمدا دورا ياسىدىڭلارمۇ؟»، «ۋىجدان دورىسى ياساڭلار ھە!» قاتارلىق سۆزلەرنى قالدۇرۇپ قويغان.

    (نەپرەت تەرجىمە قىلغان)
    ★★★★★
    http://news.okyan.com/View.aspx?ID=4787
    ★★★★★










    ★★★★★

    دورا باھاسىدە نېمە ئۈچۈن بۇنچە چوڭ پەرق بولىدۇ؟

    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى(2011-11-21) ماقالىسى:
    ئادەتتە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بەزى دورىلارنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسى بىلەن دوختۇرخانىدا پارچە سېتىلىش باھاسى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ئارىدىن پايدا ئېلىش نىسبىتى ھەتتا %6500 دىن ئېشىپ كېتىدۇ،. ئۇنداقتا بۇنچە چوڭ پەرقلىق دورا باھاسىدا كىمنىڭ يانچۇقى تومپىيىۋاتىدۇ؟
    مۇخبىر بۇ ھەقتە بىر يىلغا يېقىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئادەتتە ئىشلىتىلىدىغان بەزى دورىلارغا خېرىدار بولۇش باھاسىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسىدىن خېلىلا يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بايقىدى، مۇخبىر ئادەتتە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان 20 خىل دورىنى تاللاپ تەكشۈرۈپ، بۇ دورىلارنىڭ زاۋۇتتىن چىقىپ، دوختۇرخانىغا بارغىچە بولغان ئارىلىقتا قالىدىغان ساپ پايدىنىڭ %500 دىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى بايقىدى.
    داۋالاش ۋە دورا ساھەسىدىكى نۇرغۇن ئەربابلار: دورىدىن ھەددىدىن يۇقىرى پايدا ئېلىش ئەھۋالى قىسىمەن ئەھۋال دەپ ئىنكاس قىلدى، دورا كەسپىدىكى جاۋ ليەنبى زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: دورا باھاسىدىكى پەرق ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بەش ھەسسىدىن ئاشىدۇ، بەزىدە 20،30 ھەسسىگىمۇ بارىدۇ، كەسىپ ئەھلىلىرى مۇخبىرغا بەزى دورىلارنىڭ باھا مۇندەرىجىسىنى بەردى، بۇ نەچچە يۈز دورا زاۋۇتىنىڭ نەچچە ئون مىڭ دورىسىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسى ۋە دوختۇرخانىدا پارچە سېتىلىش باھاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۆپكە ياللۇغى، ئاشقازان ياللۇغى ۋە ئاغرىق توختىتىشقا ئىشلىتىلىدىغان بەزى دورىلارنىڭ زاۋۇتتىن چىقىپ دوختۇرخانىغا بارغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ساپ پايدىسىلا %400 دىن ئېشىپ كېتىدىكەن.
    ئەڭ ئەقىلگە سىغمايدىغىنى بۇنداق ئىككى خىل دورا باھاسى پەرقى: بىرى تيەنجىن دورىچىلىق گۇرۇھى شىنجېڭ پاي چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان 2 مىللىلىتىر 4 مىللىگىراملىق لاپپاكونىتى سۇيۇقلۇقىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسى 52 پۇڭ، خېرىدار بولۇش باھاسى 16 يۈەن، دوختۇرخانىدا پارچە سېتىلىش باھاسى 18 يۈەن 40پۇڭ ، ئارىدىن ئالىدىغان پايدا %3400 دىن ئېشىپ كېتىدۇ، يەنە بىرى شەندۇڭ فاڭمىڭ دورىچىلىك پاي چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان ئىككى مىللىلىتىر 20 مىللىگىراملىق نىفوپام سۇيۇقلۇقىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسى 32 پۇڭ، خېرىدار بولۇش باھاسى 18 يۈەن 49 پۇڭ، دوختۇرخانىدا پارچە سېتىلىش باھاسى 21 يۈەن 26 پۇڭ، ئارىدىن قالىدىغان پايدا %6500 دىن ئاشىدۇ، كېيىن يەنە مۇخبىرنىڭ تەكشۈرۈشى ئارقىلىق مۇشۇ كەسپىدىكى ئەربابلار تەمىنلىگەن يۇقىرىقى باھانىڭ راستلىقى ئايان بولدى.
    ئېلىمىزدە ھازىر يولغا قۇيۇلۇۋاتقان دورىغا مەركەزلىك خېرىدار چاقىرىش چارىسىغا ئاساسەن بارلىق ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئىشلىتىدىغان دورىلارنى رىقابەت باھاسى بويىچە سېتىۋېلىشى، باھانى يەرلىكتىكى ئۆلكە دەرىجىلىك دورا مەركەزلىك سېتىۋېلىشنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى تەكشۈرۈپ بېكىتىپ، ئېلان قىلىشى كېرەك، تەكشۈرۈپ بېكىتىلىپ ئېلان قىلىنغان بۇ باھا خېرىدار بولۇش باھاسى دەپ ئاتىلىدۇ، خېرىدار بولۇش باھاسى دوختۇرخانىلارنىڭ دورا سېتىۋېلىشىدىكى ئەڭ يۇقىرى باھا چېكى، شۇڭا رىقابەت باھاسىنىڭ بېكىتىلىشى دورا باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان بەلگىلىك ئامىل بولۇپ قالغان.
    مۇخبىر زىيارەت قىلىش جەريانىدا جايلاردىكى دورىنى مەركەزلىك سېتىۋېلىشنى ۋە خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇشنى باشقۇرۇش تارماقلىرى خېرىدار بولۇش باھاسىنىڭ قانداق بېكىتىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلغان، مۇخبىر بىر دورا زاۋۇتى مەسئۇلىنى زىيارەت قىلغاندا بۇ مەسئۇل كىشى مۇنۇلارنى ئاشكارىلىغان: دورىغا خېرىدار بولۇش ۋە باھاسىنى بېكىتىش خىزمىتى دورا زاۋۇتىنىڭ ئىشى ئەمەس، ئۇنىڭغا كەسپىي داۋالاش، دورا ۋاكالەت شىركەتلىرى مەسئۇل بولىدۇ، بۇ شىركەت ئىشلەپچىقارغان ئاياللار كېسىلىنى داۋالايدىغان ئادەتتىكى بىر دورىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسى يەتتە يۈەن، ئۇنىڭغا خېرىدار بولۇش باھاسى 56 يۈەن، بۇ جەرياندا يوشۇرۇن كەسىپ قائىدىسىگە ئەمەل قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن.
    بۇ مەسئۇل كىشى مۇنداق دېدى: ۋاكالەتچى شىركەتلەر خېرىدار بولغاندىن كېيىن، قانچىلىك پۇل تاپىدۇ؟ دوختۇرخانا قانچىلىكىنى تۇتۇپ قالىدۇ؟ دوختۇرلارغا قانچىلىك قالىدۇ؟ ئاخىرىدا پۇقرالارغا قانچىلىكتىن چۈشىدۇ؟ مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر كەسىپ بەلگىلىمىسىدەك قىلىدۇ.
    بۇ مەسئۇل كىشى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: گەرچە بۇ دورىلاردىن ئارىلىقتا ئالىدىغان پايدا %800 دىن ئېشىپ كەتسىمۇ، ئەمما دورا زاۋۇتىمۇ بىر يۈەن ئەتراپىدا پايدا ئالىدۇ، 7 يۈەندىن 56 يۈەنگىچە بولغان ئارىلىقتىكى 49 يۈەن پۇل دورا ۋاكالەتچىلىرى، دورا شىركەتلىرى، دوختۇرخانا ۋە دوختۇرلارنىڭ چۆنتىكىگە چۈشىدۇ.
    تەكشۈرۈش داۋامىدا، دورا توپ تارقىتىش كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان بىر كىشى بۇ دورا زاۋۇتى مەسئۇلىنىڭ سۆزىنى ئىسپاتلاپ: بۇنداق پايدىنى تەڭ ئېلىش قېلىپى دورىغا خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇش، باسقۇچىدىكى يوشۇرۇن قائىدە دېدى.
    دورىغا خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇشنى باشقۇرۇش تارماقلىرى دورىغا خېرىدار بولۇش باھاسىنىڭ زادى قانداق بېكىتىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىمىدى، نېمىشقا دورىغا خېرىدار بولۇش باھاسىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولىدىغانلىقى قاتارلىق ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگىمۇ مۇۋاپىق چۈشەندۈرۈش بەرمىدى.
    ئۇقۇشىمىزچە، 2001-يىلدىن باشلاپ، ئېلىمىز دورىغا مەركەزلىك خېرىدار چاقىرىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشقا باشلىغان، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى دورا باھاسىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئۆرە بېكىتىلىپ كېتىشىنى توسۇش ئۈچۈن ھەر بىر دورىغا قارىتا ئەڭ يۇقىرى پارچە سېتىش باھاسىنى بېكىتىپ، دوختۇرخانىلاردىن دورىلارنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسىنىڭ بۇنىڭدىن ئېشىپ كەتمەسلىكىنى تەلەپ قىلدى، بۇنى كەسپىي خادىملار ئاسمان پەلەك باھا دەپ ئاتىدى، ئەمما مۇخبىر تەكشۈرۈش داۋامىدا نۇرغۇن دورىلارغا خېرىدار بولۇش باھاسى زاۋۇتتىن چىقىش باھاسىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولسىمۇ، ھەتتا نەچچە ئون ھەسسە يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما دوختۇرخانىدىكى مۇشۇنداق خېرىدار بولۇش باھاسى بويىچە ھېسابلاپ چىقىلغان پارچە سېتىلىش باھاسىنىڭ تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى ئېلان قىلغان ئەڭ يۇقىرى پارچە سېتىلىش باھاسىدىن تۆۋەن ئىكەنلىكىنى بايقىدى.
    مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: دورىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پارچە سېتىلىش باھاسىنى بېكىتىشتىن مەقسەت دورا باھاسىنى كونترول قىلىپ، دورا باھاسىنىڭ ھەددىدىن زىيادە يۇقىرى بولۇپ كېتىشىنى توسۇش، ئەمما ھازىرقى ئەھۋال شۇكى باھاسى ئاسمان پەلەك بۇ دورىلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى پارچە سېتىلىش باھاسىنى زاۋۇتتىن چىقىش باھاسى بىلەن سېلىشتۇرساق كىشىنىڭ ئەقلىگە سىغمايدۇ. شەندۇڭ فاڭمىڭ دورىچىلىقى ئىشلەپچىقارغان ئىككى مىللىلىتىر 20 مىللىگىراملىق نىفوپام سۇيۇقلۇقىنى مىسال قىلىدىغان بولساق، ئۇنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسى 32 پۇڭ، ئەڭ يۇقىرى پارچە سېتىلىش باھاسى 35 يۈەن 90 پۇڭ، ئۇنداقتا ئاسمان پەلەك باھا قانداق بېكىتىلىدۇ؟ مۇخبىر نۇرغۇن باھا باشقۇرغۇچى تارماقلار بىلەن ئالاقىلاشقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ يۈز تۇرانە جاۋابىغا ئېرىشەلمىگەن.
    مۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دورا شىركەتلىرى، دوختۇرخانا، دوختۇر،خېرىدار چاقىرىش، دورىغا خېرىدار بولۇشنى باشقۇرۇش تارماقلىرى قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلارنىڭ ئالىدىغان پايدىسى يوشۇرۇن قائىدە، بۇ ئۆزگەرتىلمەيدىغان بولسا، دورىغا خېرىدار بولۇش باھاسىنىڭ نورمال دائىرىگە كىرىشى ناھايىتى قىيىن بولىدۇ، دورا باھاسىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، دورىغا خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇش جەريانىدىكى ھەر خىل قالايمىقانچىلىقلارنى ھەل قىلىپلا قالماي يەنە دورىغا پىرسەنت قوشۇش سىياسىتىنى تەڭشەش كېرەك.
    ئىگىلىنىشچە، نۆۋەتتە 2 ئا دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى دوختۇرخانىلار، خېرىدار بولۇش باھاسى بويىچە دورا سېتىۋېلىشى، دورىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا %15 باھا قوشۇپ بىمارلارغا سېتىپ بېرىشى كېرەككەن، مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دورىغا پىرسەنت قوشۇش سىياسىتى ئەڭ دەسلەپ دوختۇرخانىلارنىڭ مۇۋاپىق پايدا ئېلىش ۋە نورمال تىجارەت قىلىشى ئۈچۈن چىقىرىلغان ئىدى، ئەمما يولغا قويۇش داۋامىدا دوختۇرخانىلار ھەمىشە قىممەت دورىلارنى كىرگۈزىۋاتىدۇ، ئادەتتىكى كېسەللەرنى داۋالايدىغان ئەرزان، ياخشى دورىلار دوختۇرخانىلارغا كىرەلمەيۋاتىدۇ.
    بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ، يېڭى داۋالاش ئىسلاھاتى سىياسىتى مۇتەخەسسىسى گۇشىن مۇنداق دەپ قارىدى: دوختۇرخانىلاردا سېتىلىدىغان دورىلارغا %15 باھا قوشۇش سىياسىتىنى تېزدىن تەڭشەش كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن دورا باھاسىنىڭ ھەددىدىن ئۆرە بولۇپ كېتىشىنى توسۇپ قالغىلى، بىمارلارغا نەپ يەتكۈزگىلى بولىدۇ، ئۇ مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئەگەر ھۆكۈمەت %15 قوشۇش تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى مۇستەقىل ھوقۇققا ئىگە قىلسا، ئۇلارنىڭ بازارغا بېرىپ ئەرزان مال كىرگۈزۈش يولى ئېچىلىدۇ، ئۇ مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت باشقۇرۇش تۈزۈمىنى بوشاتسا، مەيلى بىمار ياكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندى ۋە ياكى دوختۇرخانا بولسۇن ھەممىسى نەپكە ئېرىشىدۇ.

    تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەد
    ★★★★★
    http://www.uycnr.com/xwzx/lwzg/201111/t20111121_164282.html
    ★★★★★

    دورا باھاسى نېمە ئۈچۈن بىنورمال يۇقىرى بولىدۇ؟

    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى(2011-12-06)ماقالىسى:
    يېقىندا دورا باھاسىنىڭ بىنورمال يۇقىرى بولۇش مەسىلىسى جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىنىڭ دىققەت ئېتىبارنى قوزغىدى. بەزى تاراتقۇلار دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى 1998-يىلى قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە 28 تۈرلۈك دورا باھاسىنى تۆۋەنلىتىش ھۆججىتى چىقارغانلىقىنى ئىستاتىستىكا قىلدى.
    ئاددىي ھېسابلىغاندا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ دورا باھاسىنىڭ بىنورمال يۇقىرى بولۇشنى تىزگىنلىگىلى 20 يىلغا يېقىن بولغان.
    20 يىل جەريانىدا قايسى سەۋەب دورا باھاسىنىڭ بىنورمال يۇقىرى بولۇشنى ھەل بولماس مەسىلىگە ئايلاندۇردى؟ دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى داۋالاش ئىسلاھاتى مۇتەخەسسىسلەر مەسلىھەت بېرىش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى شيەنفا يېقىندا تاراتقۇلاردا ئاشكارىلانغان دورا باھاسى بىنورمال يۇقىرى بولۇش مەسىلىسىگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلدى. ئەمما لى شيەنفا مۇنداق دېدى: دورا باھاسىنىڭ بىنورمال يۇقىرى بولۇشىدا ئالدى بىلەن بازار سەزگۈرلۈكىنى يوقاتقانلىقتىن، دورىلارنى مەركەزلىك سېتىۋېلىش تۈزۈمىگە تايىنىپلا دورا باھاسىنىڭ بىنورمال يۇقىرى بولۇشىنى يوق قىلىش تەس، ئەمما بۇ تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى بولمىسا، دورا باھاسىنىڭ بىنورمال يۇقىرى بولۇشى تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ، بىمارلار بۇنىڭ ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ بەدەل تۆلەيدۇ. لى شيەنفا ئۇزاقتىن بويان، داۋالاش ئاپپاراتلىرى سېتىۋېلىش تۈزۈمى ۋە داۋالاش دورا ئېلېكتىرونلۇق سودا ئەندىزىسىنى تەتقىق قىلغان بولۇپ، جۇڭگودىكى «دورىغا خېرىدار چاقىرىش سېتىۋېلىشتىكى تۇنجى كىشى» دەپ تەرىپلىنىدۇ، شۇنداقلا ئۇ سەھىيە مىنستىرلىقى قاتارلىق تارماقلارنىڭ دورىغا مەركەزلىك خېرىدار چاقىرىش سېتىۋېلىش سىياسەت ھۆججىتىنى تۈزگۈچىلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە دوختۇرخانىلارنىڭ دورا سېتىۋېلىشى ئاشكارا بولدى، يېقىندا بېيجىڭ، شەندۇڭ قاتارلىقلار جايلار ئوخشاشلا خېرىدار چاقىرىپ سېتىۋالغان بولسىمۇ، ئەمما «ئوخشاش دورا پەرقلىق باھا » ھادىسىسى كۆرۈلگەنلىكىگە قارىتا لى شيەنفا مۇنداق دېدى: مەركەزلىك خېرىدار چاقىرىپ سېتىۋېلىش ئەندىزىسى دورا باھاسىنىڭ بىنورمال يۇقىرى بولۇشىنى تىزگىنلەيدۇ، بۇنىڭدا خاتالىق يوق.
    لى شيەنفا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ئېلىمىزدىكى دۆلەت ئىلىكىدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ دورا سېتىۋېلىشىدا ھەقىقەتەن ئىككى خىل تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى ساقلانماقتا. بىرى، ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى تارقاتقان 56-نومۇرلۇق ھۆججەت، يەنە بىرى ئۆتكەن يىلى 7-ئايدا سەھىيە مىنستىرلىقى قاتارلىق يەتتە تارماق بېسىپ تارقاتقان 64-نومۇرلۇق ھۆججەت. سىياسەت يۆنىلىشى بىردەك. ئەمما 56-نومۇرلۇق ھۆججەتتە خېرىدار چاقىرىش بىلەن سېتىۋېلىش بىرلەشتۈرۈلگەن، شەندۇڭ قاتارلىق جايلار 56-نومۇرلۇق ھۆججەت بويىچە ئاساسىي دورىلارنى مەركەزلىك سېتىۋالدى. كارخانىلارنىڭ خېرىدار چاقىرىشى- سېتىش جەريانىنىڭ ئاياقلاشقانلىقىدىن، 2-قېتىملىق سېتىشقا ئېھتىياجلىق ئەمەسلىكىدىن، دورا باھاسىنى خاتىرجەم تۆۋەنلەتسە بولىدىغانلىقىدىن، ھەتتا ئەڭ تۆۋەن باھادا خېرىدار چاقىرىشقا بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەردى.
    بېيجىڭ قاتارلىق جايلار 64-نومۇرلۇق ھۆججەت بويىچە دورىلارنى مەركەزلىك سېتىۋالدى، كارخانىلارنىڭ خېرىدار بولغانلىقى ئۇلارنىڭ يەرلىك بازارغا كىرىش ئىجازىتىگە ئېرىشكەنلىكىدىن، 2-قېتىملىق سېتىشنى تېزلىتىش ئارقىلىق ئاندىن سېتىش جەريانىنى تاماملايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. كارخانىنىڭ 2-قېتىملىق سېتىشنى تېزلىتىش تەننەرخىنى مۆلچەرلىشى قېيىن بولغاچقا، ھەتتا چوڭ سودىگەرلەر شېرىنكاغا تايىنىپ سېتىشنى تاماملايدۇ، خېرىدار چاقىرىپ باھا مەلۇم قىلغاندا باھانى تۆۋەنلەتكىلى بولۇپلا قالماستىن يەنە ۋاستە تاللىمايلا بىر قەدەر زور باھا بوشلۇقىغا ئېرىشەلەيدۇ. لى شيەنفا مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشتا دورا سېتىۋېلىش سىياسىتىنى يەنىمۇ تەڭشەشكە، دورا سېتىۋېلىش سىياسىتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ۋە ماسلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. بۇلار داۋالاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى.
    ★★★★★
    http://www.uycnr.com/xwzx/lwzg/201112/t20111205_167927.html
    ★★★★★

    دوختۇرلارنىڭ كېسەلگە خاتا دىياگنوز قويۇشى ئەقىلگە مۇۋاپىق ئىشمۇ؟

    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى(2011-11-10) ماقالىسى:
    لى چىڭچىڭ 2-نويابىر كەچتە قورسىقى ئاغرىپ دوڭگۈەن شەھىرى تاڭشيا دوختۇرخانىسىغا بېرىپ تەكشۈرتىدۇ، دوختۇر ئۇنىڭغا بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇش دەپ دىياگنوز قويۇپ، ئۇنىڭغا دەرھال ئوپېراتسىيە قىلدۇرمىسىڭىز بولمايدۇ دەيدۇ. شۇ كۈنى كەچتە، باش ئوپېراتسىيەچى ئوپېراتسىيەخانىدىن چىقىپ، لى چىڭچىڭنىڭ يولدىشىغا بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇش ئەمەس، بەلكى سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغى ئىكەن دەپ، ئۇنىڭدىن سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغى ئوپېراتسىيەسىگە قوشۇلىمەن دەپ قايتا ئىمزا قويۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئوپېراتسىيەدىن كېيىن لى چىڭىڭنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىدۇ، دوختۇرخانا بۇنداق خاتا دىياگنوز قويۇلۇش نورمال ئەھۋال دەپ تۇرۇۋالىدۇ، نۆۋەتتە دوختۇرخانا بىمار بىلەن بۇ ھەقتە كېڭەشمەكتە.
    ھازىرقى تېخنىكا شارائىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، داۋالاش دىياگنوزىدا كەتكۈزۈپ قويۇشتىن ساقلىنىش تەس. 2008-يىلى، مەملىكەت بويىچە تۇنجى «جۇڭگو مېدىتسىناسىدا خاتا دىياگنوز قويۇش ھۆججەتلىرى سانلىق مەلۇمات ئامبىرى» تەتقىقاتىدىن ئايان بولۇشىچە، ئېلىمىز دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن خاتا دىياگنوز قويۇش نىسبىتى %27.8 بولۇپ، خەلقئارا سەۋىيەدىكى %30 بىلەن ئاساسەن تەڭلەشكەن. بۇ-خاتا دىياگنوزنىڭ دۇنياۋى مېدىتسىنا ھادىسىسى ئىكەنلىكى، ياۋروپا، ئامېرىكىدىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بولغان تەقدىردىمۇ، بۇنىڭدىن ساقلانغىلى بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ھازىرقى داۋالاش سەۋىيەسىدە تېخى %100 توغرا دىياگنوز قويۇشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدىغان ئەھۋالدا، بۇنداق رېئاللىقنى سىز قوبۇل قىلىشىڭىز كېرەك.
    لېكىن نۆۋەتتىكى مەسىلە خاتا دىياگنوز قويۇشتا ئەمەس، بەلكى داۋالاش ئورگانلىرى ۋە دوختۇرلارنىڭ خاتا دىياگنوزغا تۇتقان پوزىتىسىيەسى، خاتا دىياگنوزنى نورمال ئەھۋال دەپ تۇرۇۋالىدىغان قورقۇنچلۇق تەپەككۇردا ئىپادىلەنمەكتە. كېسەل دوختۇرخانىغا كىرگەن ھامان، تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۈتۈنلەي دوختۇرخانىغا تاپشۇرىدۇ، نېمە كېسەل، بۇنى قانداق داۋالاشنى دوختۇرخانا بېكىتىدۇ، دوختۇرخانا كېسەللەرنىڭ ھاياتىغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك. دوڭگۈەن شەھىرى تاڭشيا دوختۇرخانىسىدىكى دوختۇرلار بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇش بىلەن سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغىنى ئاسانلا ئارىلاشتۇرۇپ قويغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە كەسىپ جەھەتتىكى ئالاقىدار كۆرسەتمىلەرنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، يەنە خاتا دىياگنوز قويغان شۇنداقلا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىپ، كېسەلنىڭ روھىي ۋە پىسخىكا جەھەتتىكى يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەن، شۇنداق بولغان ئىكەن، بۇنداق ئاتالمىش نورمال ئەھۋالنى ھەقىقەتەن نورمال ئەھۋال دېگىلى بولمايدۇ.
    مەيلى قانداق سەۋەب بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، نورمال، ئېھتىماللىق ئىچىدە بولسۇن ياكى دوختۇرخانا يول قويغان دائىرىدە بولسۇن، بۇنىڭ ھەممىسىنى كېسەل ئەمەس، بەلكى دوختۇرخانا ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. بولمىسا، نورمال ئەھۋال قارىشى تونۇش جەھەتتىكى چەتنەشنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. مەسىلەن: دوختۇرخانا ھەر قايسى تەرەپلەردىن ئويلىشىپ مۇمكىنچىلىكنىڭ مۇقەررەرلىككە ئايلىنىشىغا يول قويۇپ، ئاخىرىدا ئاتالمىش نورمال ئەھۋالدىكى مەسئۇلىيەتنى ئىتتىرىپ قويىدىغان ۋە خېيىم-خەتەردىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان باھانىغا ئايلاندۇرۇۋېلىشى مۇمكىن. ئارقىدىن، داۋالاشتىكى بارلىق خاتالىقنى خاتا دىياگنوز بىلەن يېپىپ، داۋالاش ۋەقەسىنى چەكلىشى تەسكە چۈشۈشى مۇمكىن.
    بۇ ھەرگىز قورقۇتۇپ ئېيتىلغان گەپ ئەمەس، بەزى خەۋەرلەر بۇنىڭغا ئىسپات بولالايدۇ. يېقىندا، شەندۇڭ ئۆلكىسى جىنەن شەھىرىدىكى ۋاڭ خانىمغا ئۆپكە راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى، ئۈچ ئايلا ياشىيالايدۇ دەپ دىياگنوز قويۇلىدۇ، خىمىيەلىك داۋالاشتىن كېيىن ئەھۋالى بارغانسېرى يامانلىشىدۇ، شۇڭا دوختۇرخانا ئالمىشىپ تەكشۈرتكەندىن كېيىن خاتا دىياگنوز ئىكەنلىكى بايقىلىدۇ، لېكىن زىيادە خىمىيەلىك داۋالاشتا ئۆپكىنىڭ سول قانىتى ئىقتىدارىنى يوقاتقانلىقتىن كېسىپ تاشلىنىدۇ. ۋاڭ خانىم جاۋابكار دوختۇرخانىغا بېرىپ، بۇنىڭغا جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا، دوختۇرخانا 30 نەچچە يالغان كېسەللىك تارىخىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىدۇ. دوختۇرخانىنىڭ بۇ خىل قىلمىشى ئورتاقلىققا ئايلىنىپ قالدى، نۇرغۇن دوختۇرخانىلارنىڭ خاتا دىياگنوزغا تۇتقان پوزىتىسىيەسى پاكىتنى سەمىمىيلىك بىلەن ئېتىراپ قىلىش بولماستىن، بەلكى ھەقىقىي ئەھۋالى يوشۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى دۆڭگەپ قويۇش بولماقتا، نەتىجىدە دوختۇرخانا بىلەن كېسەللەرنىڭ مۇناسىۋىتىدە يوشۇرۇن خەۋپ كېلىپ چىقتى.
    شۇڭا، خاتا دىياگنوزغا تۇتقان پوزىتسىيە تېخنىكىدىنمۇ مۇھىم. بىر تەرەپتىن، دوختۇرخانا بىلەن دوختۇرلار سەمىمىي پوزىتسىيە بىلەن داۋالاشقا مەسئۇل بولۇشى كېرەك، بۇ-داۋالاشنىڭ ئىلمىيلىكىنى بەلگىلىگەن. ئەگەر ئۆزىنى قاچۇرسا، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغىلى بولمايدۇ، سەۋەبىنى ئىزدەپ، ئۈنۈملۈك باھالىسا ھەم خىزمەت تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرسە، خاتا دىياگنوز قويۇش نىسبىتىنى ئازايتقىلى بولىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئەگەر خاتا دىياگنوز قويۇش ئەمەلىيىتىگە بىۋاسىتە يۈزلەنمەي، تۈزۈم جەھەتتىن دۆلەتنىڭ تولۇقلىما تۈزۈمىنى ئورناتماي، خەتەرلىك ئەھۋال پەيدا قىلسا، ئاخىرىدا دوختۇرخانا بىلەن كېسەللەرنىڭ ئىناق مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىش تەسكە چۈشىدۇ.
    خاتا دىياگنوزدىن ساقلانغىلى بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ نورمال ئەھۋال ئەمەس، بۇنى داۋالاش ۋەقەسىنىڭ باھانىسى قىلىۋېلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.
    ★★★★★
    http://www.uycnr.com/xwzx/lwzg/201111/t20111110_160843.html
    ★★★★★

    چياڭشېڭ بوۋاقلار يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنىڭ تەركىبىدە «راك كېسىلى» پەيدا قىلىدىغان ماددا بار ئىكەن

    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى(2011-11-08) خەۋىرى:
    ئامېرىكا گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش بىرلەشمىسى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى بىر دوكلاتىدا دېيىلىشىچە، ئامېرىكا، جۇڭگو، ئاۋسترالىيە، كانادا ۋە ھىندونېزىيە قاتارلىق 5دۆلەت بازارلىرىدا سېتىلىۋاتقان بوۋاقلار يۇيۇش سۇيۇقلۇقى تەركىبىدە كۋاتېرنارى ئاممونىي تۇزىدىن ئىبارەت ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق بولغان 15خىل ماددا بار بولۇپ، بۇ خىل ماددا چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغاچقا، بۇ ئارقىلىق كۈچلۈك فورمالىن باكتېرىيىسى قويۇپ بىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىككى يىل ئىلگىرىكى چياڭشېڭ مەھسۇلاتلىرىدىن نۇسخا ئىلىپ تەكشۈرۈشتىن كۆرسىتىلىشىچە، بۇ سۇيۇقلۇق تەركىبىدە راك كېسىلىنى پەيدا قىلىش مۇمكىنچىلىكى بار بولغان «دى ئوكسان»نىڭ بارلىقىمۇ تىلغا ئىلىنغان. خەۋەر تارقىلىپ، بۇ گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە قارىتا قايتىدىن تەڭشەش ئېلىپ بېرىلغان، بولۇپمۇ، بوۋاقلارغا كېرەكلىك بولغان داڭلىق ماركىدىكى بالىلار گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ۋە باشقا ئۆلچەملەر يەنە بىر دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.
    مەھسۇلاتتا زەھەرلىك ماددا بار توغرىسىدا يەنە بىر قېتىم خەۋەر تارقالدى چياڭشېڭ شىركىتى بايانات ئېلان قىلىپ مەھسۇلاتىمىز «بىخەتەر» دېدى.
    دوكلاتتا، ئامېرىكا، جۇڭگو، ئاۋسترالىيە، كانادا ۋە ھىندونېزىيە قاتارلىق بەش دۆلەت بازارلىرىدا سېتىلىۋاتقان بارلىق چياڭشېڭ ماركىلىق بوۋاقلار يۇيۇش سۇيۇقلۇقى تەركىبىدە كۋاتېرنارى ئاممونىي تۇزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 15خىل ماددا بار، بىراق ئەنگلىيە، ياپونىيە،دانىيە، فىنلاندىيە، شىۋېتسىيە، نورۋېگىيە، گوللاندىيە ۋە جەنۇبى ئافرىقا قاتارلىق 8دۆلەت بازارلىرىدا سېتىلىۋاتقان چياڭشېڭ بوۋاقلار يۇيۇش سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىسىنىڭ زەھەرلىك ماددا قويۇپ بېرىشى بۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن.
    چياڭشېڭ (جۇڭگو) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئەمەلدارى بۇنىڭغا قارىتا توردا بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «چياڭشېڭ بوۋاقلار مەھسۇلاتلىرىدا چىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى نۇرغۇن ئاكتىپ تەركىبلەر بار، بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسى بىخەتەر، ھەمدە مەھسۇلاتلار سېتىلىۋاتقان ھەر بىر دۆلەت ۋە رايوننىڭ نازارەت قىلىشى ئارقىلىق تەستىقتىن ئۆتكەن، بۇ جۇڭگو، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. باشقا چىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئىنزونلار گىرىم بۇيۇملىرىدا ئىلىتىلىش جەريانىدا ناھايىتى ئاز مىقداردا فورمالىن قويۇپ بىرىدۇ، بۇ ئىستىمالچىلارغا زىيانلىق بولغان باكتېرىيىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قوشۇلغان. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرى ئوخشاش بولمىغانغا ئوخشاش، تۈرلۈك مەھسۇلاتلارنىڭ تەركىبى ۋە قوشىدىغان بۇيۇملار ئوخشاش بولمايدۇ، بىراق چياڭشېڭ بوۋاقلار مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەممىسى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ نازارەت قىلىش تارماقلىرىنىڭ مەھسۇلات ئۆلچىمى ۋە تەلىپىگە ئۇيغۇن، چياڭشېڭ ماركىلىق بوۋاقلار مەھسۇلاتى داڭلىق ماركا بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا قويۇلىدىغان بىخەتەرلىك تەلىپى يۇقىرى. بىزمۇ بىر قىسىم فورمالىن بار دېگەن ئىستېمالچىلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان پىكىرىگە قارىتا، چۈشەنچە بەردۇق. شۇڭا بىز يەر شارىدا ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى چىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بۇيۇم قوشۇلغان زەھەرسىز بوۋاقلار مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئاچتۇق. بۇ فورمالىن قويۇپ بەرمەيدىغان چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەھسۇلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.»
    مۇخبىر زىيارەت جەريانىدا، بۇنىڭ بىر قىسىم ئىستىمالچىلارغا بولۇپمۇ بوۋىقى بار بولغان ئانىلارغا غايەت زور تەشۋىشلىنىش خاھىشى پەيدا قىلغانلىقىنى بايقىغان. مۇنبەردە «چياڭشېڭ بوۋاقلار يۇيۇش سۇيۇقلۇقىدا راك پەيدا قىلىدىغان ماددا بار ئىكەن»، «جۇڭگودا سېتىلىۋاتقان چياڭشېڭ بوۋاقلار يۇيۇش سۇيۇقلىقىدا راك پەيدا قىلىدىغان ماددا بارلىقى ئاشكارىلاندى، نېمىشقا چياڭشېڭدا قوش لىنىيەلىك ئۆلچەم ئىجرا قىلىنمايدۇ؟» قاتارلىق قىزىق تېمىلار بەس-بەستە ئېلان قىلىندى. نۇرغۇنلىغان تورداشلار بۇ تېمىلارغا قارىتا ئۆزىنىڭ قارىشىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە «چياڭشېڭدىن باشقا، قايسى خىل يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بوۋاقلارغا ماس كېلىدىغان بولسا» توردا ئېلان قىلىپ تەۋسىيە قىلىپ قويۇشنى تەلەپ قىلىپ، ئۆز باللىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە نەزىرىنى ئاغدۇردى، نۇرغۇنلىغان ئانىلار چياڭشېڭ شىركىتى ۋە بۇ مەھسۇلاتلارغا ئەمدى ئىشەنگىلى بولمايدۇ دېدى، يەنە بىر قىسىم تورداشلار ئەمدى چياڭشېڭ بوۋاقلار مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەتمەيدىغانلىقى ۋە سېتىۋالمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
    شاڭخەيلىك ۋاڭ خانىم مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: مەن چياڭشېڭنىڭ بىر سەمىمىي ئىستېمالچىسى، بىراق بىر قېتىم چياڭشېڭ بوۋاقلار تىرە ئاسراش مەھسۇلاتىنى ئىشلەتكەندىن كېيىن، يۈز تېرەم قىزىرىپ، قېچىشىش قاتارلىق غەيرى ئالامەتلەر كۆرۈلدى، «گەرچە، ئەھۋال ئانچە ئېغىر بولمىسىمۇ، مەن يەنىلا باشقا ماركىدىكى مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىپ بىر ئاز ئەسلىمىگە كېلىۋالدىم، يەنە دېمەكچى بولغىنىم، بۇنى بوۋاقلارغا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، چوڭلارغا شۇنداق رېئاكسىيە قىلغان يەردە، بۇنى قانداقمۇ بالىلارغا ئىشلىتىشكە جۈرئەت قىلغىلى بولسۇن؟»
    ★★★★★
    http://www.uycnr.com/xwzx/lwzg/201111/t20111107_159974.html
    ★★★★★


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: