版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/208339698.html

    مەن ۋە شېئىر


    ساداقەتجان ھاجى


    شېئىرسىز ھايات چوغۇم يالجىمايدۇ.
    شېئىرسىز ياقماس ماڭا باھار پەسلى.
    ئۇ بولغاچ روھىم مېنىڭ ئالجىمايدۇ.
    مەن ئۈچۈن مۇقەددەستۇر ئۇنىڭ ۋەسلى.

    شېئىرسىز ئارمان قۇشۇم ئۇچالمايدۇ.
    شېئىرسىز بەخت-ئامەت مەندىن يىراق.
    ئۇ بولغاچ قەلبىمنى تۈن قۇچالمايدۇ.
    ئۇ ياقتى يۈرىكىمگە مەشئەل-چىراق.

    شېئىرسىز دىل ئاسمىنىم سۈزۈلمەيدۇ.
    شېئىرسىز ئەقىل گۈلۈم چاچماس پۇراق.
    شېئىردىن كۆڭۈل رىشتىم ئۈزۈلمەيدۇ.
    شېئىر دەپ قاينار ئىشقىم بولۇپ بۇلاق.

    شېئىرسىز سۆيگۈ ماڭا شىرىن ئەمەس.
    شېئىرسىز ئىچكەن شەربەت زەھەر-زەھەر.
    ئويغۇتار شېئىر مەندە ئوتلۇق ھەۋەس.
    ئويغۇتار شېئىر مېنى ھەر تاڭ سەھەر.

    شېئىرسىز ئويلىرىمنىڭ قىممىتى يوق.
    شېئىرسىز يولىرىمنى باسار يانتاق.
    شېئىردا ھەقىقەت بار، شېئىر - ئۇلۇغ!
    شېئىر بىر نەرە تارتسا چاقار چاقماق.

    شېئىرسىز ئەقىدەمدىن شەيتان كۈلەر.
    شېئىرسىز ئىرادەمدە ئۈمىد يوقتۇر.
    ئوقۇسا شېئىرىمنى شەيتان ئۆلەر.
    قولۇمدا قەلەم بولغاچ كۆڭلۈم توقتۇر.

    نەۋايى شەربەت قۇيدى پىيالەمگە.
    روھىمغا مەشرەپ روھى مەدەت قىلدى.
    تەۋپىقنىڭ قېنى سىڭىپ ۋۇجۇدۇمغا
    قەلبىمنى ھىدايەتكە دەۋەت قىلدى.

    ھىدايەت يالقۇنىدا ياندى دىلىم،
    يورۇتتى ئىلھام نۇرى تۈنلىرىمنى.
    چوغ بولۇپ، چولپان بولۇپ ياندى تىلىم،
    ئۆتكۈزدۈم شېئىر بىلەن كۈنلىرىمنى.

    شېئىرىم - ياۋغا ئاتقان ئوقۇم مېنىڭ.
    شېئىرىم - يارغا بەرگەن مۇھەببىتىم.
    بەختىمدۇر، ئامىتىمدۇر چوقۇم مېنىڭ
    شېئىر دەپ چەككەن ھەر بىر مۇشەققىتىم.

    شېئىرىم - سولمايدىغان گۈللىرىمدۇر.
    مەن ئۇنى خەلقىم ئۈچۈن تىزىپ چىققان.
    شېئىرىم - ئۆلمەيدىغان كۈيلىرىمدۇر.
    مەن ئۇنى قېنىم بىلەن يېزىپ چىققان.

    ★★★★★
    (2003-يىل. قەشقەر
    «قەشقەر ئەدەبىياتى» 2004-يىللىق 3-سان)
    ★★★★★



    بەش يىلدىن كېيىن شېئىر ھەققىدە قايتا ئويلاندىم ۋە شېئىرسىزمۇ مەۋجۇتلۇقىمنى، بەلكى مەنسىز شېئىرنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ھىس قىلدىم. شېئىر ھەققىدىكى سېھىرلىك تۇيغۇلاردىن ۋاز كەچتىم ۋە شېئىرسىز دۇنيانىڭمۇ گۈزەللىكىنى تۇيدۇم. ئەلۋەتتە، شېئىرسىز دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى شېئىر بىلەن تۇيدۇم؟ سېھىر بىلەن ئەمەس!


    شېئىرسىز دۇنيا


    ساداقەتجان ھاجى


    شېئىرسىزمۇ گۈزەلدۇر دۇنيا،
    شېئىرسىزمۇ گۈللەر ئېچىلار.
    شېئىرسىزمۇ زۇلمەتتە قالغان
    روھىمىزغا نۇرلار چېچىلار.

    شېئىرسىزمۇ يىغلىيالايمىز،
    شېئىرسىزمۇ كۈلىمىز يەنە.
    شېئىرسىزمۇ ياشىيالايمىز،
    شېئىرسىزمۇ ئۆلىمىز يەنە.

    شېئىر ئۇنچە مۇقەددەس ئەمەس،
    شائىرمۇ ھەم ئەمەس ئەۋلىيا.
    شېئىر يېزىش - سۆيگۈ يا ھەۋەس،
    شائىر بولساڭ بولغىن بىرىيا.

    «قەلىمىمدىن قان ئاقتى» دىمە،
    ۋىجدانىڭنى پەش قىلىپ تولا.
    سەن بىر ئۆمۈر دىيەلمىگەننى
    دەيدىكەنغۇ كىچىك بىر بالا...

    ★★★★★
    (2008-يىل 4-ئاي. قەشقەر)
    ★★★★★


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: