دېموكراتىيە دېگەن زادى نېمە؟ - [چوك گۈزەل ئەسەرلەر]

    _べ Tag:پەلسەپە   2012年04月25日

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/208450975.html

    دېموكراتىيە دېگەن زادى نېمە؟


    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى(2012-04-24) ماقالىسى:
    غەربنىڭ دېموكراتىيەسى يەنىلا بىر مەسىلە

    دېموكراتىيە دېگەن زادى نېمە؟
    دېموكراتىيە ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرالامدۇ؟
    پۇقرالارنى خاتىرجەم ئولتۇراقلاشتۇرالامدۇ؟
    ئەگەر شەكىل جەھەتتىكى دېموكراتىيە تەرتىپى بولسا، ئاز ساندىكى كىشىلەرگە بايلىق ئېلىپ كېلىدۇكى، كۆپ ساندىكى ئاممىغا بەخت ئېلىپ كېلەلمەيدۇ.
    بۇ خىل دىمۇكراتىيە قانۇنلۇقمۇ؟
    بۇ مەسىلىلەرگە قارىتا تەرەققىي قىلغان كاپتالىستىك دۆلەتلەردىكى بىر قىسىم بىلىملىك زاتلار غەربنىڭ دىموكراتىيەسى ئۈستىدە ئويلاندى.
    خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى 5-يىلغا قەدەم قويدى، غەربتە ياشاۋاتقان كشىلەر ئەلۋەتتە «بىز نېمە بولدۇق» دېگەن سوئالنى سورايدۇ، گۇمانىي تىغ ئۇچى ئىقتىسادىي تۈزۈمگە قارىتىلىپلا قالماستىن يەنە سىياسىي تۈزۈمگىمۇ قارىتىلغان.
    ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسلىھەتچىسى، داڭلىق خەلقئارا مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسى بىرژىنسكىي يىل بېشىدا مۇخبىرنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەرگەندە «دىموكراتىيە يەنىلا بىر مەسىلە، بۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققتىنى تارتىدۇ»، دېدى. ئۇنىڭ ئەسىلى سۆزى مۇنداق: بۈگۈنكى مەسىلە- كونتروللىقىنى يوقىتىش ۋە ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئۆز مەنپەئەتىگە چوغ تارتىۋاتقان پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسى رامكىسىدا، ھەر قانداق ئۈنۈملۈك رامكا ئارقىلىق بىزگە تېخىمۇ چوڭ، تېخىمۇ يۈكسەك بولغان نىشان كەمچىل بولىۋاتقان ئەھۋالدا، دىموكراتىيە گۈللىنەلەمدۇ-يوق؟ بۇ بىر مەسىلە.

    غەربنىڭ كۆپ پارتىيەلىك پارلامېنت دىموكراتىيەسى گۇمان قوزغىغىلى خېلى ئۇزۇن بولدى.
    دىموكراتىك تەپەككۇر بىلەن دۆلەت دىموكراتىيە تۈزۈمى گرىتسىيەدىن باشلانغان، ئەمما زامانىۋى دىموكراتىيەنىڭ مۇقەددىمىسى غەربىي ياۋروپادا بارلىققا كەلگەن، ئامېرىكىدا شەكىللەنگەن. ئۇ خىرىستىئان دىنى بولۇپمۇ پروتستانت دىنىنىڭ دوگماسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. فىئودالىزىمغا قارشى تۇرۇش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئۇ بىر ئىلگىرىلەش بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ باراۋەر بولۇشىغا پايدىلىق. ئەمما كىشىلەر دىموكراتىيەنىڭ بىر جەريان ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلدى، ئۇ ئەزەلدىن تەدىرىجىي ھالدا نىسپىي دىموكراتىيەگە ئۆزگىرىپ باقمىغان. بۇ خىل ئىزدىنىش مەڭگۈ ئاياقلاشمايدۇ.
    بىر ئادەم بىر ئاۋاز دېگەندىمۇ، سايلام باشلانغاندا بايلار، ئەرلەرلا ئاۋاز بېرىدۇ. ئەنگىلىيە 20-ئەسىرىنىڭ باشلىرىغىچە شەھەر نوپۇسى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %90تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىسىمۇ، بىر ئادەم بىر ئاۋاز بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرالمىغان. ئامېرىكا مۇستەقىللىق ئۇرۇشىدىن كېيىن، بىر تۈركۈم ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن نامراتلار يەر بېرىشنى مۇراجىئەت قىلدى، شۇ ۋاقىتتىكى دائىرىلەر ناھايىتى ئالاقزادە بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر توساقنى لايىھەلەپ، نامراتلار، نېگىرلار، ئاياللارغا پارلامېنتتا بىر كىشىلىك ئورۇن بېرىلمەيدۇ، دېدى، 1965-يىلغا كەلگەندە بىر ئادەم بىر ئاۋاز بولۇش ئاندىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئامېرىكا قانۇنىغا ئاساسەن، ئامېرىكا پىرېزىدېنتىمۇ بىر ئادەم بىر ئاۋاز بولۇش بىلەن بىۋاستە سايلانمايدۇ. ئامېرىكىنىڭ ئىككى پارتىيە تۈزۈمى سايلىغۇچىلارنى لايىھەلەنگەن رامكا ئىچىدە ئۆزىنىڭ دىموكراتىيە ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. بۇ بىر ھەقىقىي ۋەقە.
    ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان بىر جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچى ئامېرىكىلىق بىر ساۋاقدىشى بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنت سايلىمىنى تېلىۋىزوردىن بىرلىكتە كۆرىدۇ. ھېلىقى ئامېرىكىلىق ياش جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىغا: بىز ئامېرىكىلىقلار نېمە دېگەن بىچارە، ئىككى ئەخمەقنىڭ بىرى تاللىنىدۇ دېگەن. بۇنىڭ يېرىمى چاقچاق، يېرىمى راست ئىدى.
    ھالبۇكى، ئامېرىكا سىياسىئونلىرىنىڭ ئاغزىدا، ئامېرىكىنىڭ دىموكراتىيە تۈزۈمى ئەڭ ياخشى، پۈتۈن دۇنيانىڭ ئۈلگىسى. ئۇلار ئۇنى توقماق قىلىپ ئۆزلىرى بىلەن ئوخشىمايدىغان دىموكراتىيە ئەندىزىسىنى دۇمبالايدۇ. كىم كۆزىگە سىغمىسا، دىموكراتىيەگە قارشى تۇردى دېگەن قالپاقنى كەيگۈزىدۇ.
    2010-يىلى ئامېرىكا ئالى سوت مەھكىمىسى كارخانىلارنىڭ سايلام ئىئانە پۇلىغا چەك قويماسلىقىنى بەلگىلىدى. مانا بۇ «ھوقۇق پۇل سىياسىيسى»نىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ بەردى. پۇل بولمىسا سىياسىئونلار سايلامغا قاتنىشالمايدۇ، كىمنىڭ پۇلىنى ئالسىڭىز، شۇنىڭغا خىزمەت قىلىسىز.
    غەرب ھەتتا بەزىلەرنى نەقىل كەلتۈرۈپ، «پۇل دىموكراتىيەنىڭ ئانىسى» دېدى. ئامېرىكىنىڭ تاشقى پائالىيەت تەسىر كۈچى ئىنتايىن جانلىق، ئۇ قانۇنلۇق ئېلىپ بېرىلغان كۆرۈنمەس قىلتاق.
    مۇشۇنداق دىموكراتىيە تۈزۈمى تەرتىپ جەھەتتىن قارىغاندا، خۇددى دىموكراتىيەدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما بۇ خىل دىموكراتىيە پۇقرالارغا نېمە ئېلىپ كېلىدۇ؟
    جۇڭگونىڭ «يېگەن ئېغىز ئۇيۇلىدۇ» دېگەن سۆزى ناھايىتى جايىدا ئېيتىلغان. مانا بۇ ھەقىقەت.
    ھازىر ئامېرىكىلىقلار پارلامېنت 1929-يىلىدىكى زور ئىقتىسادىي چېكىنىشتىن كېيىنكى 4-يىلى، يەنى 1933-يىلى ماقۇللانغان «گىلاس-سىدگىر لايىھەسى»نى نېمىشقا 1999-يىلى بىكار قىلىدۇ؟
    بۇ لايىھەدە ئادەتتىكى سودا بانكىلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش بانكىلىرىغا ئوخشاش ھايانكەشلىك سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا رۇخسەت قىلماسلىق بەلگىلەنگەن. ئەگەر ئاشۇ لايىھەلەر بىكار قىلىنمىغان بولسا، 2007-يىلدىكى ئىككىلەمچى قەرز كىرىزىسىمۇ يۈز بەرمەس بولغىيتتى ياكى ئۇنداق ئېغىر بولماس بولغىيتتى. سەۋەبى ناھايىتى ئاددىي، ۋول كوچىسى بەك كۈچىيىپ كەتتى، ئۇلار پارلامېنتنى كونترول قىلىپ، ئۆزىنىڭ مەنپەتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېڭى قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىتالايدۇ.
    بېرژىنىسكىنىڭ ئېيتقىنىدەك: «كونتىروللىقىنى يوقاتقان ۋە ئاز سانلىق كىشىلەر ئۈچۈنلا شەخسىيەتچىلىك بىلەن پايدىنى كۆزلەيدىغان پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسى»، مۇشۇنداق قانۇنلۇق قۇرۇلغان. بۇ تۈزۈلمە خاراكتېرلىك چىرىكلىك، يەنى ئەڭ چوڭ چىرىكلىك.
    2008-يىلى خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى پارتلىغاندىن كېيىن، ئەنگىلىيەنىڭ ئايال پادىشاھى لوندون ئىقتىساد سىياسىي ئىنىستىتۇتىغا بېرىپ ئىقتىساد ئالىملىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئادەمنى ئوڭايسىزلاندۇرىدىغان «نېمىشقا ئۇنى ھېچكىم ئالدىن بىلەلمىگەن؟» دېگەن سوئالنى سورىغان. نەق مەيداندا بەزىلەر چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمگەن، يەنە بەزىلەر ئادىللىق ھېس قىلمىغان.
    ئەنگىلىيە تايمىس گېزىتى ئېلان قىلغان سابىق پارلامېنت ئەزاسى ماسسىۋ پارىسنىڭ ماقالىسىدا مۇنداق دېيىلدى: ئەمەلىيەتتە ئالدىن كۆرەلىگەن كىشىلەر نۇرغۇن، بىراق ھېچكىم ئۇلارنىڭ پىكرىنى ئاڭلىمىغان، غەرب ئەللىرىنىڭ ئىدىيىۋىي ئېقىمى ئۆزىگە بارلىق نەرسىگە ئىگە بولسا بولىدىغانلىقىنى دەپ بېرىدىغان ھەرقانداق كىشىگە ئىشىنىش ۋە ئۇنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ ئىشلىتىش، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ياراتقان پۇل-مۇئامىلە مەھسۇلاتى ۋە سىياسىي فاڭجىنىنى پۈتۈنلەي قوبۇل قىلىش. بۇ كۆڭۈلنى يارىدىغان سۆزلەر زادى نېمىنىڭ غەرب ئەللىرى دىموكراتىيەسىنىڭ چىنلىقىغا خوجا بولىۋاتقانلىقىنى ئېچىپ بەردى.
    ۋول كوچىسىنى ئىگەللىۋېلىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئەنگىلىيەدە لوندون كوچىسىنى ئىگەللەش ھەرىكىتى پەيدا بولدى. ئۇلارنىڭ بىر ئىقتىساد ئالىمى گۇرۇپپىسى بار. ئۇنىڭ ئىككى ئەزاسى بۇ يىل 25-يانۋار ئەنگىلىيە پۇل-مۇئامىلە گېزىتىدە مۇنداق دەپ يازدى: دۇنيا ئىقتىسادىي كىرىزىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. بىراق بىزنىڭ سىياسىي سىستېمىمىزدا ھەرخىل مەسىلىلەر مەۋجۇد، بۇ كىرىزىسنىڭ ئەڭ چوڭ ئادەملەر توپىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۇسۇلىدا ھەل قىلىنىشىغا توسالغۇ بولدى.
    ئامېرىكا ۋول كوچىسىنى ئىگەللىۋېلىش ھەرىكىتىنىڭ ۋەكىلى، 24 ياشلىق مارىيا داۋوس مۇنبىرىدە مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ نىشانىمىز مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىش. بىزنىڭ ئېتىبار بېرىدىغىنىمىز ھەل قىلىش لايىھەسى ئەمەس، بىزنىڭ ھەل قىلىش لايىھەسىنى ئىزدەش جەريانىنى ئۆزگەرتكۈمىز بار.»
    بۇ سۆزلەر كىشىگە ئادەملەرنىڭ ئويلىشىدىغىنى ئىقتىسادىي سىياسەتلا ئەمەس، بەلكى بۇ سىياسەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سىياسىي تۈزۈمگە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ دېگەن ئۇچۇرنى بېرىدۇ.

    غەرب دىموكراتىيەسىنىڭ قانۇنىيلىق مەسىلىسى
    ئويلىنىش غەرب ئەللىرى دىموكراتىيەسىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى مەسىلىگە ھەمدە دىموكراتىيەنىڭ قانۇنىيلىقىغا چېتىلىدۇ. قانۇنىيلىق ھازىر غەرب ماگناتىنىڭ قولىغا ئېلىۋېلىپ باشقا دۆلەتلەرنى ئۇرىدىغان توقمىقى بولۇپ، ئازراقلا باھانە بولسا قارشى تەرەپ ھۆكۈمىتىنى قانۇنىيلىقى كەمچىل دەيدۇ. ھالبۇكى ھازىر بۇ توقماق ئۆزىنىڭ بېشىغا ئۇرۇلىۋاتىدۇ.
    ئېففىل ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ يىل 27-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، دۇنيا ئىجتىمائىي مۇنبىرىگە قاتناشقان بەزى داڭلىق ئالىملار بىردەك مۇنداق دەپ قارىغان: نەپسانىيەتچى پۇل–مۇئامىلە بازىرى ياۋروپانىڭ دىموكراتىيەسى كونترول قىلىۋالدى، ھەمدە بۇنداق تۆۋەن چېكى يوق بازار كىشىلىك ھوقۇق ۋە سىياسىي ھوقۇققا تەھدىت يەتكۈزدى. پورتىگالىيە جەمئىيەتشۇناسى سانتوس مۇنداق دېدى: ياۋروپانىڭ دىموكراتىيەسى ۋە ئاساسىي قانۇنىنىڭ ھەممىسى لاياقەتسىز، ھازىر ئۇلارغا خوجا بولغىنى گولدمان ساچىس شىركىتى. ئۇ ھازىرقى كىرىزىس كىشىلەرنىڭ كاپتالىزم دىموكراتىيەگە قارشى دەپ قارىشىغا سەۋەب بولالايدۇ دېدى. فرانسىيەنىڭ داڭلىق ئىقتىسادىي ئالىمى پائۇل رولىۋون 2011-يىلى 12-ئايدا فرانسىيەنىڭ مۇنبەر گېزىتى مۇخبىرىغا مۇنداق دېگەن: سايلام ھېچنېمىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. بۇ پەيدىنپەي ئاجىزلاۋاتقان تۈزۈلمىنىڭ ئالدىدا، سىياسىئونلارنىڭ مۇرەسسەلىشىدىغان ئىمكانىيىتى قالمىدى. مەيلى قايسى سەپتە بولسۇن، ئۇلارنىڭ بىردىنبىر قىلالايدىغىنى يالغاندىن ۋەزىيەتنى كونترول قىلغان بولىۋېلىش. مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۈمىدى پەقەت مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىدىغان شۇ كىشىلەردىن كېلىشى مۇمكىن.
    ئۇلار ئەمەلىيەتتە كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان مۇنداق بىر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويدى:
    دىموكراتىيە دېگەن زادى نېمە؟
    دىموكراتىيە ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى ۋە پۇقرالارنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىكىنى ئېلىپ كېلەمدۇ؟
    ئەگەر شەكىل جەھەتتىكى دىموكراتىيە تەرتىپى بولۇپ، پەقەت ئاز سانلىق كىشىلەر بېيىپ، كۆپ ساندىكى كىشىلەرگە بەخت ئېلىپ كەلمىسە، بۇنداق دىموكراتىيە قانۇنلۇقمۇ؟
    غەرب ئەللىرى ئەمدى تېزدىن ھەرىكەتلىنىشى، ھەمىشە دىموكراتىيە توقمىقىنى كۆتۈرۈپ دۈشمەن ئىزدىمەسلىكى كېرەك.
    گېرمانىيە «دەۋر» ھەپتىلىك گېزىتى تور بېكىتىنىڭ 2011-يىلى 24-ئىيۇلدىكى ماقالىسىدا بىر كارتون ھايۋاننىڭنىڭ ئوبرازى مىسال قىلىنىپ: «مەن دۈشمەننى كۆردۈم، دۈشمەن بولسا بىز ئۆزىمىز» دېيىلگەن.
    ★★★★★
    http://www.uycnr.com/xwzx/lwsj/201204/t20120424_326897.html
    ★★★★★


    دىموكراتىيىدە يالغۇز ئىنقىلاپقىلا تايىنىش يېتەرلىك ئەمەس

    جوڭگۇ ھەمىشە باشقا دۆلەتلەر تەرىپىدىن «دىمۇكراتىيە يوق» دىيىلىدۇ، يەنە تېخى غەربلىكلەر تەرىپىدىن، دىموكراتىيەگە قارشى دىگەندەك قالپاقلارمۇ كىيدۈرۈلگەن.چۈنكى جۇڭگودا ھەقىقەتەن غەرىبنىڭكىگە ئوخشاش سايلام يوق، شۇڭا نۇرغۇن جۇڭگولۇقلار ئۆزىمۇ " ناھەقچىلىك" ھېس قىلىدۇ. گەرچە جۇڭگونىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ھەر تەرەپتىكى تەرەققىياتى ھەممىگە ئايان بولسىمۇ، ئەمما دىموكراتىيە جەھەتتىن ھەمىشە غەربلىكلەر تەرىپىدىن تەنقىتلىنىدىغان ئورۇندا تۇرماقتا.
    غەربلىكلەرنىڭ جامائەت پىكىرى ناھايىتى كۈچلۈك. جۇڭگونىڭ ئۇنى بېسىپ چۈشۈشى ئىنتايىن تەس. ئەمما جوڭگۇلۇقلار، غەربلىكلەرنىڭ بىزنىڭ مۇھاكىمە قىلىش يولىمىزنى ئىگىلىۋېلىشىغا يول قويماي،  دىموكراتىيە نىسبەتەن مۇستەقىل پىكىر قىلىش يولىمىزنى ساقلىشىمىز تولىمۇ مۇھىم.
    دىموكراتىيە بولسا ئىنتايىن ياخشى، ئەمما مىسىردا ئۇدا كوچىغا چىقىپ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى يۈز بەرگەندە، ھە دېسىلا ئۆلۈش يارىلىنىش كېلىپ چىققاندا، بۇنىڭ بىلەن بىرگە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى پارتىيە كۈرەشلىرى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىدىن سۆز ئېچىشنى ئىنتايىن تەس ئورۇنغا قويۇپ قويغان ئەھۋال ئاستىدا، يەنىلا ئۇنى ياخشى دىيىشكە بولامدۇ؟ بىز دىموكراتىيىگە مۇھتاج، لېكىن بىز ھەقىقىي ياخشى بولغان دىموكراتىيىگە مۇھتاج. بۇ ياخشى بولغان دىموكراتىيە بىزنىڭ ھوقۇقنى مونوپۇل قىلىنىۋېلىشتىن ساقلىنىشىمىزغا، ئىلىم پەنگە يۈزلىنىشىمىزگە، چىرىكلىككە قارشى تۇرىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ، لېكىن بىزگە جەمئىيەتنىڭ تەۋرىنىشىنى ئېلىپ كەلمەيدۇ.
    جۇڭگونىڭ دىموكراتىيە مەدەنىيىتى «ئاساسىي قۇرۇلۇشى»نىڭ، دىموكراتىيەنىڭ تۈزۈلمە خاراكتېرلىك ئىلگىرى سۈرۈشى بىلەن ئۆزئارا ماسلىشىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇنداقتا بۇ ئاساسىي قۇرۇلۇش نىمىلەرنى كۆرسىتىدۇ؟ بۇلار تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.جەمئىيەتنىڭ، دىمۇكراتىيە سىياسىتىگە نىسبەتەن ئاساسىي ئورتاق تۇنۇش ئاسىل قىلىشى، قانۇننىڭ كۈچىنىڭ چوڭ ئىكەنلىكىنى تۇنۇشى، جەمئىيەتنىڭ كۆپچىلىكنىڭ پىكىرىگە ھۆرمەت قىلىشى، كۆز قاراش بىلەن مەنپىەتنىڭ زىت بولۇشى زورلۇق ئىشلىتىشكە قاراپ تەرەققى قىلماسلىقى، ساختىنى ياساپ يالغانچىلىق قىلىش جەمئىيەتنىڭ ئاساسى قاتلاملىرىدا كەمسىتىلىشكە ئۇچرىشى قاتارلىقلار...
    ئوخشاش بولغان دىمۇكراتىيە قانۇنلىرى، ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەردە ئوخشاش بولمىغان ئۈنۈملەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. مەسىلە ئاساسلىقى، بۇ خىل ماس كېلىش بىلەن ماس كىلەلمەسلىك ئۈستىدە كۆرىلىدۇ. بىر دىمۇكراتىيە تۈزۈمىدىكى يۇقىرى ئۆلچەمدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشتا، مىسىردىكىگە ئوخشاش بىر مەيدان ئىنقىلابلا كۇپايە. ئەمما دىمۇكراتىيە مەدەنىيىتىدىكى ئاشۇ «ئاساسىي قۇرۇلۇش»نى ئاساسىي جەھەتتىن ياخشى بىر تەرەپ قىلىش، ئىقتىساد بىلەن مەدەنىيەتنىڭ بىر جەمئىيەتتە ئۈزلۈكسىز ھالدا تەرەققىي قىلىشىغا مۇھتاج.
    شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى، جۇڭگونىڭ دىمۇكراتىيە قۇرۇلۇشى يىللاردىن بۇيان ھەرگىزمۇ تەرەققى قىلماي ئۆز ئورنىدا تۇرۇپ قىلىقلىق ئەمەس. بىز ھەممىمىز بىرلىكتە ئويلاپ باقايلى، مۇشۇ بەش يىلنى ئېلىپ ئېيتساق، ھازىر جوڭگۇلۇقلارنىڭ پىكىر قىلىش يوللىرى كۆپەيدىمۇ قانداق؟ ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگە قويۇلىدىغان چەكلىمىلەر كۆپەيدىمۇ-يوق؟ ئەمەلدارلارنىڭ مەسئۇليەت سۇرۇشتۇرلىشىشىچۇ؟ بىر بولاق تاماكا، بىر تال سائەت، بىر پارچە سۈرەت قاتارلىق كىچىك نەرسىلەر سەۋەبىدىن ئىنتېرنېت تورلىرىدا سۆكىلىپ كېتىدىغان ئەمەلدارلارنىمۇ داۋاملىق ئۇچرىتىپ تۇرامدۇق؟ بۇلارنى بەش يىل ئىلگىرى تەسەۋۋۇر قىلالامتۇق؟
    گەرچە بەزىلىرى شەكىلنى بەكراق تەرغىب قىلسىمۇ، بۇنداق دەلىللەرنى ئېلىپ ئېيتىدىغان بولساق خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ. داليەن PX تارمىقى خەلقنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن ئېتىلىپ قالدى. بېيجىڭ قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردىكى قاتناش لايىھىسى توردىكى تەكلىپلەرنىڭ كۆپ بولۇشى بىلەن كۆپۈككە ئايلاندى. توردا ھاۋا تەكشۈرۈش PM2.5 تەلەپ قىلىندى. ھازىر بەزى شەھەرلەردە بۇنىڭغا تۇتۇش قىلىش تەييارلىق خىزمىتى باشلاندى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەجىبا دىمۇكراتىيە قۇرۇلۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەمەسمۇ؟
    ئەگەر ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ سۆزلەيدىغان بولساق، يېقىنقى بۇ بىر نەچچە يىل جۇڭگونىڭ دىمۇكراتىيىسى ئەڭ تىز تەرەققى قىلغان مەزگىللەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل ئالغا بېسىشنىڭ نەتىجىلىرى يەنە تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
    1. جوڭگۇ ئورتاق بولغان تونۇشنى ھاسىل قىلىشقا باشلىدى، يەنى دىمۇكراتىيە بولسا چوڭ يۈزلىنىش.
    2. جوڭگۇ جەمئىيىتى ھازىر ئاستا ئاستا دىمۇكراتىيە بىلەن چەتئەلنىڭ دىمۇكراتىيە تۈزۈمى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى ئايرىيالايدىغان بولدى. ھەمدە دىمۇكراتىيىنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغىنىنىڭ ئىنتايىن كەڭرى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشكە باشلىدى.
    بۇ خىل تۇنۇش بىلەن ئورتاقلىق ھاسىل قىلىش، جوڭگۇ جەمئىيىتىدە مۇستەھكەملىنىدىكەن، جوڭگۇ جەمئىيىتى يېقىنقى يىللاردىكى ئەمەلىيىتىدىن ئۆزىگە ئىشىنىش ھاسىل قىلىدىكەن، ئۇنداقتا دىمۇكراتىيىنىڭ جۇڭگودىكى كەلگۈسى ئىنتايىن پارلاق. جۇڭگونىڭ باش كۆتۈرۈش جەريانى بەلكىم دۇنيا دىمۇكراتىيىسىدىكى يېڭى شەكىلدىكى ئۇلۇغ ئەمەلىيەت بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
    جوڭگۇ غەربلىكلەرنىڭ ئىقتىسادنى «ھۇشسىزلاندۇرۇپ داۋالاش» ئۇسۇلىنى دورىسا بولمايدۇ. بىر تەرەپتىن، ئۇنىڭ كەل گۈسى ئېنىق ئەمەس. يەنە بىر تەرەپتىن ئۇ ئەڭ ئاز دېگەندە بىر ئىككى ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ تەقدىرى بەدىلىگە قولغا كېلىدۇ. سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى جەمئىيەتكە چوڭ ئازابلارنى ئېلىپ كەلدى. ئەمما 20 يىل ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىن، روسىيە يەنىلا غەربلىكلەر تەرىپىدىن دىمۇكراتىك دۆلەتنىڭ سىرتىغا چىقىرىپ تاشلاندى.
    دىمۇكراتىيە جوڭگۇ تەلەپ قىلىدىغان قۇرۇق نام ئەمەس، ئۇ جوڭگۇنىڭ ئالغا بېسىشىدىكى چوقۇم قوللىنىدىغان ئۇسۇل. بىز ھازىر دەل مۇشۇ يولدا، پەقەتلا بىز ھازىر بۇ يولنى ئېنىق ھالدا دىمۇكراتىيە دەپ ئاتىيالمايۋاتىمىز خالاس.

    (بۇ ماقالىنى hislat_7 تەرجىمە قىلىپ «ئىزدىنىش مۇنبىرى»گە يوللىغان)
    خەنسۇچە مەنبە: http://news.sina.com.cn/pl/2011-11-24/075523516667.shtml
    ★★★★★
    http://bbs.izdinix.com/ShowPost.aspx?ThreadID=43855
    ★★★★★


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: