قىسمىتىڭ ئالەمگە داستاندۇر - [شېئىرلىرىم]
_べ Tag:ئىجادىيىتىم 2012年04月27日
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/209015549.html
قىسمىتىڭ ئالەمگە داستاندۇر
ساداقەتجان ھاجى
قەلەم ئالغىن قولۇڭغا، قىسمىتىڭ ئالەمگە داستاندۇر.
ئۇنى يازساڭ يانار تاغلار، يانارتاغ باغۇ-بوستاندۇر.
بۈگۈن ياز داغى ھىجراننى، نە ھىجران، بەلكى ۋىجداننى،
ۋىسال تاپماققا ئىمكاننى، بۇ ئىمكان مەردكە مەيداندۇر.
بۈگۈن ياز دەردى دەۋراننى، نە دەۋران، بەلكى مەرداننى،
پىداكار ئەھلى كارۋاننى، بۇ كارۋان نۇرى ئەپشاندۇر.
قەلەمنىڭ قۇۋۋىتى، ھەم قۇدرىتى، ھەم قىممىتى - يازماق!
بۈگۈن ياز ھەقنى، ھەق بەركاتىدىن ھەققىڭ نۇرىستاندۇر.
قەلەندەر بولمىغىن مەشرەب كەبى ئىشقى بىدار چۆلدە،
مەقامىڭ مەخلۇقى ئەلا، ماكانىڭ گۈل-گۈلىستاندۇر.
★★★★★
2012-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى. قەشقەر)
★★★★★
收藏到:Del.icio.us
引用地址: