روسىيەنىڭ كوسوۋو مەسىلىسىدىكى جاھىللىقى - [چوك گۈزەل ئەسەرلەر]

    _べ Tag:تارىخ   2012年04月11日

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/204805092.html

    روسىيەنىڭ كوسوۋو مەسىلىسىدىكى جاھىللىقى


    نۇر تورى(2012-04-11) ماقالىسى:
    روسىيە كوسوۋو مەسىلىسىدە نېمىشقا شۇنچە جاھىللىق قىلىدۇ؟
    رۇسىيە كوسوۋو مۇستەقىللىقى مەسىلىسىنى خەلقئارا قانۇن يۈكسەكلىكىگە كۆتەرگەچكە، 1999-يىلى، ناتۇ ب د ت ھوقۇق بەرمىگەن ئەھۋالدا «كوسوۋودا ئىنسانپەرۋەرلىك كرىزىسى يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش»نى باھانە قىلىپ،«كوسوۋو ئۇرۇشى»نى قوزغىدى.شۇ يىلى ئىيۇندا، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى 1244-نومۇرلۇق قارار ماقۇللاپ، يۇگوسلاۋىيە ئىتتىپاقىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىنى قوغداشنى تەلەپ قىلدى. 2005-يىلى نويھبىردا، كوسسوۋونىڭ كەلگۈسىدىكى ئورنى ھەققىدىكى سۆھبەت باشلاندى. كوسوۋودا مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگىلەيدىغان ئالبانلار كوسوۋونىڭ «تولۇق مۇستەقىل بولۇشى»نى قاتتىق تەلەپ قىلدى، لېكىن يۇگوسىلاۋىيە ئىتتىپاقىنىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلغان سېربىيە، مونتېنېگرو ۋە كېيىنكى سېربىيە كوسوۋونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىشنى ئۈمىد قىلىپ كوسوۋوغا«يۈكسەك ئاپتونومىيە ھوقۇقى»بېرىشكىلا قوشۇلدى. بۇنىڭدىن رۇسىيەنىڭ كوسوۋو مۇستەقىللىقىغا قارشى تۇرۇش مەيدانىنىڭ مۇستەھكەم قانۇنىي ئاساسى بارلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
    رۇسىيەنىڭ بالقان يېرىم ئارىلىدا ئالاھىدە ئىستېراتېگىيەلىك ئېھتىياجى بولغاچقا، سېربىيەدىن ئىبارەت بۇ ئىتتىپاقدىشىنى قوللاشقا تولۇق ئاساسى بار. سېربىيەلىكلەر سلاۋىيان بولۇپ، پراۋوسلاۋىيە دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بولغاچقا، رۇسىيەلىكلەر: سېربىيە مۇستەقىللىقىنى قوغدايدىغان ئالاھىدە بۇرچىمىز بار،دەپ قارايدۇ.«بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا ئىچكى ئۇرۇشى» ۋە «كوسوۋو ئۇرۇشى»نىڭ ئاخىرلىشىشى ھەم رۇسىيە تىنچلىق ساقلاش قىسىمىنىڭ كوسوۋودىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىشىغا ئەگىشىپ، رۇسىيەنىڭ بالقان رايونىدىن ئىبارەت بۇ ئەنئەنىۋىي ئىستراتېگىيەلىك رايوندىكى تەسىر دائىرىسى تېز تارايدى. ئەنگلىيەنىڭ ب د ت دىكى مۇئاۋىن ۋەكىلى پېرىسنىڭ سۆزى بۇيىچە ئېيتقاندا، بالقان رايونى ھازىر ھازىر ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەسىر دائىرىسى بولۇپ، رۇسىيەلىكلەر ئەمدى بۇ رايونىغا قايتا قول تىقسا بولمايدۇ. بىراق، رۇسىيە پۇتىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن بىرنەچچە يىلدا بۇنداق قارىمىغان. رۇسىيە ئۆزىنىڭ غەرب دۆلەتلىرى تەشۋىق قىلغاندەك ئۇنداق يىتىم قالمىغانلىقىغا، بالقان رايونىدىكى گرېتسىيە، بولغارىيە، ماكېدونىيە، مونتېنېگرو،ھەتتا ئىتالىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رۇسىيەنى ئاستىرتتىن قوللايدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ. دېمەك، رۇسىيە «كوسوۋو مۇستەقىللىقى»غا قارشى تۇرۇش ئارقىلىق، پۈتكۈل رايوندا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم تايانچ نۇقتىغا ئىگە بولغان.
    «كوسوۋو مۇستەقىللىقى مەسىلىسى»مۇ «ئىراق يادرو مەسىلىسى»گە ئوخشاشلا رۇسىيە ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن سودىلىشىدىغان كوزۇردىن ئىبارەت. سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغان، «سوغۇق ئۇرۇش» ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى ئون نەچچە يىلدا، رۇسىيە غەرب دۆلەتلىرىگە ھەدەپ يول قويۇپ كەلتۈرۈپ چىقارغان يامان ئاقىۋەتنى ئېنىق ھېس قىلدى. ناتۇ شەرقتە بالتىق دېڭىزى بويىدىكى ئۈچ دۆلەتكىچە كېڭەيدى ھەم سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئوكرائىنا ۋە گىروزىيەگە زەيتۇن شېخى سۇنۇپلا قالماستىن، بەلكى ئامېرىكا يەنە ئۆزىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىنى پولشا، چېخىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، رۇسىيەگە ئىستراتېگىيەلىك يادرو ھۇجۇمى قوزغاش ئەۋزەللىكىنى شەكىللەندۈردى. رۇسىيە بۇ پاسسىپ ھالەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن،«ئاۋارىگەرچىلىكنى رەقىبىگە قالدۇرۇش» تاكتىكىسىنى يولغا قويدى.
    بۇنىڭدىن سىرت، رۇسىيە ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە گىروزىيە، مولدوۋا قاتارلىق ناتۇ گە نامزات دۆلەتلەر ئارىسىدا «تالاش-تارتىش نۇقتىسى» پەيدا قىلدى.رۇسىيە بۇنىڭدىن ئىلگىرى كۆپ قېتىم: ئەگەر خەلقئارا جەمئىيەت كوسسوۋونىڭ مۇستەقىل بولۇشىغا رۇخسەت قىلسا، خەتەرلىك ئۈلگە تىكلەپ بېرىدىغانلىقى ئېنىق. مۇشۇنداق قىلسا،ئەھۋالى كوسوۋوغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان گىروزىيەدىكى ئابغازىيە، جەنۇبىي ئوسېتىيە ھەم مولدوۋادىكى دنېستر دەرياسى بۇيىدىكى جۇمھۇرىيەت قاتارلىقلارمۇ بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ،مۇستەقىل بولىدۇ، بۇ يەردە ئىككى خىل ئۆلچەم مەۋجۇت ئەمەس، دېگەن. شۇنىسى ئېنىقكى، گروزىيە، مولدوۋا قاتارلىق دۆلەتلەر موسكۋا ھەم يۇقىرىقى «ئېتىراپ قىلىنمىغان جۇمھۇرىيەتلەر»نىڭ مۇستەقىل بولۇشىغا باھانە تېپىپ بەرمەسلىك ۋە رۇسىيەنى رەنجىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن، ناتۇ غا ئەزا بولۇشتا بەك ئېھتىيات قىلىۋاتىدۇ.
    كوسوۋو مۇستەقىللىقى بىر خەتەرلىك سىگنال، دۇنيادىكى بۆلگۈنچى كۈچلەر مۇستەقىل بولۇش خىيالىدا تىمىسقىلاپ تۈرۈۋاتىدۇ، ئىسپانىيەدىكى بۆلگۈنچى كۈچ- باسك مىللەتچىلىرىمۇ شۇنداق. ئەگەر ئىسپانىيە كوسوۋونىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىسا، ئۆز ئۆيىگە مۇددەتلىك بومبا كومۇپ قويغاندەك ئىش بولىدۇ.
    غەربىي ياۋروپادىكى ئاساسلىق دۆلەتلەرنىڭ كوسسوۋو مۇستەقىللىقىنى قوللاشتىكى ئىستىراتېگىيەلىك مەقسىتى-رۇسىيەنى چەكلەپ، شەرقىي ياۋروپادىكى روسىيەپەرەس كۈچلەرنى پارچىلاپ يوقىتىشتىن ئىبارەت.
    ★★★★★
    http://nur.cn/html/news/64924.shtml
    ★★★★★


    كوسوۋو ئۇرۇشىدا رۇسىيە نېمىشقا خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغان؟


    نۇر تورى(2012-04-11) ماقالىسى:
    يۇگوسلاۋىيە ئىتتىپاقى ئارمىيەسى كوسوۋودىن چېكىنگەندىن كېيىن، رۇسىيە بىلەن ناتۇ ئارىسىدا كوسوۋوغا كىرىدىغان خەلقئارا تىنچلىق ساقلاش قىسىمى قايسى دۆلەتلەرنىڭ قىسىملىرىدىن تەركىب تاپىدۇ؟ دېگەن مەسىلىدە تالاش-تارتىش پەيدا بولغان. ئاخىرىدا رۇسىيە ئاۋۋال ھەرىكەت قىلىپ، مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە سلاجدزىك ئايروپورتىنى ئىگىلىۋالغان.
    1999-يىلى 11-ئىيۇن كەچتە، بوسىنىيە-گېرتسېگوۋىنادا تۇرۇشلۇق رۇسىيە تىنچلىق ساقلاش قىسىمى تۇيۇقسىزلا يۇقىرىنىڭ: 200 پاراشۇتچى ئەسكەر پرىشتىنادىكى (ئەينى چاغدىكى يۇگوسلاۋىيە ئىتتىپاقى كوسسوۋو ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى) سلاجدزىك ئايروپورتىغا جىددىي يۈرۈش قىلىپ، دەرھال بۇ ئايروپورتنى ناتۇ قىسىملىرىدىن ئاۋۋال ئىگىلەپ، شۇ جايغا ئورۇنلاشسۇن،دېگەن بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋالغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئەينى چاغدا رۇسىيە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ كاتىپى بولغان پۇتىن بۇ قېتىمقى «سلاجدزىك ئايروپورتىنى تېز ئىشغال قىلىش» ھەرىكىتىگە قوماندانلىق قىلغان، لېكىن بۇ گەپ تېخى دەلىللەنمىدى.
    بۇيرۇقنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، رۇسىيە ئوفىتسېرى ئالىكسىي دەرھال ئەڭ سەرخىل پاراشۇتچى ئەسكەرلەرنى تاللاپ، يېنىك تىپتىكى جىپ ماشىنا، قورال-ياراغ ۋە زۆرۈر ئۈسكۈنە ھەم ئوزۇق-تۈلۈك تەييارلىغان. بارلىق تەييارلىقلار تېزلا پۈتكەن، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ بۇ قېتىمقى ھەرىكىتىگە قوماندان قىلغان گېنېرال زاۋارزىننىڭ بۇيرۇق چۈشۈرگەندىن كېيىن، تاللانغان بۇ سەرخىل ئەسكەرلەر ئاپتوموبىللارغا ئولتۇرۇپ پرىشتىناغا قاراپ يولغا چىققان.
    رۇسىيە قوشۇنى ناھايىتى تېزلا بوسىنىيە-گېرتسېگوۋىنا چېگرىسىغا يېتىپ كەلگەن. ئۇلار بۇ يەردە چېگرا ساقلاۋاتقان ئامېرىكا ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قالغان بولسىمۇ، ئۇلارغا پەرۋا قىلماي، قاراۋۇلخانىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، پرىشتىناغا داۋاملىق يۈرۈش قىلغان.
    رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوفىتسېرى ئالىكسېي ناتۇنىڭ رۇسىيە ئەسكەرلىرى قاراۋۇلخانىدىن بۆسۈپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئاندىن رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەرىكەت باشلىغانلىقىنى بىلگەنلىكىدىن كېيىنچە خەۋەر تاپقان. چېگرا ساقلاۋاتقان ئامېرىكا ئەسكەرلىرى يۇقىرىغا رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ سانى، قورال-ياراغلىرى ۋە ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنىلا دوكلات قىلغان بولسىمۇ، يۇقىرى قاتلامدىكىلەر رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ مەقسىتىنى پەرەز قىلىپ يەتكەن. ئەنگلىيەنىڭ بىر بۆلۈك قىسىمىمۇ تۇرۇشلۇق جايىدىن ناھايىتى تېزلا يولغا چىقىپ، باشقا يۆنىلىش بىلەن پرىشتىناغا قاراپ يولغا چىققان. شۇنداق قىلىپ، رۇسىيە بىلەن ئەنگلىيە قىسىملىرى سۈرئەت جەھەتتە ئۆز ئارا بەسلەشكەن.
    رۇسىيە قىسىمى بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن، سلاجدزىك ئايروپورتىغا يېتىپ بارغان. بۇ چاغدا تېخى تاڭ ئاتمىغانىدى. ئايروپورتنى ساقلاۋاتقان سېربىيە ئەسكەرلىرى رۇسىيە قىسىمىنى قىزغىن قارشى ئالغان. ئالىكسېي ئەسلەپ مۇنداق دېدى: سېربىيە ئەسكەرلىرى بىز بىلەن ھاياجانلانغان ھالدا قۇچاقلىشىپ كەتتى ھەم: «ئەمدى كەلدىڭلەرما، بىز سىلەرنى كۈتكىلى ئۇزاق بولدى»، دېدى. شۇ چاغدا، بۇ سېربىيە ئەسكەرلىرى پۇقراچە كىيىنگەن بولۇپ، ئايروپورتنى ناتۇ قىسىمىغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى بولۇپ تۇرغان ئىكەن. يول ئۈستىدە بىز يەنە يۇگوسلاۋىيە ئىتتىپاقىنىڭ نۇرغۇن ئاھالىسىنى ئۇچراتتۇق.«ئۇلار بىزنىڭ رۇسىيە ئەسكەرلىرى ئىكەنلىكىمىزنى بىلگەندىن كېيىن، ھاجانلانغان ھالدا تەنتەنە قىلىپ، بىزگە گۈل چاچتى».

    ئەنگلىيە ئەسكەرلىرى ئالدىدا قوراللىق رۇسىيە ئەسكەرلىرى تۇراتتى
    رۇسىيە پاراشوتچى ئەسكەرلىرى بۇ سېربىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ياردىمىدە ئايروپورتقا تېز ئورۇنلىشىپ، پۈتۈل رايوننى قامال قىلغان. چۈنكى، ئۇلار ناتۇ قىسىمىنىڭ تېزلا يىتىپ كېلىدىغانلىقىنى، يېڭى بۇيرۇق تاپشۇرۇۋېلىشتىن ئىلگىرى، بۇ ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم جاينى ھەرگىز قولدىن بېرىپ قويۇشقا بولمايدىغانلىقىنى ئىنتايىن ئېنىق بىلەتتى.
    بۇ ۋاقىتتا، ئەنگلىيە ئارمىيەسىنىڭ 5-پاراشوتچىلار برىگادىسى تېخى يول ئۆستىدە بولۇپ، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ئايروپورتنى روسلاردىن ئاۋۋال ئىگىلىۋېلىش ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇيرۇقتا: ئەگەر روسلار ئايروپورتنى ئىگىلىۋالغان بولسا، ئۇلارنى قوغلاپ چىقىرىڭلار،دېيىلگەن بولسىمۇ، بۇيرۇقتا رۇسىيە ئارمىيەسىنى قانداق قوغلاپ چىقىرىش ھەققىدە تەپسىلىي ئىزاھات بېرىلمىگەن.
    رۇسىيە ئارمىيەسى ئايروپورتنى ئىگىلىۋالغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە ئارمىيەسىنىڭ ترانسپورت ئايروپىلانى ئاخىرى 5-پاراشوتچىلار برىگادىسىنى كوسوۋودىكى تاغلىق رايونغا يەتكۈزگەن، ئۇلار ئارىسىدا كېيىن ئەنگلىيەنىڭ مودا ناخشا چولپانىغا ئايلانغان جامېس برانىتمۇ بار ئىدى. ئارقىدىنلا، ئۇلار سلاجدزىك ئايروپورتىغا تېز يۈرۈش قىلغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ سۈرئىتى ئاستا بولغان. چۈنكى يولدا مىنا بايقالغاچقا، ئېھتىيات قىلمىسا بولمايتتى. ئۇلار بىر تەشمىدە ھەتتا پارتىلمىغان بومبىلارنى بايقىغان. يولدا بەزىدە سېربىيە ئەسكەرلىرى ئۇچراپ تۇرسىمۇ، ئىككى تەرەپ تۇتۇشۇپ قالمىغان.
    ئەنگلىيە ئارمىيەسى تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ،ئاخىرى سلاجدزىك ئايروپورتىغا كەلگەندە، ئۇلارنىڭ ئالدىدا تولۇق قوراللانغان رۇسىيە ئەسكەرلىرى تۇراتتى. ئۇلار ئارام ئېلىۋاتقىنىغا بىرنەچچە سائەت بولغان بولۇپ، قوراللىرىنى كۆتەرگەن ھالدا ئەنگلىيە ئەسكەرلىرىنى ساقلاپ تۇراتتى.
    ئەنگلىيە ئەسكەرلىرى بوش كەلمەي، رۇسىيە ئەسكەرلىرىنى دەرھال بۇ يەردىن كېتىشكە بۇيرىغان بولسىمۇ، رۇسىيە ئەسكەرلىرىمۇ قىلچە قورقۇپ قالماي، ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ بۇيرۇقىنى رەت قىلغان. جامېس برانىت: ئەنگلىيە ئارمىيەسىنىڭ شۇ چاغدىكى قوماندانى فرېيېر ئامالسىزلىقتىن يۇقىرىدىن يوليورۇق سورىغاندا، يۇقىرىدىكىلەر رۇسىيەلىكلەرگە دەرھال ھۇجۇم قىلىش بۇيرۇقى بەردى، دېدى.
    جامېس برانىت: بۇ بۇيرۇقنى ناتۇ ئىتتىپاقداش ئارمىيەسىنىڭ ئەينى چاغدىكى ئالىي قوماندانى، ئامېرىكىلىق ۋېسلېي كلارك چۈشۈرگەن، دېدى. ئەينى چاغدا جامېس برانىت كاپىتان بولۇپ، بىر ئەترەتكە قوماندانلىق قىلاتتى. بۇيرۇقنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۇلار دەرھال قوراللىرىنى بەتلىگەن بولۇپ، توقۇنۇش يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى قىل ئۈستىدە تۇراتتى. جامېس برانىت مۇنداق دېدى: بىز كلاركنىڭ بۇيرۇقىنى ئاڭلاپ بەك ھەيران قالدۇق، ئۇ: رۇسىيە ئەسكەرلىرىنى يوقىتىڭلار، دېگەن ئىدى. بىز ھەربىي بولغاچقا، بۇيرۇققا خىلاپلىق قىلالماي، جەڭگە تەييارلاندۇق، ئەينى ۋاقىتتا ۋەزىيەت ئىنتايىن جىددىيلەشكەن ئىدى. ھەرىكىتىمىزنى باشلىماقچى بولۇۋاتقاندا، بىز يەنە ناتۇ بىرلەشمە ئارمىيەسىدىكى ئەنگلىيە قىسىمىنىڭ قوماندانى ماك جېكسوننىڭ يەنە بىر بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋالدۇق، ئۇ بىزگە: رۇسىيە ئەسكەرلىرى بىلەن توقۇنۇشماڭلار،«3-دۇنيا ئۇرۇشى» پارتلاپ قالسا، جاۋابكار بولۇپ قالىسىلەر،دەپ بۇيرۇق بەرگەن ئىدى.
    رۇسىيە «ھەربىي كۆزىتىش» تور بېكىتىنىڭ ماقالىسىدا بۇ قېتىمقى ۋەقە تەھلىل قىلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن: كلارك بۇ بۇيرۇقنى بەرگەندە تۆۋەندىكىلەرنى ئويلاشقان بولۇشى مۇمكىن: بىرىنچىدىن، سلاجدزىك ئايروپورتى پۈتكۈل پرىشتىنادىكى چوڭ تىپتىكى ئايروپىلانلار قونالايدىغان بىردىنبىر ئايروپورت بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم ئىدى. ئىككىنچىدىن، ئەگەر راستتىنلا توقۇنۇش يۈزبەرسە، ئۇ پەقەتلا ئەنگلىيەلىكلەر بىلەن رۇسىيەلىكلەر ئارىسىدىكى توقۇنۇش بولۇپ، ئامېرىكا بىلەن ئانچە چوڭ مۇناسىۋىتى يوق ئىدى. ھوقۇق دائىرىسىدىن قارىغاندا، جېكسونغا ئەمەلىيەتتە كلارك قوماندانلىق قىلسىمۇ، جېكسون ئۆزەمگە بالا تېرىۋالماي، دەپ ئويلاپ، بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن.
    بۇنىڭدىن سىرت، «ھەربىي كۆزىتىش» تور بېكىتىدە: رۇسىيە ئارمىيەسى ئايروپورتنى ئىگىلىۋالغاندىن كېيىن، ناتۇنىڭ بىر نەچچە تىك ئۇچار ئايروپىلانى ئايروپورتقا قونماقچى بولغان بولسىمۇ، رۇسىيە ئەسكەرلىرى ئۇلارغا كاشىلا قىلغاچقا، ئامالسىز قونالماي كېتىشكە مەجبۇر بولغان، دېيىلگەن.
    رۇسىيە «ئەركىن ئاخبارات ۋاسىتىلىرى» گېزىتىدە ئېيتىلىشىچە، ئەينى چاغدا رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى ئەنگلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوفىتسېرىغا: «بىزنىڭ چېكىنىش-چېكىنمەسلىكىمىزنى ئەسكەرلىرىمىز بەلگىلەيدۇ، سىز ئۇلارنىڭ چېكىنىشنى خالايدىغان-خالىمايدىغانلىقىنى سوراپ بېقىڭ، ئۇلار ئىلگىرى ناپالېئون ۋە گىتلېرنى مەغلۇپ قىلغان ئارمىيەنىڭ ئەسكەرلىرى»، دېگەن.
    قىسقىسى،توقۇنۇش يۈز بېرىشكە تاسلا قالغاندا، جېكسوننىڭ بۇيرۇقى ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى پۇرۇخ ھىدىنى تارقىتىۋەتكەن. رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەينى چاغدىكى قوماندانى، گېنېرال زاۋارزىننىڭ ئېيتىشىچە، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوفىتسېرى ئۇنىڭغا ئەنگلىيە ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى فرېيېرنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى دوكلات قىلغان. گېنېرال زاۋارزىن قوشۇلغاندىن كېيىن، فرېيېر ئەنگلىيە ئارمىيەسىنىڭ بەش ئوفىتسېرىنى باشلاپ ئايروپورتقا كىرىپ، رۇسىيەلىكلەر بىلەن سۆھبەتلەشكەن. يېرىم سائەت سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، سېربىيە ئەسكەرلىرى بىر نەچچە ئاپتوموبىل بىلەن بۇ يەرگە كەلگەن، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى رۇسىيە ئارمىيەسىگە ياردەم بېرىش ئىدى. نەتىجىدە ئۇلار بۇ يەرگە كېلىپلا ئەنگلىيە ئەسكەرلىرى بىلەن تاكالىشىپ قالغان، ئىككىلا تەرەپ ئاچچىقىنى باسالماي، ھەتتا قورال تەڭلىشىپ قالغان. رۇسىيە بىلەن ئەنگلىيە ئارمىيەسىنىڭ قوماندانلىرى دەرھال ئۇلارنى ئايرىۋېتىپ، بىر مەيدان توقۇنۇش يۈز بېرىشتىن ساقلىنىپ قالغان.

    ئەنگلىيە ئەسكەرلىرى ئايروپورتتا قۇنماقچى بولغان
    شۇنىڭدىن كېيىن، رۇسىيەلىكلەر بىلەن ئەنگلىيەلىكلەر داۋاملىق سۆھبەتلەشكەن. ئاخىرىدا ئىككى تەرەپ يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئايروپورتنى قوغداشقا تەڭ مەسئۇل بولۇشقا بىردەك قوشۇلغان. سۆھبەتنىڭ ئاخىرىدا، فرېيېر توساتتىن يەنە بىر تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەسكەرلىرىنى ئايروپورتتا قوندۇرۇشنى ئۈمىد قىلغان. گېنېرال زاۋارزىن بۇ ھەقتە ئەينى چاغدىكى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگىيېۋغا تېلېفون بەرگەن. سېرگېيېۋ ئۇنىڭغا: «قارشى تەرەپنىڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ نەيرەڭۋازلىق قىلىشىدىن ھەزەر ئەيلەڭلار»دېگەن. ئۇلارنىڭ نەيرەڭۋازلىق قىلمايدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن، سېرگىيېۋ ئەنگلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئايروپورتتا قونۇشىغا رۇخسەت قىلىش بۇيرۇقى بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن، ئايروپورتنىڭ بىر تەرىپى ئەنگلىيە ئارمىيەسىگە ئايرىپ بېرىلگەن.
    كېيىن، بەزىلەر گېنېرال زاۋارزىندىن: شۇ چاغدا ئەنگلىيە ئەسكەرلىرى نېمە ئۈچۈن ئايروپورتتا قونىمىز،دەپ چىڭ تۇرۇۋالىدۇ؟، دەپ سورىغاندا، ئۇ تەھلىل قىلىپ: ئەگەر ئەنگلىيە ئەسكەرلىرى ئايروپورت سىرتىدا قالسا، سېرب قوراللىقلىرى ياكى ئالبان قوراللىقلىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشى مۇمكىن، دېگەن.
    شۈبھىسىزكى، پرىشتىناغا يۈرۈش قىلىش خەتەرلىك ھەرىكەت ئىدى. زاۋارزىن مۇنداق دەيدۇ: «بىز تەدبىر بەلگىلەشتىن ئىلەىرىلا ھۇجۇمغا ئۇچرايدىغانلىقىمىزنى بىلگەن. چۈنكى بىزنىڭ 200 لا ئادىمىمىز بولغاچقا، ناتۇنىڭ نەچچە مىڭ ئەسكىرى بىزنى ئاسانلا يوقىتىۋېتەلەيتتى. شۇ چاغدىكى دۆلەت مۇداپىئە مىنسىتىرى سېرگىيېۋمۇ ماڭا بۇنداق ئېھتىماللىقنى تەھلىل قىلىپ بېقىشقا بۇيرىغان بولسىمۇ، مەن: ئايروپورتقا يېتىپ بارساقلا، سېربىيە ئارمىيەسى چوقۇم بىزگە ياردەمگە كېلىدۇ، دەپ قارىغان ئىدىم. مەن 78 كۈنلۈك بومباردىماندا گاڭگىراپ قېلىپ،كوسسوۋودىن چېكىنىپ چىققان بۇ قىسىمنىڭ ئىچى سىقىلىپ كەتكەنلىكىنى، بىزنىڭ ئايروپورتنى ئىشغال قىلغانلىقىمىزنى بىلسىلا، چوقۇم ياردەمگە كېلىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلەتتىم. ئەگەر ناتۇ قىسىملىرى بىزگە ھۇجۇم قىلسا، پۈتكۈل سېربىيە ئارمىيەسىنىڭ چىشىغا تەگكەنگە باراۋەر بولۇپ، ئۇ ۋاقىتتا ئۇلار ئۆزلىرى ئۇچراپ قېلىشنى ئەڭ خالىمايدىغان قۇرۇقلۇق ھۇجۇمىغا دۇچ كېلەتتى. شۇڭا دۆلەت مۇداپىئە مىنسىتىرى سېرگېيۋ بۇ ھەقتىكى تەھلىلىمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن،ئاخىرى ئەسكەر چىقىرش بۇيرۇقى بەردى».
    شۇ چاغدا بۇيرۇققا بويسۇنمىغان ئەنگلىيە گېنېرالى جېكسون كېيىن ئۆز ئەسلىمىسىگە: «رۇسىيەلىكلەر بىلەن ئۇرۇشماقچى بولساق، بۇنى ناتۇنىڭ ئالىي كومىتېتى بەلگىلەيدىغان بولۇپ، كلارىكنىڭ دېگىنى ھېساب ئەمەس ئىدى. مەن ئالىي كومىتېتنىڭ بۇنداق ئۇرۇش قوزغاشقا قوشۇلۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ يېتەلمەيتتىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەنمۇ ئەسكەرلىرىمنىڭ «3-دۇنيا ئۇرۇشى»نىڭ پارتىلىشىغا جاۋابكار بولۇپ قېلىشىنى خالىمىغاچقا، كلاركنىڭ بۇيرۇقىنى رەت قىلدىم» دەپ يازغان.
    جامېس برانىت ئەنگلىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «بىزنى مەشىقلەندۈرگەندە، قوماندانلار بىزگە مەسىلىلەرگە ئەخلاق نۇقتىسىدىن ھۆكۈم قىلىشنى ئۈگەتكەچكە، مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىز رۇسىيەلىكلەر بىلەن ھەرگىز توقۇنۇشۇپ قالمايتتۇق» دېدى.
    نەتىجىدە، رۇسىيە ناتۇنى ئىلاجىسىز قالدۇرغان بۇ پىلانىنى ئاخىرقى ھېسابتا رىياللىققا ئايلاندۇرۇپ، ئۆزلىرى ئارزۇ قىلغان خەلقئارا تىنچلىقنى ساقلاش پىلانىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېرىشكەن.
    ★★★★★
    http://nur.cn/html/news/64923.shtml
    ★★★★★


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: