版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/204793035.html

    «ما جەمەتى قوشۇنى»نىڭ كەچۈرمىشى


    جۇڭگونىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا، قاراقچىلىق بىلەن باش كۆتۈرگەن ئالاھىدە قوراللىق كۈچ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ چىڭ ھۆكۈمىتى، شىمال مىلىتارىسىتلىرى ۋە جياڭ جيېشى قاتارلىق كۈچلەرگە تايىنىپ، غەربىي شىمالدا يۈز يىلدىن كۆپرەك دەۋر سۈرگەن. بۇ قوراللىق كۈچ دەل غەربىي شىمالدا بىر مەزگىل دەۋران سۈرگەن «ما جەمەتى قوشۇنى»دىن ئىبارەت.
    مابۇچىڭ، مابۇفاڭ، ماخۇڭبىن، ماخۇڭكۇيلەر «ما جەمەتى قوشۇنى»دىكى ۋەكىللىك شەخسلەر بولۇپ، كىشىلەر ئۇلارنى «غەربىي شىمالدىكى تۆت ما» دەپ ئاتاشقان. ئۇلار ئارىسىدا، چوڭ مىلىتارىست مابۇفاڭ كىشىلەرگە ھەممىدىن بەكرەك تونۇشلۇق. مابۇفاڭ ئىتايىن قانخور بولۇپ، بىرنەچچە قېتىملىق ئۇرۇش ئارقىلىق ئاخىرى چىڭخەينى ما جەمەتىنىڭ زېمىنىغا ئايلاندۇرغان. ئەمما تارىخ رەھىمسىز بولۇپ، «ما جەمەتى قوشۇنى» ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ گۈلدۈرلىگەن زەمبىرەك ئاۋازلىرى ئىچىدە تارىخ سەھنىسىدىن يوقالغان. غەربىي شىمالدىكى بۇ ما فامىلىلىكلەرلەرنى تاللىغان يولى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئۇلارنىڭ تەغدىرىمۇ باشقىچە بولغان.

    ئاسىيلىق قىلىپ باش كۆتۈرۈش

    «ما جەمەتى قوشۇنى» چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە يۈزبەرگەن خېخۇاڭ خۇيزۇلار قوزغىلىڭى ئارقىلىق باش كۆتەرگەن. تەيپىڭ تيەنگو قوزغىلىڭى شەرقىي جەنۇبتا قوزغالغاندا، غەربىي شىمالدىكى خۇيزۇلارنىڭ چىڭ سۇلالىسىگە قارشى كۈرىشىمۇ يۈز بەرگەن. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، مابۇچىڭ بىلەن مابۇفاڭنىڭ بوۋىسى ماخەييەن چىڭ سۇلالىسىگە قارشى كۈرەشكە قاتناشقان.
    ماخەييەن 1837-يىلى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ خېجۇ (ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسى لىنشيا خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى) مونىگۇدىكى چيەنچۈەندە تۇغۇلغان. ما جەمەتى تېرىقچىلىققا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرگەن بولۇپ، قوشۇمچە سودا بىلەنمۇ شوغۇللانغان. ماخەييەن دەۋرىگە كەلگەندە، بۇ جەمەت ئاساسلىقى دورا ماتېرىياللىرى ۋە ياغاچ ماتېرىياللىرىنى توشۇش سودىسى بىلەن شوغۇللانغان. ماخەييەن شۇ جايدىكى كارۋانلارنىڭ (ئات ۋە تۆگە قاتارلىقلار ئارقىلىق مال توشۇيدىغان تەشكىلات) باشلىقى ئىدى. ئۇ ئۇستا چەۋەنداز ھەم جانباس بولۇپ، ئاتقان ئوقى زايە كەتمەيتتى.
    خېجۇ مونىگۇنىڭ ئىمامى ماجەنئاۋ 1863-يىلى ئەسكەر توپلاپ چىڭ سۇلالىسىگە قارشى چىققاندا، 26 ياشلىق ماخەييەن بۇ قوشۇنغا قاتنىشىپ، ماجەنئاۋنىڭ غوللۇق ياردەمچىسى بولۇپ قالغان. 1871-يىلى چىڭ ئارمىيەسىنىڭ سەركەردىسى زو زۇڭتاڭ ئۇلارنى باستۇرۇشقا لەشكەر باشلاپ خېجۇ شەھىرىگە باستۇرۇپ كەلگەن. ئىككى تەرەپ تەيزىسىدا قاتتىق ئېلىشقان، ماخەييەن جەڭدە باتۇرلۇق كۆرسىتىپ، دۈشمەنگە سالماقلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، چىڭ قوشۇنلىرىنى سەپ بويىچە چېكىنىشكە مەجبۇر قىلغان. خېجۇ پۇقرالىرى ماخەييەننىڭ باتۇرلىقى ۋە تەمكىنلىكىگە ئاپىرىن ئېيتىپلا قالماي، ھەتتا زوزۇڭتاڭمۇ ئۇنىڭ باتۇرلۇقىغا قايىل بولغان.
    ئەمما ماجەنئاۋ قاتارلىق كىشىلەرنىڭ غەلبىدىن كېيىن تەسلىم بولغانلىقى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان. ئېھتىمال ماجەنئاۋ ئۆزلىرىنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا چىڭ قوشۇنلىرىغا تەڭ كېلەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ماخەييەننى باشلاپ، چورۇق كىيىپ، بوينىغا تاقاق تاقاپ، زوزۇڭتاڭنىڭ قارارگاھىغا تەسلىم بولۇپ بارغان. بۇ ۋاقىتتا ئۇرۇش ھەلەكچىلىكىدە قانداق قىلىشىنى بىلەلمەي تۇرغان زو زۇڭتاڭ ماجەنئاۋنىڭ تەسلىم بولۇپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن خوش بولۇپ كېتىپ: ئۇلارنى «پىرىنسىپلىق ھەم يوللۇق ئىش قىلىدىكەن، ئىشلەتسەك بولىدىكەن» دەپ قارىغان. شۇڭا زو زۇڭتاڭ نەق مەيداندىلا ئۇ ئىككىسىنى ئۆلۈمدىن كەچۈرۈم قىلغان ھەم 6-دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەل بېرىپ، خىزمەت كۆرسىتىپ جىنايىتىنى يۇيۇشقا بۇيرىغان. شۇنداق قىلىپ، ماجەنئاۋ بىلەن ماخەييەن بىردىنلا توپىلاڭچىدىن چىڭ قوشۇنىنىڭ سەركەردىسى بولۇپ قالغان.
    چىڭ سۇلالىسىگە قارشى چىقىش ئارقىلىق باش كۆتەرگەندىن كېيىن، خېجۇدىكى ما فامىلىلىكلەرنىڭ ھەممىسى بىرلىشىپ، تەدرىجىي ھالدا ماجەنئاۋ (ئوغلى ما ئەنلياڭ) باشلامچى بولۇپ، ماخەييەن (ئوغلى ماچى) ۋە ماچيەنلىڭ (ئوغۇللىرى مافۇلۇ، مافۇشياڭ)لارنىڭ قوشۇنلىرىنى باشقۇرىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ما فامىلىلىك ھەم شىشياڭلىق ئىدى. مىنگو دەۋرىدىن كېيىن، ماجەنئاۋ قوشۇنى گەنسۇ ۋە چىڭخەي رايونىغا كىرگەن مىللىي ئىنقىلابىي ئارمىيەنىڭ فېڭ يۈشياڭ قىسىمى تەرىپىدىن يوقىتىلىپ، تەدرىجىي ھالدا تارىخ سەھنىسىدىن يوقالغان. ماخەييەن ۋە ماچيەنلىڭ قوشۇنلىرى چىڭخەي ۋە نىڭشياغا ئورۇنلىشىپ، ئۆزىنى مىللىي ھۆكۈمەتنىڭ قوينىغا ئېتىپ، بۇ ئىككى جايدا ھۆكۈم سۈرگەن.
    «غەربىي شىمالدىكى تۆت ما» ھۆكۈم سۈرگەن مەزگىلدە، «ما جەمەتى قوشۇنى»نىڭ غەربىي شىمالدىكى ھۆكۈمرانلىقى «شانلىق دەۋر»گە قەدەم قويغان. «تۆت ما» ئارىسىدا، مابۇچىڭ بىلەن مابۇفاڭ قېرىنداش بولۇپ، ماچىنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى؛ ماخۇڭبىن بىلەن ماخۇڭكۇي نەۋرە بولۇپ، مافۇلۇ بىلەن مافۇشياڭنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. جياڭ جيېشى«تۆت ما»غا بەك ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، مابۇچىڭ مىللىي ئىنقىلابىي ئارمىيە 5-ئاتلىق ئەسكەرلەر كورپۇسىنىڭ قوماندانى؛ مابۇفاڭ مىللىي ھۆكۈمەت غەربىي شىمال ھەربىي مەمۇرىي مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، چىڭخەي ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى؛ ماخۇڭبىن گومىنداڭ مەركىزىي مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى؛ ماخۇڭكۇي مىللىي ھۆكۈمەت غەربىي شىمال ھەربىي مەمۇرىي مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، نىڭشيا ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى بولۇپ، چوڭ ھوقۇق تۇتۇپ، غەربىي شىمالدا دەۋران سۈرگەن.

    مابۇفاڭنىڭ تەرجىمھالى

    غەربىي شىمالدا: «چىڭخەيدىكى مابۇفاڭ تاغدىكى يولۋاس ۋە چۆلدىكى بۆرىدىنمۇ ۋەھشى» دېگەن يەرلىك خەلق قوشىقى بار. مانا مۇشۇنداق ۋەھشى شەخس چىڭخەيدە 40 يىل ھۆكۈم سۈرگەن.
    مابۇفاڭنىڭ تەخەللۇسى زىشياڭ بولۇپ، 1903-يىلى تۇغۇلغان. ئۇ 7 يېشىدا يۇرتى بيېزاڭدىكى مەدرىستە ئوقىغان، 11 يېشىدا ئاتىسىغا ئەگىشىپ شىنىڭغا كەلگەن. مابۇفاڭ كىچىكىدىنلا جانبازلىققا ئامراق ئىكەن، ئۇ ھەر كۈنى پۇتىغا قۇم خالتا باغلاپ ئۇزۇنغا يۈگرەيدىغان بولۇپ، جانبازلىق ماھارىتىنى بەك ياخشى ئۆگەنگەن. ئۇ 15 يېشىدا نىڭخەي ئوفىتسېرلار مەشىق پولكىغا قاتنىشىپ، جاپا-مۇشەقەتكە قارىماي ھەر كۈنى سەھەردە 10 نەچچە چاقىرىم نېرىدىكى لېجياۋەن ھەربىي لاگىرىغا بېرىپ مەشىق قىلغان.
    مابۇفاڭ ھەقىقەتەن غەيرەتلىك ئىدى. شىنىڭدا ئەمدىلا موتوتسىكلىت پەيدا بولغاندا، مابۇفاڭ يېڭى موتوتسىكلىتنى مىنگەندە ماينى بەك بېرىۋەتكەچكە، موتوتسىكىلىت بەك ئىتتىك قوزغىلىپ كېتىپ دۇڭگۈەندىكى چوڭ گازارمىدىن لېجياۋەنگىچە توختىتالمىغان، ئۇنى باشقىلار ھەتتا ئاتلىق قوغلاپمۇ يېتىشەلمىگەن. مابۇفاڭ مۇشۇنداق جاسارىتىگە تايىنىپ 18 يېشىدا نىڭخەي چېگرا مۇداپىئە ئارمىيەسى 15-باتالىيونىنىڭ كوماندىرى بولغان، كېيىن يەنە ئاتىسىغا ئەگىشىپ غەربىي شىمال ئارمىيەسىگە قاتنىشىپ، ئاخىرى غەربىي شىمالنىڭ ھۆكۈمرانىغا ئايلانغان.
    ئېيتىشلارغا قارىغاندا، مابۇفاڭ بەك ئىشرەتپەرەس بولۇپ، قول ئاستىدىكىلەرنىڭ خوتۇن-قىزلىرى ۋە مەكتەپتىكى قىزلارنى دەپسەندە قىلغان. ئېيتىلىشىچە، ئاچا-سىڭىلنى ئىگىلىۋېلىش ئۈچۈن، مابۇفاڭ ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكى 3 كىشىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. مابۇفاڭ يەنە قالايمىقان ئادەم ئۆلتۈرۈش بىلەن نام چىقارغان. 1937-يىلى، مابۇفاڭ خېنەنلىك گاۋ جىنچېڭنىڭ قىزىل ئارمىيە يارىدارلىرىنى داۋالىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئۇنى تىرىك كۆمدۈرۈۋەتكەن. 1940-يىلى ئەتىيازدا، شىنىڭ ساقچى ئەترىتىنىڭ باشلىقى ئىككى تۈپ سۆگەتنى كۆچۈرگەچكە، مابۇفاڭ ئۇنى قامچىلاپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن. 1940-يىلى سېنتەبىردە، مابۇفاڭ يېڭىدىن تەشكىللەنگەن 2-كورپۇسنىڭ باشقارما دەرىجىلىك قوماندان ياردەمچىسى ما يۇشيانى«ناشايىن ئىشلارنى قىلدى» دەپ، سوراق قىلمايلا بېنزىن چېچىپ كۆيدۈرۈۋەتكەن... ئېقىپ يۈرگەن گەپلەرنىڭ ھەممىسىلا ئىشەنچىلىك بولۇشى ناتايىن. مابۇفاڭ داڭلىق مۇخبىر فەن چاڭجياڭغا خېلى ياخشى تەسىر قالدۇرغان. فەن چاڭجياڭ 1935-يىلى مابۇفاڭنىى زىيارەت قىلغاندا: «مابۇفاڭ ماڭا ئىلگىرىكى تەسەۋۋۇرۇمدىكىدەك ۋەھشى ھەم رەھىمسىز ئەمەس، بەلكى ناھايىتى ئەقىللىق ھەم قىزغىن، يېڭىچە ھەربىي تەربىيە ئالغاندەك تەسىر قالدۇردى...» دەپ يازغان.
    لېكىن مابۇفاڭ جۇڭگو ئىنقىلابى جەريانىدا كەچۈرگىسىز جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەن. 1936-يىلى، قىزىل ئارمىيەنىڭ 5-، 9- ۋە 30-كورپۇسىدىن تەشكىللەنگەن غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى خۇاڭخې دەرياسىدىن ئۆتۈپ غەربكە يۈرۈش قىلغان. دەسلەپتە غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ ئىلگىرىلىشى خېلىلا ئوڭۇشلۇق بولۇپ، گەنچەيۋادىكى تۇنجى جەڭدە «ما جەمەتى قوشۇنى» سەرخىل ئاتلىق 5-دېۋىزىيەسى ۋە مابۇفاڭ ئۆزى قۇرغان 100-دېۋىزىيەنى مەغلۇپ قىلغان. لېكىن گۇلاڭنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، 9-كورپۇس مۇتلەق ئەۋزەللىككە ئىگە «ما جەمەتى قوشۇنى»نىڭ كۈچلۈك قايتۇرما ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. ئۇرۇش ۋەزىپىسى بىرنەچچە قېتىم ئۆزگىرىپ، غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى توختىماي يۆتكىلىپ تۇرغاچقا، ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىنى ئورۇندىيالمايلا قالماستىن، مابۇفاڭ قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئەسكىرىي كۈچىنى توپلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن. ئۇلار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 170 مىڭ كىشىلىك چوڭ قوشۇن توپلاپ، غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىگە غالجىرلارچە ھۇجۇم قىلغان ھەم كۆپ قېتىم زىيان تارتقاندىن كېيىن، يېڭى تاكتىكا قوللانغان، يەنى: ھۇجۇم قىلغاندا، يەرلىك قوراللىق قوشۇنلارنى تۇرشاۋۇل قىلىپ، سەرخىل قىسىملار كەينىدە كۈچ توپلاپ تۇرغان؛ ھۇجۇمغا ئۆتكەندە، ھەر بىر ئەسكەر ئىككى-ئۈچ تىزىقلا ئوق ئېلىپ ماڭغان بولۇپ، ئوقى تۈگىگەندىن كېيىن، ئاتلىق قايتىپ كېلىپ، ئوقىنى تولۇقلىغان؛ ئۇلار غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى بىرەر جايغا ئورۇنلاشسىلا، ئۇلارغا ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىشى، يارىدارلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە كۈچىنى تولۇقلىشىغا پۇرسەت بەرمىگەن؛ ئۇلار جەڭ قىلغاندا «ئادەم دېڭىزى»تاكتىكىسى ۋە دولقۇنسىمان ھۇجۇم تاكتىكىسىنى قوللانغان بولۇپ، غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىگە ئازراقمۇ ئارام ئېلىش پۇرسىتى بەرمىگەن. ئاخىرىدا، غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى خۇاڭخې دەرياسىنىڭ غەربىدە قاتتىق مەغلۇپ بولۇپ، نۇرغۇن چىقىم تارتقان.
    1948-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە، ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ ياڭراق مارشى مەملىكەتنى قاپلىغاندا، مابۇفاڭ جەمەتىنىڭ چىڭخەيدىكى ھۆكۈمرانلىقى ھالاكەتكە يۈزلەنگەن. لېكىن غەربىي شىمالدىكى ما فامىلىلىكلەر ئۆزىنى تەڭداشسىز چاغلاپ، ئازادلىق ئارمىيە بىلەن ئاخىرغىچە قارشىلىشىشقا بەل باغلىغان. شىئەن ئازاد بولغاندىن كېيىن، مابۇفاڭ ھەتتا جياڭ جيېشىغا تېلېگرامما بېرىپ: ماخۇڭكۈي ۋە خۇ زۇڭنەن بىلەن ھەمكارلىشىپ، شىئەننى قايتۇرۇۋالىمەن، دەپ داۋراڭ سالغان. شۇڭا چىڭخەي ۋە نىڭشيادىكى «ئىككى ما» قوشۇنلىرى پىڭلياڭغا توپلىنىپ، غەربىي شىمالنى قوغداشقا بەل باغلىغان بولسىمۇ، «جياڭ جەمەتى خاندانلىقى» ھالاكەتكە يۈزلەنگەن بولۇپ، «ما جەمەتى قوشۇنى» كەينى-كەينىدىن مەغلۇپ بولۇپ چېكىنگەن. ئۇلار ئاۋۋال شيەنياڭنى، ئاندىن گۇگۈەن مۇداپىئە لېنىيەسىنى قولدىن بېرىپ قويغان. ئاخىرى لەنجۇدىكى ھەل قىلغۇچ ئۇرۇشتا ما جەمەتى قوشۇنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك يوقىتىلغان بولۇپ، ما جەمەتىنىڭ غەربىي شىمالدىكى ھەربىي ھۆكۈمرانلىقى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان.

    چەت ئەلدىكى سەرگەردانلىق تۇرمۇشى

    مابۇفاڭ لەنجۇدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن بەك ئازاپلانغان. مۇشۇنداق ئەلەم ئىچىدە، ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرنى باشلاپ ئوتتۇرا شەرققە قېچىپ، ئاۋۋال مىسىرنىڭ قاھىرە شەھەرىگە بارغان، كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستانىغا بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ، بۇرۇختۇرمىلىق ۋە ئازاپ ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرگەن. 1957-يىلى تەيۋەن دائىرىلىرى ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ «سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى باش ئەلچىسى» قىلىپ تەيىنلىگەن.
    چەت ئەلدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن بولسىمۇ، مابۇفاڭ بەك چۈشكۈنلىشىپ كەتمىگەن. ئوغلى ما جىيۈەن ئۇزاق ئۆتمەيلا جۇڭگودىن قېچىپ مابۇفاڭ بىلەن كۆرۈشكەندە، مابۇفاڭ كۈلۈپ تۇرۇپ: «كەلگەن بولساڭلا ياخشى. ئارمىيەنى ئۇلارغا تاپشۇرۇپ بەردىڭمۇ؟» دېگەن. ماجىيۈەن: «ھەممىسىنى ئۇلارغا تاپشۇرۇپ بەردىم» دەپ جاۋاب بەرگەن. مابۇفاڭ: «ناھايىتى توغرا قىپسەن» دېگەن. ئۇ ھەمىشە يېنىدىكى كىشىلەرگە: «كىم غالىپ كەلسە، شۇ جاھان سورايدۇ، بۇ دېگەن بىر ئويۇن!» دېگەن.
    مابۇفاڭ دەسلەپ سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كەلگەندە، دائىم بىر توپ توقاللىرىنى ئېلىپ مەككىگە ھەجگە بارغان. بۇنىڭغا بەك ھەيران قالغان ئاخۇنۇم: بىر ئەرنىڭ بۇنچە كۆپ خوتۇنى بولۇشى ناتايىن، چوقۇم باشقىلارنىڭ خوتۇنلىرىنى ئازدۇرۇۋالغان، دەپ ئويلاپ قالغاچقا، ئۇنى يۈزتۇرانە تىللاپ: «سەن باشقىلارنىڭ خوتۇنلىرىنى كەئىبىگە باشلاپ كېلىپ، كەئىبىگە ھاقارەت كەلتۈردۈڭ. مەن سېنى كاچاتلاپ قوغلاپ چىقىرىمەن ھەم ھۆكۈمەتكە دوكلات قىلىپ، سېنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىمەن!» دېگەن. بۇنىڭدىن قورقۇپ كەتكەن مابۇفاڭ خوتۇنلىرىنى دەرھال باشقىلارغا بېرىۋەتكەن، باشقىلار ئالغىلى ئۇنىمىغاندا، ئۇلارغا ئۈستەك بەرگەن. ھەج تۈگىگەندىن كېيىن، ئۇ يەنە خوتۇنلىرىنى تىلەپ قايتۇرۇۋالغان بولۇپ، يەرلىك كىشىلەرنىڭ كۈلكىسىگە قالغان.
    مابۇفاڭ 1961-يىلى ئەتىيازدا «دىپلوماتىيە» جەھەتتە تەيۋەن دائىرىلىرى ئۈچۈن بىر چوڭ سەتچىلىك تېرىپ بەرگەن. بۇنىڭغا ئۇنىڭ 5-خوتۇنى مايۆلەن سەۋەب بولغان. ما يۆلەن مابۇفاڭنىڭ نەۋرە ئىنىسى ما بۇلۇڭنىڭ قىزى بولۇپ، مابۇفاڭ چەتكە قاچقاندا، ئۇمۇ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە كەلگەن. مابۇفاڭ جىيەن قىزىنىڭ چىرايلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنى مەجبۇرىي توقاللىققا ئالغان. تويدىن كېيىن، ما يۆلەن جىددە دېڭىز ساھىلىدىكى تۇرالغۇسىغا قامالغان، ئۇنىڭ ئەرلەر بىلەن كۆرۈشۈشى چەكلەنگەن بولۇپ، يەنە دائىم دېگۈدەك مابۇفاڭدىن تاياق يېگەن. بۇ ۋاقىتتا، تەيۋەن دائىرىلىرى يەنە سۇڭ شۈەنچۈەننى سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى «باش ئەلچىخانىسى»غا«مەسلىھەتچى»قىلىپ ئەۋەتكەن. سۇڭ شۈەنچۈەن مايۆلەنگە ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇنى يولۋاس ئاغزىدىن قۇتتۇلدۇرۇۋالماقچى بولغان، مابۇفاڭ بۇنى سېزىپ قېلىپ، ئادەم باشلاپ سۇڭ شۈەنچۈەننىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرىپ، ئۇنى تىرىك كۆمۈۋەتمەكچى بولغان. كېيىن، تەيۋەن «دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى» ئەمەلدار ئەۋەتىپ بۇ ئىشنى تەكشۈرگەن. ئاخىرىدا، بۇ ۋەقە مابۇفاڭنىڭ «ئۆزلىكىدىن ئىستىپا بېرىشى» بىلەن ئاخىرلاشقان.
    ئېيتىشلارغا قارىغاندا، 1975-يىلى مەككىگە ھەجگە بارغان جۇڭگو چىڭخەيلىك مويسىپىت مابۇفاڭنى يوشۇرۇن يوقلاپ بارغان. بۇ ۋاقىتتا مابۇفاڭ زۇۋانىدىن قالغان بولۇپ، ئىككىسى قول ئىشارىسى ئارقىلىق سۆزلەشكەن. يۇرتىغا بولغان ھېسسىياتىنى تىلغا ئالغاندا، مابۇفاڭ تىترەپ تۇرغان بارماقلىرى بىلەن يەر-ئاسمان ۋە يۈرىكىنى كۆرسىتىپ، توختىماي يىغلاپ كەتكەن. 1975-يىل 31-ئىيۇل مابۇفاڭ 72 يېشىدا سەئۇدى ئەرەبىستانىدا يۇرتىغا بولغان چوڭقۇر سېغىنىش ئىچىدە ئارمان بىلەن ئۆلگەن. ئوغلى ما جىيۈەننىڭ جياڭ جىڭگو بىلەن شەخسىي مۇناسىۋىتى ياخشى بولغاچقا، گومىنداڭ «دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى»دا ۋەزىپە ئۆتىگەن.

    قالغان «ئۈچ ما»نىڭ تەغدىرى

    مابۇفاڭدىن باشقا «ئۈچ ما» ئارىسىدا، ماخۇڭكۇينىڭ تەغدىرى ئىنتايىن ئېچىنىشلىق بولغان. غەربىي شىمال ئازاد بولۇشتىن ئىلگىرى، ماخۇڭكۇي بالا-چاقىلىرىنى ئېلىپ تەيۋەنگە قېچىپ بارغاندا، گومىنداڭ «مەمۇرىي تەپتىش پالاتاسى»نىڭ بەزى «ئەزالىرى» بىرلىشىپ: «ماخۇڭكۇي غەربىي شىمالدىكى مەغلۇبىيەتكە جاۋابكار بولۇشى كېرەك» دەپ ئەرز سۇنۇپ، ئۇنى «تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىش»نى تەلەپ قىلغان. ماخۇڭكۇي بۇنداق ئەھۋالدا قېلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغاچقا، مابۇفاڭنى دوراپ، تەيۋەندىن كېتىشنى قارار قىلغان.
    مۇشۇ قارارغا كەلگەندىن كېيىن، ماخۇڭكۈي ئاۋۋال كېسەل داۋالىتىش نامى بىلەن 4-خوتۇنى ليۇ مۇشيانى شياڭگاڭغا يولغا سالغان. ئاندىن كېيىن، ليۇمۇشيا كېسىلىم خەتەرلىك دەپ، ئۇنىڭغا جىددىي تېلېگرامما ئەۋەتكەن. ماخۇڭكۈي تېلېگراممىنى كۆتۈرۈپ «مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ» چېنچېڭنى ئىزدەپ، يىغلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا دەردىنى ئېيتقان. چېن چېڭمۇ ئۇنىڭ ھالىغا يېتىپ، بىر ئايلىق رۇخسەت بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن ماخۇڭكۈي 6-خوتۇنى جاۋلەنشياڭ قاتارلىقلارنى ئېلىپ دەرھال تەيۋەندىن شياڭگاڭغا بېرىپ، ئىككىنچىلەپ قايتىپ كەلمىگەن.
    كېيىن، ماخۇڭكۈي شياڭگاڭدىمۇ تەيۋەن ھەربىي جاسۇسلىرىنىڭ پائالىيەت قىلىۋاتقانلىقى، شياڭگاڭنىڭمۇ بىخەتەر ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ، 1950-يىلى ئامېرىكىغا كەتكەن. ئامېرىكىغا بارغاندىن كېيىن، ماخۇڭكۈي بىر فېرما قۇرۇپ، ئات بېقىپ تىرىكچىلىك قىلغان. ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تەيۋەندە بولغاچقا، ماخۇڭكۈي ئاشكارا سورۇنلاردا جياڭ جيېشىدىن ئاغرىنىشقا پېتىنالمىغان. ئەمما ماخۇڭكۈي يۇرتىنى ئىزچىل سېغىنىپ كەلگەن. ئامېرىكا كۆچمەنلەر ئىدارىسى ئۇنى ئامېرىكا دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتۈشكە ئۈندىگەندە، ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرگە: «ئامېرىكا تەۋەلىكىگە ئۆتۈش-ئۆتمەسلىك ئۆزۈڭلارنىڭ ئىختىيارى. مەن جۇڭگودا تۇغۇلغان، ئۆلسەممۇ روھىم جۇڭگوغا قايتسۇن، ئۆلسەممۇ جەسىتىم ۋەتەن تۇپرىقىغا كۆمۈلسۇن!» دېگەن. يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، بۇ خىل ھېسسىيات تېخىمۇ كۈچەيگەن. ئۇ ھەتتا يوشۇرۇنچە باشقىلار ئالدىدا ياش تۆكۈپ: «ئەمدى كۆزۈم ئوچۇق چاغدا چوڭ قۇرۇقلۇققا قايتىيالمايدىغان ئوخشايمەن!» دەپ ھەسرەت چەككەن.
    1970-يىلى 14-يانۋار كېچىدە، «ئاللانىڭ دەرگاھىغا كېتىدىغانلىقى»نى سەزگەن ماخۇڭكۈي كارۋىتىدىن تۇرۇپ، ئۆيىدىكىلەرنىڭ ياردىمىدە ئېتىكاپتا ئولتۇرۇپ، ئاللانىڭ «چاقىرىشى»نى كۈتكەن. جان ئۈزۈشتىن ئىلگىرى ، ماخۇڭكۈي: «ئۆلسەممۇ قايتىپ كېتىمەن...» دېگەن گەپنى توختىماي تەكرارلىغان. ماخۇڭكۈي شۇ كۈنى كېچىدە كېسەل سەۋەبىدىن 78 يېشىدا ئۆلگەن.
    مابۇچىڭغا كەلسەك، 1949-يىل ئاۋغۇستتا، ئازادلىق ئارمىيە نىڭشياغا يۈرۈش قىلغاندا، مابۇچىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىلەن بىرلىكتە شىنىڭغا قاچقان. شىنىڭ ئازاد بولۇشتىن ئىلگىرى يەنە چوڭچىڭغا قاچقان، كېيىن شياڭگاڭ ئارقىلىق تەيۋەنگە بېرىپ ئولتۇراقلاشقان. ما بۇ چىڭ تەيۋەندە «دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى»نىڭ گېنېرال لېيتېنانت دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسى، تەيۋەن «زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى»نىڭ دۆلەت سىياسىتى مەسلىھەتچىسى، گومىنداڭ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باھالاش ھەيئىتى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ئۇ 1977-يىلى 9-فېۋرال 79 يېشىدا كېسەل سەۋەبىدىن تەيبېيدە ئۆلگەن.
    ما جەمەتى مىلىتارىستلىرى ھايات-ماماتلىق پەيتتە تۇرۇۋاتقاندا، پەقەت ماخۇڭبىنلا ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ، جاھاننىڭ رەپتايىغا بېقىپ، نەۋرە ئۇكىسى ماخۇڭكۈيگە تامامەن ئوخشىمايدىغان يول تۇتۇپ، ئوغۇللىرى ما تۇنجىڭ، ما دۇنشىنلار باشچىلىقىدىكى گومىنداڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ 81-كورپۇسىنى باشلاپ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، خەلق قوينىغا قايتقان. 1950-يىلى 8-يانۋار گەنسۇ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ، ماخۇڭبىن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قوشۇمچە مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، غەربىي شىمال ھەربىي مەمۇرىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گەنسۇ ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى بولغان. ماخۇڭبىن 1960-يىلى 21-ئۆكتەبىر، 77 يېشىدا ئاشقازان راكى بىلەن لەنجۇدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
    «ئۈچ ما»نىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ماجىيۈەنگە ئوخشاش تەيۋەنگە كەتكەن، يەنە بەزىلىرى ئوتتۇرا شەرق ۋە ئامېرىكىدا سەرگەردان بولۇپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلغان. ھازىر ما جەمەتىنىڭ چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ شىنىڭدىكى بىردىنبىر داچىسى «شىڭلۇ»نى كۈندە نەچچە يۈز ساياھەتچى ئېكىسكۇرسىيە قىلىپ تۇرىدۇ. گەرچە بىر مەزگىل دەۋر سۈرگەن «ما جەمەتى قوشۇنى»تارىخ سەھنىسىدىن يوقالغان بولسىمۇ، «غەربىي شىمالدىكى تۆت ما» غەربىي شىمالدىكى مۇھىم سىياسىي ۋە ھەربىي شەخس بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇلار قازانغان شان-شەرەپلەر ۋە قالدۇرۇپ كەتكەن ئار-نومۇسلار غەربىي شىمال يېقىنقى زامان تارىخىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان مەڭگۈلۈك بىر قىسىمى بولۇپ قالدى.
    ★★★★★
    http://danixman.com/Item/Show.asp?m=1&d=18213
    ★★★★★


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: