شائىرغا نىمە كىرەك؟ - [شېئىرلىرىم]

    _べ Tag:ئىجادىيىتىم   2012年03月23日

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/200440129.html

    شائىرغا نىمە كىرەك؟


    ساداقەتجان ھاجى


    بىلىمەن قولۇمدا بىر قەلەمنىڭ بارلىقىنى.
    بىلىمەن يېزىش كىرەكلىكىنى توختىماي.
    بىلىمەن قەلبىمدە دەرد-ئەلەمنىڭ بارلىقىنى.
    بىلىمەن ياشاش كىرەكلىكىنى ئۇخلىماي.
     
    شۇڭا ھاياتنىڭ
    مەن بىلىدىغان دوقمۇشىدا ئولتۇرۇپ
    يازدىم جۇۋازدىكى كالىدەك.
    يازدىم بەزىدە ھىسسىياتچان قۇشتەك.
    يازدىم كۆڭۈل سىرىمنى تۆكۈپ بىراقلا
    خۇددى شېئىر مەن بىلەن تونۇشتەك.
     
    يازدىم شېئىر يېزىش شۇنچە ئاساندەك.
    يازدىم ئىلاھىي سىرلار ماڭا ئاياندەك.
    يازدىم ... جەننەت ... كەۋسەر ... پەرىشتە ... دەپ
    قەلبىم كۆيۈۋاتسا باياۋاندەك ...
     
    يازدىم قەلبىمدە لاۋۇلداپ ھەۋەس.
    بىر تىنىق چىقمىدى ئالسام مىڭ نەپەس.
    مەن مۇھەببەتنى كۈيلىگەن بىلەن،
    مۇھەببەت ئىكەن شېئىرغا قەپەز.
     
    مۇھەببەت - شائىرنى ئازدۇرغان مۇھەببەت.
    مۇھەببەت - يالغاننى يازدۇرغان مۇھەببەت.
    مۇھەببەت سىغىشالمايدۇ ھەقىقەت بىلەن.
    شۇڭلاشقا شېئىر يازمىغان مۇھەممەد (ئەلەيھىسسالام).
     
    لېكىن مەن ئازغۇچى.
    ساراڭدەك شېئىرغا قىلىمەن ھەۋەس
    يېزىش ئۈچۈن
    ھامان بىر كۈنى يازىدىغان شېئىرنى.
    تۈننىڭ پايانى يوق باياۋانىدا
    ئەيلەپ كالىدەك ياكى قۇشتەك نىدا
    مۇھەببەتنى كۈيلەيمەن يەنە
    كۈيلەيمەن ئازدۇرغۇچى مۇھەببەتنى
    توشقۇزۇپ جەننەت، كەۋسەر، پەرىشتە بىلەن دەپتىرىمنى.
     
    جەننەت - شېئىرمۇ؟
    كەۋسەر - شېئىرمۇ؟
    پەرىشتە - شېئىرمۇ؟
    شېئىرمۇ شائىرنىڭ مەجنۇن يۈرىكى؟
    مۇھەببەتكە مەپتۇن يۈرىكى؟
    مۇھەببەت چۆلىدە شائىرنىڭ ئۆلۈكى
    ساپايە چالار قەلەندەر كەبى
    يانار-يانار سەمەندەر كەبى
    قۇيۇندا قەبرەسىنى تاپالماي...

    ئەي ئاللاھىم!
    مېنى قۇتۇلدۇر مۇھەببەتتىن،
    مۇھەببەتتىن ئازدۇرغۇچى مۇھەببەتتىن،
    ھەقىقەتتىن ئازدۇرغۇچى مۇھەببەتتىن،
    قەبرەلەرگە قەسىدە يازدۇرغۇچى مۇھەببەتتىن،
    ئالۋاستىنى پەرىشتە قىلىپ كۆرسەتكۈچى مۇھەببەتتىن،
    زىمىننى ئەرشتە قىلىپ كۆرسەتكۈچى مۇھەببەتتىن...

    ئەي ئاللاھىم!
    مېنى قۇتۇلدۇر پاساھەتلىك شېئىرنىڭ مۇھەببىتىدىن،
    بالاغەتلىك پىكىرنىڭ مۇھەببىتىدىن،
    كىبىرنىڭ مۇھەببىتىدىن...

    ئەي ئاللاھىم!
    مېنى قۇتۇلدۇر مىڭ مەررە ئۆلمەكتىن،
    مىڭ مەررە ئۆلتۈرمەكتىن ھەم.
    ئۆلۈم گەرچە ھەقىقەت بولسىمۇ...

    ھەقىقەت - بىردۇر، ئېگىلسە سۇنار.
    مۇھەببەت - مىڭدۇر، مىڭ مەررە يانار.
    ھەقىقەت - ئىماندۇر، يولدۇر.
    مۇھەببەت - ئىسياندۇر، قۇلدۇر.
    ھەقىقەت - سەبرىدۇر، مۇھەببەتنى كۈتەر ئۇ.
    مۇھەببەت - قەبرەدۇر، ھەقىقەتنى كۆمەر ئۇ.
    ھەقىقەت - مۇھەببەتتۇر، مۇقەددەستۇر.
    مۇھەببەت - ھەقىقەتتۇر، ھەۋەستۇر.
    ھەقىقەت - قىلىچتۇر، تىلىمىزنى كېسەر ئاخىرى.
    مۇھەببەت - قەلەمدۇر، قېنىمىزنى ئىچەر ئاخىرى...

    ئېيتقىنا ئەي سۇ بولغان يۈرەك
    شائىرغا نىمە كىرەك؟؟

    ★★★★★
    (2008-يىل 1-ئايدا يېزىلدى. 2012-يىلى 2-ئايدا تولۇقلاپ يېزىلدى.)
    ★★★★★


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: