版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/199395022.html

    بالقاننىڭ ئەڭ ھىم ئىشىكىدىن كىرىش (2-2)


    ئىبراھىم سەدىيانى(تۈركىيە)
     

    بۇ مەھدى ئاكىمىز قانداقراق ئادەمدۇر، بىر كۆرسەم، دەيتتىم. گېرمانىيىدىكى ۋاقتىمدا WEFA دىكى ئاغىينىلەر بۇ مەھدى گۇررا ئاكىمىزنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىپ بېرىدىغان دائىم. بۇ يىل ھېيىتتا قۇربانلىق تارقىتىش پائالىيىتىدە ئالبانىيىگە بېرىشنى تاللىغىنىمدا WEFA دىكىلەر خۇش بولۇشقان، WEFA رەئىسى مۇسئەب ئايدىڭ ئەپەندى ۋە ئوغلى يۇسۇف ھەنزەلە ماڭا: «ئالبانىيىنى توغرا تاللىدىڭ، ئىبراھىم. ئۇ يەردىكى ھەمراھىمىز بولغان ALSAR نىڭ رەئىسى مەھدى گۇررا ئەپەندى ئىشەنچلىك بۇرادىرىمىز، مىجەزىڭلارمۇ تازا كېلىشىدۇ...» دېيىشكەنىدى. مەن ئۈچۈن ئىشنىڭ تېخىمۇ ئوڭ كەلگەن تەرىپى، تۈركچە بىلىدىغانلارنى بارماق بىلەن سانىۋالغىلى بولىدىغان بۇ ئالبانىيىدە بۇ مەھدى ئاكىمىزنىڭ ئالىي مەكتەپنى ئىستانبۇلدا پۈتتۈرگەن بولۇشى ئىدى.
    نىھايەت، ھاياجان بىلەن سىرتقا چقتىم. شۇنچە گېپىنى ئاڭلىغان بۇ ئادەمنىڭ بىرەر پارچە سۈرىتىنى بولسىمۇ كۆرمىگەن بولسامۇ، ئۇنىڭ مېنى كۆرسە تونۇۋېلىشىغا ئىشىنەتتىم. (ساياھەت خاتىرىلىرىمنىڭ ھەممىسىگە شۇنچە جىق سۈرەتلىرىمىزنى بىكارغا چىقارمىدۇق-تە) دېگەندەك ھە دېگەندىلا ئوتتۇرا بوي، كېلىشكەن بىرى كۈلۈمسىرىگىنىچە ئۇدۇل ماڭا قاراپ كەلدى. كۆرۈشتۇق. مېنى ساقلاۋاتقىنىغا بىر يېرىم سائەت بولاپتۇ. قىزىق، پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى مەھدىنىڭ كېلىشىنى ساقلاۋاتىدۇ، بۇ مەھدى بولسا ئالبانىيىدە مېنى ساقلاۋېتىپتۇ. قولۇمدىن سومكامنى ئالدى ۋە بىزنى ساقلاۋاتقان تاكسىغا باستى. نەچچە سائەتتىن بېرى مېنى ساقلاۋاتقان ئاكىمىزنى يەنە بىر قانچە مىنۇت ساقلىتىپ ئايرودروم ئەتراپىدا بىر نەچچە پارچە رەسىم تارتتىم. ئاندىن تاكسىغا چىقتۇق. شوپۇر بىزنى ترانا شەھەر مەركىزىگە ئېلىپ ماڭدى. ئايرودروم مەيدانىدىن چىقىۋېتىپ تېرېسا ھەيكىلىنى كۆردۈم. پۈتۈن كۆرۈنۈشىدىن كرېست شەكلىنى ئالغان بۇ ھەيكەل باشقىچە دىققىتىمنى تارتماي قالمىدى.
    ماشىنىدا كېتىۋاتىمىز. ALSAR رەئىسى بولغان بۇ ئادەم ئەتراپنى كۆرسۈن دېدىمۇ، مېنى شوپۇرنىڭ يېنىغا ئولتۇرغۇزۇپ ئۆزى كەينىدە ئولتۇردى. شوپۇر تۈركچە بىلمەيتتى. راستىنى دېگەندە ئالبانىيىدە تۈركچىنى ئاساسەن ھېچكىم بىلمەيدىكەن. ماكېدونىيىدە تۈركچە بىلىدىغانلارنى، ھەتتا تۈركنى ئۆزىنى ئۇچرىتىش تەس ئەمەس، ئالبانىيىدە يۈرگەن بىر نەچچە كۈنۈمدە ئىستانبۇلدا ئوقۇغان مەھدى ئاكىمىزدىن باشقا تۈركچە بىلىدىغاننى كۆرمىدىم. ئۇ ئالبان بولۇشىغا قارىماي تۈركچىسى ناھايتى چىرايلىق ئىدى. 1974-يىلى تۇغۇلغان،36 ياشلىق بۇ بۇرادىرىمىز مارامارا ئۇنىۋېرستېتى ئىلاھىيەت فاكۇلتېتىنىڭ ئىسلام تارىخى بۆلۈمىنى پۈتتۈرگەن ئىكەن. تۈركچىسىنىڭ ناھايتى ياخشىلىقىنى ئېيتتىم، كەمتەرلىك بىلەن «شۇنداقمۇ؟» دەپ قويدى. راستىنى ئېيتقاندا تۈركچىسىنى «مۇكەممەل» دېگىلى بولمىسىمۇ،ھەر ھالدا بىزنىڭ گېزىتلىرىمىزدىكى ستون يازغۇچىلىرىدىن ياخشىراق بىلەتتى تۈركچىنى.
    سۆھبەت داۋامىدا تۈركىيىنىڭ قەيەرىدىن ئىكەنلىكىمنى سوراپ قالدى ئۇ.باياتىننىڭياقى سۆھبەتتە ئۇنىڭ سوئاللىرىمغا ئاساسەن سوئال بىلەن جاۋاب بەرگەنلىكىنى بايقىغانىدىم، مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن «قايتۇرما ھۇجۇم»غا ئۆتتۈم: «سېنىڭچە قەيەرلىككە ئوخشايدىكەنمەن؟ پەرەز قىلىپ باق» دېدىم. ئۇ يۈزۈمگە دىققەت بىلەن قارىۋېتىپ كۈلۈمسىرىدى ۋە تۈركىيىدە سۆزلەشمۇ چەكلەنگەن بىر تىلدا: Çawayi? Başi دەپ سورىدى. مەنمۇ كۈلدۈم ۋە ئوخشاش تىلدا Elhamdulillâh, başım. Tû çawayi دېدىم. بىر-بىرىمىزگە قاراپ كۈلۈشتۇق. ئەلازىغلىق ئىكەنلىكىمنى ئېيتتىم.
    ترانادا ياشايدىغان بۇ ئالباننىڭ تۈركچە سۆزلىيەلىشىمۇ مېنى ھەيران قالدۇرۇشقا يېتەرلىك ئىدى. ئەمما ئۇ تۈركچىنىلا ئەمەس، كۇرتچىمۇ بىلىدىكەن. كۇرتچە بىر نەچچە ئېغىز دىئالوگلاشتۇق. ئانا تىلدا سۆزلەشنىڭ راھىتىنى سۈردۈم بىردەم. تۈركچىنى قانداق چىرايلىق سۆزلىسە كۇرتچىنىمۇ شۇنداق گۈزەللىكتە سۆزلەيتتى. ھەيرانلىقتا شۇنى سورىماي تۇالمىدىم:
    - كۇرتچىنى قانداق ئۆگەندىڭ مەھدى ئابى؟
    - بىلىمەن، دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. پەقەت شۇ لازىم بولغاندا ئۇنى-بۇنى دەپ ھاجىتىمدىن چىقىمەن.
    - قانداق ئۆگەندىڭ؟
    - ئىستانبۇلدا ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا ياتاقتا بىر-ئىككى كۇرت ئوقۇغۇچى بار ئىدى. ئۇلاردىن ماڭا كۇرتچە ئۆگىتىپ قويۇشلىرىنى ئۆتۈندۈم. مەخپىي ئۆگەندۇق. ئاكىلىرىمىز بىلىپ قالسا ھەممىمىزنى مەكتەپتىن قوغلايتتى. ئويلىغىنا ئىبراھىم، مۇسۇلمانلارنىڭ دۆلىتى، ياتاقتا ھەممەيلەن بەش ۋاقت نامازلىق. بىز ئەنە شۇلار كۆرۈپ قالمىسۇن، دەپ مەخپىي، بۇلۇڭ-پۇشقاقلاردا كۇرتچە سۆزلىشەلەيتتۇق. بىر ئالبانغا كۇرتچە ئۆگەتكىنىنى بىلسە ئۇ كۇرت ئوقۇغۇچىلار يۈزدە يۈز مەكتەپتىن ھەيدىلەتتى...
    جىمىپ كەتتىم. نېمە دېيەلەيتتىم؟ بىر ئاز «قۇلاقنى يارغۇدەك جىمجىتلىق» تىن كېيىن، يەنە سورىدىم:
    - زادى نېمىشقا ئۆگەنمەكچى بولدۇڭ كۇرتچىنى؟ ساڭا لازىم بولمايدىغان بىر تىلغۇ بۇ؟
    كۈلدى. بېشىنى تۆۋەن سالدى ۋە بىر ئاز تۇرۇۋالغاندىن كېيىن بېشىنى كۆتۈرۈپ شۇنداق دېدى:
    - بۇنىڭ نېمىسىگە ھەيران قالىسەن ئىبراھىم؟ سەن ئالبانچە ئۆگىنىمەن دېسەڭ مەن ھەيران قالمايمەن. مەن كۇرتچە ئۆگەنسەم سېنىڭ ھەيران قېلىشىڭ قىزىق. تىللار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئەمەسمۇ؟ كۇرت، تۈرك، ئالبان ھەممىمىز بىر پەيغەمبەرنىڭ ئۈممىتىمىزغۇ؟
    - مېنى ھەيران قالدۇردۇڭ مەھدى ئابى، ئاللاھ سەندىن رازى بولسۇن. لېكىن يەنە سورىغۇم كېلىۋاتىدۇ، نېمە سەۋەپ سېنىڭ كۇرتچە ئۆگىنىشىڭگە سەۋەب بولغان؟
    - قوبۇل قىلالمىدىم ئىبراھىم، قوبۇل قىلالمىدىم. مۇسۇلمان بىر دۆلەتتە مىليونلىغان ئىنساننىڭ ئانا تىلىغا قارشى قويۇلغان قانۇنغا قەستەن قارشى چىقتىم. ئەقلىم، ۋىجدانىم، ئىمانىم، ھېچبىر نەرسەم بۇ زۇلۇمنى قوبۇل قىلالمىدى. ئوپئوچۇق ئىرقچىلىق. چەكلەنگەنلىكى ئۈچۈن ئۆگەندىم. زالىملىققا ھېچ بولمىسا شۇ يول بىلەن قارشى تۇرۇشۇم كېرەك، دەپ ئويلىدىم.
    ھېچنېمە دېيەلمەي شۈكلەپ ئېغىر ئولتۇرۇپ كەتتىم. ئىچىمدە مۇشۇنداق بىر ئىنساننى ماڭا ھەمراھ قىلغان ئاللاھقا چەكسىز شۈكۈرلەر ئېيتتىم.
    مەھدى ئابى سۆزىنى داۋام قىلدى. بۇ قېتىم ئۇنىڭ مەندىن بىر تەلىپى بار ئىدى:
    - سېنىڭ بۇ يەرنى تاللىغىنىڭدىن خۇش بولدۇم، ئىبراھىم. سەندىن بىر مۇھىم ئۆتۈنۈشۈم بار. كۇرتچىنى مۇكەممەل ئۆگەنمەكچىمەن. ماڭا كۇرتچە دەرس كىتابلىرىدىن ئەۋەتىسەن. قېرىنداشچە بىر ئۆتۈنۈش،ئىبراھىم. گېرمانىيىگە قايتقىنىڭدا چوقۇم ماڭا بۇ كىتابلارنى تېپىپ ئەۋەتكىن. قىينالماي ئوقۇپ يازالىغۇدەك دەرىجىدە ئۆگەنمەكچىمەن كۇرتچىنى. بۇ مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ چوڭ نىشانلىرىمدىن بىرى. خۇدا رىزالىقى ئۈچۈن سەندىن ئۆتۈنىمەن.
    بۇ سۆزلەر مېنى سۇندۇرۇپلىۋەتتى، چىدىيالمىدىم:
    - مەھدى ئابى. بۇ ئىشنى مەندىن ئۆتۈنمە، بۇيرۇق قىل. بېشىم بىلەن ئورۇنلايمەن. ساڭا لازىم كىتابلارنى دەرھال تېپىپ ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئەۋەتىمەن، ۋەدە بېرەي.
    شۇنچىلىك خۇشال ئىدىمكى، بارلىق كۆڭۈلسىزلىكلەر، سەپەر ھاردۇقلىرى بىراقلا كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. گېرمانىيىدىكى خىزمەتداش بۇرادەرلەر توغرا ئېيتىشقانىكەن. مېنىڭلا ئادىمىمكەن بۇ مەھدى ئابىمىز.
    بۇرۇنلاردا ئالبانلار ۋە كۇرتلارنىڭ ئوخشاش قىسمەتلىرى ھەققىدە نۇرغۇن ماتېرىيال كۆرگەنىدىم. تۈركچە، نېمىسچە يېزىلغان بىر مۇنچە ئەسەرلەردە بۇ ئىككى مىللەتنىڭ ئوخشاشلىقلىرى كۆپ تىلغا ئېلىنىدۇ. تارىخى،ئىجتىمائىي ئالاھىدىلىكلىرى، قىسمەتلىرىدە ئوخشاش نۇقتىلار كۆپ. بىزنىڭ ئىرقچى ھۆكۈمەتلىرىمىز دۈشمەن كۆرگەن ئاساسلىق ئىككى مىللەت دەل كۇرتلار ۋە ئالبانلاردۇر. «ئالبان» دېگەن نامغا دىققەت قىلىڭ، پۈتۈن دۇنيا تىللىرى ئىچىدە پەقەت تۈركچىدىلا باشقا ھەممە تىللاردىن پەرقلىق قىلىپ ئالبانلارنى «ئارناۋۇت» دەپ ئاتايدۇ. بۇ ئاتالغۇنىڭ «ئار-نومۇس ۋە ھايانى بىلمەيدىغان قەۋم» دېگەن مەنىدىكى ئەرەبچە «ئار-ناۋۇد» سۆزىدىن كەلگەنلىكى ۋە ئوسمانيىلار تەرىپىدىن پەقەت بۇ مىللەتنى پەس كۆرۈش مەقسىدىدە ئۇلارغا قويۇلغان نام ئىكەنلىكى ھەققىدىكى يازما ماتېرىياللارمۇ بار. ئوسمان ئىمپېريىسى ئۆز تەۋەلىكىدىكى مىللەتلەر ئىچىدە پەقەت ئالبانلارغا كەلگەندە، توسكالاردىن كېلىپ چىققان ۋە ئەسلى مىللەت نامى ئارۋانىت بولغان بۇ مىللەتكە ئىسىم قويغاندا ئەرەبچە «ئار-ناۋۇد» كەلىمىسىنى قوللانغان. ئالبانلارنىڭ ئوسمانىيلار ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى كۈنلىرى دېگەندەك ياخشى ئۆتمىگەن. بۇ مىللەت «ھۆر» ياشاش ئارزۇسىدىن ۋاز كەچمىگەن. تۈركىيىدىكى بەزى ئۇچىغا چىققان مىللەتچىلەرمۇ ئالبانلار ھەققىدە بۇ مىللەتنى ھەقىيقى مۇسۇلمانلاشتۇرۇشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، بۇ سەۋەپتىن ئوسمانىيلارنىڭبدۇ زېمىنغا بەكتاشىيە مەزھىپىنى مەجبۇرىي تارقاتقانلىقىنى، چۈنكى بۇنىڭدىن باشقىچە بىر شەكىلدە ئالبان زېمىنلىرىنى ئىسلاملاشتۇرۇش ئىمكانىيىتى يوقلىقىنى يازىدۇ. ئالبانىيە نۆۋەتتە دۇنيا بەكتاشچىلىرىنىڭ مەركىزى. بۇ پىكىردىكىلەرنىڭ قارىشى بويىچە بولغاندا فەلەستىن خەلقىمۇ ئۆزىگە ئۆزى ئىش تاپقانمىش. ئەرەبلەر ئوسمانىيلارغا خائىنلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ ئىسرائىلىيىنى يارىتىش بىلەن ئۇلارنى جازالىغانمىش. «فەلەستىن مەسىلىسى» مۇشۇنداق كېلىپ چىققانمىش. بۇ رەزىل قاراشنى ياقلايدىغان «مۇسۇلمانلار» تۈركىيىدە بولۇپمۇ مىللەتچىلەر ئىچىدە ساماندەك. ئىسلامىيەت ۋە بۈيۈك تۈرك دەيدىغانلار، تۈرك ئىرقىدىن بولغانلىقلىرى بىلەن دۇنيالىقىنى، ھەنەفىي مەزھىپىدىن بولغانلىقلىرى بىلەن ئاخىرەتلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈپ بولغان بۇ ئىرقچىلارنىڭ ئولتۇرسا قوپسا دەيدىغىنى شۇ: «دۆلىتىمىز» ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىدە توغرا قىلمايۋاتىدۇ. فەلەستىن ۋە ئىران بىلەن ئەمەس، ئىسرائىلىيە بىلەن ھەمكارلىشىشىمىز لازىم. چۈنكى بىز تۈركلەر تارىختىن بۇيان يەھۇدىيلار بىلەن ياخشى قوشنا بولۇپ كېلىۋاتمايمىزمۇ؟ ئەرەبلەر دېگەن بىز ئەڭ قىيىن كۈنلەردە قالغىنىمىزدا بىزگە خائىنلىق قىلدى، كەينىمىزدىن پىچاق ئۇردى. ئەرەبلەر ئۆزىگە ئۆزى قىلدى، ئۇلار بىلەن نېمە كارىمىز. خائىن ئەرەبلەرنى دەپ دوست يەھۇدىيلار بىلەن ئۇرۇشۇۋاتىمىز... بۇخىل چۈشەنچىلەر بەلكى سىز كىتابخانلارغا غەلىتە تۇيۇلار، ئەمما بىر پۇرسىتىڭىز بولۇپ ئاشۇ بىر تۈركۈم «دىنىغا ۋە مىللىتىگە سادىق مۇسۇلمانلار» بىلەن ھەمسۆھبەت بولسىڭىز بۇنداق گەپلەردىن نەچچە كىتاب پۈتتۈرىسىز.
    لېكىن، بۇ يەردە بىر ئالباننىڭ مەندىن كۇرتچە ئۆگىتىپ قويۇشنى تەلەپ قىلىشىنى، بىز تۈركلەرنىڭ گېپى بويىچە ئېيتساق «قىرىق يىل ئويلىسام ئەقلىمگە كەلتۈرەلمەيتتىم.»
    بىزنىڭ ئەڭ «ئىنقىلابىي» ۋە «تەۋھىدچى» دېيىلگەن، پات-پات كۇرتلارغا مېھمان بولۇپ «يوقلاپ» بارىدىغان، بەلكى كۇرت رايونلىرىغا 300 قېتىم بېرىپ نۇتۇق سۆزلەپ كېتىشكەن ئىسلامچى «ئاكىلىرىمىز» چېغىدا بىرەر جۈملە ئەھۋال سوراش سۆزلىرىنى بولسىمۇ ئۆگىنىۋېلىشنى خىيالىغا كەلتۈرمەي يۈرگەندە، بۇنداق بىر «سايلام بېلىتى» غېمى يوق، شۇ يىراق ئالبانىيىنىڭ ترانا شەھىرىدە ياشايدىغان، ماڭا ئوخشاش كاللىسىدىن كەتكەن بىرەر يېرىم كۇرت ئېزىپ تېزىپ بېرىپ قالمىسا بەلكىم ھېچ بىر كۇرت تاپالمايدىغان بۇ ئىنسان، پەقەت زۇلۇمغا قارشى مۇسۇلمان سۈپىتىنى ئارزۇ قىلىپ كۇرتچە ئۆگىنىمەن، دەۋاتىدۇ. بىزنىڭ دۆلەتتە ئانىلار نېمىشقا ماۋۇنىڭدەك ئىنسانلار تۇغمايدىغاندۇ؟ بىزنىڭكىلەر تۇخۇمدىن چىققان چۈچىلەردەكلا، يەنە كېلىپ بىزنىڭ بۇ چۈچىلىرىمىز شۇنداق ئوماق، شۇنداق سۆيۈملۈككىن، ئوڭچىسى، سولچىسى، ئىسلامچىسى،ئەلمانىيچىسى،ئەنئەنىچىسى، دىنچىسى، دەھرىيسى، ھەممىسى بىر-بىرىگە شۇنداق ئوخشايدۇ بۇ چۈجىلىرىمىزنىڭ.
    سۆھبىتىمىز، پەرەز قىلغىنىڭىزدەك، بارغانسىرى قىزىپ كەتتى. ئۇنىڭغا: «سىز ئالبانلارنىڭ يۈرەكلىك ۋە مەرت، زۇلۇمغا بوي بەرمەيدىغان ئىنسانلار ئىكەنلىكىڭلارنى بۇرۇندىنلا كۆرگەنمەن. ئېيتقانلىرىڭغا ئانچە ھەيران قالمىساممۇ بولاتتى ئەسلىدە...» دېگىنىمدە ئۇ كۈلۈپ دېدى:
    - ھەي ئىبراھىم. سىلەر نېمىشقا بۇنداقسىلەر دەيمەن.
    - بىز نېمە بوپتىمىز؟ قانداق دەيسەن ئابى؟
    - قانداق دەمسەن؟ «تۈرك بولماق قانداق بەخت!» ... (كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ) ھەر مۇشۇنداق دېگىنىڭلاردا ئۆزۈڭلارغا سىرتتىن قاراپ باقتىڭلارمۇ؟
    - مىللەتچىلىكنى بىزنىڭكىلەرگە سىلەر ئۆگەتتىڭلار-يا. بۇ كېسەل بىزگە باشقا يەنە نەدىن كەلدى دەيسەن؟
    - (كۈلۈمسىرەپ) بىلەمسەن ئىبراھىم، ھەزرىتى ئادەم ئەلەيھىسسەلام ئالبان ئىدى.
    - ۋاي ماڭە! چاقچاقمۇ يا؟
    - چاقچاق؟ سەن مۇشۇ ئىشنىمۇ بىلمەي يۈردۈم دېگىنە؟ قەيەردە قالغان مۇخبىر سەن ھوي؟...
    - (كۈلدۈم) ۋاي مەھدى ئابى، ھاۋۋا ئانىمىزنىڭ كۇرت ئىكەنلىكىنىغۇ بىلىمەن، لېكىنزە، ئادەم ئاتىمىزنىڭ ئالبانلىقىنى خۇدا ھەققى سەندىن ئاڭلىشىم.
    ھەر ئىككىلىمىز شۇنداق كۈلدۇقكى، گەپلىرىمىزدىن بىر ئېغىزمۇ چۈشەنمەيدىغان ئالبان شوپۇر بۇرادەرمۇ بىزگە قوشۇلۇپ كۈلۈپ كەتتى. مەن مەھدى ئابىمىزگە شۇنداق تەكلىپ بەردىم:
    - قارا، ئابى. مۇنداق قىلساقمىكىن دەيمەن. سەن بىر قانچە بۇرادەر تاپ، مەنمۇ ئاغىينىلىرىمدىن بىر نەچچىنى تاپاي-دە بىر تەتقىقات مەركىزى قۇرايلى. ئاندىن تەتقىقاتنى باشلايلى-دە، پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ئاتا تەرەپتىن ئالبان، ئانا تەرەپتىن كۇرت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقايلى.
    - چاتاق يوق، ئەكە قولاڭنى...
    كۈلكىدىن بۇ قېتىم ماشىنىنىڭ ئۆزىمۇ بىز بىلەن قوشۇلۇپ «كۈلۈپ» ئۆرۈلۈپ كېتەي دېدى.
    شەھەر مەركىزىگە كەلدۇق. ئالدىمدا باشقىچە بىر شەھەر. مەن تراناغا كەلدىم!
    ALSAR باش شىتابىغا قاراپ يول ئالدۇق. بىر دۆلەتنىڭ پايتەختى ۋە ئەڭ چوڭ شەھىرى بولغان ترانا بىزنىڭ تۈركىيىدىكى ئوتتۇراھال كۆلەمدىكى ھەر قانداق بىر شەھەردىن پەرقلەنمەيتتى. بىزنىڭ ئەلازىغنىڭ غازى كوچىسىنى ئال، بەشكە يا ئالتىگە بۆل، ھەر پارچىسىگە بىر مەھەللە سال، مانا ساڭا ترانا! ترانا پايتەخت بولسۇن دە، نېمىشقا بىزنىڭ ئەلازىغ بولالمىغۇدەك؟ پايتەختلىككە ئەڭ ماس كېلىدىغان شەھەر ئەمەلىيەتتە ئالازىغنىڭ ئۆزى. بىر مۇنچە ئالىملار، ھەتتا ياۋروپالىق ئالىملار بۇنىڭ ئىسپاتىغا توم-توم كىتابلار يېزىشتىغۇ؟
    قىسقارتىلما نامى ALSAR دېيىلىدىغان ۋە ئەسلىي ئالبانچە ئىسمى Alternativa e së Ardhmes يەنى «باشقىچە كېلەچەك» بولغان بۇ ئورگاننىڭ باش شىتابى شەھەر مەركىزىدىكى Rruga e Barrikadave (بەرىكەت كوچىسى) غا جايلاشقان بولۇپ، Kafe Europa نىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدە ئىدى. ئورگان دەرىزىسى نەق شەھەر مەركىزىگە قارايتتى.
    ماشىنىدىن چۈشۈپ پەلەمپەيلەردىن چىقىۋاتقۇچە خېلى ھاياجانلاندىم. ALSAR ئىشخانىلىرى قانداقتۇر، خىزمەتچى خادىملار بىلەن قانداق كۆرۈشسەم... دېگەنلەر كاللامدىن كەچتى. ئىچكىرى كىرگىنىمدە خادىملار بىزنى شۇنداق بىر سەمىيمى كۈلۈمسىرەشلەر بىلەن قارشى ئالدى. رەئىس مەھدى گۇررانىڭ تەرجىمانلىقىدا بارلىق خادىملار بىلەن بىر-بىر ھال سوراشتىم. مەھدى ئابى مېنى ئۇلارغا، ئۇلارنى ماڭا تونۇشتۇردى. بۇ قېرىنداشلار مېنى ئالبانىيىدە مېھمان قىلىش بىلەن باشلىرىغا قانچىلىك چوڭ ئىش تېپىۋالغانلىقلىرىنى ھازىرچە بىلمىگەنلىكلىرى ئۈچۈن بۇ تۇنجى سائەتلەردە ماڭا ئاجايىب قىزغىن مۇئامىلە قىلدى.
    ئىشخانىلاردا ئادەمنىڭ ئىچىنى ئىللىتىدىغان بىر ئىسلامىي ھاۋا بار ئىدى. بارلىق خادىملار قىزغىن ۋە خۇشچاقچاق كۆرۈنەتتى. قىلىۋاتقان ئىشلىرىدىن قانچىلىك پەخرلىنىدىغانلىقلىرى چىرايلىرىدىن ئايان. تاملار پۈتۈنلەي تەكچىلەر بىلەن تولغان ۋە بۇ تەكچىلەردە بولسا لىق دىنى كىتابلار. بىر دەم بۇ ئالبانچە دىنى كىتابلار بىلەن مەشغۇل بولدۇم. ئالبانچىنى بىلمىسەممۇ، بىرخىل قەلب تىلىدا بۇ كىتابلارنى «ئوقۇپ چىقتىم».
    خادىملار ئالدىراش ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى.ئەتە قۇربان ھېيىت، ئالدىراش كېرەك. ALSAR لوگوسى چۈشۈرۈلگەن ساندۇقلارغا ئالبانچە ئىسلامىي كىتابلار قاچىلىنىۋاتاتتى. دېمەك ئەتە پەقەت قۇربانلىقلا تارقايمايمىز، قېرىنداشلىرىمىزغا يەنە بۇ كىتابلاردىنمۇ ھەدىيە قىلىمىز.
    ناماز ۋە زورىدەك ئەقەللىي ئىبادەتلەرمۇ چەكلەنگەن، بارلىق مەسجىدلەر تاقالغان ياكى كىنوخانا ھەتتا ئېغىل قىلىۋېتىلگەن، ماشىنىغا «بىسمىللاھ» دەپ چىقىشمۇ 7 يىل كېسىلىدىغان جىنايەت بولىدىغان ۋەھشىي قانۇنلار بىلەن دۆلەتنى نەچچە ئون يىللار ئىدارە قىلغان كوممۇنىست ھۆكۈمىتىدىن تېخى يېڭى قۇتۇلغان بۇ خەلق ئەمدى كۆكسىنى توشقۇزۇپ تۇرۇپ «ئەلھەمدۇلىللاھ مۇسۇلمانمەن» دېيەلەيدىغان ۋاقىتلىرى كەلگەندە، ئەپسۇس، ئىسلام ھەققىدە، ئۆز دىنى ھەققىدە ھېچنېمە بىلمەيدىغان ھالغا كېلىپ قالغان بۇ ئالبان مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئالبان تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ خەلققە ھەقسىز تارقىتىلىۋاتقان دىنىي ئوقۇشلۇقلار خىزمىتىنىڭ قانچىلىك تەخىرسىز ۋە شەرەپلىك خىزمەت ئىكەنلىكىنى ئۆز-ئۆزىدىن ئايان. سوۋېت دەۋرىدە، شۇ چاغلاردا مەۋجۇت ئونلىغان كوممۇنىست دۆلەتلەر ئىچىدە ئالبانىيە ئاتىئېزمنى، يەنى دىنسزلىقنى «دۆلەت دىنى» قىلغان بىردىنبىر دۆلەت ئىدى. گەرچە كوممۇنىست دۆلەتلىرى ھەممە دىنلارغا قارشى بولسىمۇ، ئالبانىيە ھەممىسىدىن ئاشۇرۇۋەتكەن، دىنسىزلىقنى دۆلەت دىنى قىلىپ ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزگەن ۋە دىنلارغا قارشى، بولۇپمۇ ئىسلامغا ئوپئوچۇق ئۇرۇش ئاچقانىدى. ناماز ئوقۇشنىڭ ئۆزىلا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىشكە يېتەرلىك جىنايەت قارالسا، بىر ئوغۇل بالىنىڭ خەتنە قىلىنىشى شۇ بالىنىڭ پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ سۈرگۈن قىلىنىشى دېگەنلىك ئىدى. ئەنۋەر خوجا ۋە كوممۇنىزىم دەۋرىدىكى ئالبانىيە ھۆكۈمىتى ئۆز مۇسۇلمان خەلقىگىلا ئەمەس، ئاللاھنىڭ ئۆزىگە ئوپئوچۇق ئۇرۇش ئاچقان بىر دۆلەت بولغان.
    ئاشۇنداق بىر ئاشقۇن، رادىكال دىنسىز ھۆكۈمەتتىن يېڭىلا قۇتۇلغان، ئەمما ئىسلام ھەققىدە ھېچنېمە بىلمەيدىغان ھالغا كەلگەن ئالبانىيە خەلقى ئۈچۈن ALSAR نىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆڭلۈمدىكىنى دېسەم، ئىسلامىي دەۋەتنىڭ تۇنجى ئەۋلاد پىداكارلىرى بولغان ساھابە كىراملاردىن پەرقى يوق ئىدى مېنىڭ كۆزۈمدە. بۇ قېرىنداشلار ئالدىراش-ئالدىراش ئىشلەۋاتىدۇ، مەن بىر چەتتە ئولتۇرۇپ ئۇلارغا قارايمەن، قارايمەن. شۇنچىلىك خۇشاللىق بىلەن ئىشلەۋاتىدۇ ھەممەيلەن. ھېچبىر ماددىي مەنپەئەت تەلەپ قىلماستىن شۇنچە بېرىلىپ ئىشلەۋاتقان بۇ بۇرادەرلەرنىڭ ئالدىلىرىغا بېرىپ قوللىرىغا بىرمۇبىر سۆيگۈم كەلدى.
    ALSAR دا ئالبانىيە زېمىنىدىكى، ھەتتا ئىستانبۇلنىڭ رۇمئەلى ئەتراپىنى قوشمىغاندا پۈتۈن بالقاندىكى تۇنجى نامازلىرىمنى ئوقۇدۇم؛ پېشىن ۋە ئەسىرنى بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇدۇم.
    بىر ئازدىن كېيىن رەئىس مەھدى ئاكىمىز كېلىپ:
    - تاماقتىن كۆڭلۈڭ نېمە تارتىدۇ ئىبراھىم؟ - دەپ سورىدى.
    - تاماقمۇ؟ قارا مەھدى ئابى، دىندا قانچىلىك «ئۈممەتچى» بولساممۇ، مۇشۇ تاماققا كەلگەندە دەھشەت «مىللەتچى»مەن دېگىنە، ئاناتولىيە تاماقلىرىدىن باشقىنى يېيەلمەيمەن. نەگىلا بارسام ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىقىم مۇشۇ.
    - چاتاق يوق. بۇ ئەتراپتا پاكىزە بىر تۈرك تائاملىرى ئاشخانىسى بار. كاۋاپنى خېلى ئوخشىتىدۇ. تېلىفون قىلسام ئادانادىن كەلتۈرسۇنمۇ؟
    -ئوھو، مۇنداق ئىش بار دېگىن. مەنمۇ تۈزۈت قىلمىدىم ئەمىسە، مۇزدەك سوغۇق قېتىقتىنمۇ بۇيرۇتقىن.
    كۈلدى، ۋە ئاشخانىغا تېلىفون قىلىپ بىر كىشىلىك ئادانا بۇيرۇدى. تاماق يېرىم سائەتكىچە كەلدى. ئايروپىلاندا بېرىلگەن غەيرى غەيرى يېمەكلىكلەرگە قولۇمنى تەگكۈزۈپمۇ قويمىغانىدىم. فرانكفۇرتتا سەھەر نامازدىن يېنىپلا يەۋالغان ئازراق ناشتىلىق بىلەنلا ئىدىم. قورساق نەۋاق ناغرا چېلىۋاتاتتى.
    كاۋاپنى ھەقىقەتەن ئوخشىتىپتۇ. ترانادا تۇرغان نەچچە كۈندە شۇنچە نىيەت قىلساممۇ ئۇ ئاشخانىغا بېرىپ ئۇستىلارغا بىر رەھمەت ئېيتىش خىيالىمنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىدىم. ھازىر بۇ يەردە غايىبانىسىغا بولسىمۇ رەھمەت ئېيتىۋالاي: قولۇڭلارغا دەرت كەلمىسۇن.
    ALSAR خىزمەتچىلىرى تەرلەپ-پىشىپ ئىشلەۋاتقاندا مەنمۇ رەئىس ئىشخانىسىدا راستلانغان داستىخاندا خۇددى شۇلاردەك تەرلەپ-پىشىپ «ئىشلەۋاتاتتىم». ئۇلار «خەلققە خىزمەت» يەنى «كىچىك جىھاد» بىلەن مەشغۇل، مەن بولسام ما يەردە «نەفسىمگە قارشى كۈرەش» يەنى «چوڭ جىھاد» قىلىۋاتاتتىم.

    (ئىككىنچى قىسم ب بۆلۈم تامام)
    ★★★★★
    Hechkim نىڭ بايانى: ئاپتور ئىبراھىم سەدىيانى (ibrahim Sediyani) تۈركىيە كۇردلىرىدىن، خېلى نامى بار ئىجتىمائىي پائالىيەتچى، يازغۇچى.
    2010-يىل 31-ماي ئاپتور گازاغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ئېلىپ ماڭغان 41 دۆلەتتىن كەلگەن 688 ئادەملىك ياردەم ئەترىتى تەركىبىدە ئەترەتنىڭ ئىككى پاراخودىنىڭ بىرى بولغان «ماۋى مارمارا» ناملىق پاراخوتتا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ. ھەرىكەتتە 9 ئادەم ئۆلۈپ، 7 ئادەم يارىلىنىدۇ. ئاپتور ھايات قالىدۇ ۋە پاراخوتتىكى باشقا پىدائىيلار بىلەن بىرلىكتە ئىسرائىلىيىگە يالاپ ئېلىپ كېتىلىدۇ.
    خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك بېسىمى ئاستىدا قولغا ئېلىنغانلار بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىن قويۇپ بېرىلىدۇ. ئاپتورمۇ بۇ قاتاردا قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ھەرىكەتلىرىگە داۋاملىق قاتنىشىدۇ.
    «بالقاننىڭ ئەڭ ھىم ئىشىكلىرىدىن كىرىش» ماۋزۇلۇق بۇ ساياھەت خاتىرىسى «ماۋى مارمارا ۋەقەسى»دىن بىر قانچە ئاي كېيىن ئاپتورنىڭ بالقاندىكى ئۈچ دۆلەتتە ئېلىپ بېرىلغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزۈش پائالىيىتى جەريانىدا يازغان خاتىرىسىدۇر.
    ★★★★★
    http://bbs.izdinix.com/ShowPost.aspx?ThreadID=46271
    ★★★★★

    بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىنى «ئىزدىنىش مۇنبىرى»دىن ئوقۇڭ!
    مەنزىل:

    http://bbs.izdinix.com/ShowPost.aspx?ThreadID=46271


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: