版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/201784591.html

    كىچىك دۆلەتنىڭ چوڭ دۆلەتلىك خىيالى


    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى(2012-03-30) ماقالىسى:
    كىچىك دۆلەت قاتارنىڭ چوڭ دۆلەتلىك خىيالى

    قاتار ئوتتۇرا شەرق ئۆزگىرىشىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ، رايون بوشلۇقىنى تولدۇردى

    قاتار زادى نېمە ئىش قىلماقچى؟
    بۇ - بىر يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان زور كۆلەملىك نامايىشنى قوللىغان، مىسىر ئازادلىق مەيدانىدىكى ئىنقىلابچىلارغا مەدەت بەرگەن، غەرب ئەللىرىنىڭ لىۋىيەگە ئارىلىشىشىغا ئاكتىپ قاتناشقان، ھازىر سۇرىيە ھاكىمىيىتىگە زەربە بېرىشتە ئوتتۇرىغا چىققان پارس قولتۇقىدىكى كىچىك دۆلەت قاتارنىڭ رەھبەرلىرى دائىم ئويلايدىغان مەسىلە.
    بۇ رايوندىكى باشقا رەھبەرلەر تەدرىجىي شەكىللىنىۋاتقان ئەرەب يېڭى تەرتىپىگە باش قاتۇرۇۋاتقان چاغدا، قاتار بۇ ئۆزگىرىشتىن خۇش بولدى، ئىسلامىزىمچىلارنىڭ باش كۆتۈرۈپ يېڭىدىن گۈللەنگەن كۈچكە ئايلانغانلىقىدىن مەمنۇن بولدى ھەمدە مۇبارەكنىڭ تەختتىن چۈشكەنلىكىنى تەبرىكلىدى. قاتار ئۆزگىچە خىيالى بار دۆلەت، چوڭ دۆلەتلەر سىياسىيسىدا رول ئويناشقا ئامراق، ئۇ ئون نەچچە يىل بۇرۇنلا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنى قۇرغان ھەمدە كۆپ يىللاردىن بۇيان ئوتتۇرا شەرقتىكى داۋالغۇش بولۇۋاتقان دۆلەتلەرنى ياراشتۇرغان.
    بىر داڭلىق ئەرەب سىياسىي تەھلىلچىسى ئېيتقاندەك، بۈگۈنكى ئەرەب ئاممىسىنىڭ ئويغىنىشى دەۋھەگە تېپىلغۇسىز پۇرسەت يارىتىپ بەردى، بۇ ئەرەب دەۋرى، بۇ قاتارنىڭ تەسىر كۈچىنى پۇل ۋە تاراتقۇدىن باشقا ئەڭ مۇھىم ئورۇن – سىياسىيغا ئېرىشتۈردى.
    تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: ماھىيەتتىن قارىغاندا، قاتار مىسىردەك مۇشۇنداق ئەڭ چوڭ ئەرەب دۆلىتى، شۇنداقلا ئەرەب دۇنياسىنىڭ ئەنئەنىۋى باشلامچىسىدا كۈچىنى كۆرسىتەلمەسلىك بوشلۇقىنى تولدۇردى، سەئۇدى ئەرەبىستانى پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ، خەتىرى كىچىك دىپلوماتىيە ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا ئامراق. قاتار بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيانقى كەسكىن قارشىلىشىش مۇناسىۋىتى تېخىمۇ قويۇق ھەمكارلىققا ئايلاندى. ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن سۈرىيەنى چىقىرىۋېتىش مەسىلىسىدە ئەرەب دۇنياسىنىڭ بىردەكلىكى ئۈستىدە جاپالىق ئىزدىنىش جەريانىدا، پارس قولتۇقى رايونى ناھايىتى يېقىندىن ھەمكارلاشتى. يېقىندا دەۋھە سۈرىيەنىڭ ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشىنىڭ بىرى ئىدى، ئەمما پۇقرالارنى ئۆلتۈرۈش ئەۋجىگە چىققاندا دەۋھەمۇ بىرىنچى بولۇپ باشار ھاكىمىيىتىگە قارشى چىقتى.
    قوشنا دۆلەتلەرگە ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، قاتار ئىسلام قارشىلىق ھەرىكىتىگە ئۇزاقتىن بۇيان ئەمەلىي پوزىتسىيە تۇتۇپ كەلدى. تەھلىلچى ئەربابلار مۇنداق دېدى: بۇ تەشكىلاتلارنىڭ ئەرەب باھارىدىكى سايلامدا تەدرىجىي غەلىبە قىلىشىغا ئەگىشىپ، دەۋھە ئۇلار بىلەن غەرب ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈككە ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلدى.
    ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى كۆزەتكۈچىلەر ئۆمىكىنىڭ سۈرىيەدىكى ھەرىكىتى ئاياغلاشماي تۇرۇپلا، سۈرىيەگە ھەربىي جەھەتتىن ئارىلىشىشنى ئاشكارا تەلەپ قىلىش تەكلىپى ئوتتۇرىغا چىقتى.
    ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى ئەرەبى يېقىندا: ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا قاتار يېقىندا سۇنغان سۈرىيەگە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى قىسمىنى ئەۋەتىش تەكلىپى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ، دېدى. بۇمۇ ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ سۈرىيەگە ھەربىي جەھەتتىن ئارىلىشىش مۇمكىنچىلىكىنى تۇنجى قېتىم ئاستىرتتىن بىلدۈرۈشى. قاتار ئەمىرى، قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى ۋە قوراللىق قىسىم باش قوماندانى خاماد بىن خەلىفە ئەلسانى ئامېرىكا كولومبىيە رادىيو شىركىتىدە ئاڭلىتىلغان پىروگراممىدا مەن ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ سۈرىيەگە ئەسكەر ئەۋەتىپ، قىرغىنچىلىقنى توسۇشىنى قوللايمەن، دېدى.
    خاماد بۇنىڭ بىلەن سۈرىيەگە ئەسكەر ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلغان تۇنجى دۆلەت رەھبىرىگە ئايلاندى. بىراق ئۇ ئەرەب ئەللىرى قىسمىنىڭ سۈرىيەگە قانداق ئارىلاشسا ئاندىن ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىنى ئېيتمىدى.
    ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ بىر ۋەكىلى: ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى سۈرىيەگە ئەسكەر ئەۋەتىش توغرىسىدا ھازىرغىچە ھۆكۈمەت تەكلىپى تاپشۇرۇۋالمىدى، مەيلى ئەرەب دۆلەتلىرى ياكى باشقا دۆلەتلەر بولسۇن، ھازىرغىچە سۈرىيەگە ھەربىي جەھەتتىن ئارىلىشىش توغرىسىدا بىرلىككە كېلەلمىدى، دېدى. ئەمما قاتار يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى ئەرەبىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى سۈرىيەگە ئەسكەر ئەۋەتىش تەكلىپىنى رەسمىي مۇزاكىرە قىلىدۇ، دېدى.

    رۇسىيە گېزىتى: قاتار ئوتتۇرا شەرقنىڭ يېڭى «كۈچ مەركىزى» بولۇش ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتىدۇ

    2008-يىلى 5-ئايدا، قاتار ئوتتۇرىغا قويغان لىۋان ئىچكى ئۇرۇش كېلىشىمى بىر يېرىم يىلغا سوزۇلغان كىرىزىسنى ئاخىرلاشتۇردى ھەمدە لىۋان پىرېزىدېنت سايلىمىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى. بۇندىن باشقا، دەۋھە ئوتتۇرىغا چىقىپ يەمەن، سومالى ۋە چادنىڭ توقۇنۇشىنى ياراشتۇردى، ھەمدە جىبۇتى بىلەن ئېرىترىيەنىڭ چېگرا توقۇنۇشىنى ھەل قىلىشقىمۇ كۈچ چىقاردى. بىنورمال جۇغراپىيەلىك سىياسىي ۋەزىيەتتە، قاتارنىڭ دىپلوماتىيە خىزمەتلىرى يەنىلا ئۈنۈملۈك بولدى، بۇ خىزمەتلەرنىڭ لىۋىيە ۋە سۇرىيە كىرىزىسىدىكى رولى تېخىمۇ شۇنداق.
    قاتار نېمە سەۋەبتىن بۇنچە جانلىنىپ كەتتى؟
    كىچىككىنە قاتارنىڭ جاسارىتىنى ئۇرغۇتقان سەۋەب تۆۋەندىكىدەك: بىرىنچىدىن، تەبىئىي گازنىڭ ئېكسپورتى مالىيە كۈچىنى روشەن كۈچەيتتى، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا قاتارنىڭ تەبىئىي گاز ئېكسپورتى %500 ئاشقان. ئىككىنچىدىن، قاتار كۈچلۈك تەشۋىقات ئاپپاراتىغا ئىگە، قاتار يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى دۇنيادىكى داڭلىق تاراتقۇغا ئايلاندى. ئۈچىنچىدىن، قاتار ۋاشىنگتون بىلەن ئىتتىپاق تۈزدى، ئامېرىكىنىڭ قاتاردا ئىككى ھەربىي بازىسى بار.
    نۆۋەتتە قاتار ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. ئەنگلىيەدىكى ئاپپاراتلارنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا 2000-يىلدىن 2010-يىلغىچە قاتارنىڭ ئىچكى ئىشلەپ چىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %13 ئاشقان، دۇنيا ئىقتىسادىي كىرىزىسى مەزگىلىدىمۇ ئېشىش نىسبىتى %9.5كە يەتكەن. 2011-يىلى ئىچكى ئىشلەپ چىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %14كە يەتكەن. قاتارنىڭ بىۋاسىتە سېلىنمىسى بىلەن ئوتتۇرىچە كىرىمى دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ بارلىق نەتىجىلەرنى تەبىئىي گاز ئېكسپورتتى ياراتقان. قاتارنىڭ سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز ئېكسپورتى 2003-يىلدىكى 13 مىليون توننىدىن 2011-يىلى 75 مىليون توننىغا يەتكەن.
    تاراتقۇ قاتارنىڭ رايون رەھبەرلىك ئورنىغا ئېرىشىشىنىڭ مۇھىم قورالى. دۇنيادا تەسىر كۈچى ئەڭ چوڭ تاراتقۇلارنىڭ بىر بولغان قاتار يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتاردا. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2011-يىلنىڭ بېشىدا بۇ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ پىروگراممىلىرىنى كۆرگۈچىلەر 50 مىليونغا يەتكەن. 1995-يىلى قۇرۇلغان چاغدا، قاتار يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى يېڭىدىن ئەمىر بولغان شەيخ خاماد بىن خەلىفە ئەلسانىنىڭ قوللىشىغا ھەمدە 150 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ياردىمىگە ئېرىشكەن. ئەرەب دۇنياسى مەسىلىلىرىگە ئىزچىل ئېتىبار بېرىشى ھەمدە ئافغانىستان ۋە ئىراق قاتارلىق قىزىق مەسىلىلەرنى خەۋەر قىلىشى قاتار يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ نامىنى چىقاردى. «ئەرەب باھارى» پارتلىغاندا، قاتار يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇچۇر ئۇرۇشىنىڭ كۈچلۈك قورالىغا ئايلاندى. ئىستانسا باشلىقى ۋاداخانفانىڭ ئورنىنى خانلىق ئەزا، قاتار تەبىئىي گاز شىركىتىنىڭ لىدىرى ئىگىلىدى، مۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى قاتار تېلېۋىزىيە ئىستانسسىنى خانلىق جەمەت بىۋاسىتە كونترول قىلىدۇ.

    كىچىك دۆلەت قاتارنىڭ چوڭ دۆلەتلىك ئىرادىسى: ئوتتۇرا شەرق ئۆزگىرىشىدە ئوتتۇرىغا سەكرەپ چىقىش

    قاتارنىڭ ئەمىرى خاماد قاتارنىڭ كىچىك بولسىمۇ چوڭ دۆلەتلەرگە، رايون ۋەزىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىپ، قاتارنى «غەربىي ئاسىيادىكى سىنگاپورغا» ئايلاندۇرۇشنى، ئۆزىنىڭ لى گۇاڭياۋدەك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. قاتارنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئوڭ، مېھمانلىرىنىڭ كۆپ بولۇشى، چىقىشالمايدىغان تەرەپلەرنىڭمۇ بۇ دۆلەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدىغانلىقى-خەلقئارا جەمئىيەتنى ھەيران قالدۇردى.
    ھەممەيلەنگە مەلۇم، قاتار بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى يېقىن. 1992-يىلىدىن باشلاپ، ئىككى دۆلەت قويۇق ھەربىي مۇناسىۋەت ئورناتتى، ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئالدىنقى سەپتىكى قوماندانلىق مەركىزى ۋە بىرلەشمە ھاۋا ھۇجۇمى مەركىزى قاتارغا قۇرۇلغان. 13 مىڭ ئامېرىكا ئوفىتسېر ئەسكىرى قاتاردا تۇرىدۇ.
    يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋاتقان مىسىر بىلەن لىۋىيە ئىسلام تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرى، ھەتتا پەلەستىن رادىكال تەشكىلاتى خاماسنىڭ سىياسىي رەھبىرى خالىد ماشالنىڭمۇ قاتاردا ئۆيى بار، ئافغانىستاندىكى تالىباننىڭ قاتاردا ئىشخانىسى بار.
    سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، قاتارنىڭ لىۋىيە، سۇرىيە ، مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەردىكى «مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتى»-بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بار. بىر قىسىم ئامېرىكىلىق ئەمەلدارلار قاتار ئىسلامىزىم رەھبەرلىرىنى قوللاۋاتىدۇ دەپ گۇمان قىلدى. قاتارنىڭ تاراتقۇلىرى قاتارنىڭ ھەممىگە تەڭ قارايدىغان سىياسىتىنى تىلغا ئالغاندا، چاقچاق ئارىلاش: پۇل خەجلىسىلا ھەر قايسى جايدىكى كىشىلەرنى قاتارغا ئەكەلگىلى بولىدۇ دېدى.
    نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقى مول بولغان قاتار ھەقىقەتەنمۇ باي. قاتارنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش نىسبىتى 2010-يىلى %19.4 كە يېتىپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرغان. لىۋاننىڭ سىياسىي تەھلىلچىسى تالار ئاتلاس مۇنداق دېدى:قاتارنىڭ ئاڭ فورماتسىيەسى يوق. ئۇلار ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى ئىسلامىزىمنىڭ يېڭى كۈچلىرى بىلەن دوست بولغاندىلا قاتارنىڭ بۇندىن كېيىن شۇ رايوندا تەسىر كۈچىنى زورايتالايدىغانلىقىنى بىلىدۇ.
    بەزىلەر قاتارنىڭ مەقسىتىنى ناپالىيوننىڭ مۇرەككەپ ئىدىيەۋى ھالىتىگە ئوخشاتتى. يەنە بەزىلەر قاتارنى ئاغمىچى، ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئۆزگىرىشىدەك بۇ تېپىلغۇسىز پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنى قايتىدىن تىكلىمەكچى دېدى. تارىختا قاتار چوڭ دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئۇزۇن يىل بوزەك قىلىنغان، 1760-يىلىدىن 1971-يىلىغىچە، ئوسمان ئىمپېرىيەسى، ئەنگلىيە، ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندەك چوڭ دۆلەتلەرنىڭ كونتروللىقىدا بولۇپ كەلگەن، ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنىڭ بۇ قېتىملىق ئۆزگىرىشى شەك شۈبھىسىزكى قاتارغا بىر پۇرسەت بولدى.

    قاتار دۇنيادىكى ئەڭ باي دۆلەت بولۇپ باھالاندى

    يېقىندا، فوربىس ژۇرنىلى دۇنيادىكى ئەڭ باي دۆلەتلەرنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. خەلقئارادىكى نېفىت باھاسىنىڭ ئىزچىل ئۆسۈشى ۋە زور مىقداردىكى تەبىئىي گاز زاپىسى قاتارنى ئەڭ باي دۆلەتكە ئايلاندۇردى. 2010-يىلى قاتارنىڭ ئوتتۇرىچە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 88 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولدى. دۇنيادىكى 3-چوڭ تەبىئىي گاز زاپىسىغا ئىگە قاتار نېفىت تەبىئىي گاز بايلىقىنى ئېكسپورت قىلىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ چەتئەل كاپىتالىنى جەلپ قىلماقتا. بۇندىن باشقا، قاتار 2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئايرودۇرۇم، پورت، تۆمۈر يول ياسايدۇ. بۇ تىزىملىكتە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن كۇۋەيت دۇنيادىكى ئەڭ باي دۆلەتلەر ئىچىدە ئالدىنقى 15نىڭ ئىچىگە كىرگەن.

    ئەنگلىيەلىكلەرنى ھەيران قالدۇرغان ئىمارەتنى قاتار شىركىتى سېتىۋالدى

    سېلىنىۋاتقان ئەنگلىيە شارد بىناسى پۈتكەندىن كېيىن، ياۋروپادىكى ئەڭ ئېگىز قۇرۇلۇشقا ئايلىنىدۇ. بىراق بۇ شەرەپ ئەنگلىيەگە مەنسۇپ بولماي، قاتارغا مەنسۇپ بولدى.
    ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ يېقىندىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىدىن كېيىن، پارس قولتۇقىدىكى بۇ دۆلەت ئەنگلىيەنىڭ بىر قاتار داڭلىق مۈلۈكلىرىنىڭ ئىگىسىگە ئايلاندى. قاتار سېرىق قۇشقاچ پورتى پۇل مۇئامىلە رايونىدىكى كۆپ قىسىم يەر مۈلۈككە ئىگە ناخشىچى قۇشقاچ گۇرۇھىنىڭ پېيىنى كونترول قىلغۇچى، ئەنگلىيەدىكى داڭلىق باركىلاي بانكىسىدىكى ئەڭ چوڭ پايچىك، لوندوندىكى ئەڭ قىممەت يەرنىڭ بىرى بولغان-خايد باغچىسىمۇ قاتارنىڭ ئىلكىدە. لوندون ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئولىمپىك كەنتىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىمۇ قاتارغا تەۋە بولىدۇ. ئەنگلىيەدىكى داڭلىق تۈرلۈك ماللار شىركىتى خاررودمۇ قاتارلىقلارنىڭ ئىلكىدە. قاتار يەنە ئەنگلىيەدىكى چوڭ تىپتىكى زەنجىرسىمان تاللا بازىرى سېينىسبارىينىڭ ئاساسلىق پايچىكى، لوندون ئاكسىيە بازىرىدىكى %20 پاي ھوقۇقى قاتار مەبلەغ سېلىش ئىدارىسىغا تەۋە. بۇندىن باشقا، قاتار ئۆتكەن ئىككى يىلدا ئەنگلىيەنى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەيدىغان ئەڭ چوڭ دۆلەتكە ئايلانغان، ئەنگلىيە ئۆتكەن يىلى %85 تەبىئىي گازنى قاتاردىن ئىمپورت قىلغان. 2011-يىلىنىڭ 4-پەسلىدە بۇ نىسبەت %95.5 كە يەتكەن.
    مول نېفىت بايلىقى بار قاتار دۇنيادىكى ئەڭ باي دۆلەتلەرنىڭ بىرى. 2011-يىلىدىكى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىش نىسبىتى %20 كە يېتىپ، دۇنيادىكى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ئەڭ تېز بولغان دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان. قاتار مەبلەغ سېلىش ئىدارىسى نەچچە ئون مىليارد فوندسىتىرلىڭلىق مۈلۈك ۋە دۇنيادىكى تەسىر كۈچى زور مال مۈلۈك فوندىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇققا ئىگە بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەنگلىيەگە 10 مىليارد فوندستېرلىڭ مەبلەغ سالغان. رايون توقۇنۇشى قورشىۋالغان بىر دۆلەتكە نىسبەتەن، ئەنگلىيەگە مەبلەغ سېلىش شەك شۈبھىسىزكى خەتەردىن ساقلىنىشتىكى ئەڭ ياخشى تاللاشنىڭ بىرى. بىراق ئەنگلىيەلىكلەر قاتار ئەنگلىيەگە قانچە كۆپ مەبلەغ سالسا، ئەنگلىيە قاتارغا شۇنچە يۆلىنىپ، دۇچ كېلىدىغان خەتىرىنىڭ بارغانسېرى چوڭىيىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ.

    يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى: ئەرەب دۇنياسىنىڭ سىرلىق چۈمپەردىسىنى ئاچتى

    ئوتتۇرا شەرق رايونىدا، كىمدىنلا قايسى تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ پىروگراممىلىرىنى ياخشى كۆرۈدىغانلىقىنى سورىسىڭىز يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى دەپ جاۋاب بېرىدۇ. يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ باش ئورگىنى قاتارنىڭ پايتەختى دەۋھەقتە. بۇ يەرنى زىيارەت قىلغان جۇڭگو ياشلار سىياسىي ئىنىستىتۇتى ئاخبارات فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى جەنجياڭ يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرىنىڭ ئاددىيلىقىدىن ھەيران قالغان، ئۇ «خەلقئارا پېشۋالار گېزىتى» نىڭ مۇخبىرىغا: يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ باش ئورگىنى بىر قەۋەتلىك پاكار بىنا بولۇپ، جۇڭگونىڭ ناھىيە دەرىجىلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىغىمۇ يەتمەيدۇ دېگەن.
    620 مىڭ نوپۇسى بار، كۆلىمى 11 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرلىق دۆلەتتە قۇرۇلغىنىغا 12 يىل بولغان يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ پۈتۈن دۇنيادا 65 مىليوندىن ئارتۇق كۆرۈرمىنى بار، ئافغانىستان ئۇرۇشىدا كۆپ قېتىم بېن لادىننىڭ كۆرۈنۈشىنى مۇستەقىل كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيانى ھەيران قالدۇرغان. دېڭىز قولتۇقىدىكى CNN، ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى BBCدەپ تەرىپلەنگەن يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى غەرب دۆلەتلىرىدىكى داڭلىق CNN، BBCدەك خەلقئارالىق قاناللار بىلەن رىقابەتلەشمەكتە. قاتاردا دەل يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بولغاچقا ئوتتۇرا شەرقتىكى نامسىز دۆلەتتىن داڭ قازانغان دۆلەتكە ئايلانغان. قاتار ھەتتا ئەرەب ئەللىرى دۆلەتلىرىنىڭ دۇنيا نەزىرىدىكى ياغلىق ئارتىدىغان، قۇملۇق، تېررورىزىم ئەۋج ئالغان ئوبرازىنى ئۆزگەرتىشكە باشلىدى.
    1996-يىلى ۋەزىيەت ئېھتىياجى بىلەن يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بارلىققا كەلدى. ئۇزاققا بارمايلا 24 سائەتلىك ئىنگلىزچە خەۋەر قانىلىمۇ ئاڭلىتىشنى باشلىدى، ئۇ «بىز ئۆزىمىزنىڭ خەۋەر قارالمىسىنى بېكىتىمىز» دېگەننى شوئار قىلىپ، ئەرەب ئەللىرى بىلەن دۇنيانى چەكسىز يېقىنلاشتۇردى. يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ چەتئەلدىكى 70 تىن كۆپرەك مۇخبىرلار پونكىتى چوڭ ئىشلار يۈز بەرگەندە بىرىنچى قول ماتېرىيالغا ئېرىشىشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ. يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۆزىنىڭ سۆزىدە چىڭ تۇرۇپ، غەرب بىلەن سۆز قىلىش ھوقۇقىنى تالىشىدۇ.
    يېقىندا يۈز بەرگەن غەززا ئۇرۇشىدا، ئامېرىكا بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ ئالاھىدە مۇناسىۋىتى بولغاچقا غەرب تاراتقۇلىرى ئىسرائىلىيە قوزغىغان بۇ ئۇرۇشنى خەۋەر قىلىشتىن قەستەن ئۆزىنى قاچۇرغان ئىدى. لېكىن يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 24 سائەت توختىماي غەززا ئۇرۇشىدىن ئىز قوغلاپ خەۋەر بېرىپ، پۈتۈن دۇنياغا غەززانىڭ قانداق تالاپەتكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
    يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىسلام دۇنياسى نۇقتىسىدا تۇرۇپ خەۋەر بېرىدۇ، ئەرەب دۇنياسىنىڭ ۋاكالەتچىسى بولىدۇ.

    يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى فىرانسىيە پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئۇلاپ تارقىتىش بازىرىنى كەڭ كۆلەمدە ئىگىلىدى

    ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى يېقىندا مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: قاتار يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 2012-يىلدىن 2015-يىلغىچە ياۋروپا كۇلۇبلار چېمپىيونلۇق پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ فىرانسىيەدىكى تېلېۋىزىيەدە ئۇلاپ تارقىتىشنىڭ كۆپ ساندىكى ھوقۇقىغا ئېرىشتى، بۇ دۇنياغا داڭلىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات ۋاستىسى فىرانسىيە پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تېلېۋىزىيەدە ئۇلاپ تارقىتىش بازىرىنى داۋاملىق ئىگىلىدى.
    ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بىلەن تۈزگەن كېلىشىمگە ئاساسەن، 2012-يىلدىن 2015-يىلغىچە، يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 2012-يىلى باھاردا فىرانسىيەدە كۆرسىتىشنى باشلايدىغان تەنتەربىيە قانىلى، ئىنتېرنېت تورى ۋە يانفون ئارقىلىق ھەربىر مۇسابىقە مەزگىلىدە 133 مەيدان ياۋروپا كۇلۇبلار چېمپىيونلۇق پۇتبول مۇسابىقىسىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىدۇ. بۇ ئۇلاپ تارقىتىش توختىمى يەنە شۇ مۇسابىقىدىن بۇرۇنقى مەخسۇس سەھىپىسىنى، شۇنداقلا باشقا بەزى مۇسابىقىلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال قىسقارتىلما پىروگراممىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
    ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بۇ توختامنىڭ سوممىسىنى ئاشكارىلىمىدى، بىراق فىرانسىيە كەسپىي تەنتەربىيە گېزىتى «كوماندا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بۇنىڭغا يىلدا 61 مىليون ياۋرو تۆلەيدىكەن. ھازىر فىرانسىيەدە ياۋروپا كۇلۇبلار چېمپىيونلۇق پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۇلاپ تارقىتىدىغان يەرلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن ئىككىسى بار.
    ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بىرىنچى دەرىجە تەرتىپىدىكى مۇھىم نۇقتىلىق 13 مەيدان مۇسابىقىسى ۋە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىشى شۇنداقلا ھەر ھەپتىلىك مەخسۇس پىروگراممىنىڭ بۇندىن كېيىنكى 4 يىللىق فىرانسىيەدە كۆرسىتىدىغان ھۆددە ئېلىش توختامىنى قايسى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا سېتىپ بېرىشنى تېخى بەلگىلىمىدى، ھازىر فىرانسىيە تېلېۋىزىيە 1-قانىلى ئىزچىل بۇ بىر قاتار ھۆددە ئېلىش پىروگراممىسىنىڭ سېتىۋالغۇچىسى بولۇپ كەلدى.
    يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى فىرانسىيەدە بىۋاسىتە كۆرسىتىدىغان شۇ يەردىكى كېيىنكى مەزگىللىك ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ بىر قىسىم ئۇلاپ تارقىتىش ھوقۇقى، شۇنداقلا ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چەتئەلدىكى ئۇلاپ تارقىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشتى.
    يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەنتەربىيە قانىلىنىڭ خوجايىنى ھەم فىرانسىيە ئا دەرىجىلىكلەر پۇتبول كۇلۇبى پارىژ سانت گېرمان كۇلۇبىنىڭ رەئىسى.

    قاتار دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىغا 220 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى خەجلىمەكچى

    2022-يىلى قاتار دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى تارىختىكى ئەڭ «راھەت-پاراغەت» كە بېرىلگەن بىر نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى بولىدۇ دەپ قارالدى. «بىناكارلىق ھەپتىلىك ژۇرنىلى »دا گېرمانىيەنىڭ قانۇن ۋە مالىيە تەھلىلچىسى، مۇتەخەسسىس رىتتېرنىڭ مىيۇنخېن مەبلەغ سېلىش باشلىقلار يىغىنىدا قىلغان سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى: قاتار بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن 220 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سالماقچى، بۇ تەخمىنەن 1 تىرىليون 405 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە توغرا كېلىدۇ.
    رىتتېر مۇنداق دېدى: بۇنىڭ ئىچىدە 48 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى يېڭى پۈتۈن ھاۋا تەڭشىگۈچلۈك 12 توپ مەيدانى سېلىشقا سەرپ قىلىنىپ، قاتاردا يازدا بولىدىغان ئىسسىققا تاقابىل تۇرۇلىدۇ، قالغان 77 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى توپ مەستانىلىرى ۋە توپچىلار ئېھتىياجلىق ئۈسكۈنىلەرگە سەرپ قىلىنىدۇ، يەنە 50 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قاتارنىڭ ھازىرقى قاتناش مۇئەسسەسەلىرىنى ياخشىلاشقا سەرپ قىلىنىدۇ.
    كىشىنى ئەڭ ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى قاتار بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن 45 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىپ، كۆلىمى 20 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان لۇسائېل يېڭى شەھىرىنى قۇرۇپ چىقماقچى.
    يېڭى شەھەر لۇسائېل دەۋھەنىڭ شەرقى شىمالىدىكى 15 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا بەرپا قىلىنىدۇ، شەھەرگە 200 مىڭ ئادەم سىغىدۇ، كىنوخانا،تىياتىرخانا، مەيدان، سودا ۋە خىزمەت بىناسى، ئائىلە ئارامگاھ رايونى قاتارلىق تۈرلۈك مۇئەسسەسەلەرنىڭ ھەممىسى تولۇق بولىدۇ. لۇسائېل شەھىرى ھۆكۈمەت تەرەپ تور بېكىتىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ شەھەر 21-ئەسىردىكى شەھەرلەرنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلىنىدىكەن ھەمدە قاتار ۋە پارس قولتۇقى رايونىنىڭ ئالاھىدە مەدەنىيەت ۋە جۇغراپىيەلىك مىراسى بولۇپ قالىدىكەن.
    پىلان بويىچە، لۇسائېل 2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە يېپىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان جاي ئىكەن، ئاساسلىق توپ مەيدانىغا لۇسېئال مەبۇد مەيدانى دەپ نام بېرىلىدىكەن. قاتار 50 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قاتناش ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى قۇرۇلۇشى راسخوتىدىن 3 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىپ، تەخمىنەن 85 كىلومېتىر كېلىدىغان رېلىسلىق قاتناش سىستېمىسى قۇرۇدىكەن، بۇ شەرقى دېڭىز بويى لىنىيەسى، يۇقىرى سۈرئەتلىك لىنىيە، يۈك تىرانسپورت لىنىيەسى ۋە يېنىك رېلىسلىق لىنىيەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق لۇسائېل شەھىرى بىلەن قاتارنىڭ باشقا رايونلىرى تۇتاشتۇرۇلىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، پۈتۈن دەۋھەنىڭ رېلىسلىق قاتناش سىستېمىسى 2015-يىلى ئومۇميۈزلۈك تۇتاشتۇرۇلىدىكەن. ئۇندىن باشقا قاتار يەنە يېڭى دەۋھە خەلقئارا ئايرودۇرۇمى قۇرىدىكەن. ئۇلار يېڭىدىن قۇرىدىغان دەۋھە پورتىمۇ 2022-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىن بۇرۇن پۈتىدىكەن. ناھايىتى ئېنىقكى بەدەل تۆلەش بىلەن ھېسابلاشمايدىغان قاتار خان جەمەتى تەنتەربىيە ئارقىلىق پارس قولتۇقىدىكى بۇ دۆلەتنىڭ دۇنيادىكى تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلماقتا. 2022-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىن باشقا دەۋھە يەنە 2017-يىللىق دۇنيا يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە مۇسابىقىسى ۋە 2020-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلدى.

    قاتار 2015-يىلىدىن بۇرۇن تۇراقلىق تېمپېراتۇرىلىق توپ مەيدانى قۇرماقچى

    قاتار ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2022-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزگۈچى دۆلەت قاتار 2015-يىلىدىن بۇرۇن تۇراقلىق تېمپېراتۇرىلىق توپ مەيدانى قۇرۇپ چىقىدىكەن. قاتار 2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ئالى كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ھاسان. ساۋاتى مۇنداق دېدى: بىز 2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرقى پىلانىنى كېڭىشىپ بېكىتتۇق، 2015-يىلىدىن بۇرۇن قوياش ئېنېرگىيەلىك سوۋۇتۇش تېخنىكىسى قوللىنىلغان پۇتبول مەيدانى سالىمىز.
    ساۋاتى قاتارنىڭ كاربونسىز دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشتە بەرگەن ۋەدىسىنى قايتا تەكىتلەپ بارلىق مەيدانلارغا قۇياش ئېنېرگىيەلىك كاربونسىز سوۋۇتۇش تېخنىكىسى قوللىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: 2022-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىن بۇرۇن، قاتار 2020-يىلى بىر نۆۋەت پۇتبول لەۋھە مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدۇ، 2021-يىلى بىرلەشمە لوڭقىسى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ، دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى ئۈچۈن رەپىتىس قىلىدۇ.
    ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا، قاتار ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق رەقىبلىرىنى يېڭىپ، 2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشىپ، خەلقئارا پۇتبول كاتتا مەرىكىسىنى ئوتتۇرا شەرق رايونىغا ئېلىپ كىردى. قاتار ئىلتىماس قىلىش داۋامىدا ھۆكۈمەت 4 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىپ، توپ مەيدانلىرىنى يېڭىدىن قۇرۇپ چىقىدۇ دەپ ۋەدە بەرگەن ئىدى.
    ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقى قىسمىغا جايلاشقان قاتار تىروپىك بەلباغ قۇملۇق كىلىماتىغا تەۋە بولۇپ، ھەر يىلى 6-ئايدىن 9-ئايغىچە ئۆي سىرتىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 40 سېلسىيە گىرادۇستىن ئاشىدۇ، قۇياش نۇرى بىۋاسىتە چۈشىدىغان جايلاردا تېمپېراتۇرا 50 سېلسىيە گىرادۇستىن ئاشىدۇ. قاتارنىڭ پىلانى بويىچە، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مەيدانىغا قۇياش ئېنېرگىيەلىك سوۋۇتۇش سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، بۇ سىستېما توپ مەستانىلىرى سۇپىسى ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھاۋا تەڭشىگۈچ ئارقىلىق مەيدانغا سوغۇق ھاۋا ئېلىپ كىرىپ، مۇسابىقە ۋاقتىدا مەيداننىڭ تېمپېراتۇرىسىنى 27 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا تەڭشەيدۇ.
    ★★★★★
    http://www.uycnr.com/xwzx/lwsj/201203/t20120330_319125.html
    ★★★★★


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: