جۇڭگولۇقلاردىكى چىگىش روھىي ھالەتلەر - [چوك گۈزەل ئەسەرلەر]

    _べ Tag:تارىخ   2011年02月12日

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/104726049.html

    جۇڭگولۇقلاردىكى ئون چوڭ «چىگىش» روھىي ھالەت


              2010-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى
              خەۋەر مەنبەسى: «يېرىم ئايلىق سۆھبەت تورى»

              «چىگىش» دېگەننىڭ يېقىن مەنىداش سۆزى «قىيداش» بولۇپ، ئۆز-ئۆزىگە باتناش ھەم باشقىلارغا باتناشنى كۆرسىتىدۇ. بارلىق ئادەم ۋە ئىشلارنىڭ ھەممىسى «قىيداش» بىلەن بولۇۋاتىدۇ، تېخىمۇ چوڭ «قىيداش» شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، ھەممە ئادەم بۇ «قىيداش» قا ئامال قىلالمىغاچقا، كۆپچىلىك يەنىلا مۇشۇ خىل «قىيداش» بويىچە كېتىۋېرىشكە توغرا كېلىۋاتىدۇ. مۇنداق چىگىشلىك بۈگۈنلا مەۋجۇت بولغان بولماستىن، ئىلگىرىمۇ بار ئىدى. ئۇ جۇڭخۇا مىللەتلىرىدىلا بولۇپ قالماستىن، پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئورتاق ھالەت.
              «چىگىش» دېگەن سۆزنى جارى قىلدۇرغانلار،
              ئۇنىڭ بىرى: ۋاڭ سو، ئۇنىڭ ئەقلىيە سۆزى: «چىگىشنى كۆرگەنمۇ؟ مۇنداق چىگىشنى كۆرمەپتىمەن»؛
              يەنە بىرى: لىيۇ جىنيۈن، ئۇنىڭ ئەقلىيە سۆزى: «تۇرمۇش مېنى چىگىشلەشتۈرىۋەتتى».
              «چىگىش»لىك-ئۇ تاۋلىنىش، ئۇ ھاياتلىقنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات ھالىتىدىن ئىبارەت، ھايات چىگىشلىك ئىچىدە داۋاملىشىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن زور ئوڭۇشلۇققا، جەننەتكە، نېرۋاناغا يېتىدۇ.

               بەزىلەر جۇڭگولۇقلاردىكى 10 چوڭ «چىگىش» روھىي ھالەتنى يەكۈنلەپ چىققان. بۇ ئەمەلىيەتتە جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىنى رەتكە تىزغانلىقتۇر.
              (1) ئەمەلدارغا خۇشامەت قىلىش ۋە ئەمەلدارنى تىللاش. پۇتبولدا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش چەۋەندازى لى چېڭپىڭمۇ ئاشكارا سورۇندا: ئەگەر ئۆزىمۇ پۇتبول جەمئىيىتىنىڭ رەھبىرى بولغان بولسا، ئوخشاشلا خىيانەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيىتقان، كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئەمەلدار بولۇش روھىي ھالىتى ئوخشاشلا ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ پۇل تېپىشتىن ئىبارەت.
              (2) باي بولۇشقا ئۇرۇنۇش ۋە بايلارنى ئۆچ كۆرۈش. بارلىق جۇڭگولۇق باي بولۇشنى خالايدۇ، باي بولىدىغانلا ئىش بولسا، ۋاستە تاللاپ ئولتۇرمايدۇ. لېكىن، باي بولىدىغانلار ھامان ئاز سانلىقلار، شۇنىڭ ئۈچۈن، جاھاندىكى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بايلارغا ئۆچلۈك قىلىدۇ، بايلار توغرىسىدا گەپ بولسىلا، ھەممەيلەن ئۇلارنى مال-دۇنيانى توغرا يول بىلەن تاپمىغان، دېيىشىدۇ. ئۇلارنىڭ نامراتلىشىپ قاق سەنەم بولۇپ كېتىشىنى تىلەيدۇ.
              (3) ھېسداشلىق قىلىش ۋە كەمسىتىش. بۇ ھازىرقى جەمئىيەتتىكى ئەڭ ئومۇملاشقان بىر خىل زىددىيەتلىك سەت روھىي ھالەت.
              (4) ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ ئالداش. جاھاندىكى خەقلەرنىڭ ھەممىسى باشقىلارنىڭ زەھەرلىك يېمەكلىكلىرىنى يەپ تۇرىدۇ. ھەممىسى تىللاپ تۇرىدۇ، ئەمما، جاھاندىكى ھەممە كىشى ساختىلىق قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ ۋىجدانغا ھەرگىز سۇئال قويۇپ باقمايدۇ، ھەقىقەتەن ئېچىنىشلىق ئىش.
              (5) يوشۇرۇن قائىدىگە قارشى تۇرۇش ۋە يوشۇرۇن قائىدىگە ئاڭلىق بويسۇنۇش. ھازىر ھەر ساھە، ھەر كەسىپنىڭ يوشۇرۇن قائىدىسى بار، جاھاندىكى ھەممە ئادەم يوشۇرۇن قائىدىگە نەپرەتلىنىدۇ، جاھاندىكى ھەممە ئادەم يوشۇرۇن قائىدە ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتمەكچى بولىدۇ.
              (6) ئاشنا تۇتۇشقا قارشى تۇرۇش ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاشنا تۇتۇش. جاھاندىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئاغزىدا ئاشنا تۇتۇشقا قارشى تۇرىدۇ. لېكىن ھەممە ئادەمنىڭ ئاشنا تۇتقۇسى كېلىدۇ، پەقەت ئۆزىنىڭ ھوقۇقى، پۇلى، ئىسكەتى يوقلۇقىدىن ئاغرىنىدۇ.
              (7) شەھۋەتپەرەسلىككە قارشى تۇرۇش ۋە شەھۋەتپەرەسلىككە بېرىلىش.
              (8) قىمارغا قارشى تۇرۇش ۋە قىمارغا بېرىلىش.
              (9) چەت ئەلگە چوقۇنۇش ۋە سىرتنىڭكىنى چەتكە قېقىش.
              (10) «ساددا راستچىللىق» ۋە «مۇرەسسە قىلىپ، جامائەتكە ئەگىشىش»، تېلېۋىزىيە تىياتىرى «يانفۇن»دىكى يەن شۈينىڭ تۇتقان يولى تىپىك يول ئىكەنلىكىدە گۇمان يوق. ئۇنىڭ ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىدىكى «ساددا راستچىللىق»تىن، ياشلىق دەۋرىدە «مۇرەسسە قىلىپ، جامائەتكە ئەگىشىش»ى، ئەڭ ئاخىرىدا «سەمىمىيلىككە قايتىش» ى، جۇڭگولۇقلار قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان قىيىن بىر مەدەنىيەت تېمىسىنى مۇكەممەل ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. ئۇ ئىزچىل تېڭىرقاپ جان تالىشىدۇ، بىر مەزگىل ئۆزلۈكىنى يوقۇتۇپ قويىدۇ. يەن شۈينىڭ ئاساسىي خاراكتېرىدە بىر ئالۋاستى «ياخشىچاقلىق» روھىي ھالىتى ھەرۋاقىت ئۇنى پارە-پارە قىلىۋېتىدۇ. ئۇ رەھبەرلىككە ياخشىچاقلىق قىلىدۇ، مەنپەئەت ئاساسلىق كۈچلىرىگە ياخشىچاقلىق قىلىدۇ، يولداشلارغا ياخشىچاقلىق قىلىدۇ، يېتەكچى ئوقۇتقۇچى خې بىيمو ۋە مومىسىغا ياخشىچاق بولىدۇ، تاماشىبىنلارغا، خوتۇنىغا، ئايال دوستىغا ياخشىچاق بولىدۇ. نەتىجىدە ھېچكىمگە ياخشى بولالمايدۇ، ئۇنىڭ ياخشىچاقلىق روھىي ھالىتى ئۇنى «بىرنى بىر» دەيدىغان مەدەنىيەت مەيدانى بىلەن قاتتىق زىددىيەتكە سېلىپ قويىدۇ. مۇنداق بىر ئەقلىيە سۆزى بار: «مەغلۇپ بولغۇڭ كەلسە ھەممە ئادەمگە ياخشىچاق بول». بۇ سۆز يەن شۈينىڭ بەختسىزلىكىنى ھەقىقى سۈرەتلەپ بەرگەن.
              يۇقىرىقى 10 تۈرلۈك روھىي ھالەت پەقەت بىر كىشىنىڭلا ئېيىتقان گېپى، ئەتراپلىق بولماسلىقى مۇمكىن.
              ئەمىسە سىزنىڭ «چىگىش»لىكىڭىز نېمە؟

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    تەرجىمە قىلغۇچى: ئەخمەت ئىمىنھاجى
    «تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى»(2010-11-11)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: