版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/225229634.html

    نويابىردىن كېيىنكى دۇنيا

    ئاپتورى: جاۋىر سولانا
    (تەرجىمىدە: نەپرەت)
     


    2012-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئوباما ياكى رومنىي ئۇزۇنغا سوزۇلغان سايلام ئۇرۇشىدىن غەلبە قىلىپ، كەلگۈسىدىكى 4 يىللىق ھۆكۈمران بولىدۇ. ئوكياننىڭ قارشى قىرغىقىدا، 11-ئاينىڭ 8-كۈنى 2000 نەچچە كومپارتىيە ۋەكىلى بېيجىڭدا يىغىن ئاچىدۇ. تەخمىنەن بىر ھەپتىدىن كېيىن، يېڭى سياسىي بۇيرۇ دائىمىي كومىتېتى قاتلام تەرتىپلىرىدىن گەۋدىلىنىپ چىقىپ، 1 مىليارد 300 مىليون نوپۇسقا ئىگە دۆلەتنى ئۆتكۈزۈۋالىدۇ.
    دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىككى ئىقتىسادىي گەۋدە رەھبەرلىك ئالماشتۇرۇشقا دۇچ كەلدى. دۇنيانىڭ ئۆزىمۇ شۇنداق. بولۇپمۇ ئوتتۇرا شەرق زىچ بۇرۇلۇش پەيتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە. قايتا قۇرۇش دېگەن بۇ سۆز مەيلى خەت مەنىسىدىن ياكى كۆچمە مەنىسىدىن بولسۇن مەزكۇر رايوننىڭ بىر قىسىمىدا بىخ سۈردى، سۇرىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئۇرۇش ئوتىدا كۆيمەكتە. ئىران قاتارلىق باشقا دۆلەتلەر يەنىلا ئەجەل ئالدىدا كۈرەش قىلماقتا. ئىران گەرچە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان بولسىمۇ، لىۋاندىكى ۋاكالەتچىسى ئاللاھ پارتىيىسى ئارقىلىق ئىسرائىلىيەگە ئاز بولغاندا بىر قېتىم مۇۋەپپىقىيەتلىك ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمى قىلدى، يېقىندا يەنە ئېنتىرنېت ھۇجۇمى قىلغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار تارقالدى.
    نەتىجىدە، رايونلۇق كۈچلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت يەنىلا جىددىيلەشتى. ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياخۇ ب د ت يىغىنىدا 2013-يىلى باھاردا ياكى يازدا ئىران يادرو پىلانى ئۈچۈن بىر «قىزىل سىزىق» سىزىپ بېرىشكە دەۋەت قىلدى، ھازىر يەنە مۇددەتتىن بۇرۇن چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈشكە دەۋەت قىلىش ئارقىلىق، ئىرانغا ھەرىكەت قوللىنىشتىكى قوماندانلىق ھوقۇقىنى مەھكەم تۇتماقچى بولدى. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، مىسىر يەنە ئۆزىنىڭ تەڭپۇڭلىقى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە، بۇ دۆلەت ئىچىدىكى تەڭپۇڭلۇق (يېڭى ئاساسىي قانۇن تۈزۈش) ھەم دېپلوماتىيە سىياسىتىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
    يەنە ياۋروپا ئاسىيانى ھالقىغان تۈركىيە بار. تۈركىيە رايوندىكى يېڭىدىن گۈللەنگەن دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جەنۇبتىكى قوشنىسى سۇرىيەگە ئوت ئاچتى ھەمدە ش ئا ئە ت دىكى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ قوللىشىنى دەۋەت قىلدى.
    بۇ دۇنيانىڭ يېڭى رەھبەرلىرى قولىغا ئالىدىغان ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ بىر قىسىمى- ئامېرىكا بۇ رايوندا ئاللىقاچان چوڭقۇر پاتقاققا پېتىپ قالدى. 10 يىلغا يېقىن كۈنسېرى ھالسىزلانغان ھەربىي مۇداخىلەنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئىراقتىكى ئۇرۇش ۋەزىپىسىنى 2010-يىلى ئاخىرلاشتۇردى، ئافغانىستاندىكى ئۇرۇش ۋەزىپىسىنى 2014-يىلى ئاخىرلاشتۇرماقچى.
    ئامېرىكىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك پرېزىدېنتى جۇغراپىيىۋى سىياسەت كەلگۈسى زور ئۆزگىرىشكە دۇچ كەلگەن دۆلەتنى قولىغا ئالىدۇ. تېخنىكىنىڭ ئىلگىرىلىشى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئېنىرگىيەدە مۇستەقىل بولۇشتەك ئۇزۇن مەزگىللىك ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشقا باشلىدى. ئامېرىكا غايەت زور پايدىلىنىشقا ئامالسىز دەپ قارىلىدىغان تەبىئىي گاز زاپىسى بار، ئەمما سۇيۇقلۇق بېسىمى (گىدراۋلىك) بىلەن پارچىلاش ئۇسۇلى قاتارلىق تېخنىكىلار سلانېتس گازى ( shale-gas ) ئىنقىلابىنىڭ ئىشىكىنى ئاللىقاچان ئاچتى.
    ئەمەلىيەتتە، ئېنىرگىيەدە ئۆز ئۆزىنى تەمىنلەش باسقۇچىدا تۇرماقتا. 2011-يىلى، ئامېرىكا ئىستېمال قىلغان نېفىتتا پەقەت يېرىمىغىمۇ بارمايدىغىنى ئىمپورت قىلىنغان، بۇ ئەھۋال 15 يىلدىن بۇيان بىرىنچى قېتىم كۆرۈلۈشى. سلانېتس گازىنىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %17 تىن 2006-2010 يىللىرى %48 كە يەتتى. 2035-يىلىغا بارغاندا، سلانېتس گازى ئامېرىكا ئېنىرگىيە ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ.



    بۇ ئىنقىلابنىڭ ئەكس ساداسى پەقەتلا ئىقتىساد بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. سىياسىي جەھەتتە، چەتئەل نېفىتىگە تايىنىشىنى ئازايتىپ، ئامېرىكىنىڭ دېپلوماتىيە سىياسىتى قىزىق نۇقتىسىنى ئاسىياغا بۇراش ئىمكانىيىتى يارىتىدۇ.
    ئەمما پەقەتلا ئامېرىكا رەھبەرلىرى ئۆزگىرىۋاتقان دۇنياغا دۇچ كەلگىنى يوق. تىنچ ئوكياننىڭ قارشى قىرغىقىدىكى ئاسىيانىڭ ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي مۇقىملىقنىڭ ھەل قىلغۇچ ئامىلى بولغان رېكورت ياراتقان ئىقتىسادىي ئېشىشى ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرماقتا.
    ئەمەلىيەتتە، يېقىنقى نەچچە ئايدا جۇڭگودا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ئىچكى قىسىمىدىكى خاتىرجەمسىزلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى. گەرچە سىرتقى دۈشمەنلەرگە قارىتىلغان مىللەتچىلىك كەيپىياتى دىققەت كۈچىنى ئىچكى داۋالغۇشتىن ۋاقىتلىق سىرتقا قاراتقان بولسىمۇ، ئەمما جۇڭگونىڭ ئېغىر دۆلەت ئىچى مەسىلىلىرى باشتىن-ئاخىر ھەل قىلىشقا موھتاج. ئېدىئولوگىيىسىدە بۇرۇنلا ئۆزگىرىش يۈز بەردى، پەقەت نامدا ئۆزگەرمىدى، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى ۋە سىياسىيسى چوقۇم ئۆزگەرتىش قىلىپ، كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان ئىجتىمائىي تەڭپۇڭسىزلىقنى ھەل قىلىشى كېرەك.
    گەرچە يەر شارى ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى پايدىسىز بولسىمۇ، ئەمما جۇڭگو رەھبەرلىرى ئېنىقكى دىققىتىنى يەنىلا ئىقتىسادىي ئېشىشنى ساقلاش ۋە جانلاندۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگولۇقلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئىجتىمائىي داۋالغۇشتىن ساقلىنىدۇ؛ ئۇلار مۇقەررەر ھالدا مول نېفىتى بار ئوتتۇرا شەرققە كۆڭۈل بۆلىدۇ. كۆپ يىللاردىن بېرى، جۇڭگو ئۆزىگە پايدىلىق كۈتۈشتە تۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەرىكىتىگە يول قويدى، كېلەركى ئەۋلاد رەھبەرلەر ئېھتىمال تېخىمۇ ئاكىتىپ سىياسەت قوللىنىشى مۇمكىن. جۇڭگونىڭ مەزكۇر رايوندىكى شۆھرىتى ئەزەلدىن جاھانگىرلىكنىڭ زەھەرلىك قالدۇقىنىڭ خورىتىشىغا ئۇچراپ باققىنى يوق، شۇڭا ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىدە، جۇڭگونىڭ ئورنى ناھايىتى پايدىلىق.
    بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆزىدىكى قىيىنچىلىق بىلەن تىركەشمەكتە. گەرچە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىرلا ۋاقىتتا ئۆزىنى ياخشى باشقۇرۇش ھەمدە يەر شارى ئىقتساد خەۋپ-خەتىرىگە تاقابىل تۇرۇشى كېرەك، ئەمما جەنۇبتىكى قوشنىلىرىدىن ۋاز كەچسە بولمايدۇ. جەنۇبىي ئوتتۇرا دېڭىز رايونىغا ئارىلىشىپ، بۇ رايوننى كىرىش نۇقتىسى قىلىپ، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئېنىرگىيە ھەمكارلىقى ئېلىپ بېرىش ناھايىتى مۇھىمدۇر. بۇ جەھەتتە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ قىممەتكە يارايدىغان قورالى ئۆزىنىڭ شۆھرىتىدۇر، ياۋروپا نوبىل مۇكاپاتىنىڭ كۆپ تەرەپلىك سۆزلىشىش ۋە يۇمشاق ئەمەلىي كۈچ ئەندىزىسىگە ئېرىشتى.
    ياۋروپا قوشنا روسىيەمۇ چوقۇم ئۆزگۈرۈۋاتقان يەر شارى مۇھىتىدىكى يېڭى داۋالغۇش ۋەزىيىتىگە تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. كېرمىل سارىيى سۇرىيە بەشار ئاساد ھاكىمىيىتىنى داۋاملىق قوللاپ، ھەربىي مۇداخىلە يۈرگۈزۈشتىكى جاھىل توسالغۇ بولدى، سۇرىيەنىڭ تارتۇس شەھىرىدىكى دېڭىز ئارمىيە بازىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆزىنىڭ ئىستراتىگىيىلىك مەنپەئەتىنى قوغدىماقچى بولدى. بۇ مەيدانى روسىيەنىڭ ب د ت خەۋسىزلىك كېڭىشى نەچچە ئون مىڭ ئادەمنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان لاھىيىنى قايتا-قايتا رەت قىلىشتا ئېنىق گەۋدىلەندى.
    سۇرىيەگە قارىتىلغان خەلقئارالىق قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرۇش سۇرىيە خەلقىگە نىسبەتەن شۇم خەۋەر بولۇپلا قالماستىن ھەم پۈتكۈل دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم كۆپ تەرەپلىك ئورگانلارنىڭ بىرى بولغان ب د ت نىڭ ئەنئەنىسىگە زىيان يەتكۈزدى. ئىران مەسىلىسى بىلەن سۇرىيە مەسىلىسىنىڭ مۇناسىۋىتى زىچ بولغاچقا، خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى 5 دائىمىي دۆلەتنىڭ ئىختىلاپى ئىران ۋە ئۇران قۇيۇلدۇرۇش قىلمىشىنى ھەل قىلىش لاھىيىسىنى تېپىشقا ئىنتايىن زىيانلىق. يېقىندا 5 دائىمىي دۆلەت ۋە گېرمانىيەنىڭ ئىران بىلەن بولغان سۆھبىتىنىڭ قاتماللىشىشى ئىسپات بولالايدۇ.
    ئالاقىدار مەنپەئەتدار تەرەپلەر بەك كۆپ، بۇ دەل نېمە ئۈچۈن بارلىق ئېھتىماللىق بىلەن سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىش لاھىيىسىدە ئىزدىنىشىنىڭ سەۋەبى. مەيلى ئامېرىكا-ئىران ئىككى تەرەپلىك سۆھبىتىگە ئالاقىدار سۆز-چۆچەكلەرنىڭ ھەقىقىي بولۇش بولماسلىقىدىن قەتئىي نەزەر، بۇ تىرىشچانلىق قارشى ئېلىشقا ئەرزىيدۇ. چوڭ دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىدىكى ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى يەنىلا پۇت قولىنى بوغۇپ تۇرماقتا، ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئوت ئۇچقۇنلىرى توپلانماقتا. نۆۋەتتىكى مۇھىم مەسىلە 11-ئايدا تەختكە چىقىدىغان رەھبەرلەرنىڭ ئوتتىن قۇتقۇزۇش خادىمى بولۇشى ياكى ئوت قويغۇچى جىنايەتچى بولۇشىدۇر.
    مەنبە: ئاپتورى جاۋىر سولانا ئىسپانىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى، ش ئا ئە ت نىڭ باش كاتىپى بولغان، ياۋروپا ئىتتىپاقى دېپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى. ئۇ نۆۋەتتە ESADE مەركىزىنىڭ يەر شارى ئىقتىساد ۋە جۇغراپىيىۋى سىياسەت مۇدىرى، ئامېرىكا برۇكىڭس جەمئىيىتىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتىچىسى. نەپرەت تەرجىمە قىلدى.
    ★★★★★
    http://news.okyan.com/news/thinking/2012/1111/178.html
    ★★★★★


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: