ھوللىۋود نېمىشقا «قىيامەت» كىنولىرىنى ئىشلەيدۇ؟ - [چوك گۈزەل ئەسەرلەر]

    _べ Tag:ئامېرىكا   2012年12月20日

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/226163369.html

    ھوللىۋود نېمىشقا «قىيامەت» كىنولىرىنى ئىشلەيدۇ؟

    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى(2012-12-20) ماقالىسى:
    ھوللىۋودنىڭ «قىيامەت» فىلىملىرىنى ئىشلىشىدىكى ھەقىقىي مەقسىتى



    يېقىندىن بۇيان «قىيامەت كۈنى»گە ئائىت ئاجايىپ سۆز-چۆچەكلەر تارقىلىپ كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇشقا باشلىدى. مانا مۇشۇنداق سۆز-چۆچەكلەرنىڭ تارقىلىشىدا ھوللىۋودنىڭ داڭلىق فىلىمى «2012»نىڭ «تۆھپىسى»نى بىر ياققا قايرىپ قويۇشقا بولمايدۇ. ھوللىۋودتىكى رېژىسسورلار كىشىلەرنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئېنىقسىز قىزىقىشلىرىدىن پايدىلىنىپ ھەر خىل تېخنىكىلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ «قىيامەت كۈنى» بولىدىغانلىقىغا ئائىت فىلىملەرنى ئىشلىمەكتە. شۇنىڭ بىلەن تەڭلا مانا مۇشۇنداق «قىيامەت كۈنى» فىلىملىرىگە چوقۇنىدىغان، بۇنداق قىياسلارغا ئىشىنىدىغانلار بارغانچە كۆپىيىپ، «قىيامەت كۈنى» فىلىملىرىنى ئىشلىگۈچىلەرگە ياخشى سودا پۇرسىتى ئېلىپ كېلىۋاتماقتا.

    ھوللىۋود فىلىملىرىدىكى يەر شارى يۈز كېلىدىغان «ئاپەتلەر»

    (1) تەبىئىي ئاپەت

    «2012» ناملىق فىلىمدە ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ، يەر تەۋرەپ، دېڭىز تاشقىنى، كەلكۈن ئاپىتى، قارا قۇيۇن قاتارلىق ئاپەتلەر يۈز بېرىپ كىشىلەر يەر شارىدىن يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالىدۇ. بۇ فىلىمدە 12-ئاينىڭ 7-كۈنى ياپونىيىدە يەر تەۋرەيدىغانلىقى تەسۋىرلەنگەن. دېگەندەك 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى ياپونىيىدە يەر تەۋرىشى بىلەن كىشىلەر «قىيامەت كۈنى» نىڭ كېلىدىغانلىقىغا تېخىمۇ ئىشەنگەن.

    (2) تاشقى پىلانىت ئادەملىرى يەر شارىغا ھۇجۇم قىلىدۇ

    «مۇستەقىللىق كۈنى» ناملىق فىلىمدە، ئامېرىكا خەلقى مۇستەقىللىق كۈنىنى تەبرىكلەۋاتقاندا تاشقى پلانېتا ئادەملىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ.

    (3) ماشىنا ئادەملەرنىڭ خائىنلىق قىلىشى

    «ئاخىرلاشتۇرغۇچى » ناملىق فىلىمدە 2029-يىلى دۇنيادىكى پۈتۈن ماشىنا ئادەملەر ئۆزگىرىپ ئادەملەرنى كونترول قىلغان، ھەتتا ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ قىرغىن قىلىپ دۇنيا ھۆكۈمرانىغا ئايلانغان.

    (4) ئالەم ئاپىتى

    «ئاسمان-زېمىننىڭ چوڭ سوقۇلۇشى» ناملىق فىلىمدە ئامېرىكىدىكى ئاسترونومىيىگە قىزىقىدىغان رىئو ئىسىملىك ئوقۇغۇچى يېڭى بىر يۇلتۇزنى بايقايدۇ. كىشىنى ئەڭ چۆچۈتىدىغىنى بۇ يۇلتۇز دەل يەر شارىغا قاراپ كېلىۋاتقان بولۇپ يەر شارى بىلەن سوقۇلسا ئىنسانىيەتنى يوق قىلىش ئېھتىماللىقى بار ئىدى.

    ھوللىۋود نېمىشقا ئارقا-ئارقىدىن «قىيامەت كۈنى» فىلىملىرىنى ئىشلەيدۇ؟

    كىشىلەردە «قورقۇنۇش»پەيدا قىلالىسىلا ئاندىن پۇل تاپقىلى بولىدۇ.
    2012-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى، مايالىقلار پەرەز قىلغان «زامان ئاخىرى» بولىدىغان كۈندۇر.
    ئەمما بۇ پەرەز ئاللابۇرۇن ئىنكار قىلىنغان.

    http://www.uycnr.com/wh/201212/W020121220420736648059.jpg

    ھوللىۋودنىڭ «زامان ئاخىرى» فىلىملىرى نېمىشقا ئۈزۈلمەي داۋاملىشىدۇ؟

    ئىلگىرى ھوللىۋود فانتازىيە فىلىملىرىنى تەتقىق قىلغان رېژىسسور شى لېي:«زامان ئاخىرى فىلىملىرىنىڭ ھەممىسى فانتازىيىنى ئاساس قىلغان، پۈتۈن كىشىلەرنىڭ ئېنىقسىز كەلگۈسىگە بولغان ئوتتەك قىزىقىشى ھوللىۋودنىڭ بۇ ئارقىلىق پۇل تېپىش ئىستىكىنى قوزغىغان» دەپ قارىغان. ھوللىۋودتا مۇنداق بىر گەپ بار «پەقەت كۆپچىلىكنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاپ، ئۇلارنى قورقىتالايدىغان فىلىم بولسىلا پۇل تاپقىلى بولىدۇ. زامان ئاخىرىغا مۇناسىۋەتلىك فىلىملەر ئۇنىڭ مىسالى».
    جۇڭگولۇق داڭلىق فىلىم ئىشلىگۈچى خې شېن: «كىنو-فىلىم نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ھوللىۋود فىلىملىرى (يامان غەرەز) بىلەن ئىشلەنگەن، فىلىمنىڭ تەپسىلاتلىرى پەقەت پەرەز ۋە ئويدۇرۇپ چىقىش ئارقىلىق بايان قىلىنغان. بۇ ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاپ ئۇلارنىڭ يانچۇقىدىكى پۇلغا ئېرىشىش. دېگەندەك بۇ فىلىم دۇنيا مىقياسىدا كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتىپ، تاماشىبىنلارنىڭ ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا كىنوخانىلارغا بېرىپ بۇ فىلىمنى كۆرۈش قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى» دېگەن.
    ھوللىۋود رېژىسسورلىرى ۋە فىلىم ئىشلىگۈچىلىرى يەر شارىنى يوقىتىۋېتىش خاراكتېرىدىكى بىر فىلىمنى ئىشلەپ ھەمدە بۇ فىلىمدە يەنە يەر شارىنى قۇتقۇزۋالغۇچىدىن بىرنى پەيدا قىلىشنى ياقتۇرىدۇ. بۇ دەل ھوللىۋود سودا فىلىملىرىنىڭ لوگىكىلىق چۈشەندۈرۈلۈشى. ھوللىۋودنىڭ «2012»، «يەر شارى توختاپ قېلىش»، «ئاسمان-زېمىننىڭ چوڭ سوقۇلۇشى»، «ئاخىرلاشتۇرغۇچى» ناملىق فىلىملەر دەل ئۇنىڭ مىسالىدۇر.
    ★★★★★
    http://www.uycnr.com/wh/201212/t20121220_424037.html
    ★★★★★


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: