版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/225229624.html

    جۇڭگو دۇچ كەلگەن «ئىككى تۇزاق»

    نۇر تورى(2012-11-28) ماقالىسى:
    جۇڭگو قۇدرەت تېپىشتا «ئىككى توزاق»قا دۇچ كېلىدۇ
    «رۇسىيە ئاۋازى» ناملىق تاراتقۇدا 2012-يىلى 26- نويابىر ئېلان قىلىنغان ماقالە،
    ئەسلى تېمىسى: توزاق ۋە جۇڭگونىڭ مىزانى
    جۇڭگو كومپارتىيەسى 18- قۇرۇلتىيىدا جۇڭگونىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات نىشانى بېكىتىلدى، يەنى 2020- يىلىغا بارغاندا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش، 2049- يىلىدىن ئىلگىرى باي، دېموكراتىك، مەدەنىيەتلىك، ئىناق بولغان سوتسىيالىستىك زامانىۋى دۆلەت قۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئۇنداقتا جۇڭگونىڭ يېڭى رەھبەرلىرىگە نىسبەتەن، يۇقىرىنى نىشانغا يېتىش ئۈچۈن قانداق توسالغۇلار بار؟
    جۇڭگو بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن بىر تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتتىن كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلىنىشقا توغرا كېلىدۇ. نۆۋەتتە جۇڭگونىڭ دۇنيا بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى تەسىر كۈچى چەكلىك، جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئەمەلىي كۈچىنى كۈچەيتمەي بولمايدۇ.
    جۇڭگو يەنە ئىقتىسادىي ساھەدىمۇ ئامېرىكىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا جەڭ ئېلان قىلىشى كېرەك. كەلگۈسىدە خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئورنىنى ئېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى، ھەمدە يېڭى يەر شارى پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى ئورنىتىشى كېرەك. جۇڭگو ھازىر دۇنيادىكى 2- چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە، دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ تاشقى پېرېۋوت زاپىسىغا ئىگە، شۇڭا بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇمكىنچىلىكى بار.



    ئۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگو ئۆزى چوڭ دۆلەت بولۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەريانىدا مۇنداق ئىككى توزاققا دۇچ كېلىدۇ:
    بىرىنچىسى «ئارال» توزىقى. جۇڭگونىڭ ياپونىيە، ۋېيتنام، فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئارال ئىختىلاپى بۇ رايوننىڭ ۋەزىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى. بۇ رايوندىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر زېمىن ئىختىلاپىدا ئامېرىكىنى كېسىم ئېلان قىلغۇچى بولۇشقا دەۋەت قىلماقتا. شۇڭا، بېيجىڭغا ھازىر بىر ئالاھىدە بولغان «ئارال» توزىقى دۇچ كەلدى. بۇ ئەھۋال جۇڭگونىڭ چېكىنىپ تۇرۇپ ئىلگىرىلەش ۋە يارىشىش سىياسىتىنى قىيىنلاشتۇرۇۋەتتى.



    ئىككىنچىدىن، «مىللەتچىلىك كەيپىياتى». جۇڭگو- ياپونىيە زېمىن ئىختىلاپى جۇڭگودا كۈچلۈك مىللەتچىلىك كەيپىياتى قوزغىدى. جۇڭگونىڭ مىللىي گۈللىنىشى ۋە ئىسلاھات يولغا قويۇلۇشى ئارقىسىدا، بۇنداق مىللەتچىلىك كەيپىياتى بىر توزاق ھېسابلىنىدۇ، بۇ ئەھۋال جۇڭگوغا نىسبەتەن تولىمۇ خەتەرلىك، چۈنكى ۋەتەنپەرۋەرلىك بىلەن مىللەتچىلىكنىڭ ئېنىق چېگرىسى يوق. دۇنيانىڭ تەجرىبىسىدە كۆرسىتىلىشچە، چوڭ دۆلەتكە ئايلىنىش جەريانىدا، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى مۇناسىپ ئۆرلەپ بارىدۇ.
    ★★★★★
    http://www.nur.cn/news/2012/11/95311.shtml
    ★★★★★


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: