ياپونىيە سىياسىيونلىرى زادى نىمە قىلماقچى؟ - [چوك گۈزەل ئەسەرلەر]

    _べ Tag:تارىخ   2012年12月20日

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/226168353.html

    ياپونىيە سىياسىيونلىرى زادى نىمە قىلماقچى؟


    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى(2012.12.20) ماقالىسى:
    ياپونىيە سىياسىيونلىرىنىڭ سىياسى چېكى بولۇشى كېرەك

    ياپونىيەنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى تۈزۈلمىدىن قۇتۇلۇپ، تىنچ تەرەققىي قىلىش خاھىشىنى ئىنكار قىلىشى ئاسىيا ئەللىرى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك ھۇشىيارلىقىنى قوزغىدى.
    جۇڭگو خەلقى ياپونىيەدىكى ناھايىتى ئاز بىر قىسىم كىشىلەردىن ئەندىشە قىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى سىياسىي تەسىرى بار كىشىلەر بولۇپ، ئۇلاردا مىلىتارىزمنى تىرىلدۈرۈش خاھىشى بار.
    بۇ جۇڭگو رەھبىرى دېڭ شياۋپىڭ 1987-يىلى قىسمەن ياپونىيەلىك دوستلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندە قىلغان سۆز. كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى شۇكى، ئارىدىن 20 نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، بۇنىڭ رېئال قاراتمىلىقى ئاجىزلىمىدى. ئاۋام پالاتاسى سايلىمىنىڭ ئالدى كەينىدە، ياپونىيەدىكى بەزى سىياسىيونلار دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى، ئاسىيانىڭ بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار تىنىچلىق ئاساسىي قانۇنىنى قايرىپ قويۇپ، بەزى ئىشلارنى ھەقىقىتەن چەكتىن ئاشۇرۇۋەتتى.
    مېيجى يىلىدىكى يېڭىلىققا كۆچۈشتىن كېيىن، ياپونىيە 1890-يىلى «بۈيۈك ياپونىيە ئىمپېرىيەسى ئاساسىي قانۇنى»نى يولغا قويدى، بۇنىڭغا ماس ھالدا ھەربىي ھازىرلىقلارنى تېزدىن كېڭەيتىپ، تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغاشتەك مىلىتارىزم يولىغا ماڭدى. «بۈيۈك ياپونىيە ئىمپېرىيەسى ئاساسىي قانۇنى»نى يولغا قويۇش مەزگىلىدە، ياپونىيە جەمى 11 قېتىم تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىدى، بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ جياۋۇ ئۇرۇشى، ياپونىيە رۇسىيە ئۇرۇشى، 18-سېنتەبىر ۋەقەسى، ئۇمۇمىيۈزلۈك جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشى، تىنچ ئوكيان ئۇرۇشى قاتارلىقلار بار، بۇ ئۇرۇشلار ئاسىيا ۋە دۇنيا خەلقىگە ئىنتايىن زور ئاپەت ئېلىپ كەلدى.
    1947-يىلى بېكىتىلگەن ئاساسىي قانۇن ياپونىيەنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش، كېڭەيمىچىلىق قىلىش، دۆلەت ئىچىگە نىسبەتەن ھەربىي ھۆكۈمراملىق قىلىش سىياسىي تۈزۈلمىسىنى ئۈزۈل-كېسىل بۇزۇپ تاشلىدى. تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغاشتىن مىلىتارىزمنى، ئۇرۇش قوزغاش تۇبرىقىنى ئۈزۈل-كېسىل تۈگەتتى. ياپونىيە ئوڭچىلىرى تىنچلىق ئاساسىي قانۇنىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىغا تىگىپ بېقىش كەيپىياتىدا بولۇپ كەلگەن ئىدى. ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ پروگراممىسىدا «ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇپ ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئۈستىدە ئىزدىنىش» ئېنىق ئوتتۇرغا قويۇلدى.
    ياپونىيە ئوڭچىلىرى يەنە سودا دۆلىتى، پۇل مۇئامىلە دۆلىتى، پەن-تېخنىكا دۆلىتى ۋە پۇل دۆلىتى ئىستراتېگىيەسى ئاستىدا سىياسىي دۆلەت قۇرۇشنى، يەنى سىياسىي ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا جىددىي مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويدى. بۇنىڭ بىلەن ھەربىي ۋاسىتە بېكىتىلدى، بۇ شەك-شۆبھىسىزكى ياپونىيەنىڭ سىياسىي دۆلەت قۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا مەدەت بولىدۇ.
    ياپونىيە تىنچلىق ۋە تەرەققىياتتىن ئىبارەت دەۋر ئېقىمىغا پىسەنت قىلماي، ئۇرۇش ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىلگەن ئاساسىي قانۇننىڭ 9-ماددىسى توغرىسىدا كۈچ سەرىپ قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق جاكارلىدى.
    ياپونىيە سىياسىيونلىرى زادى نىمە قىلماقچى؟
    ئۇلار تۆۋەن چەكتىن ھەقىقىتەن بۆسۈپ ئۆتمەكچىمۇ؟
    بۈگۈنكى ئاسىيا بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدۇ. تىنچلىق ئاساسىي قانۇنى تۈزىتىلگەن ھامان، ياپونىيە بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئېغىر ئاقىۋەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ياپونىيە سىياسىيونلىرى ھازىر بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلمايدۇ، بىراق تۈلكە ھامىنى قۇيرۇقىنى يوشۇرالمايدۇ، ئۇلارنىڭ ياۋۇز نىيىتى رىئاللىقتا پۇر تىرەپ تۇرالمايدۇ، بەزى ياپونىيە سىياسىيونلىرى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ تەسلىم بولغانلىقىنى ئېتراپ قىلمايدۇ، پەقەتلا ئۇرۇش ئاخىرلاشتى دەپ قاراپ، تاجاۋۇزچىلىق قىلىش پاكىتلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ، ھەتتا بىز زىيان سالغۇچى ئەمەس، بەلكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى دەپ قارايدۇ. ئۇرۇشتىن كېيىنكى خەلقئارا تەرتىپ ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى زېمىن مەسىلىسى، نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقى، ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدىغان ئاياللاردىن ئىبارەت پولاتتەك تارىخىي پاكىت ئالدىدا، ياپونىيە سىياسىيونلىرىنىڭ ئىپادىسى كىشىنى تولىمۇ ئەسپسۇسلاندۇرىدۇ.
    ياپونىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق تارىخىغا توغرا قاراش قارىماسلىقى، بۇنىڭغا تۆۋۋە قىلىش قىلماسلىقى، تىنچ تەرەققىي قىلىش يولىغا مېڭىش ماڭماسلىقى ئاسىيادىكى قوشنا ئەللەر ۋە خەلقئارا جەمئىيەت دىققەت قىلىۋاتقان مەسىلە. ياپونىيەنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى تۈزۈلمىدىن قۇتۇلۇپ، تىنچ تەرەققىي قىلىش خاھىشىنى ئىنكار قىلىشى ئاسىيا ئەللىرى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك ھۇشيار بولۇشىغا ئەرزىيدۇ.
    جۇڭگو خەلقىنىڭ كەيپىياتىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، جۇڭگو خەلقى ياپونىيە خەلقى بىلەن دوست ئۆتۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ، ياپونىيەدىكى %90تىن ئارتۇق كىشىمۇ جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ دوست ئۆتۈشىنى خالايدۇ. بۇ جۇڭگو رەھبىرى دېڭ شياۋپىڭ 1987-يىلى ياپونىيەلىك دوستلار بىلەن سۆھبەلەشكەندە ئېيتقان يەنە بىر سۆز. جۇڭگو خەلقىنىڭ كەيپىياتىدا ئۆزگىرىش بولمىدى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپونىيە خەلقىنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ دوست ئۆتۈشىنى ئارزۇ قىلىۋاتقانلىقىغا بولغان ھۆكۈمىمۇ ئۆزگەرمىدى.
    بىز شۇنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرىمىزكى: ياپونىيە سىياسىيونلىرىنىڭ سىياسىي چېكى بولۇشى كېرەك.
    ★★★★★
    http://uyghur.people.com.cn/157170/15281702.html
    ★★★★★


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: