版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/226164309.html

    2012-يىلىدىكى بەش چوڭ ئىش

    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى(2012-12-20) ماقالىسى:
    2012-يىلىدىكى بەش چوڭ ئىش
    ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ 2012-يىلى 19-دېكابىردىكى سانىغا 2012-يىلىدىكى بەش چوڭ ئىش ماۋزۇلۇق ماقالە بېسىلدى. ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: ئىقتىساد بىلەن سىياسىي كۈچنىڭ شەرققە ئېغىۋاتقانلىقىنى ھەممە كىشى ئېتىراپ قىلىدۇ. باراك ئوباما بۇ نەزەرىيەنى چۆرىدەپ، ئىستراتېگىيە مەركىزىنى ئاسىياغا قارىتىشتىن ئىبارەت بىر يۈرۈش يېڭى دىپلوماتىيە سىياسىتىنى بەرپا قىلدى. بىراق بۇ يىلقى بەش چوڭ ئىشنى تاللىنىۋاتقان پەيتتە، ياۋروپا بىلەن ئوتتۇرا شەرق يەنىلا ئاساسلىق ئورۇندا تۇرغانلىقى كىشىنى ھەقىقەتەن چۆچۈتىدۇ.
    2012-يىلى قىرى ياۋروپا قوللىرىنى سوزۇپ يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ تەقدىرىنى كونترول قىلغاندەك قىلىدۇ. كىشىلەر ياۋرو كىرزىسىنى توسقىلى بولماسمىكىن،دەپ ئەنسىرىمەكتە. ياۋروپا بانكىسىنىڭ باشلىقى مارىئو دىراگى مۇنداق دېدى: ناۋادا ياۋرو كىرزىسى كەلگۈسىدە يەنە بىر قېتىم كونتروللۇقىنى يوقاتسا، ئۇنداقتا ياۋرونى قۇتقۇزۇش ۋەدەمدىن باش تارتمايمەن. كېيىن زايوم سېتىۋېلىشنىڭ چەكلىمىسىزلىكى توغرىسىدا قەسەم بېرىشىم مۇمكىن. بۇ تارىخى جەرياندىكى بىر قەدەم ئەلۋەتتە. دېمەك ئۇنىڭ بۇ ۋاقىتتىكى ئارىلىشىش تەدبىرى بۇ يىل ئەڭ مۇھىم بولغان بەش چوڭ ئىشنىڭ تاللىنىشىغا تۈرتكە بولدى.
    2-، 3-ئىش سۇرىيە ئۇرۇشى بىلەن مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مىسىردا غەلبە قىلىشى ئوتتۇرا شەرقنىڭ دۇنيا رەھبەرلىرىنىڭ ۋاقتى ۋە كۈچىنى داۋاملىق ئۇپرىتىش، ئۇلارنى ئەندىشىگە سېلىشنىڭ سەۋەبىنى نامايان قىلدى. سۇرىيەنىڭ ئىچكى ئۇرۇشىدا 40 مىڭ كىشى قازا قىلدى. لېكىن ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق توقۇنۇشىدا يەنە بىر قېتىم پاتقاققا پېتىپ قىلىشتىن ساقلىنىش قەتئىي نىيىتىگە كەلدى.
    ئەسەد ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، سۇرىيەنىڭ قاياققا قاراپ مېڭىشى يەنىلا نامەلۇم. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا بۇ يىل 6- ئايدا مۇھەممەد مورسى مىسىرنىڭ پىرزىدېنلىكىگە سايلىنىپ، كەلگۈسىدىكى ئوتتۇرا شەرقنىڭ يۈزلىنىشى يولىدىكى نىشاننى كۆرسىتىپ بەردى. مورسىنىڭ غەلبە قىلىشى شۇنداقلا ئەسەبىي ئىپتىدائىي دىنىي ئەقىدىچىلىك گۇرۇھى سەلەپى مىسىر پارلامېنتىدا كۆپ سانلىق ئورۇننى ئىگىلىشى ئىسلام دېنى گۇرۇھى سىياسىي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش داۋامىدا مورسى تالاش تارتىش قىلىنىۋاتقان يېڭى ئاساسىي قانۇندا يېرىمدىن كۆپرەك قوللاشقا ئېرىشتى. بۇ مىسىر شۇنداقلا ئەرەب لىبېرالىزمىنىڭ كېلەر يىلى يەنىلا يوقىلىش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
    بۇ يىل يەر شارىدىكى بەش چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ تۆتىنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمى ئالماشتى. ئامېرىكا بىلەن فىرانسىيە پىرزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزدى. ياپونىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى ھوقۇقنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈپ، ئابى شىنزو ياپونىيەنىڭ يېڭى باش ۋەزىرلىككە سايلاندى. جۇڭگو كومپارتىيەنىڭ يېڭى باش سېكرىتارىنى سايلىدى. ئەگەر شى جىنپىڭ ئىسلاھاتچى رەھبەر بولسا، ئۇنداقتا جۇڭگونىڭ ھوقۇق پەللىسى 2012-يىلىدىكى ئاچقۇچلۇق ئىشنىڭ بىرىگە ئايلىنىدۇ، ئەلۋەتتە.
    فىرانسىيەنىڭ پىرزىدېنت سايلىمىدا غەلبە قىلغان ھوللاندى ئىسلاھاتچى ئەمەستەك قىلىدۇ. ئۆتكەن 20 يىلدا ياپونىيەنىڭ ئىقتىسادىنى چېكىنىشتىن قۇتقۇزغىدەك رەھبەر چىقمىدى. شۇڭا بۇ يىلقى بەش چوڭ ئىشقا بىردىن بىر چوڭ سايلام ئامېرىكا پىرزىدېنت سايلىمىنى كىرگۈزۈشكە بولىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇمۇ ھېچقانداق ئىسلاھات بولمىغان سايلام بولدى. پىرزىدېنت ئوبامانىڭ يەنە بىر قېتىم پىرزىدېنتلىككە سايلىنىشى ئىزچىللىققا ۋەكىللىك قىلدى. ئەگەر رومنېي ئامېرىكا پىرزىدېنتلىككە سايلىنىپ قالغان بولسا، پۈتۈن دۇنيا باشقىچە بىر تۈسكە كىرگەن بولاتتى. يەنە كېلىپ جۇڭگو بىلەن باشقا دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئۆتكەن يىللارغا سېلىشتۇرغاندا قالايمىقانلىشىپ كەتتى. جۇڭگو بىلەن ياپونىيە جۇڭگونىڭ شەرقى دېڭىزدىكى ئادەمسىز كىچىك ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ئۈستىدە تالاش تارتىش قىلىپ، سۈركىلىشتى؛ ھەربىي كۈچىنى نامايان قىلدى. بۇ كەلگۈسىدىكى قورقۇنچلۇق تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى نامايان قىلىدۇ. بىراق ئامېرىكا ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەنىڭ بىخەتەرلىكنى قوغداش شەرتنامىسى دياۋيۈ ئارىلىغا ماس كېلىدۇ، دەپ كۆرسەتتى. بۇ ئەھۋال كىشىنى ئەنسىرىتىدۇ. شۇڭا 2012-يىلىدىكى چوڭ ئىش تىزىملىكىدىكى 5- چوڭ ئىش، شۇنداقلا ئاخىرقى ئىش جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ تالاش تارتىشى.
    يەنە بىرقانچە ئىش ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارمۇ بۇ يىلقى چوڭ ئىش. ساندى قارا بورىنى ئامېرىكىنىڭ نيۇ يورك ئىشتاتىغا ھۇجۇم قىلدى. بۇ ئامېرىكا پىرزىدېنت سايلىمى ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىشتە بەلگىلىك رول ئوينىغان بولىشى مۇمكىن. ئامېرىكا سىياسىيونلىرى كىلىمات ئۆزگىرىش مەسىلىسىدىن ۋاز كەچكەندەك تۇرغاندا، بىر مەيدان قارا بوران چىقىپ، بۇ مەسىلىنى قايتىدىن قارالمىغا قويدى. ساندى خوك باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىرغىن قىلىنىشى كىشىلەرنىڭ قۇرالنى تىزگىنلەش مەسىلىسىگە قارىتا قايتا دىققىتىنى قوزغىدى.
    2012-يىلىدىكى بەش چوڭ ئىش مەخسۇس بېتىنىڭ يازغۇچىسى راخمان مۇنداق دېدى: ئىقتىساد بىلەن سىياسىي كۈچنىڭ شەرققە ئېغىۋاتقانلىقىنى ھەممە كىشى ئېتىراپ قىلىدۇ. بىراق بۇ يىلقى بەش چوڭ ئىشنى تاللاۋاتقان پەيتتە، ياۋروپا بىلەن ئوتتۇرا شەرق يەنىلا ئاساسلىق ئورۇندا تۇرغانلىقى كىشىنى ھەقىقەتەن چۆچۈتىدۇ. مېنىڭ نەزىرىمدىكى بۇ يىلقى چوڭ ئىشلار مارىئو دىراگىنىڭ ياۋرو كىرزىسىگە ئارىلىشىشى، سۇرىيە ئۇرۇشى، مورسىنىڭ مىسىرنىڭ پىرزىدېنتلىكىگە سايلىنىشى، ئامېرىكا پىرزىدېنت سايلىمى، جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ ئارال ماجىراسى.
    مەلۇم بىر كۈنى كەچتە بېيجىڭدا بىر توپ جۇڭگولۇق مۇتەخەسسىسلەر بىلەن بولغان سۆھبىتىم مېنىڭچە بولغاندا بۇ يىل ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز سىياسىي سۆزلىشىش، دېيىشكە بولىدۇ. ئۇلار جۇڭگودا ئەركىن دېموكراتىيەنى يولغا قويۇش ياكى قويماسلىق مەسىلىسى ئۈستىدە روھلۇق سۆزلەپ كەتتى. ئەڭ كۆڭۈللۈك ساياھىتىم ھىندىستاننىڭ شىمال ئۆلكىسى بولدى، بۇ ئۆلكىنىڭ نوپۇسى بىرازىلىيەنىڭ ئومۇمىي نوپۇسىدىن كۆپ ئىكەن. قەلبىمنى ئەڭ لەرزىگە سالغان بىر قېتىملىق ئۇچرىشىش ئاڭ ساڭسۇكى بىلەن كۈرىشىش بولدى، ئۇ بىرمىنى ئۆزگەرتتى؛ بۇنى بۇ يىللىق ئىشلارنىڭ بىرى دېيىشكە بولىدۇ.
    مەن كۆرگەن ئەڭ قاتتىق ۋەقە موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن پوتتىنغا قارشى نامايىش بولدى؛ يانۋاردىكى قەھرىتان سوغۇق كىشىلەرنىڭ قىزغىنلىقىنى توسالمىغان ئېدى.
    رومنى بىلەن مارىنى لېپېننىڭ نەق مەيداندىكى نۇتقى كىشىلەرگە نۇتۇق سەنئىتىنىڭ ئىككى چوققىسىدەك تەسىر بەردى. مەن بۇنىڭدەك چوڭ سىياسىي نۇتۇقنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىدىم. رومېنىينىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى يىغىنىدا قىلغان پىرزىدېنت نامزاتىنى كۆرسىتىش نۇتقى ناھايىتى جانلىق بولدى. فىرانسىيە پىرزىدېنت سايلىمى نامزاتى مارېننى لې پېن ئۆز تالانتىنى تېخىمۇ نامايان قىلدى. ئۇنىڭ خىرقىراق ئاۋاز بىلەن مىللىي گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا چاقىرىشىنى كىشىلەر ئۇنتۇپ قالمايدۇ. لېكىن بەختكە قارشى ئۇنىڭ سايلامدىكى ئىپادىسى ئۈن تۈنسىز قالدى ھەم ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۇنتۇلۇپ كەتتى.
    ★★★★★
    http://www.uycnr.com/xwzx/lwsj/201212/t20121220_424033.html
    ★★★★★


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: