版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/225229755.html

    پەلەستىننىڭ غەلىبىسى نېمىلەرنى ئىپادىلەيدۇ؟




    تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى(30.11.2012) خەۋىرى:
    پەلەستىن ئىگە بولغان «كۆزەتكۈچى دۆلەت» سالاھىيىتى نېمىلەرنى ئىپادىلەيدۇ؟
    پەلەستىن تارىخىي غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا «ئەزا بولمىغان كۆزەتكۈچى دۆلەت سالاھىيىتى» گە ئىگە بولدى.
    پەلەستىننىڭ بۇ غەلىبىسى نېمىلەرنى ئىپادىلەيدۇ؟
    بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى «كۆزەتكۈچى دۆلەت» سالاھىيىتىنى تۇنجى قېتىم 1946-يىلى شىۋېتسارىيەگە بەردى. شۋېتسارىيە 50 يىلغا يېقىن بۇ سالاھىيەتنى ساقلاپ قالدى ۋە 2002-يىلىغا كەلگەندە، ب د ت غا ئەزا بولدى.
    بۇ جەرياندا، ب د ت نىڭ ئاۋسترىيىدىن ياپونىيىگىچە، فىنلاندىيىدىن ئىتالىيىگىچە بولغان كۆپلىگەن «كۆزەتكۈچى» ئەزاسى بولدى.
    ب د ت دا «كۆزەتكۈچى ئورگان» سۈپىتىدە ۋەكىل تۇرغۇزۇپ كېلىۋاتقان پەلەستىن، «كۆزەتكۈچى دۆلەت» سالاھىيىتىگە ئېرىشىپ، سىستېما ئىچىدىكى ۋەكىللىك قىلىش ئىمكانىيىتىنى بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرگەن بولدى.
    بۇنىڭدىن كېيىن ب د ت ئەزالىرى، پەلەستىنگە قانۇنىي، سىياسىي ۋە دىپلوماتىك سالاھىيەتلەرگە ئىگە بىر دۆلەت سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىدۇ. پەلەستىن، ۋاتىكان بىلەن ئوخشاش ئورۇنغا ئىگە بولىدۇ.
    پەلەستىن بۇ قېتىم ئىگە بولغان سالاھىيىتىنىڭ سايىسىدا، ئىسرائىلىيىنىڭ ئىشغالىيىتىنى، قانۇنسىز مەھەللە قۇرۇش پائالىيەتلىرىنى ۋە قانلىق ھۇجۇملىرىنى ھەر خىل ئورگانلارغا، ئەڭ مۇھىمى خەلقئارا جىنايى ئىشلارغا مەھكىمىسىگە شىكايەت قىلالايدۇ.
    كۆزەتكۈچى ئورگان سالاھىيىتىنى 1974-يىلى، پەلەستىننىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى قولغا كەلتۈرگەنىدى. 1988-يىلىغا كەلگەندە ب د ت، پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىنى «پەلەستىن» دەپ ئېتىراپ قىلىشنى قوبۇل قىلدى.
    1998-يىلى پەلەستىنگە، ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىغا ئىشتىراك قىلىش، تەكلىپ لايىھىسى سۇنۇش دېگەندەك ئەزا دۆلەتلەر ئىگە بولغان بىر قىسىم ھوقۇقلار بېرىلدى.
    پەلەستىن 2011-يىلى، ب د ت مائارىپ، پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىغا تولۇق ئەزالىققا قوبۇل قىلىندى.
    بۇ قېتىم قوبۇل قىلىنغان تارىخىي قارار بىلەن، پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى قولغا كەلتۈرگەن «كۆزەتكۈچى ئورگان سالاھىيىتى»، «كۆزەتكۈچى دۆلەت» سالاھىيىتىگە ئۆزگەرتىلدى.
    بۇنىڭدىن كېيىنكى باسقۇچ، پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن «تولۇق مۇستەقىل دۆلەت» دەپ ئېتىراپ قىلىنىشىدۇر.
    ★★★★★
    http://www.trtuyghurche.com/trtworld/luy/newsDetail.aspx?HaberKodu=2335460d-d53b-48aa-b8ad-322b186cd404
    ★★★★★


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: