«بىر قولىمىزدا ئىنجىل، بىر قولىمىزدا قورال» - [چوك گۈزەل ئەسەرلەر]

    _べ Tag:ئامېرىكا   2012年12月21日

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/226224080.html

    «بىر قولىمىزدا ئىنجىل، بىر قولىمىزدا قورال»


    نۇر تورى(2012-12-21) ماقالىسى:
    قورال-ياراغ ئەڭ ئومۇملاشقان دۆلەت -- ئامېرىكا



    نېۋادا ئشتاتى لاس-ۋىگاس، ئارىزونا ئىشتاتىنىڭ سابىق خەۋپسىزلىكنى ساقلاش ئەمەلدارى مارك كىلىنتون ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر تەرەپتىن قورال-ياراغلارنى رېجىمغا ئېلىش بىرادىي قانۇن لاھىيەسىگە قارىتا ئەرزنامە سۇنغان، ئۇ :« بىر قولىمىزدا ئىنجىل، بىر قولىمىزدا قورال تۇتۇپ، بۇ دۆلەتنى ئىلاھ ئالدىدا ئىناق-ئىتتىپاق دۆلەت قىلىمىز، بۇ مۇقەددەس دۆلەتنى قۇرغۇچىنىڭ ئىسمى ئاستىدا، جەڭ ياكى تىنىچلىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سىلەر قانداق ۋاقىتتا ھۆكۈمەتتە قوراللارنى تاپشۇرۇپ باققان، ئۇلار قانداق قانۇن لاھىيەسىدىن ئۆتۈشىدىن قەتئىينەزەر، ئېسىڭىزدە بولسۇن، قولىمىزدىكى قورال بىزنىڭ ئەركىنلىكىمىزنى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ» دېگەن.



    ئامېرىكا -- دۇنيادىكى شەخسىي تاپانچىسى بارلار ئەڭ كۆپ دۆلەت، 300 مىلىيون دۆلەت پۇقراسىدا 270 مىلىيون دانە تاپانچا بار. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا قوراللىق زوراۋانلىق ھەم قورالدا ئۆلگەنلەر نىسبىتى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. ھەر يىلى 30مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قوراللىق ئېتىشتا ئۆلۈپ كېتىدۇ. فوتوگراف زەد ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ، ئامېرىكا خەلقىنىڭ يۈرىكىگە يىلتىز تارتىپ كەتكەن تاپانچا مەدەنىيتىنى خاتىرىلىگەن.



    تېننېسسى ئىشتاتى مېمفىس، بىر قانچە ئائىلە ئايالى يېڭى ئالغان تاپانچىلىرىنى سېلىشتۇرىشىۋاتىدۇ.
    28 ياشلىق ئىلىزابىت دەيدۇكى: مەن ئەلۋەتتە مەلۇم كىشىگە قارىتىپ ئوق چىقىرىمەن، بۇ مېنىڭ ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىشىم ئۈچۈن ئەمەس بەلكى مەن ئۇلارنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشۈم كېرەك، بۇمۇ قوغدىنىش دەرىسلىكىدە ئۆگەتكەن «ئوق تۈگكىچە ئېتىش نەزەرىيسى».
    44 ياشلىق سۇزان دەيدۇكى: ھازىردىن باشلاپ مەن توققۇز مىللىمىتىرلىق يېرىم ئاپتوماتىك تاپانچامنى يېنىمدا ئېلىپ يۈرۈيمەن، ھازىر سىرت بارغانسىرى خەتەرلىك ھەم قالايمىقان بولۇپ كېتىۋاتىدۇ، مەن ئوق تەگكەنلەرنىڭ ھاياتىنىڭ قۇتۇلۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، لېكىن مەن يەنىلا ئوق چىقىرىمەن، چۈنكى مېنىڭ ئۆلگۈم يوق.
    40 ياشلىق ۋىكىي دەيدۇكى: بەزى كىشىلەر ئۆيىگە بېكىنىۋىلىپ ئىشىكنى مەھكەم ئېتىپ ئولتۇرىدۇ، مەن ھەرگىز باشقىلارغا باش ئەگمەيمەن.
    46 ياشلىق مېرۋا دەيدۇكى: «قوراللارنى رېجىمغا ئېلىش قانۇنى جىنايەت سادىر قىلىشنى توسالمايدۇ، بەلكى شۇ قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ قورالغا ئېرىشىشىنى تەسلەشتۈرىۋىتىدۇ.



    تېكساس ئىشتاتى، دالاستىن: مايك (قورالى بولۇشنى قوللىغۇچى) دەيدۇكى: «قورالى بولۇش ئاساسىي قانۇن ماڭا بەرگەن ھوقۇق، مەن بۇنىڭ بىلەن ئائىلەمنى قوغدىيالايمەن» دېگەن.



    كالفورنىيە ئىشتاتى لوس-ئانجىلىس، قورال-ياراق دۇكىنىدا ئىجارە بېرىلىدىغان قورال-ياراغلار ئېسىقلىق تۇرىدۇ.
    كلورىدا ئىشتاتىدا، 18ياشقا كىرگەن ھەرقانداق ئادەمنىڭ دۇكاندىن يېرىم ئاپتوماتلىق قورال سېتىۋىلىش ھوقۇقى بولىدۇ.

    http://www.nur.cn/uploadfile/2012/1221/thumb_580__20121221054111148.jpg

    تېكساس ئىشتاتى دالاس،  45ياشلىق جەك، 12 ياشلىق ھەم 10 ياشلىق ئوغلىنى ئېلىپ ئامېرىكا قورال-ياراغ جەمئىيتى ئۇيۇشتۇرغان يىللىق چوڭ يىغىن مەزگىلىدە كۆرگەزمە قىلغان قورال-ياراغلارنى كۆرىۋاتىدۇ. ئۇ: «چوڭ ئوغلۇم ئۈچ ياش ۋاقتىدىلا تاپانچا تۇتۇپ باققان، ھازىر ئۇنىڭ بىر 243رۇگېللىق مىلتىقى، بىر ئاپتوماتىك ئوۋ مىلتىقى بار، كىچىك ئوغلۇمنىڭ بروۋنىڭ ئاپتوماتىك مىلتىقى، رېمتون سېيرىلىشچان ئوۋ مىلتىقى ھەم شىۋېتسارىيە مىلتىقى بار، مېنىڭ 50 كە يېقىن قورال-يارىغىم بار، ھەقىقي مەسىلە بولسا قورالى بار ئاز سانلىق مىللەت كىشلىرى، ئۇلار دائىم ئىش تېرىپ يۈرىۋاتىدۇ» دېگەن.



    ئامېرىكىدىكى سېتىلىشى ئەڭ تېز ئوق--ئاسمان تىغى ئوقى، بۇ خىل ئوق بەدەنگە كىرگەندە پارتلىتىپ تىتىۋەتكەندەك ئۈنۈمگە ئىگە قىلىدۇ، كىشىنىڭ ھاياتىغا زور خەۋپ يەتكۈزۈپ قۇتقۇزۇشمۇ ناھايىتى تەس. «جەنۋە ئەھدىنامسى»گە ئاساسلانغاندا، بۇ خىل ئوقنى جەڭدە ئىشلىتىش چەكلەنگەن دېيىلگەن، لېكىن ئامېرىكا پۇقرالىرى سېتىۋالسا بولىدۇ. تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى گېرىگ: «مېنىڭ ھەممىدىن بەك كۆرۈشنى خالىمايدىغىنىم، كىشلەرنىڭ بۇ خىل ئوقتا يارلىنىشى، چۈنكى ھەتتا جەڭدە ئىشلىتىشمۇ چەكلەنگەن بۇ خىل ئوق ئامېرىكىنىڭ ھەممە يېرىدە سېتىلىدۇ، بۇ خىل ئوق تەگكەنلەرنىڭ ھايات قېلىش ئېھتىماللىقى بەك تۆۋەن، قۇتقۇزۇشمۇ تەس» دېگەن.



    نېۋادا شتاتى لاس-ۋىگاس، دۇكان خوجايىنى AK-47 تىپلىق مىلتىقنىڭ دىسكىسىنى سېتىشقا چىقىرىپ قويغان، بىرى 20 دوللار، ئالتىسى 100 دوللار. گەرچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قانۇن تۈزۈملىرىنى چىڭىتىپ، كەڭ كۆلەمدە ئۆلتۈرۈش-يارىدار قىلىش كۈچى بولغان قورال-ياراغلارنى سېتىشنى چەكلىگەن بولسىمۇ، سودىگەرلەر ئىككىنچى قول ھەم چەكلەش بۇيرۇقى چىقىرىشتىن بۇرۇن ئىشلەپچىقىرىلغان قوراللارنى ساتقان.



    نېۋادا ئشتاتى لاس-ۋىگاس، ئارىزونا ئىشتاتىنىڭ سابىق خەۋپسىزلىكنى ساقلاش ئەمەلدارى مارك كىلىنتون ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر تەرەپتىن قورال-ياراغلارنى رېجىمغا ئېلىش «بىرادىي قانۇن لاھىيەسى»گە قارىتا ئەرزنامە سۇنغان، ئۇ: «بىر قولىمىزدا ئىنجىل، بىر قولىمىزدا قورال تۇتۇپ، بۇ دۆلەتنى ئىلاھ ئالدىدا ئىناق-ئىتتىپاق دۆلەت قىلىمىز، بۇ مۇقەددەس دۆلەتنى قۇرغۇچىنىڭ ئىسمى ئاستىدا، جەڭ ياكى تىنىچلىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سىلەر قانداق ۋاقىتتا ھۆكۈمەتكە قوراللارنى تاپشۇرۇپ باققان؟ ئۇلار قانداق قانۇن لاھىيەسىدىن ئۆتۈشىدىن قەتئىينەزەر، ئېسىڭىزدە بولسۇن، قولىمىزدىكى قورال بىزنىڭ ئەركىنلىكىمىزنى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ» دېگەن.



    كلورىدا ئىشتاتى پود، شۇ يەرلىك پۇخرا لىسا كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ھەم ئائىلىدە قوغدىنىشقا ئىشلىتىدىغان يېرىم ئاپتوماتىك مىلتىقىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، كلورىدا ئىشتاتىدا يېرىمدىن كۆپ ئاممىنىڭ قورالى باركەن. لىسا: «سىرتتا نۇرغۇن قانۇننى كۆزگە ئىلمايدىغان قورالى بار كىشىلەر بار، شۇڭا بىز ئۆزىمىزنى قوغدىشىمىز لازىم، ئەگەر ئوقۇتقۇچىلارغا قورال سەپلەپ بەرگەن بولسا، بۇ قېتىملىق ئېچىنىشلىق پاجىئەلەرمۇ يۈز بەرمەس ئىدى» دېگەن.
    توماس (ئامېرىكىنىڭ 3-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى) مۇنداق دىگەن: «ۋاقىتلىق ئازغىنە بىخەتەرلىك ئۈچۈن ئەڭ نېگىزلىك بولغان ئەركىنلىكنى قولدىن بەرگۈچىلەر، ئەركىنلىككە ئېرىشىشكىمۇ، بىخەتەرلىككە ئېرىششىكىمۇ ئەرزىمەيدۇ».
    ★★★★★
    http://www.nur.cn/news/2012/12/100025.shtml
    ★★★★★


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: