版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/226165503.html

    دۇنيادىكى كىچىك دۆلەتلەر


    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى(2012-12-13) ماقالىسى:
    دۇنيادىكى كىچىك دۆلەتلەر

    (1) ۋاتىكان دۆلىتى.
    ۋاتىكان دۆلىتى رىمدىكى ۋاتىكان ئېگىزلىكىگە جايلاشقان، يەر كۆلىمى0.44 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك دۆلەت، 2011-يىلىدىكى سىتاتىستىكىغا قارىغاندا پۈتۈن دۆلەتتە 572 نوپۇس بار. ۋاتىكان 1929-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ، رىم ئېپىسكوپ ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئاساسى ھوقۇقلۇق دۆلەت. زېمىنى سانكت پېتىر چوڭ چېركاۋى، شىسيان چېركاۋى، كۆلىمى 23 ئېنگىلىز مو كېلىدىغان ئوتتۇرا ئەسىردىكى باغچا ۋە باشقا قۇرۇلۇش شۇنداقلا مۇزىيلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    (2) موناكو.
    موناكونىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 75 كۋادرات ئېنگىلىز مىلى بولۇپ، دۇنيادىكى ئىككىنچى كىچىك دۆلەت شۇنداقلا دۇنيادىكى ئىككىنچى كىچىك پادىشاھلىق تۈزۈمىدىكى دۆلەت. موناكو ياۋروپا قىتئەسىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، فىرانسىيە ۋە ئوتتۇرا دېڭىز قورشاپ تۇرىدۇ، نوپۇسى تەخمىنەن 30 مىڭ بولۇپ، دۇنيا بويىچە نوپۇسى ئەڭ زىچ دۆلەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ دۆلەتنىڭ ئاساسلىق كەسپى ساياھەتچىلىك بولۇپ، ھەر يىلى نۇرغۇن ساياھەتچى بۇ يەرگە كېلىپ قىمار سورۇنلىرىغا بارىدۇ ۋە بۇ يەرنىڭ ساپ ھاۋاسىدىن ھۇزۇرلىنىدۇ.

    (3) نارۋو ئارىلى.
    ناۋرو ئارىلى جەنۇبىي تىنچ ئوكياندىكى مىكلونىشىياغا جايلاشقان، كۆلىمى پەقەتلا 8.1 كۋادرات ئېنگىلىز مىل كېلىدىغان ئارال دۆلەت. نارۋو جۇمھۇرىيىتى دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك ئارال دۆلەت بولۇپ، 1968-يىلى مۇستەقىللىققە ئېرىشكەن، نوپۇسى تەخمىنەن 9000 ئەتراپىدا.

    (4) تۇۋالۇ.
    تىنچ ئوكيانغا جايلاشقان تۇۋالۇمۇ بىر ئارال دۆلەت بولۇپ، يەر كۆلىمى 10 كۋادرات ئېنگىلىز مىلى كېلىدۇ. تۇۋالۇ 1568-يىلى بايقالغان بولۇپ، ئىزچىل ئەنگىلىيەنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولۇپ كەلگەن. 1978-يىلى مۇستەقىللىققە ئېرىشكەن. بۇ دۆلەتنىڭ نوپۇسى تەخمىنەن 10472، ھېچقانداق تەبىئىي بايلىق بولمىغانلىقتىن ئاساسلىقى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ياردىمىگە تايىنىدۇ.

    (5) سان مارىنو.
    سان مارىنونىڭ يەر كۆلىمى 24 كۋادرات ئېنگىلىز مىلى بولۇپ، دۇنيادىكى بەشىنچى كىچىك دۆلەت شۇنداقلا ياۋروپا قىتئەسىدىكى نوپۇسى ئەڭ ئاز دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. بۇ دۆلەتنىڭ تارىخىنى مىلادى 301-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ، بۇ دۆلەت 1600-يىلى ئاساسى قانۇنىنى ئېلان قىلغان. سان مارىنو دۇنيادىكى ئەڭ باي دۆلەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، دۆلەت قەرىزى يوق.

    (6) مارشال تاقىم ئارىلى.
    مارشال تاقىم ئارىلى تىنچ ئوكياننىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، يەر كۆلىمى 70 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، كۆپ قىسمى مارجان ئارال ۋە ئاراللاردىن تەشكىللەنگەن، نوپۇسى تەخمىنەن 62 مىڭ ئادەم بولۇپ، 1986-يىلى ئامېرىكىدىن بۆلۈنۈپ مۇستەقىل بولغان، ھېچقانداق تەبىئىي بايلىقى يوق بولغانلىقتىن ئاساسلىقى ئامېرىكىنىڭ ياردىمىگە تايىنىدۇ.

    (7) مالدىۋې.
    مالدىۋېنىڭ يەر كۆلىمى ياكى نوپۇسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇ ئاسىيا قىتئەسىدىكى ئەڭ كىچىك دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. يەر كۆلىمى 115 كېۋادرات ئېنگىلىز مىلى، 1192 كىچىك ئارالدىن تەركىب تاپقان، ئەمما پەقەتلا 200 كىچىك ئارالدا ئادەم ئولتۇراقلاشقان. پايتەختى مالى، مەملىكەتنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىم نوپۇسى مۇشۇ يەردە ياشايدۇ.

    (8) سان كىتتىس ۋە نېۋىس.
    سان كىتتىس ۋە نېۋىسنىڭ يەر كۆلىمى 104 كۋادرات ئېنگىلىز مىلى كېلىدىغان بولۇپ، ئىككى ئارالدىن تەركىب تاپقان، كارىب دېڭىزىدىكى بىرىنچى بولۇپ مۇقىم ئولتۇراقلاشقان ئارال دۆلىتى. 1983-يىلى مۇستەقىللىققە ئېرىشكەن. بۇ دۆلەتنىڭ يەر مەيدانى كىچىك بولۇپلا قالماستىن نوپۇسىمۇ ئەڭ ئاز. ئىقتىسادىي مەنبەسى ساياھەتچىلىك كەسپىنى ئاساس قىلىدۇ.
    ★★★★★
    http://www.uycnr.com/xwzx/lwsj/201212/t20121211_419772.html
    ★★★★★


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: