版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/225229408.html

    غەززە مەسىلىسىدە كىم ھەقلىق؟


    تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى(27.11.2012) ماقالىسى:
    ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇمى مەسىلىسىدە كىم ھەقلىق؟
    ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە يۈزدىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولۇشى، يۈزلەرچە پەلەستىنلىكنى يارىلاندۇرۇشى ھەمدە ئۇلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىنى پالەچ ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇشىنى قانداق ئانالىز قىلىش كېرەك؟
    ئەنئەنىگە ئاساسەن، ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلىسە؛ غەرب ئەللىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئىسرائىلىيەنى قوللىغان ۋە خاماسنى ئەيىبلىگەن ھالدا پوزىتسىيە تۇتتى. بۇنداق بۆلۈنۈش ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما بىلەن دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سۆزلىرىدىمۇ ئەكس ئەتتى. باراك ئوباما، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرسە، باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىسرائىلىيە بىلەن باراك ئوبامانى ئەيىبلەپ، ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ «دۆلەت تېررورى» ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى. بۇ ئىككى خىل پوزىتسيەنىڭ تۈركىيە-ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇناسىۋەتلىرىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ھازىرچە بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئىسرائىلىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرى مەسىلىسىدە رەھبەرلەرنىڭ قايسىسىنىڭ تۇتقان پوزىتسىيىسىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا توغرا كېلىدۇ.
    بۇنداق كرىزىسلارنى ۋاقىتلىق ئۆزگىرىشلەرگە ئاساسەن ئانالىز قىلىش توغرا ئەمەس. ئالايلۇق، قىزىتمىسى ئۆرلەپ كەتكەن بىر كېسەلنىڭ مەسىلىسىمى مىسالغا ئالساق، ئۇنى كېسەللىككە ئەسلىدە قىزىتما ئەمەس، ئەكسىچە بۇنى كەلتۈرۈپ چىقارغان پاتالوگىيەلىك ئەھۋال دۇچار قىلغاندۇر. شۇ ۋەجىدىن، ئۇستا دوختۇر ئادەتتە كېسەلنىڭ قىزىتمىسىنى چۈشۈرۈش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن يەنە قىزىتمىنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاپ چىقىشقا تىرىشىدۇ؛ جۈملىدىن كېسەلنىڭ كېسەللىك ئالامىتىگە ئەمەس، پاتالوگىيەسىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ.
    بۇ ئوخشىتىشتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، «ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى» دەۋاسى، ئەسلىدە كېسەللىك ئالامىتى بىلەن پاتالوگىيەلىك (غەيرىي) ئەھۋالنى بىر-بىرىدىن پەرقلەندۈرەلمەسلىك دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ. شۇنداق، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش ھوقۇقى بار؛ بۇ قانۇنلۇق ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش ھوقۇقىدىن پايدىلىنالىشى ئۈچۈن، ئالدى بىلەن غەززە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قانۇنلۇق بولۇشى، ئاندىن ھۇجۇملىرىنىڭ خەلقئارا قانۇننىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ئۇيغۇن بولۇشى شەرت.
    مۇھىم نۇقتا شۇكى: ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى قانچىلىك دەرىجىدە قانۇنلۇقتۇر؟
    ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنى 1967-يىلدىن بېرى ئىشغالىيەت، ئېمبارگو ۋە بېسىم ئاستىدا تۇتۇشى، نە پەلەستىنلىكلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمايۋاتىدۇ، نە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 242-ۋە 383-نومۇرلۇق قارارلىرىغا ئۇيغۇن كەلمەيۋاتىدۇ. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئېلىنغان قارارلارغا ئاساسلانغاندىمۇ، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە، ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە گولان ئېگىزلىكىنى ئىشغال قىلىۋېلىشى قانۇنلۇق ئەمەس. ئىسرائىلىيە، ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى بىلەن گولان ئېگىزلىكىنى ئىشغال قىلىۋېلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقىنىدەك، غەززەنىمۇ ئىشغالىيەتتىنمۇ بەتتەر ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.
    گەرچە، ئىسرائىلىيە غەززەدىن 2006-يىلى رەسمىي چېكىنىپ چىقىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ رايوننى كونترول قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئىسرائىلىيەنىڭ قورشاۋى ئاستىدىكى ۋە دۇنيا بىلەن بولغان پۈتكۈل ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان بىر يېرىم مىليوندىن كۆپرەك غەززەلىكلەر نۆۋەتتە قاتتىق قىيىن ئەھۋالغا دۇچ كەلمەكتە.
    ئەنە شۇنداق قىيىن شارائىتلار ئاستىدا ياشاۋاتقان بىر خەلق، خاماس تەشكىلاتىغا تايانغان ھالدا ئۆز مەۋجۇدىيىتىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشماقتا، ئۆزلىرىگە ياردەم قىلىدىغان ھەر تۈرلۈك خەلقئارالىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنى تەلەپ قىلماقتا ۋە ئىشلەتمەكتە. بۇ خەلق، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىغا قارشى ئۆزلىرىنى مۇداپىئە قىلىش ئېھتىياجى ھېس قىلماقتا.
    بۇ يەردە شۇنداق بىر سوئالنى سوراشقا توغرا كېلىدۇ:
    بۇ خەلقنىڭ ئۆز مەۋجۇدىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدىن قوغدىنىش ئۈچۈن «ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش ھوقۇقى» يوقمۇ؟
    بۇ سوئاللارغا بېرىلىدىغان جاۋابلارمۇ ئادەتتە «سىياسىي خاھىشلار»غا ئاساسەن تۈرلۈك بولىدۇ. بەزىلەر قەتئىي رەت قىلسا، يەنە بەزىلەر قانداقلا بولمىسۇن غەززە خەلقىنىڭمۇ ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدۇ. قانۇنىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىنسانلار ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ پەقەت ئۆز مەۋجۇدىيىتىنى ساقلاپ قالالىغۇدەك دەرىجىدە ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش ھوقۇقى باردۇر. پەلەستىنلىكلەرنى يوققا چىقىرىۋېتىش، ئۇلارنىڭ كىملىكلىرىنى ساقلاپ قېلىش تىرىشچانلىقلىرى ۋە ئارزۇسىنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋېتىش، ئاساسىي جەھەتتىن خەلقئارا قانۇننىڭ پرىنسىپلىرىغا خىلاپتۇر.
    ئەلۋەتتە پەلەستىنلىكلەرنىڭمۇ ئۆز مەۋجۇدىيىتىنى قوغداش باسقۇچىدا قانۇنىي پرىنسىپلاردىن ھالقىپ كەتمەسلىكىگە توغرا كېلىدۇ. بۇ پرىنسىپلاردىن بىرى پۇقرا ۋە مەسۇم كىشىلەرگە زىيان يەتكۈزمەسلىك شەرتىدۇر. رايوندا ياشاۋاتقان ھەر بىر يەھۇدىي ۋەياكى خرىستىئاننىڭ ياشاش ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىنماسلىقى لازىم. خاماسنىڭ راكېتا بومبىلىرىنىڭ ۋەياكى ھۇجۇملىرىنىڭ ھەرقانداق بىر پۇقرا يەھۇدىي ۋەياكى خرىستىئاننىڭ خاتىرجەملىكىنى بۇزماسلىقى كېرەك. بۇنداق خەۋپلەرگە قارشى ئىسرائىلىيەنىڭ پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەقسىتىدە تەدبىرلەرنى ئېلىشى قانۇنلۇقتۇر. ئىسرائىلىيە پۇقرالىرى ئىسرائىلىيە دۆلىتىگە بۇ قانۇننى بەرگەن بولسا، بۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
    بىراق ئىسرائىلىيە دۆلىتى بۇ قانۇنىي ھوقۇقىنى قاچانغىچە ئىشلىتىدۇ؟
    بۇنىڭ ھېچقانداق چەكلىمىسى يوقمۇ؟
    خەلقئارا قانۇنغا كۆرە، ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش ھوقۇقىدىن پايدىلىنالىشى ئۈچۈن، ئالدى بىلەن تۆۋەندىكىدەك ئۈچ تۈرلۈك شەرتنى ھازىرلىغان بولۇشى شەرت.
    بىرىنچى، جىددىي بىر ھۇجۇم بولۇشى، يەنى ماددىي ۋەياكى مەنىۋى جەھەتتىن ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان بولۇشى؛
    ئىككىنچى، ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش مەلۇم نىسبەتتە بولۇشى، يەنى ھۇجۇم بىلەن ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش نىسبىتى ئوخشاش بولۇشى؛
    ئۈچىنچى، بىرلا ۋاقىتتا بولۇشى، يەنى ھۇجۇم بىلەن ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش بىر-بىرىنى تەقىب قىلىشى شەرت.
    بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇمىنى باراك ئوبامانىڭ ئېيتقىنىدەك، «ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش ھوقۇقى» دېيەلەمدۇق؟ بۇنى قوبۇل قىلالىشىمىز مۇمكىنمۇ؟
    مېنىڭچە، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئۈچ تۈرلۈك شەرتكە ئاساسەن ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىنى «ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش ھوقۇقى» دېيەلمەيمىز. بىرىنچى پىرىنسىپقا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، خاماسنىڭ راكېتا بومبا ھۇجۇملىرى ئىسرائىلىيەگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى ياكى ماددىي زىيان يەتكۈزدى ۋەياكى ئىنسانلارغا ئېغىر تالاپەتلەرنى يەتكۈزدى دېيىلمەيمىز. ئىككىنچى پىرىنسىپكە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ يۈزلەرچە پەلەستىنلىكلەرنى ئۆلتۈرۈشى ۋە مىڭلارچە پەلەستىنلىكلەرگە ئېغىر زىيانلارنى يەتكۈزۈشى، ھېچقاچان ھۇجۇم بىلەن ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش نىسبىتى ئوخشاش بولۇش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ئۈچىنچى پىرىنسىپكە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ ئۇدا سەككىز كۈن داۋاملىشىشىمۇ ھۇجۇم بىلەن ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش بىر-بىرىنى تەقىب قىلىش شەرتىگە توشىدىغانلىقىنى ئېيتىش تولىمۇ قىيىن. شۇ ۋەجىدىن باراك ئوبامانىڭ «ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش ھوقۇقىنى بار» دىگەن دەۋاسى، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئۈچ تۈرلۈك شەرتكە ئاساسەن ئادەمنى قايىل قىلالمايدۇ، ھەتتا بۇنى قوبۇل قىلىشقىمۇ بولمايدۇ.
    ئەسلىدە باراك ئوبامانىڭ دەۋاسىنىڭ بىردىنبىر «قانۇنلۇق» ئاساسى باردۇر: ئۇ بولسىمۇ باراك ئوبامانىڭ ئىسرائىلىيە لوبىسىنىڭ بېسىمى ئاستىدا سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى. ئەھۋال ئەنە شۇنداق بولغان تەقدىردە، ئۇنداقتا بۇ قېتىممۇ يەنىلا باراك ئوبامانىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى ئامېرىكا سايلىغۇچىلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلامدۇ ياكى ئىسرائىلىيە لوبىسىنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلامدۇ؟ دېگەن سوئالنى سوراشقا توغرا كېلىدۇ.
    ئەگەر باراك ئوباما ئەنە شۇ ئۇسۇلدا سىياسەت يۈرگۈزىدىغان بولسا، بۇ، ئۇنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ۋەزىپە ئۆتەش باسقۇچى باشلانماي تۇرۇپلا مەغلۇبىيىتىنى ئېلان قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا باراك ئوباماغا بېرىلگەن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ قانداق مەنىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغانلىقىنى سوراش بىزنىڭ ئەڭ قانۇنلۇق ھەققىمىزدۇر.
    ★★★★★
    http://www.trtuyghurche.com/trtworld/luy/newsDetail.aspx?HaberKodu=e93b0eda-b407-41d4-b21e-434c0bf95f59
    ★★★★★


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: