版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/127329100.html

    بىن لادىن ۋە تېررورىزىم

    ئەلى بۇلاچ

    بىن لادىن ئۆلتۈرۈلگەندە، دۇنيانىڭ نوپۇزلۇق ئەربابلىرى ۋە مەشھۇرلىرى «tweeter»دە ھېسسىيات ۋە چۈشەنچىلىرىنى بەس-بەستە بايان قىلىشقا باشلىدى. كورتنېي كارداشيان «كۆكەمە ئەبلەخ ئاخىرى ئۆلۈپتۇ»، گاگا خانىم «نەپرەتكە قارشى ئۇرۇشتا تارىخىي پەيت»، جىم كاررېي «نەپرەتنى ئۆلتۈرۈپتۇ»، پارىس خىلتون «ئۇ شەيتان تېررورىزمنىڭ يۈزى ئىدى» دېيىشىتى.
    «كۆكەمە ئەبلەخ، نەپرەت ۋە شەيتان» دېگەن ھاقارەتلەر دىققىتىمنى تارتتى. بۇ ھاقارەتلەر غەربنىڭ قەدىمىي كۈلتۈر سىمۋوللىرى نۇقتىسىدىن بىن لادىننىڭ بىر «نەپرەت ئوبىيكىتى» ھالىغا كېلىشىگە يېتەرلىك سۆزلەر ھېسابلىناتتى. غەرب ئۆزىگە «ئۆزگىلەر»نى ئاساس قىلىپ باھا بېرىدۇ. ئۆزگىلەرنى تېخىمۇ ئۆزگە ھالىتىگە ئېلىپ كېلىدۇ. يەنى شەيتانلاشتۇرۇپ «نەپرەت ئوبيىكىتى» ھالىتىگە ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا قارشى جەڭ ئېلان قىلىدۇ. بىن لادىننى ئۆزگىلەشتۈرگەن ئاساسلىق تېرمىن «تېررورىزىم ۋە تېررورلۇق قىلمىشلىرى» ئىدى. مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا، بىن لادىن «تېررورىزىم» كاتىگورىيەسىگە كىرىدىغان قىلمىشلار بىلەن بەند بولۇپ كەلگەن ئىدى. ئۆز ئالدىغا بىر «پەتىۋاسى» بار ئىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە:

    ئا: ئىسلام دۇنياسى 1918-يىلىدىن بېرى غەربنىڭ تەسىرى ئاستىدا تۇرۇپ كەلمەكتە. بۇ دەل ئوسمانلىي ئىمپىرىيەسى(ئوسمان  تۈرك) ئاغدۇرۇلغان مەزگىل.

    ب: بۈگۈن ئىسلام زېمىنلىرى ئىشغالىيەت ئاستىدا. پەلەستىن، ئافغانىستان، ئىراقتا غەرب كۈچلىرى رەھىمسىزلەرچە مۇسۇلمانلارنى قەتلىئام قىلماقتا. مۇسۇلمانلارنىڭ تەبئىي بايلىقلىرى، ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى تالان-تاراچ قىلماقتا.

    س: غەربلىكلەر زېمىنلىرىمىزدا بىزگە قانداق رەھىمسزلىك، ئازاپ-ئوقۇبەت بەرگەن بولسا، بىزمۇ ئۇلارغا ئوخشاش ئۆز زېمىنلىرىدا ۋە پۈتكۈل دۇنيادا ئۇلارغا ئازاپ-ئوقۇبەتنىڭ تەمىنى تېتىتىپ  قويىمىز. كىچىك بۇشمۇ، «ئالدىنى ئېلىش ئۇرۇش ئىدىيەسى» بىلەن «ئۇلار ھۇجۇم قىلماستىن، بىز ئۆزىمىز ئۇلارغا ئۆز ماكانلىرىدا زەربە بېرىمىز» دەپ يۈرگەن ئىدى.

    يوللۇق بىر ئۇرۇشنى، ئىشغالىيەتكە قارىشلىق كۆرستىىش ياكى جىھاتنى تېررورىزىمدىن تۈپتىن پەرقلەندۈرىدىغان ئۆلچەم، بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدۇر. تېررورىزىمنىڭ ئېنىقلىمىسى مۇنداق: مەلۇم بىر ئىگىنىڭ (شەخس، گۇرۇپپا، تەشكىلات ياكى دۆلەت)، مەلۇم مەقسەتنى كۆزلەپ (دىنى، ھەربىي، سىياسي، ئىقتىسادىي، ئىنتىقام، شەخسىي، ئائىلىۋى، مەزھەپ، سىنىپ، مەنپەئەت قاتارلىق)  ھەر قانداق بىر بىگۇناھ كىشىنىڭ (ئۇرۇشقا قاتناشمىغان ئەر ئايال، بالا، ياشانغانلار، دىن ئۆلىمالىرى قاتارلىق) نىشانغا ئېلىنىپ ئۆلتۈرۈلۈشى تېررورلۇق قىلمىشىغا كىرىدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىساق، ئەل قائىدە تېررورلۇق ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان بولىدۇ.
    لېكىن بۇ ئېنقىلىمىنى ئاساس قىلغان ۋاقتىمىزدا، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى(ناتو)، ئىسرائىلىيە ۋە بۇلارغا ئوخشاشلارمۇ بىگۇناھ پۇقرالارنى ئۆلتۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن «تېررورىست» ھېسابلىنىشى كېرەك.
    غەربنىڭ ئەل قائىدىنى باھانە قىلىپ ئىسلام دۇنياسىغا يۈرگۈزۈپ كەلگەن يېڭى سىياسىي ئىستىراتېگىيەسى، مۇسۇلمانلار ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلەر «تېرورىزىم» سانىلىپ، بۇنىڭدىن «ئىسلامىي تېررورىزىم» ئاتالغۇسىنىڭ تۈرلىنىپ چىقىشىغا تايىنىدۇ. ئەلۋەتتە، ئەل قائىدىنىڭ «ئۇلارنىڭ تېررورلۇق قىلمىشىغا بىزمۇ تېررورلۇق قىلىمىشى بىلەن جاۋاپ قايتۇرىمىز» دېگەن پەتىۋاسى، ئىسلام دۇنياسىدا كۆپلىگەن ئالىم ۋە دىن ئۆلىمالىرى تەرىپىدىن مۇۋاپىق كۆرۈلمىدى. پەتىۋادا مەسىلە بار ئىدى. چۈنكى ئاساسلىق ھۆكۈم مۇنداق: سىزگە ھۇجۇم قىلغانلارغا سىزمۇ ئوخشاش شەكىلدە جاۋاب قايتۇرۇڭ. ھەرگىزمۇ ھەددىڭىزدىن ئاشماڭ». بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى «قىساس» ۋە «ئوخشاش شەكىلدە جاۋاب قايتۇرۇش» بولماستىن، « ھەددىن ئېشىش» ھېسابلىنىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئىسلام دۇنياسىنىڭ كۆپىنچىسى «ئسىلامىي تېررورىزىم» ئەيىبلىشىنى قەتئىي رەت قىلىدۇ.
    بىراق نىيىتى ئەزەلدىنلا باشقىچىراق بولۇپ كەلگەن شەرقشۇناسلار(ئوريانتالىستلار) «يېڭىچە قاراش» ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوخشاش نەرسىنى بىلجىرلاشتى. تىگى يەھۇدى بولغان لېۋىس مۇنۇ سەپسەتىنى ئوتتۇرىغا قويدى «بەلكى ئىسلامىي تېررور دېگىلى بولمايدۇ. بىراق پۈتۈن تېررورىستلار مۇسۇلمان». بۇ ئەسلىدە ئوخشاش نەتىجە بېرەتتى. لېۋىسنىڭ ئەسلىدە دېمەكچى بولغىنى مۇنداق ئىدى: «مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشغالىيەتكە قارشى ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى تېررورىزىم كاتىگورىيەسىگە كىرىدۇ». بىراق غەرب ئاخبارات ئىدارىلىرى  ۋە دۆلەتلىرىنىڭ ئافغانىستاندا رەسمىي ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا 9000، ئىراقتا 1 مىليوندىن كۆپ ئادەمنى ئۆلتۈرۈشى تېررورىزىم كاتىگورىيەسىىگە كىرمەيدىكەن. ب د ت كىشىلىك ھەق ھوقۇقلىرى تەشكىلاتى پەلەستىن مەخسۇس دوكلاتىدا رىچارد فالك، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ 2000-يىلدىن بېرىى 1300دىن ئارتۇق پەلەستىنلىك بالىنى قەتئىلام قىلغانلىقىنى قەيت قىلدى. ئۆتكەن ھەپتە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) ئايروپىلانلىرى لىۋىيەدە قەززافىنىڭ ئوغلى سەيفۇلئەرەبنىڭ قېشىدىلا ئايالى ۋە ئۈچ نەۋرىسىنى ئۆلتۈرۋەتتى. ئەلۋەتتە تېررورغا تېررور ئارقىلىق جاۋاب بېرىشكە بولمايدۇ. بىراق بىرلا تەرەپ تېررورلۇق قىلمىشى ئەيىبلەنسە بولمايدۇ.
    تېررورىزىمغا خاتىمە بېرىشنىڭ يولى سەۋەبىنى تېپىش بىلەن مۇمكىن بولىدۇ. ئوباما، «بىز ئىسلامغا قارشى ئۇرۇش قىلمايمىز» دەۋاتىدۇ. ئەگەر بۇنى سەمىمىيلىك بىلەن دېگەن بولسا غەرب كۈچلىرى ئافغانىستان ۋە ئىراقتىن چېكىنىپ چىقسۇن. ئىسرائىلىيەگە بولدى بەس دېيىلسۇن. مۇستەبىت تۈزۈملەر ئاستىرىتتىن قوللاشقا ئېرىشىلمىسۇن. غەرب ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا ھۆرمەت قىلسۇن. ئەگەر ئەكسىچە بولغاندا، بىن لادىن كېتىدۇ. ئورنىغا باشقىسى كېلىدۇ.

    مەنبە: «زامان گېزىتى»، ئاپتورى: ئەلى بۇلاچ.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئادىل يۈسۈپ
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://uyghuracademy.com/?p=16428
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: