شاھزادە تويىنىڭ سىياسىي تەسىرى - [چوك گۈزەل ئەسەرلەر]

    _べ Tag:تارىخ   2011年05月10日

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/127335037.html

    شاھزادە تويىنىڭ سىياسىي تەسىرى
     
     
    سىزنىڭچە بىر جۈپ ياشنىڭ داغدۇغىلىق توي مۇراسىمىنىڭ خەۋىرى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ قايسى سەھىپىسىدە بېرىلسە مۇۋاپىق بولىدۇ؟
    ئىجتىمائىي خەۋەرلەر سەھىپىسىدىمۇ؟
    ئەگەر توي قىلغانلار ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئىلزابىت 2-نىڭ نەۋرىسى، ئەنگلىيە پادىشاھىنىڭ 2-ۋارىسى شاھزادە ۋىليام بىلەن خانىش كاتې مىدىلتوننىڭ تويى بولسىچۇ؟
    ئۇلارنىڭ تويى ئەنگلىيە خان جەمەتى ۋە ئەنگلىيەگە قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟

    2011-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بۇ توي مۇراسىمى ئادەتتىكى بىر مۇراسىملا ئەمەس، بىر قىسىم تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: «خان جەمەتىنىڭ بۇ قېتىملىق توي مۇراسىمىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىي مەنىسى بار. بۇ توي ئەنگلىيەنىڭ كاساتلىشىۋاتقان ئىقتىسادىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ ئىلىپ كېلىپلا قالماستىن، خان جەمەتىنىڭ ئوبرازىنى ئۆستۈرۈش، تەسىرىنى كۈچەيتىشكىمۇ پايدىلىق. شۇنداقلا، ئەنگلىيە خان جەمەتى تۈزۈمىنىڭ داۋاملىشىشىغىمۇ چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.»
    ئۆتكەن ھەپتە ئەنگلىيەدە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئەڭ تارتقان ئىككى خەۋەر:
    شاھزادە ۋىليامنىڭ تويى بىلەن لىۋىيەدىكى ئۇرۇش ۋەزىيىتى.
    بۇ ئىككىسىنى سېلىشتۇرغاندا، شاھزادىنىڭ تويى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تېخىمۇ تارتتى.
    ئۇرۇش ۋە دۆلەت ئىچى ئىقتىسادىي ئەھۋالى ناچارلىشىۋاتقاندا، خان جەمەتى ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى بۇ قېتىملىق ئەسىر تويى ئارقىلىق ئەنگلىيە ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈش ئۈمىدىدە ئىدى.


    (خاتىرە تەڭگە)
     
    جۇڭگو ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقات ئورنىنىڭ ئەنگلىيە مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى ياڭ فاڭ بۇھەقتە مۇنداق دېدى: ۋىليامنىڭ تويى ئەنگلىيە ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى مۇقەررەر. ئۆتكەن يىلى كامرون ھۆكۈمىتى تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئەنگلىيەنىڭ ئەڭ ھەل قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلىسى داۋاملىق ناچارلىشىۋاتقان ئىقتىساد ئىدى. بولۇپمۇ، دۇنيا پۇل-مۇئامىلە كىرزىسىنىڭ تەسىرىدىن ئەنگلىيە ئىقتىسادىي ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى. ئىقتىساد ئۇدا ئۈچ يىل تۆۋەنلىدى. پۇل پاخاللىشىش، ئىشسىزلىق قاتارلىق مەسىلىلەر ئېغىرلىشىپ ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ئىنتايىن كەسكىنلەشتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، كامىرون ھۆكۈمىتى تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قىزىل رەقەمنى ئازايتىشنى ئاساسلىق نىشانى قىلدى.
    بۇ جەھەتتە، ئەنگلىيە خان جەمەتىنىڭمۇ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ئەنگلىيە خان جەمەتىنىڭ ھەر يىلى ئەنگلىيە ساياھەتچىلىكىگە ئىلىپ كېلىدىغان كىرىمىلا 500 مىليون فوندستېرلىڭغا يېتىدىكەن. ئەنگلىيە دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا، ئەنگلىيە خان جەمەتى شاھزادە ۋىليامنىڭ توي قىلماقچى بولغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ۋىليامنىڭ تويى ئەنگلىيە ساياھەتچىلىكىگە بىر يىرىم يىلدىن ئارتۇق تەسىر كۆرسەتكەن.
    مىسال ئالساق، كاتې مىدىلتون مەلۇم بىر خىل پاسوندىكى كۆينەكنى كىيگەن بولسا، ئىككىنچى كۈنىلا كىشىلەر بۇ خىل پاسوندىكى كۆينەكنى تالىشىپ سېتىۋالغانىدى. ئەنگلىيەدىكى سودىگەرلەرنى خۇشال قىلىدىغىنى، كاتې مىدىلتون ئەنگلىيەنىڭ يەرلىك ماركىلىرىنى بەكرەك ياخشى كۆرىدۇ. بۇ ماركىلارنىڭ ئىچىدە قىممەت باھالىقلىرىمۇ، ئوتتۇرىھال باھالىقلىرىمۇ بار. نۇرغۇن ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ بۇلارنى سېتىۋېلشقا قۇربى يىتىدۇ. بۇ خىل «خانىش تەسىرى» كىيىم-كېچەك كەسپىگە ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسەتتى.


    (توينى تېما قىلغان پىسا قاتلىمىسى)

    ياڭ فاڭ يەنە مۇنداق دەپ قارىدى: ۋىليامنىڭ تويى ئەنگلىيەنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىغىمۇ تەسىر پەيدا قىلىدۇ. ئىقتىسادنىڭ كاساتلىشىشى خەلقنىڭ روھىي ھالىتىگە چوقۇم تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا كاتتا بىر مەيدان توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، ئەنگلىيە ئەنئەنىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، مەركەزگە ئىنتىلمە كۈچ ۋە ئىچكى يىغىلىش كۈچىنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ. ۋىليامنڭ تويىدەك بۇنداق چوڭ ئىشنى مۇشۇنداق بىر ئالاھىدە ۋاقىتقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا چوقۇم ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئامىللار بار.
    ھازىرقى دۇنيادا خان جەمەتى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان شارائىتتا، ئەنگلىيە خان جەمەتى خۇددى ئەنگلىيەنىڭ قارا رەڭلىك تاكسىسى، تېمس دەرياسى، ۋىمبلېدون تەنتەربىيە مەيدانىغا ئوخشاش بىر خىل بەلگىگە ئايلاندى.
    ئۆتمۈشنى ئەسلەشنى ياخشى كۆرىدىغان، مىننەتدار، رومانتىك ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ نەزىرىدە، خان جەمەتى ناھايىتى سىرلىق، شۇنداقلا رىۋايەتلەردىكىدەك سېھرى كۈچكە ئىگە.
    ئەنگلىيە خان جەمەتى ئۆز ئوبرازىنى تىكلەشكە ئەزەلدىن ناھايىتى ئەھمىيەت بىرىدۇ.
    ياڭ فاڭ يەنە مۇنداق دېدى: ۋىليامنىڭ تويىغا قارىتا خان جەمەتى ئالدى بىلەن ئۇنى خان جەمەتىنىڭ بىر خىل «مۇسبەت مۈلكى»گە ئايلاندۇرۇپ، خان جەمەتىنىڭ ئوبرازىنى ئۆستۈرۈپ، خان جەمەتىنىڭ تەسىر كۈچىنى كۈچەيتىشنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنى ئەنگلىيەنىڭ «مۇسبەت مۈلكى»گە ئايلاندۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى. چۈنكى، بۇ توي دۇنيادىكى نۇرغۇن جايلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. بۇ ئارقىلىقمۇ ئەنگلىيەنىڭ تەسىر كۈچىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.


    (كاتې مىدىلتوننىڭ قونچىقى)

    ئەنگلىيەنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئاشكارا ئوبزور ئېلان قىلىپ، «شاھزادە ۋىليامنىڭ تويى ئەنئەنىلىك بىلەن زامانىۋىلىكنىڭ بىرىكمىسى» دېدى.
    بىر تەرەپتىن، توي ئارقىلىق كىشىلەر ئەنگلىيەنىڭ ئەنئەنىسىنى كۆرۈپ، شان-شەرەت تۇيغۇسىنى ئاشۇرالايدۇ.
    يەنە بىر تەرەپتىن زامانىۋىلىقنىمۇ تەكىتلىگىلى بولىدۇ.
    مەسلەن، ۋىليام بىلەن كاتې مىدىلتون توي كۈنتەرتىپىنى تۈزۈشكە بىرلىكتە قاتناشتى؛ ئۇلار ئالىي مەكتەپتە تونۇشۇپ مۇھەببەتلەشكەن، ئۇلارنىڭ مۇھەببەتلىشىش جەريانى باشقا ئادەتتىكى كىشىلەردىن پەرقلەنمەيدۇ. شۇنداقلا كاتې مىدىلتون ئادەتتىكى ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە ئائىلىسىدە چوڭ بولغان. ھازىرقى زاماندىكى ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان قىزلاردىن، بۇنداق ئوبرازدىن قانداق ئۇچۇر تارقىلىدىغانلىقىنى سۆزلىمىسەكمۇ ھېس قىلالايسىز. ئەگەر خان جەمەتى بۇ ئاكتىپ ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلسا، خان جەمەتىنىڭ ئەنئەنىسى ۋە خان جەمەتىنىڭ ئەنگلىيەنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى ئورنىغىمۇ ئىجابىي تەسىر پەيدا قىلىدۇ.
    ئاكتىپ، ئىجابىي خان جەمەتى ئوبرازى، ئەنگلىيەنىڭ دۆلەت ئوبرازىغا پايدىلىق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەلۇم دەرىجىدە ئەنگلىيەنىڭ تەسىر كۈچىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.
    مەسلەن، خان جەمەتى ئەزالىرى ئەنگلىيەنىڭ سودىسىنى سىرتقا تونۇشتۇرۇشقا، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە ئىشلىرىدىكى ئالاقىگە ئاكتىپ قاتنىشىدۇ. ئايال پادىشاھ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئوتتۇرا شەرقكە زىيارەتكە بارىدۇ. ئەنگلىيە فېدېراتسىيە دۆلەتلىرىنىڭ پارلامېنت يىغىنى ۋە پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ تۇرىدۇ. بولۇپمۇ دىپلوماتىيەدە، ئەنگلىيە فېدېراتسىيەسى ئەزەلدىن ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئەنگلىيەنىڭ بىر مۇھىم قىسمى، ئەنگلىيەنىڭ سىرتقى تەسىر كۈچىنى نامايان قىلىشتىكى مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇپ كەلدى.
    ئەنگلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى بلاير بۇرۇن مۇنداق دېگەن:
    «مەن ئايال پادىشاھنىڭ تەكلىپىگە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىمەن. چۈنكى، ئايال پادىشاھ ناھايىتى ئاقىل، خەلقئارا ئىشلاردا ئۆزگىچە قاراشلىرى بار.»
    لېكىن يەنە بىر نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەككى، خان جەمەتىنىڭ تەسىر كۈچى يەنىلا چەكلىك، ئەنگلىيەنىڭ دۆلەت ئوبرازى ۋە سىرتقا بولغان تەسىرى كۆپ مەنبەلىك، خان جەمەتى پەقەت بۇنىڭ بىر قىسمىلا خالاس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەل قىلغۇچ ئامىل ئەمەس.


    (تويغا ئائىت قونچاقلار)

    خۇد ۋىكىس ئەنگلىيەنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى ۋە تارىخشۇناسى.
    ئۇ ۋىليامنىڭ تويى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ۋىليامنڭ تويى ئەنگلىيە خان جەمەتى تۈزۈمىنىڭ داۋاملىشىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.»
    ۋىكىس مۇنداق دېدى: ئەنگلىيەنىڭ پادىشاھلىق تۈزۈمىدە ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان، روشەنكى، بىز بۇ ئىككى ياشنىڭ تويى قىلىشىغا موھتاج بولۇپ قالغان. ئۇلار ۋىندسور ئوردىسى ئۈچۈن ۋارىس قالدۇرۇشى مۇمكىن. ئۇلار بىر ئوغۇل بالىلىق بولسا، ئۇ كەلگۈسىدە پادىشاھ بولىدۇ. ئەگەر قىز بالىلىق بولسا، ئۇ ئايال پادىشاھ بولۇشى مۇمكىن. گەرچە بۇنى ھازىرچە جەزىملەشتۈرگىلى بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ خان جەمەتىنىڭ ۋارىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئىش، شۇڭا بۇ ۋىليامنىڭ تويىنىنىڭ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى شۇنچە تارتىشىدىكى مۇھىم بىر سەۋەب.
    ۋىكىس مۇنداق دېدى: كىشىلەر خان جەمەتى تۈزۈمىدىن پەخىرلىنىدۇ. بۇ ئاددىيلا سىياسىي سەۋەب ئەمەس، بۇنىڭ ئىچىدە بىر خىل ئالاھىدە ھېسسىيات بار. نۇرغۇن ئەنگلىيەلىكلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ۋىليام ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆسۈپ چوڭ بولدى. ئۇ تېخى بوۋاق ۋاقتىدىلا، دوختۇرخانىدىن ئېلىپ چىقىلغان كۈنىلا، نۇرغۇن كىشىلەر تېلېۋىزوردا ئۇنى كۆرگەن. ئارقىدىن، شاھزادە ۋىليامنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىنىڭ ھەممىسى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى، بۇنىڭ بىلەن كىشىلەردە ئۇنىڭغا بولغان يېقىنلىق ۋە ئېشىنىش ھېسسىياتى پەيدا بولدى.
    ۋىكىس مۇنداق دېدى: ھازىرقى جەمئىيەتتە، خان جەمەتىنىڭ ئوينايدىغان رولى ئۆزگىچە. خان جەمەتى تۈزۈمىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئەقىلگە مۇۋاپىق تەرىپى بار، سىز بىكاردىن-بىكار بۇنداق تۈزۈمنى كەشىپ قىلالمايسىز. ئەمما ئەنگلىيەدە بۇ خىل تۈزۈم بار، بىز بۇ تۈزۈمنى داۋاملاشتۇرماقچى.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مەنبە: «جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى»(2011-05-09)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: