版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/127033651.html

    باتۇر روزىنىڭ ئىسيانكار شېئىرلىرى


    باتۇر روزى غەزەللىرى


    (1)

    مېنى كولدۇرلىتىپ دەسلەپ ئۆزۈڭ شەيتانغا ساتقانسەن،
    شۇئان كۆكسۈمگە قىيماي ئوق قىلىپ ئىشقىڭنى ئاتقانسەن.
    «مېنى ئازدۇردى» دەپ ئاتسام ئەگەر شەيتانغا بىر پەشۋا،
    ماڭا قۇدرەتنى كەم قىلدىڭ، ھامان پەنجىمگە قاپقانسەن،
    «ئەجەپ ساتتى مېنى» دەپ گەر سېنى قىلماقچى مەن رەسۋا،
    سېنى تەڭرى ياراتتىم ھەم مېنى ئىنسان ياراتقانسەن.
    غۇرۇر تاغىدا سەن بىرلە تالاشسام گەر مەقامداشلىق،
    بۇ بىر ھېكمەت: مېنى باشتا بالا نەپسىمگە چاتقانسەن.
    «ئۆزۈم كىم» دەپ سۇئال قويسام، سۇئال ئەپ قاچتى بارىمنى،
    نىچۈن بەندەڭنى خار ئەيلەپ سۇئاللارغا بۇلاتقانسەن؟
    ئۆزۈم يىتكەن تۇرۇپ ئەمدى سېنى قانداق تاپاي تەڭرىم؟
    ئۆزۈڭنى بەندىسىز ئەيلەپ ئەنە شۇنداق يوقاتقانسەن.

    (2)

    ئانامدىن بىر تۇغۇلدۇم، تەڭرىدىن مىڭ رەت تۇغۇلماق بار،
    زاكامغا بىر بوغۇلدۇم، مىڭ سۇئاللارغا بوغۇلماق بار.
    ئۆزۈمنىڭ يوقلىقىن بار ئەيلەمەكتۇر بىر ئۆمۈر مەقسەت،
    ھاياتمەنكىم بۇ سەۋدادىن ماڭا قاي دەم قۇتۇلماق بار؟
    بۇ سەۋدادىن قۇتۇلسام ئۆزگە بىر سەۋدا مېنى تۇتقاي،
    مەسەل بار: «قاچسا يولۋاس بۆرىگە تەكرار تۇتۇلماق بار».
    ماڭا يول-يولدا قاپقان بار، ھامانە قاچقىنىم قاچقان،
    بۇ تاغدىن ئاتلىسام گەر ئۆزگە بىر تاغقا سوقۇلماق بار.
    ئۆزۈمنىڭ بارلىقىمنى ئېجاد ئەتسەممۇ توختاۋسىز،
    رەھىمسىز شۇ ئەجەلنىڭ قارچۇغاسىغا سوقۇلماق بار.

    (3)

    تۇغۇم بىرلە ئۆلۈم جۈپ ئوۋچى بىزنى خامتالاش ئەتكەي،
    تۇغۇم تۇرمۇشنى ئەيلەپ بىر قازان بىزلەرنى ئاش ئەتكەي.
    ئۆلۈم مىڭ قەبرىنى باشلاپ مېنى قورشايدۇ ھەرياندىن،
    تۇغۇم يەڭمەككە قورشاۋنى سېنى مىڭ پارچە تاش ئەتكەي.
    ئۆلۈم بولسا بۇلۇت، بىزدىن تۇغۇم دەرھال ياسار چاقماق،
    ئۆلۈم زۇلمەت بولۇپ كەلسە تۇغۇم بىزنى قۇياش ئەتكەي.
    ئۆلۈم تولدۇرسا نەپرەتكە كۆڭۈلنىڭ بەزمىگاھىنى،
    تۇغۇم ساھىپجامال يوقلاپ سۆيۈمگە ئايرىباش ئەتكەي.
    ئۆلۈم قۇتراپ ھاياتقا بىمەھەل سوزغاندا چاڭگالنى،
    تۇغۇم بىزگە ئىرادە بەخىش ئېتىپ ياۋنى ياۋاش ئەتكەي.
    ئۆلۈم-نەققاش، چىكەر نەقىشىنى گۈلبەرگى ماڭلايغا،
    تۇغۇم نەققاشقا بىر پەشۋا ئۇرۇپ كۆزلەرنى ياش ئەتكەي.
    ئۆلۈم رەڭۋاز سۈپەت نەيرەڭ بىلەن غەپلەتتە قالدۇرسا،
    تۇغۇم باشقا ئۇرۇپ تاك-تاك ئۆلۈم سېھرىنى پاش ئەتكەي.
    ھامان جۈپ ئوۋچىنىڭ جەڭگاھىدا ئوۋدەك بىرەرمىز جان،
    بۇ تەننى قەبرىلەر يۇتقاي، زېمىن بىزنى ھاپاش ئەتكەي.

    (4)

    ماڭا ئادەملىكىم لازىم ئەگەر شەيتان ياساپ قويساڭ،
    ماڭا تۇپراقلىق ئەۋزەلدۇر، مېنى ئاسمان ياساپ قويساڭ.
    مەقامىڭدىن كېچىپ بەرمەيلا قوي مىڭ-مىڭ خۇدالىقنى،
    ماڭا ئىنسانلىقىم شەربەت سۇنار، ئىنسان ياساپ قويساڭ.
    پەرىشتەڭ كەلسە تىغ تارتىپ سۈپەتنى ئايرىباشلاشقا،
    تاۋاپكارمەن ساڭا، پەيلىمدە بىر ئىسيان ياساپ قويساڭ،
    تېنىم ھەم بولمىسۇن ھېچ ئۆزگىلەر جانىغا غەمخانە،
    ئۆلەردە ئۇستىخانىمدىن ئاڭا قاپقان ياساپ قويساڭ،
    ماڭا مەن، ساڭا سەن تەڭرى، «ماڭا سەن»، «ساڭا مەن» يوق گەپ!
    ساراي بولساڭ بولىۋەرگىن، مېنى ۋەيران ياساپ قويساڭ.
    ئۆزۈمنىڭ ئىشقى بىر جەننەت، سېنىڭ جەننەتلىرىڭ يالغان،
    ئۆزۈمگە بىر ئۆزۈم دوزاخ، ماڭا ۋىجدان ياساپ قويساڭ.
    ياسالماي قوي، ئۆزۈڭدىن بىر ئۆزۈڭ باتۇر، يارالغانسەن،
    سېنى تەڭرى ياساپ سالماس، ئۇنى ئوبدان ياساپ قويساڭ.

    (5)

    تەڭرى بولساڭ سەن بولىۋەر، مەن يەنە شەيتان بولاي،
    ئۇرغىغان شەيتان تومۇرى ئىچرە تامچە قان بولاي.
    دەر ئىدىم ئەسلىدە ئادەملىك سۈپەت بولغاچ نېسىپ،
    تەڭرى ۋە شەيتان ئارا تارتىلغۇچى ئارقان بولاي.
    بەندىلىكنى تەڭرى مەجبۇرلاپ ماڭا قىلغان خاتا،
    بەندىلىك قىلماق بىلەن مەن قاي سۈپەت ئىنسان بولاي؟
    تەڭرىگە قۇل بولغۇچە ئول جەننەتۇلرىزۋان ئارا،
    تەڭرىگە شەيتان بولۇپ دوزاختا سەرگەردان بولاي.
    ئەي جامائەت، تائەبەد ھۆكمىڭگە قىلماسمەن ئەمەل،
    تەڭرىگە قۇل بۇلسا بارچە، مەن ئاڭا سۇلتان بولاي!

    (6)

    مېنىڭدىن بەزدى شەيتان، ياندۇرۇپ تەڭرىگە ساتقايمۇ؟
    ئوتى دوزاختىن ئۆرتەپ ياكى دۇنيادىن يوقاتقايمۇ؟
    سېتىلسام تەڭرىگە مىڭ يالۋۇرۇپ بولماقچىمەن ساقى،
    ئۇزاتسام گەر شارابتىن بىر قەدەھ، تەڭرىم ياراتقايمۇ؟
    مەگەر تەڭرىم شارابنىڭ كەيپىنى بىر رەت سۈرۈپ قالسا،
    يەنە مىڭ رەت سۈرەرگە ئەرشتە مەيخانە ياساتقايمۇ؟
    ئاياندۇر ھەممىگە: ياقماس شاراب يالغۇز ئىچەرمەنگە،
    مېنى ئۈلپەت كۆرۈپ  ئۆز يانىغا تەڭرىم يولاتقايمۇ؟
    شۇدەم بۇ تەڭرىنىڭ رەسۋالىغىن كۆرگەن مالائىكلار،
    ئىلاھ رەسىمىنى تەرك ئەيلەپ، بۈيۈك ئەركىنى تاپقايمۇ؟
    ۋەيا ئول تەڭرىنىڭ مەيخورلىقىغا مەھلىيا بولغاچ،
    بولۇپ مەيخانىگە جەم، تەڭرىگە ئىشقىن پۇراتقايمۇ؟
    كۆيۈك دەردىدە يىغلاپ گەر ئۇلار ياشىدا مەي سۇنسا،
    ئېرىپ تەڭرىم ئۇلارنىڭ رىشتىگە رىشتىنى چاتقايمۇ؟
    مەلائىك نازى تەڭرىم جىسمىدە قۇتراتسا شەھۋەتنى،
    ئېۋەنسىز تەڭرى ئاخىر بۇ گۇناھلار ئىچرە پاتقايمۇ؟
    پەرى، مەي، بەزمىدىن شىركەيپ بولۇپ غالجىرلىغان تەڭرىم،
    زېمىننى بىر تىپىپ داڭگال سىياقى دۇمۇلاتقايمۇ؟
    زېمىن بىر ئىزدىلا چۆرگىلەرۋەردىكى، تويدۇم جاق!
    شۇدەم مەستلىكتە تەڭرىم يەرنى تەتۈر پىرقىراتقايمۇ؟
    يېڭى توپان بىلەن ياكى جىمى بارلىقنى غەرق ئەيلەپ،
    بۈيۈك شەھۋەت بىلەن يەرگە يېڭى ئىنسان تاراتقايمۇ؟

    (7)

    ئىلاھ رەسىمىگە تولغاپ بوينىنى بەزگەچ ئىتائەتتىن،
    ئاتام ئادەم، ھاۋا ھەم بىر زامان قوغلاندى جەننەتتىن.
    ئولارنىڭ روھىدا ئەرك تۇيغۇسى تۇغيان ياساپ دەھشەت،
    بىزار قىلدى مىزانلار قورشىغان جەننەتچە راھەتتىن.
    ئىلاھ رەسىمى بىلەن بولمىش مەئىشەتلەر بېرەلمەي زوق،
    جۇدا قىلدى پەرىلەر نازىدىن-سېھرى نازاكەتتىن.
    پايانسىز بۇ زېمىن ئاخىر ئاڭا بەخىش ئەتتى ئەركىنلىك،
    ساناقسىز كەشپىيات روي بەردىلەر سۈرگۈن ۋە ئاپەتتىن.
    ئۇلار ئەرك ئىچرە ئادەمدەك سۆيۈشتى بۇ زېمىن ئۆزرە،
    تارالدى يەرگە ئىنسانلار مۇقەددەس ئول مۇھەببەتتىن.
    ئېرۇر ئادەمگە خاس تەرك ئەيلىمەك، بۇزماق، ئىجاد ئەتمەك،
    جاھان ئاپەتكە يۈزلەنگەي مالايلارچە قىياپەتتىن،
    ئۆزۈڭنىڭ بارلىقتىن-ئادەملىكىن قىلغىن ئىجاد باتۇر،
    ئۈمىد كۈتمە ئىلاھ بەرمىش نىسى سانسىز شاپائەتتىن.

    (8)

    ماڭا تەستۇر ئاۋازىمنى خالايىقلارغا ئاڭلاتماق،
    ئەمەس مۈمكىن ئۇلارنىڭ دىل راۋابىنى جاراتلاتماق.
    ئۆزۈمنىڭ ناتىۋان كۆڭلۈمنى بەزلەش مۇددىئايىمدۇر،
    ئەمەستۇر مەقسىتىم ئەشئارلىرىمنى ئەلگە داڭلاتماق.
    بۇ نەزمەم ئەركە، ئەلنىڭ ئىشتىھاسىنى پىسەنت ئەتمەس،
    ئەمەس بۇرچى كىتابخان جەلىب ئىتەرگە قول پۇلاتلاتماق.
    مېنىڭ خاس ئالىمىم تەسۋىرگە يەتمەس، تېخى نەزمەممۇ،
    نۇمۇستۇر ئۆزگىلەرنىڭ بەزمىگە ھەم داپ داراتلاتماق.
    مېنىڭ خاس ئاسمىنىمدا ئۇچقۇچى ئازادە بىر قۇش ئۇ،
    ئېرۇر قەستى سامايىمدىن غەلەت قۇشىنى شالاڭلاتماق.
    ئۇ بىر تال، يۈرەكنىڭ قات-قېتىدا يىلتىزى قالغان،
    ئېرۇر ئەجىرىمگە شەرتىم: ئۇنى ھويلامدا باراڭلاتماق.
    ئۆزۈڭنىڭ باغرىنى تۆكمەككە بولسۇن خەزىنە بۇ ئەشئار،
    ئەمەس خوپ ئۆزگىلەر شاخى بىلەن شاخىڭنى چاڭلاتماق.

    (9)

    ماڭا گۈل سۈرىتىڭ ئالدىدا لال بولماق ئېرۇر پەرز،
    ئوتۇڭدا ئۆرتىنىپ قىلدەك ئۇۋال بولماق ئېرۇر پەرز.
    ساڭا پەرزمىكىن ئالەم ئارا سالماق تۈمەن غوۋغا،
    ماڭا ئەسلەپ سېنى ھەردەم خىيال بولماق ئېرۇر پەرز.
    مەگەر گۈللەر ئارا مۈكسەڭ مېنى قىلماققا سەرگەردان،
    سېنى سۆيمەكنى قەسىت ئەيلەپ شامال بولماق ئېرۇر پەرز.
    ئەزىم دەريا بولۇپ ئاقساڭ ئەجەب ئەركە، ئەجەب ئويناق،
    شۇ كۆكسۈڭ دولقۇنى ئۈستىدە سال بولماق ئېرۇر پەرز.
    مەگەر ئاسماندا بولساڭ دىلبىرىم، باغرىڭنى قۇچماققا
    سامانى چىرمىغان بەلباغچە ئال بولماق ئېرۇر پەرز.
    بۇ دۇنيادا ساڭا باتۇر بۇنىڭدىن ئۆزگە پەرز يوق،
    ئاداققى بەندەئى ساھىپجامال بولماق ئېرۇر پەرز.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    «تارىم» ژورنىلىنىڭ 1990-يىللىق 11-سانىدىن ئېلىندى
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    <ئەلكۈيى مۇنبىرى>گە يوللىغۇچى: tashadem
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    باتۇر روزىنىڭ گۇڭگا شېئىرلىرىدىن


    خائىن

    چۈشۈمدە،
    ئەزرائىلنىڭ سوتىدا،
    ئۆلمىگەننىڭ جازاسى ئۈچۈن،
    قەبىرىلەرنى گوللىغان قۇياش.

    ئەرۋاھىمنى ئايلانسۇن  دۇنيا!
    كېچىلەرنى يۈدۈپ،
                             ھالسىراپ،
    ئېزىققانچە ئادەمدەك گويا،
    تېپىۋالسۇن دەرۋىش قەبرىنى-
    ھالاكەتنىڭ ئوربىتىسىدا،
    ئۆلۈكىگە دۇنيانىڭ-
    كۆيگەن ئىمىش مىڭ-مىليون يىللاپ!
    شۇ چاغ
    ھۇجرىسىدا ئارمانلىرىمنىڭ
    داڭ ئۇرارمۇ نۆلگە سائىتىم؟
    كىم بولساڭ بول ئەي يېڭى خۇدا،
    خائىنمەن، خائىن
    مىڭ تىرىلسەم مىڭ ئۆمۈر ساڭا!
    ★★★


    ئىسلاھاتچى AQ

    AQ
    تەڭرى كوچىسىدا
    شېئىرىم بىلەن قاپتۇ ئۇچرىشىپ،
    بولماق ئۈچۈن پەيغەمبەر
    ئىزدەر ئىمىش سەرسان خۇدانى
    مېىقىدا كۈلگەنچە شېئىرىم.
    كاچاتلاپ قويۇپ،
    كۆيۈپ قالغان پەرىشتىنى،
    جىنايەتنى يۈدكەنچە،
    بولغانمىش جەننەتكە راۋان
    ئىزدەپ شەيتاننى
    بولماققا ئادەم...

    شەيتان
    AQ نى يۈرەرمىش قوغلاپ،
    خۇدا
    ئايۋىنىدا قارچۇقلىرىمنىڭ
    چۈشىمەكتە شېئىرلىرىمنى...
    ★★★


    ئۇپۇقتىكى تەقدىرداش قۇشلار

    ھەممە نەرسە «مەن»دىن باشلانغان...
    كىچىكلەپ ئۇپۇق،
    سىرتماق بولدى بوينۇمغا شۇئان.
    ئۇچۇپ كەلدىم قۇشقا ئايلىنىپ،
    قوندىقىغا يېڭى ئۇپۇقنىڭ.
    سەنمۇ كەلدىڭ،
    قانات ياساپ غەيرى دۇنيادىن...
    ھەممە نەرسە «مەن»دىن باشلانغان...

    چۈشلىرىمنىڭ ئايۋانلىرىدا،
    جەننەت بىلەن مۇھەببەتلىشىپ،
    تانسا ئويناپ تەڭرى ئالدىدا،
    مۇنار بولۇپ قايتتىم ئاخىرى.

    ئېسىلدىم
    ئەگىم ئاينىڭ دارىغا،
    ئۇچۇپ كەلدىم قۇشقا ئايلىنىپ،
    سەن كەلدىڭ،
    مىڭ يىللىق كىرېسىتتىن مىخ پىتى ئاجراپ؛
    كىرېسىتسىمان قۇش بولۇپ...

    قوندىقىدا يېڭى ئۇپۇقنىڭ،
    تۇتاشتى قىتئەلەر،
    چېگرالارنى ئاتتۇق ئەجەلگە!

    ھەممە نەرسە «مەن»دىن باشلانغان...
    كۆمۈلەر ئالەم،
    «مەن»دىن پۈتكەن كاتتا قەبرىگە!
    ★★★


    ئالەمنىڭ تارتىش كۈچى

    (1)

    يەر ئېسىلىپتۇ پاشنامغا،
    چۈشلىرىم،
    يۇلتۇزلارنىڭ قۇيرۇقلىرىغا،
    زېمىن- سوتچى،
    كېچە- بىر جاللات،
    قېلىچى- چاقماق.
    قان ساقىتار يارىدار يۇلتۇز...
    ئېغىزلانغان يارام شەلۋەرەپ،
    ياپىدۇ كېپەن،
    شېھىت بولغان چۈشۈمگە،
    يەر ئەۋەتكەن تەلۋە شاماللار،
    ئىسقىرتىشار تويى بولغاندەك!

    (2)

    يېڭى بىر ئالەمگە ھامىلدار يۈرەك،
    قوروق تامنىڭ كەينىدە،
    پىچىرلىشار سۆيگىنى بىلەن.
    تىكىۋەتتى شاماللار،
    كۆتۈرەلمەي شەلپەر دولقۇننى،
    ئېغىر-ئېغىر ھالسىراپ!

    (3)

    ئالەم ئارا،
    سوزۇلغان بىر قول،
    ھەممىنى ھاپ ئىتەر،
                ھەممىنى
    ئەڭ غالىب دۈشمىنىم بىر ئۆلۈم!

    (4)

    بولسا ئېدى مەشۇقىڭ
    كۆيۈپ قالغان ئۆلۈكۈم ئۆلۈم،
    ئۈگەنگەنمىش سېنىڭدىن تىرىلدۈرۈشنى،
    خۇدا...

    (5)

    يېلىنمايمەن ساڭىمۇ ئەبەد،
    ئۆلۈشكىمۇ قادىرمەن،
    تىرىلىشكىمۇ...

    (6)

    ئالەم ئارا سوزۇلغان بىر قول،
    سوزۇلالماس ئۆلۈمگە ئەمما.
    ئادەم ئارا سوزۇلغان بىر قول،
    ئۇ ئۆلۈمگە تېخى مۇئەمما...

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    «تارىم»ژورنىلىنىڭ 1989-يىللىق 6-سانىدىن ئېلىندى.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    قىممەت قانۇنى

    (1)

    بەزەن
    قەغەزگە دىۋەيلەپ
    چاچراپ چىقار بارماقلىرىمدىن
    ھايۋاندەك ھۆركىرەپ شېئىرلار...

    (2)

    يۈرىكىمنىڭ سوقۇشلىرىدىن
    ياسىۋاپتۇ قۇياشمۇ ساقال!

    (3)

    قادىر خۇدا
    كېچىلەرنى توشۇپ دەممۇ دەم،
    ئۇۋار ياسار كىرپىكلىرىمدە...
    كۆزلىرىمدە يۇيۇنسا ئەگەر،
    تەشۋىشىمنى ئەۋەتىپ ياياق
    قويارمىشمەن ئۇنى ئەدەبلەپ...

    (4)

    ئۇيقۇ
    نەغمىسىنى سالسا بازارغا،
    گاداي قەبرىلەر
    يىغىلارمىش تەرەپ-تەرەپتىن؛
    تىلىسە يارماق،
           يانچۇقلىرىدىن
    تۆكەر ئىمىش ئەرۋاھلىرىمنى...
    ★★★


    مۇھەببەت

    ئىلگىرى سەن بىلەن
    قوناقلىقتا تېپىشقان ئىدۇق.
    يۈتكەن خاتىرەم
    كىتىپ قاپتۇ سېنى ئوغۇرلاپ...

    كىردىڭ يەنە يېڭى ئويۇمغا
    ئىشىك ئېچىپ يېڭى كۆزلەرگە...
    سانىيالماي قىزاردى رەقەم
    كۈن نۇرىدەك ئۇزىراپمۇ ھەم-
    خوشلاشقاندا ئاناڭ سەن بىلەن
    كىم- كىملەرنى قىلغانتى مىراس؟

    بار ۋەجىڭنى يىغىپ كەلسەڭمۇ
    بەلكى يەنە پېتىپ قالارسەن
    ئىشىكىمنىڭ يوچۇقلىرىغا...
    خويمۇ بەزدىم نامراتلىقىڭدىن،
    ئەمدى كەلسەڭ وۈتۈن بولۇپ كەل،
    دەرۋازامنى غىچىرلىتىپ كەل!
    ★★★


    سالام خەت

    سالام، دىلبەر!
    سالامەتمۇ سەن؟
    مەن كەتتىم شەيتانغا بولۇپ سەپەرداش
    سەن قالدىڭ ئۆتمۈشكە لەۋ سوزۇپ...

    يۈرىمەن ھاياتنى قولتۇقلاپ
    ئۇسسۇل ئويناپ دوقمۇش-دوقمۇشتا،
    ئۆلۈم بىلەن قىلىشىپ چاقچاق
    شۇنداق قوپال
                      شۇنداق ياۋايى...
    چىللاپ تۇرار ئۆيىگە پات-پات
    كايىپ تېخى قەدىناس ئۆتمۈش،
    قەبىرىلەردىن چۆچۈرە تۈگۈپ...
    خۇمرىلاردىن مارىلايدۇ ئۇندا
    نازلانغانچە شاللاق كېلەچەك
    ئوينايمىز مىڭ مەرتە مۈكۈشمەك...
    بىلىۋالغىن!
    ئادىرېسىم مانا:
    ئۆتمۈشنىڭ ئالدىدا-
    كېلەچەكنىڭ بوغۇسىدا-
    ئۆلۈم بىلەن ھاياتنىڭ چېگرىسىدا دەل!
    ★★★


    ئاتامغا مەرسىيە

    سۆڭىكىڭنىڭ كاۋاكلىرىدا
    ئۇۋا ياساپ مۈگىدەيدۇ چاشقان،
    كېپىنىڭنىڭ تۆشۈكلىرىدە
    ئۆتۈشمەك ئوينايدۇ چۈشلىرى...
    ئالجىغان شامال
    ئۈمىدلىرىڭ كۈيىگە مىنىپ،
    ئۆلمىگۈر چاشقاننىڭ چۈشىنى سۆرەپ،
    كۈلكە ياساپ رىۋايەتتىكى-
    قىلىچلارنىڭ سۇنۇقلىرىدىن،
    يۈگرىگەنچە ئاۋارە شۇئان.
    ئەرۋاھىڭنى قوغلاپ يىتەلمەي-
    قەبرەڭنىغۇ كۆتۈردى تۇپراق،
    كۆتۈرەلمەس ئەمما ئەبەدى
    مەسىت ئوغلۇڭنىڭ كۈلۈشلىرىنى...
    ★★★


    شېھىت بولغان قەبرىسىز شېئىر

    شېئىرلىرىم
    قىڭغىر چىشلەپ تاماكىسىنى
    ئايپالتىنى ئويناتقان پېتى
    چىقىپ كېتەر ئىسقىرتقىنىچە
    جىنايىتىنى ئىزدەپ كوچىغا...

    جىنايەتقۇ يىتىپتۇ ئەنە
    ئۆلۈكىنى ئۇپۇققا تارتىپ؛
    شېئىرلىرىم يوقالدى ئىزسىز
    كۆرسەتمەستىن ئۆلۈكىنىمۇ...

    ئەي نامەرت زېمىن
    مەيلىغۇ
    جىنايەتتىن ئايىغىن يەرلىك،
    ئايىغىنىڭ نېمىسى ئۇنى
    جىنايەتنى جانغا تېگىشكەن
    شۇ تەلەيسىز شېئىرلىرىمدىن؟
    ★★★


    دىۋانە

    جەننەتتىن غولىغان نەپرەتلىك ئادەم،
    ئۈزۈلمەيدۇ قەبرەڭدىن غەۋغا...

    خۇمار قىلار مېنىمۇ پات-پات
    ئېبلىسنىڭ ياۋايى چاقچىقى

    جەننىتىڭنى ئۇتتۇرۇپ قويۇپ
    چاپىنىمنى سورامسەن تېخى؟
    ★★★


    مۇنداق جۆيلەر مۇقەددەس لىروس

    (1)

    بىر مەندىن تۆرەلگەن خۇدالار-
    ئۆلگەن
    ئۇماي
    ۋىناس ۋە ھاۋا.

    (2)

    ھالسىزلاندى ئالدىمدا
    تاش-توقماقتىن ئاتومغىچە تا،
    ئاۋازىمدىن توزۇپ چىگرىلار،
    قۇدرىتىمدىن بار بولدى دۇنيا!

    (3)

    ئېبلىسنىمۇ گوللىدىم تالاي
    ئەجەلدىنمۇ غالىبمەن ھەتتا.

    (4)

    يەرنى يالماپ قۇترىسا دەججال
    ئىسراپىلدىن بىرىمەن سادا.

    (5)

    يولۇم-
    يۈرەكتىن يۈرەككە سوزۇلغان...
    ئۇزۇنلۇغۇم مىڭ ئېرا...
    ★★★
    ①لىروس- شېئىرىيەت ئىلاھى
    ★★★


    ئەرۋاھىمغا خىتاب

    كەڭ ئاسماندىن ياسالغان ئېغىز
    ئادەملەرنى چىش قىلىپ سەپ-سەپ،
    يەرنى چاينار پۇرچاقتەك ھامان،
    روھىم بوۋاق،
    مەن ئاڭا قورچاق
    ئۇ ئوينىتار مېنى ھەر زامان،
    ئەرۋاھلىرىم مىڭ مەرتە ئويغان!
    چىللار سېنى قەدەم تۈۋىدە
    كائىناتنى ئويناتقان ئىنسان!
    ★★★


    تىلەنگەن بىر يۈز...

    بىر جۈپ قانات سىلكىنەر تىنماي
    ھەر قاناتتىن پايلار بىر قۇياش؛
    تال-تال قېلىچ چىتلايدۇ ئۇنى
    دىل ياغدۇرار قېلىچلاردىن تاش

    يۇمۇلىدۇ تاشلاردىن يەرلىك
    سەن قەبرىدە تىترەيسەن پېنھان؛
    جەننەت كۆكتىن بىرسېنى تىلەپ
    دىۋانىدەك قول سوزار شۇئان...
    ★★★


    بىر دەرەخكە تېز سىزما

    شاخلىرىڭدا سەيلىدە ھايات،
    رەڭۋاز دېڭىز بەرگەنمىكىن ھەل؟
    بىلەرمۇ ئۇ بولغاننى بىر چاغ
    كرېستسىمان پۇت-قولۇم بەدەل؟
    مەيلى ئېدى ئېگىلسەڭمۇ گەر
    ئېتىۋىلىپ خۇداغا بىر مۇش،
    يىراقتىكى سايەڭدە ئەنە
    جېلىچ تەڭلەر گىدەيگەن قۇمۇش!
    ئۇسۇلچىدەك قىيپاش قەددىڭنى
    تاپىنىڭدىن مارايدۇ يىلتىز؛
    كۆچمەن ئاپتاپ ھىجىيىپ كېلىپ
    گاللىرىڭغا سانجىيدۇ بېگىز!
    كۆكتە قۇياش جاللات كۆزىدەك،
    ئوق ئۈزىدۇ قاراشلىرىڭدىن،
    تۇرار ئەنە چەكچىيىپ ئەجەل
    يىلتىزلىرىڭ ئاراشلىرىدىن...
    ★★★


    تەڭرىگە ئېلتىجا

    مىليون يىل توۋلىدى يەر سېنى؛
    تۇغۇلىسەن كىمدىن ئەي خۇدا؟
    قانداق ئانىدىن
    قايسى ئۆيدە
                  قايسى كۆرپىدە؟
    تەۋرىنىسەن قايسى بۆشۈكتە؟
    سۈت ئېمىسەن كىمنىڭ كۆكسىدىن؟
    زاكاڭ نېمە؟
                  ئويۇنچىقىڭچۇ؟
    «ئويۇنچۇقۇم يەر» دېدىڭ ھامان،
    كەڭ ئۇپۇقنىڭ روجەكلىرىدىن
    قاراپ كەتتۇق يولۇڭغا پات-پات؛
    تەلمۈرۈشلەر ياسىدى بىزدىن
    يېرىم ئىلاھ
             يېرىم كائىنات؛
    «قۇرئان»بەردى شۇنداق تەلىمات:
    ئۇيناتقانغا كۈلگەن بۇ ھايات!

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    «تارىم» ژورنىلىنىڭ 1990-يىللىق 3-سانىدىن ئېلىندى
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    <ئەلكۈيى مۇنبىرى>گە يوللىغۇچى: tashadem
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    ساۋاقداشلار خاتىرىسىگە يېزىلغان شېئىر

    ئايرىلدۇق، مارايدۇ چاناقلاردىن ياش.
    ئاھ قىسمەت!
    دىللارغا چاڭ سالغان ھىجران!
    تەقدىرنىڭ پەيلىگە مۇمكىنمۇ چىداش.
    تەن ئىچرە ياپراقتەك تىترەپ تۇرسا جان؟
    بىز ئىدۇق بىر ئاۋاز ئۇلۇغ ۋە راۋان.
    قالدۇققۇ دۇدۇقلاپ.....قىسمەت بىر كېكەچ!
    ئۆتكۈزگەن يىللارنى تەپچىپ تاي كەبى،
    كەلمىشنى يايلاقتەك بىپايان بىلگەچ،
    ھوزۇرلۇق بىر چۈشنى ئويغاندۇق ئەسنەب،
    دەشنام يەپ تىنچىدى قالتىس بىر چاقچاق.
    ياڭراق بىر ناخشىدۇق، ئۈزۇلدۇق ھەجەپ،
    قىسمەت بىر يەلپۈگۈچ،
                            ئۆچتى بىر چىراق.
    كۆڭۈللەر قونالغۇ،
                       خىيال بىر كارۋان،
    ھەردەم شۇ ناخشىنى چۈشەيدۇ يۈرەك.
    ئەي خىيال بىزلەرنى ئۇچراشتۇر ھامان،
    ئاھ، بىزلەرگە نىمە بار خىيالدىن بىلەك؟!
    سەن ئەشۇ ناخشىنى داۋام ئەت پىنھان،
    كۆڭۈللەر ئارىلاپ، 
                    چىداي ئارىلاپ......
    غول كۆچمەن يۇلتۇزدەك ئەشۇ بىر ناخشا،
    پايانسىز كەڭلىككە بارسۇنچۇ تاراپ!

               -باتۇر رۇزى.

    «ساۋاقداشلار خاتىرىسىدىن»
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    بۇ شېئىر ساۋاقدىشىم مەرھۇم باتۇر روزىنىڭ 1987-يىلى ساۋاقداشلار خاتىرىسىگە يازغان شېئىرى بولۇپ، بۇ بىز  شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى ئەدەبىيات 82-يىللىق
    2-سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يۈرەك سۆزى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.
    شېئىردىكى تىنىش بەلگىلىرى مەرھۇمنىڭ بولۇپ، مەرھۇمغا ھۆرمەت قىلىندى!
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    <ئەلكۈيى مۇنبىرى>گە يوللىغۇچى: karabeg
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://bbs.alkuyi.com/read.php?tid=9927
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭



    كەتمەنباينىڭ تەسىراتى:
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    ئۆلۈم-ھەقىقەتتۇر، ئۆلۈم-ئىبرەتتۇر.
    ئۆلۈمنى ئۆلۈم ئالدىمىزغا كەلمەستىن بۇرۇن ئويلىشىمىز كىرەككەن.
    تالانت تۇلپارىنى توغرا يولدا ۋە توغرا مەيداندا چاپتۇرغانلار نىمە دىگەن سۆيۈملۈك! نىمە دىگەن قەدىرلىك-ھە!
    جاھاننىڭ ئىگىسى بار!
    زاماننىڭ ئىگىسى بار!
    ئىنساننىڭ ئىگىسى بار!
    ھەممىمىز ئىگىمىزگە ھىساپ بەرگۈچىلەرمىز!
    ئى ئاللاھ گۈناھلىرىمىزنى ئەپۇ قىلغايسەن!
    بىز شائىرلار كۆپ ھاللاردا گۇمراھلىق ۋادىسىدا تىڭىرقاپ قالىمىز، گۇمراھلىق يولىدا ئېزىپ قالىمىز؟
    بىز شائىرلارنى شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشىدىن ساقلىغايسەن! بىزنى گۇمراھلاردىن قىلمىغايسەن!

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: