版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/126473678.html

    «دۇنيانىڭ مۇقىملىقى قۇدرەتلىك ئامېرىكىغا موھتاج»

    لى گۇاڭياۋ: «دۇنيانىڭ مۇقىملىقى قۇدرەتلىك ئامېرىكىغا موھتاج»
    سېنگاپورنىڭ سابىق باش مىنىستىرى لى گۇاڭياۋ(Lee Kuan Yew)نىڭ دېيىشىچە، ئامېرىكا رىقابەت كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ مالىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى كېرەك ئىكەن. لى گۇاڭياۋنىڭ بىشارەت بېرىشىچە، پىرىزدېنت ئوباما ئەگەر جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى بىلەن ھەمكارلىشىش ئامالىنى روياپقا چىقارسا ھەمدە «بۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلسا»، ئۆزىنىڭ ۋەزىپىگە قايتا ئولتۇرۇش پۇرسىتىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادىكى ئورنىنى ئۆستۈرىدىكەن.
    سېنگاپورنىڭ سابىق باش مىنىستىرى لى گۇاڭياۋ ھازىرقى زامان سېنگاپورنىڭ دۆلەت ئاتىسى بولۇپ، بۇ يىل 87 ياشقا كىرگەن لى گۇاڭياۋ «ۋال كوچىسى گېزىتى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. زىيارەت مەزگىلىدە ئۇ يەنە سېنگاپورنىڭ پىلان بويىچە بۇ ئايدا سايلام ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى دېدى، ئۇ ئۆكتىچىلەر رەھبىرىنىڭ پارلامېنتتا بەلگىلىك ئورۇنغا ئېرىشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى. تەھلىلچى زاتلار بۇ قېتىمقى سايلامنىڭ سېنگاپور تارىخىدىكى رىقابەت ئەڭ كەسكىن بولغان سايلامنىڭ بىرى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىكەن.
    سېنگاپور ئاسىيادىكى مۇھىم پۇل-مۇئامىلە مەركەزلىرىنىڭ بىرى، ئامېرىكىنىڭ ئىزچىل مۇھىم ئىتتىپاقدىشى بولۇپ كەلدى، ئەمما بۇ باي شەھەر دۆلىتى نۇرغۇن ئەجىر قىلىپ، جۇڭگو قاتارلىق ئاسىيادىكى چوڭ دۆلەتلەر بىلەن ئىناق ئۆتتى، بولۇپمۇ بۇ دۆلەتلەر بىلەن سودىسى ئۈزلۈكسىز ئاشقاندا شۇنداق بولدى.
    لى گۇاڭياۋنىڭ دېيىشىچە، ئامېرىكىنىڭ گەۋدىلىك چوڭ دۆلەتلىك ئورنىنى ساقلاپ، يېقىنقى ئىقتىسادىي قىينچىلىقتىن پۈتۈنلەي قۇتۇلۇپ چىقىشى دۇنيانىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئىكەن، چۈنكى شۇنداق بولغاندا ئامېرىكا پۈتكۈل دۇنيانىڭ كۈچلەر تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاشقا ياردەم قىلالايدىكەن.

    ئۇ ئامېرىكىنىڭ يەر شارىدىكى ئورنىنىڭ تۆۋەنلىشىگە، بولۇپمۇ سىياسىي ۋە پۇل-مۇئامىلە جەھەتتە ئورنىنىڭ تۆۋەنلەش مۇمكىنچىلىكىدىن ئەندىشە قىلغان، چۈنكى ئۇ: «ئامېرىكىنىڭ خەلقئارالىق تەسىر كۈچى ئاسىيا ئىقتىسادىنىڭ تېزلىكتە قەد كۆتۈرىشىنىڭ ئۇل تېشى» دەپ قارايدۇ.
    گەرچە لى گۇاڭياۋنىڭ تېنى سەل ئاجىز بولسىمۇ، ئەمما سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە جانلىنىپ كېتەتتى.       
    ئۇ: «دۇنيانىڭ تەرەققىياتقا ئېرىشىش سەۋەبى ئامېرىكا قۇرغان مۇقىملىق، ئەگەر بۇ خىل مۇقىملىق تەۋرەپ قالسا، بىز ئوخشىمىغان ۋەزىيەتتە تۇرىمىز» دېدى.
    لى گۇاڭياۋنىڭ قارىشىچە «جۇڭگو پەيدىنپەي خىرىس پەيدا قىلىدۇ»غان بولۇپ، ئەمما جۇڭگو-ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئېغىر توقۇنۇش يۈز بېرىشىگە ئىشەنمەيدىكەن. ئۇ جۇڭگونىڭ ئامېرىكا بازىرى، ئامېرىكىنىڭ مەبلىغى ۋە تېخنىكىسىغا ئېھتىياجلىق بولىدىغانلىقىنى، بېكىتىلگەن پىلانىنى قالايمىقان قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتتى؛ گەرچە كەسكىن رىقابەت بولسىمۇ، ئەمما مەن توقۇنۇش بولىدۇ دەپ قارىمايمەن دېدى.
    دۇنيا باشقا خەۋپ-خەتەرلەرگە دۇچ كەلدى، مەسىلەن تەبىئىي ئاپەت ياپونىيەنى ئاجىزلاتتى، ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى مالىمانچىلىقتا قالدى. ئوتتۇرا شەرقتە، ئامېرىكا ئارمىيىسى ئېھتىمال لىۋىيە كىرزىسى قاتارلىق توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىشتا ھەل قىلغۇچ رولىنى جارى قىلدۇرالايدىغان بىردىنبىر قوشۇن بولىشى مۇمكىن. لى گۇاڭياۋ فرانسىيە بىرىنچى بولۇپ چىققان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ھەربىي ۋاستە ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشقا كېرەكلىك قورال-ياراغ ھازىرلىمىغانلىقىنى دېدى.
    گەرچە سېنگاپور غايەت زور مۇۋاپپىقىيەتكە ئېرىشىپ، ئاشكارا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھۆكۈمەت شەرىپىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، كۆپ يىللاردىن بېرى، لى گۇاڭياۋنىڭ يۇقىرىدىن تۆۋەنگە بولغان باشقۇرۇش ئىستىلى ئىنسانىي ھوقۇق تەشكىلاتى ۋە ئاممىۋى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ تەنقىدىگە دۇچار بولدى، تەنقىدلىگۈچىلەر: «بۇ خىل باشقۇرۇش ئىستىلى ئاخبارات ئەركىنلىكىنى چەكلەپ، ئوخشىمىغان قاراشتىكىلەرنى باستى» دېدى. بۇلتۇر، ۋاشىنگىتون ئىنسانىي ھوقۇق قوغداش تەشكىلاتى ئەركىنلىكچىلەر يەر شارىدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكى تىزىملىكىدە، سېنگاپورنى 151-ئورۇنغا تىزدى، لىۋىيە ۋە ئىراقتىن كېيىن تۇردى.

    لى گۇاڭياۋ تەنقىدىي پىكىرلەرگە رەددىيە بەردى، ئۇ سېنگاپور مۇقىمسىز رايوندا قەد كۆتۈرۈپ ئىقتىسادىي كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلانغانلىقىنى، غەربچە دېموكراتىيەنىڭ بارلىق دۆلەتلەرگە ماس كېلىشىنىڭ ناتايىن ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. ئۇ ھەمىشە «ئاخبارات ئەركىنلىكى بەزىدە دۆلەت قۇرۇلىشىنىڭ ئېھتىياجىغا بوي سۇنىشى كېرەك» دەيدۇ.
    لى گۇڭياۋ زىيارەتتە جۇڭگو ۋە ھىندىستاننىڭ ئىقتىسادىي ئېشىشىنىڭ مەزكۇر رايوندىكى ھەر قايسى ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنى جانلاندۇرغانلىقىنى، سېنگاپورنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ياردىمى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ: «بىز ئىككى چوڭ دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تۆت كوچا ئېغىدا تۇرۇۋاتىمىز، سېنگاپوردىن ئۆتكەندىلا ئاندىن ھىندى ئوكيادىن تىنچ ئوكيانغا كىرگىلى بولىدۇ» دېدى.
    لى گۇاڭياۋ ئامېرىكا ھەققىدە، يىراقتىن قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ يەنىلا كۈچلۈك دۆلەت بولىدىغانلىقىنى، بىراق مالىيە قىزىل رەقىمى، قەرز، يۇقىرى ئىشسىزلىق قاتارلىق ئېغىر مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى، بۇ مەسىلىلەرنىڭ ئاللىقاچان نەچچە ھۆكۈمەت داۋاملاشقانلىقىنى دېدى. ئۇ: «مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە ئەگەر پىرىزدېنت سايلام ئاممىسىنى جاپادا قويسا، قايتا سايلىنالمايدۇ» دېدى. شۇڭا پىرىزدېنتلار قارشى ئېلىنمىغان سىياسەتلەرنى ھەمىشە ئارقىغا سوزۇش، كېچىكتۈرۈش ئارقىلىق سايلامدا غەلبە قىلىدۇ. مۇنداق بولغاندا، مەسىلىلەر كېيىنكى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتكە قېلىپ داۋاملىشىۋېرىدۇ.
    ئۇ يەنە پىرىزدېنت ئوبامانىڭ ئۆزىنىڭ موشۇنداق مەسئولىيىتى بارلىقىنى بىلىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇنىڭ چوقۇم جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى بىلەن بىرلىشىشنى ئېيتتى.
    لى گۇڭياۋنىڭ قارشىچە، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ئارىسىدا ئېغىر توقۇنۇش خەۋپى يۈز بەرمەيدىكەن. ئۇ جۇڭگونىڭ كېيىنكى 10 يىل، 20 يىل، 30 يىل ئىچىدە ئامېرىكا بىلەن مۇقىم مۇناسىۋىتىنى ساقلايدىغانلىقىنى، ئامېرىكىغا ئېكىسپورتىنى كۈچەيتىپ، ئامېرىكا تېخنىكىسىنى ئىمپورت قىلىدىغانلىقىنى، ئامېرىكا مەبلىغىنى جەلپ قىلىپ، ئامېرىكىغا ئوقۇغۇچى ئەۋەتىدىغانلىقىنى، بۇلارنىڭ جۇڭگونىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا كۆپلەپ ئوقۇغۇچى ئەۋەتىشنى باشلىغانلىقىنى، بۇ ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونى چۈشۈنىشىگە ياردىمى بولىدىغانلىقىنى دېدى.
    ئۇ يەنە گەرچە جۇڭگو ۋە ھىندىستاننىڭ ئىقتىسادى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئامېرىكىنىڭ كۆپ مەدەنىيەتلىك جەمئىيىتى ۋە ئېنگىلىز تىلى قاتارلىق چەتئەل ئىختىساسلىق خادىملىرىنى ئاسان جەلىپ قىلىدىغان ئالاھىدىلىكىنى نەزەردە تۇتقاندا، ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئزىچىل ئۈستۈنلۈكنى ئىگەلەيدىغانلىقىنى، غەربنىڭ جۇڭگو ۋە ھىندىستاندىن ئەندىشە قىلىشىنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنى ئېيتتى.

    (مەنبە: «ۋال كوچىسى گېزىتى تورى»)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    لى گۇاڭياۋ: سېنگاپورنىڭ سابىق باش مىنىستىرى
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://news.okyan.com/View.aspx?ID=2083
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

    «جۇڭگو خەن سۇلالىسى دەۋدىكىچىلىكمۇ ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيدۇ»

    سۇمرۇغ تورى خەۋىرى:
    لى گۇاڭياۋ: «گەرچە جۇڭگونىڭ GDP سى ئامېرىكىدىن ئېشىپ كەتكەن تەغدىردىمۇ خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكىمۇ ئامالسىز»
    لى گۇاڭياۋ (Lee Bok Boon)جۇڭگو ئىقتىسادى %9~%12 ئېشىش سۈرئىتى بىلەن تەرەققىي قىلغىلى 20 نەچچە يىل بولدى. جۇڭگونىڭ گۈللىنىشى ئارمىيىسىنىڭ تەرەققىياتىنىمۇ ئىلگىرى سۈردى، ئارمىيىسىنىڭ قورال-ياراغلىرى تېخىمۇ سەرخىللاشتى ھەمدە كۆپ قىسىم ئىلغار قوراللىرى جۇڭگونىڭ ئۆزىنىڭ تەتقىقاتىنىڭ نەتىجىسى. گەرچە جۇڭگونىڭ GDP سىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ئامېرىكىدىن ئۆتۈپ كەتكەن تەغدىردىمۇ، جۇڭگو خەن سۇلالىسى دەۋرىچىلىكمۇ ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئامالسىز. ئۇ چاغدا، خەن سۇلالىسى بىلەن رىم دۇنيادىكى ئىككى چوڭ دۆلەت ئىچى، ئەمما ئىككى دۆلەت جاھاننىڭ ئىككى تەرىپىدە ئىدى. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئالماشتۇرۇش ۋە سودا بېرىش-كېلىشى ناھايىتى ئاز ھەمدە قىيىن ئىدى، ئىككى تەرەپ تەسىر كۈچىنى قارشى تەرەپنىڭ ئەتراپىدىكى رايونغا كېڭەيتەلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئەمما ھازىر، ئادەملەر ۋە ماددىي ئەشيالار پاراخوت ۋە ئايروپىلانلار ئارقىلىق ئۆتۈشۈپ تۇرىدۇ، ئۇچۇر ئېنتىرنېت تورىدا نۇر تېزلىكىدە تارقىلىدۇ دېگەن.
    مېنىڭچە جۇڭگونىڭ ئۆتكەن 30 يىلدىكى ئىقتىسادىي ئېشىشىغا قاراپ جۇڭگونىڭ GDP سى كېيىنكى 10 يىلدىن 20 يىلغىچە بولغان ۋاقىتتا ئامېرىكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. جۇڭگو دۇنيادىكى بىرىنچى كۈچلۈك دۆلەت بولۇشنى ئويلىماقتا. بارلىق دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان سىياسىتى، بولۇپمۇ جۇڭگونىڭ قوشنلىرى بۇ نۇقتىنى ئويلىشىپ بولدى.    

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    لى گۇڭياۋ(李光耀) سېنگاپورنىڭ سابىق باش مىنىستىرى، 1923-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى سېنگاپوردا تۇغۇلغان، تۆتىنچى ئەۋلاد جۇڭگولۇقلار ئەۋلادى. سېنگاپورنىڭ دۆلەت ئاتىسى دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەن. خەلقئارا سەھنىدىكى تەسىر كۈچى بار شەخسلەرنىڭ بىرى. لى گۇڭياۋ كىچىكىدىن باشلاپ ئېنگىلىز تىلى مائارىپىنى قوبۇل قىلغان.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://news.okyan.com/View.aspx?ID=1539
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: